باققاللار
ھارۋۇسىدا بازارنى قاينىتىدۇ باققاللار ،
توختىماستىن تىلىنى سايرىتىدۇ باققاللار ،
دىلنى ھالال تەمىدە يايرىتىدۇ باققاللار،
سورىغاننى دەرھاللا بار ئېتىدۇ باققاللار،
ئۇششاققىنە كىرىمنى ئاينىتىدۇ باققاللار .
باققىلى يوق بازارنىڭ ئاۋاتلىقى بارمىكىن ،
رەستىلەرنى دىسەكمۇ خېرىدارى ئازمىكىن ،
ساقلىسىمۇ ساتىراش كىرگەنلىرى تازمىكىن ،
مەنپەئەتى قانمىغان بايۋەتچىلەر مازمىكىن ؟
كەلگەن ھەر خىل كىشىنى يار ئېتىدۇ باققاللار.
دۇكىنىنى قولىدا باشقۇرىدۇ چىرايلىق ،
تاپقىنىغا شۈكىرى قىلار،تاما قىلماس زور بايلىق،
تارازىدا لىللادۇر رازى بولۇر خالايىق ،
ئاددىيلقتا گۈزەللىك ، ياخشى باھا ئەڭ لايىق ،
قويمىچىنى ھەر يەردە خار ئېتىدۇ باققاللار .
چەندازىدا تىزىلغىنى رىزقى چوقۇم بىر كۈنلۈك ،
پەسىللەرنىڭ ھوجۇمىغا تەن بىرلەشكەن دىل كۆنۈك ،
بېرەلمەيدۇ ھەپتىلىرى ئىچ ئاغرىتىپ بىر سۈرۈك ،
سىناقىدا بۇ تۇرمۇشنىڭ كىم مۇلايىم كىم سۈرلۈك ،
خىيالىدا مۇڭلۇق مۇقام تار ئېتىدۇ باققاللار .
سىغدىلىدۇ تار كوچىغا قورسىقىنى كەڭ ئېتىپ ،
چىن ياشايدۇ تىرىكچىلىك مارشىنى تەڭ ئېيتىپ ،
چىقىملارنىڭ تۆشىكىنى ھېسابلايدۇ سەر ئېيتىپ،
قانائەتنىڭ ھوزۇرىنى جامائەتكە بەر ئېيتىپ ،
كىرىمىدىن سەدىقىنى ئايرىشىدۇ باققاللار .
خەلقىنىڭ ئېھتىياجى قامدىلىدۇ بۇ يەردىن ،
چىن يۈرەكلەر يىراق تۇرسا خەق ئويلىغان خەتەردىن،
ئىدىيەسى دائىم سەزگۈر ئاساۋ قاچقان گەپلەردىن ،
ھەر يىلىكلەر مايلىنىدۇ ھالال كىرگەن بىر سەردىن ،
ھەقىقەتنىڭ مېغىزىنى تاللىشىدۇ باققاللار .
قاندۇرىدۇ ئېھتىياجنى تەڭشەپ تۇرار بازارنى ،
باغلىنىدۇ ئىختىيارسىز ئۆزگىرىشچان كۆپ ئازنى ،
داۋالايدۇ نۆۋىتىدە يۈرەك كېسەل قان ئازنى ،
ئۈگۈتىدە يېتەكلەيدۇ توققۇزى تەل غەم ئازنى ،
مېھرى قايناق چىن مۇھەببەت باشلىشىدۇ باققاللار.
ھەجەپ يېڭى پاكىز پېتى ساقلىشىدۇ مىۋىنى ،
زېرىكمەيدۇ بۇلسا ئۇنىڭ ھەسەل ھەرە ، چىۋىنى ،
پەسىللەرگە دوق قىلماستىن تولۇقلايدۇ كېمىنى ،
ھەرىكىتى ئادا قىلار تىرىكچىلىك غېمىنى ،
خىل كېسەكتەك رەستىلەرگە قاملىشىدۇ باققاللار .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|