كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 1

ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 20:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ، 1971 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﮕﯩﻢﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. 1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. شۇنىڭدىن بۇيان  ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪپ كەلمەكتە.
   ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر 800 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن، ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار» ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب» ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى» ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨك،«ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖﺋﯩﻨﺴﺎن»،  «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زﯦﻤﯩﻦ -ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ»، «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰ» ،«ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى» ، «ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 40 ﻳﯩﻞ»، «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»، «ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰﮔﯘﮔﯘم ﭘﻪﺳﻠﻰ»، «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ»، «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ - ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻮﭘلاﻣلارﻏﺎ، قىسمەن ئەسەرلىرى دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
    ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ - 1994- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﯘدا ﺗﯚت ﻳﯩﻞ (8 ﻗﯧﺘﯩﻢ) ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2-، 3- دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ «ﻣﯘﻧﻪۋۋەر مۇھەررىر»ﻟﯩﻚﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن، 1995 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﻪت-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﺗﯘرﭘﺎن ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﭘﺘﻮر» بولۇپ باھالانغان. «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ئېرىشكەن.

ﺋﯘ ھازىر ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ.




idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 623
تۆھپە : 2
توردا: 141
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 19:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ كىچىك پېئىل،مىللەتپەرۋەر،ياشلارنى بىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان ئېسىل خاراكتىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ماڭا  تەسىر قىلغان.
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى،ئىدىقۇت دىيارىنىڭ ئەدەبىي ئىشلىرى ئۈچۈن تۆككەن قان-تەرى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.ئۇنىڭغا  مەندىن ئېھتىراملار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش