سالقىن ھايات نىمانچە گۈزەل
كۈز قورۇلدى بىر سىقىم بولۇپ ،
كېڭەيمەكتە قىشنىڭ چەمبىرى .
سالقىن تارتىپ قاناتلىرىمىز ،
كۈچەيمەكتە پەسىل غەملىرى .
مەھەللىلەر بولدى كۆك ماڭقا ،
كىر قىلىدۇ قولياغلىقىنى .
پىلىكىنى تارتىپ كېچىگە ،
ئاشكارىلىدى قىراۋ تېنىنى.
ئاسما مايكا كىيمەكتە تېرەك،
ياۋا مۈشۈك تىكمەكتە پايپاق .
سېرىق رەڭگە سېزىك ئىدېرلار،
تاغ بۆكلىرى نىمانچە ئاپئاق ؟
قۇچقاچ چاچما شېئىر ئوقىدى ،
ئىت قويماقتا چېكىت ، پېشىنى .
كىچىك تەرەت قىلىپ سىيىرلار ،
بۇراپ قويار بەزەن بېشىنى .
قوي كۆرىنەر تۇغۇت دوختۇرغا ،
رەنجىپ قالدى ئۆچكە ئۆزىدىن .
پورەكلىگەن شېرىن ھېسيات،
بىلىنىدۇ خوراز كۆزىدىن .
ئۆردەك قويار قولىغا خېنە ،
غاز ئوقۇيدۇ سوغۇققا غەزەل .
چاشقان ئۇششاق بالىلىرغا ،
بىخەتەرلىك ھەققىدە سۆزلەر .
يوپۇرماقلار تىكمەكتە يوتقان ،
كۈز قىلماقچى قىزىنى ياتلىق .
ئالتۇن رەڭلىك سۆيۈش ھەر قاچان ،
پىشمىغاننى قىلىدۇ تاتلىق .
پەسىللەرنى قىلىپ ساياھەت،
پاسپۇرتى چىن كۆڭۈللەر ئۈزەر .
سۆيۈشمەكتە بارچە جانلىقلار ،
سالقىن ھايات نىمانچە گۈزەل ؟
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|