تۇرسۇن ئەبەي، ئۇيغۇر، ئەر، پارتىيە ئەزاسى. 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چەرچەن ناھىيە بازار ئىچىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. 1981-يىلى7-ئايداچەرچەن ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، 1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ رادىئۇ-تېلېۋېزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بايىنغولىن شۆبىسىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن2000-يىلى 4-ئايغىچە چەرچەن ناھىيىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسى ، ناھىيىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 2000-يىلى 4-ئايدىن 2012-يىلى 1-ئايغىچە چەرچەن ناھىيىلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ دېرىكتورى بولغان. ھازىر ئارامدا.
1982-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى"ئاينىگار"، "چەرچەن ھەققىدە غەزەل"، "قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچ"، "گىلەم بىلەن قوي"قاتارلىق شېئىرلار، "تەقدىر"، "پارچىلىنىش"، "تۈكۈرۈك"، "داۋالغۇش"، "ناپالېئون ئىزىدىن"قاتارلىق ھېكايىلەر ۋە "چەتئەل سەپىرى ئويغاتقان ھېسلار" ناملىق ساياھەت خاتىرىسى.
"چەتئەل سەپىرى ئويغاتقان ھېسلار"ناملىق ساياھەت خاتىرىسى 1997-يىللىق "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا، بىر تۈركۈم مەسەللىرى "بوستان ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن. "كىروران" ژۇرنىلىدىكى باش مۇھەررىر ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن 1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئۆز مەبلىغى بىلەن"ئالتۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى"نى تەسىس قىلغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:10