ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى
مەن بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئىزدەپ، ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدە بىر قانچە ماقالە تېپىپ كۆرۈپ باقتىم. شۇ ئارقىلىق، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ، مۇشۇ قەغەزنىڭ يۈزىگە نىسبەتەتەن، ھاۋادا بىر تەرەپتىن سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىۋاتقان توپنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئاغىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.مۇنبارەك بولسۇن!
ئەمما قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراش تەبىئىي-پەندىكى بىر يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ، بىر ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى 1852-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گۇستاۋ ماگنۇس ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشلەر يولغا قويۇلغىلىمۇ خېلە ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ. بۇ ھەقتە مەن تۆۋەندە يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىمەن.
مەن مۇشۇ ھەقتە ئۆزەم كۆرگەن بىر قانچە پارچە ئىنگلىزچە ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغا تىزىپ قويدۇم.
1.توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى
توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈچ ئىنگلىزچە «aerodynamic force» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يۇلغۇن لوغىتىدە «ھاۋا دىنامىكىسى كۈچى» دەپ ئېلىنغان. تۆۋەندىكى 1-پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا دېيىلىشىچە، پۇتبول توپىنىڭ يۈزى قوپال بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىن بولغان ھاۋانى يۆتكەيدۇ. بۇ ھەرىكەت توپنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىڭكىدىن تېزراق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توپنىڭ ھاۋا تېزراق يۆتكىلىۋاتقان تەرىپىدە، توپنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى يۆنىلىشىگە پاراللېل ھالدا يۆتكىلىۋاتقان ھاۋانىڭ مىقتارى توپنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. نەتىجىدە توپنىڭ بۇ تەرىپىدە ھاۋا زەررىچىلىرىنىڭ توپنىڭ يۈزى بىلەن سوقۇلۇشى ئازراق بولۇپ، توپ ئاشۇ تەرەپكە ئاغىدۇ.
2.قىسقا ئىزاھات
مەن ئالدىنقى قېتىم قاسىم سىدىق ئەپەندىگە جاۋاب شەكلىدە يازغان بىر يازمامدا، بىر قاتتىق جىسىمدىن تۈزۈلگەن تەكشىلىك ئۈستىدە ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ، ھەم بىر تۈز سىزىق بويلاپ مېڭىۋاتقان، قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان، تاشقى يۈزى بىر مۇكەممەل شار شەكلىنى ھاسىل قىلغان (بۇ دېگەنلىك شارنىڭ يۈزىنىڭ سىلىقلىقى 100 پىرسەنت دېگەنلىك بولىدۇ) شار ئۇچرايدىغان كۈچلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپكە ئاغمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، مېنىڭ ئۇ يازمىدا دېگەنلىرىم توغرا بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە.
يەنى، ھازىرغىچە قاسىم سىدىق ئەپەندى دېگەن، بىر پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى توغرىسىدىكى كۆز-قارىشى توغرا بولۇپ، مەن دېگەن بىر مۇكەممەل شارنىڭ بىر مۇكەممەل تەكشىلىكتە ماڭغاندىكى بىر تەرەپكە ئاغماسلىقى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىممۇ ھەم توغرا.
مەن كۆرگەن، قاسىم سىدىق ئەپەندى «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قارىشى مۇنداق (نەقىل): « «ئېن» (زەررىچە) ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.» بۇ بىر جۈملە سۆزدە «يۈزى قوپال شار شەكىللىك جىسىم» ھەققىدە ھېچ قانداق شەرت قويۇلمىغان بولغاچقا، مېنىڭچە بۇ بىر جۈملە سۆزدە بايان قىلىنغىنى يۈزى قوپال بىر توپ (a ball with a rough surface) نىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدىكى ئىلمىي ئاساسقا يەنىلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم، بىر ئىلمىي كۆز-قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقى بىلەن ئۇنىڭ شۇنداق بولۇشىنىڭ شەرتلىرىنى ئىنتايىن ئېنىق ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بەك مۇھىم. ئەگەر كېيىنكى ئىككى نەرسە كەم بولىدىكەن، ئۇنداق كۆز-قاراش ئىلىم-پەن دۇنياسىدا قوبۇل ۋە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
3.توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنىڭ ماتېماتىكىسى
تۆۋەندىكى 2-پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا، توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھاسىل قىلغان ھەرىكەتنىڭ ئەگرى سىزىقىنىڭ رادىئۇسى R تۆۋەندىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
R = (3 * m * V) / (16 * CI * r * s * b^3 * pi^2)
b = توپنىڭ رادىئۇسى
s = توپنىڭ ئايلانما تېزلىگى
V = توپنىڭ سىزىقلىق تېزلىگى
r = ھاۋانىڭ زىچلىغى
m = توپنىڭ ماسسىسى
CI = لەيلىتىش كوئېفېنسىنتى
pi = 3.14159
«*» = كۆپەيتىش بەلگىسى
«/» = بۆلۈش بەلگىسى
«^» = دەرىجىگە كۆتىرىش بەلگىسى
بۇ تەڭلىمىدىن تۆۋەندىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن:
--توپ قانچە تېز ئايلانغانسېرى، كىچىكرەك ئېغىش رادىئۇسى ھاسىل قىلىدۇ
--توپ قانچە تېز ماڭسا، ئۇنىڭ ئېغىش رادىئۇسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ
--توپنىڭ ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا (مەسىلەن پىڭ-پوڭ توپ)، ئۇنىڭ ئېغىش رادىئۇسىمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ
--پەس يەرگە قارىغاندا ئېگىز يەرنىڭ ھاۋا زىچلىقى كىچىك بولۇپ، توپنىڭ ئېغىش رادىئۇسىمۇ چوڭراق بولىدۇ. 2010-يىلىدىكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا، مۇسابىقىلار دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغان باشقا-باشقا 10 تەنتەربىيە سارايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ سارايلاردىكى توپنىڭ ئېغىش رادىئۇسىمۇ ئوخشاش بولمىغان.
4.ئىلمىي ۋە تارىخىي ئارقا كۆرىنىش
--تۆۋەندىكى 3-پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا دېيىلىشىچە، «ھاۋا دىنامىكىسى كۈچى» ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات 1672-يىلى نيۇتون «يۇرۇقلۇق ۋە رەڭلەرنىڭ يېڭى نەزەرىيىسى» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپلا باشلانغان.
--بىر ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى 1852-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گۇستاۋ ماگنۇس (Gustav Magnus) ئوتتۇرىغا قويغان. [7]
--ھاۋا دىنامىكىسى كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋادا ئۇچۇش نەزەرىيىسى ۋە تېخنولوگىيىسىنى 1773-يىلىدىن 1857-يىلىغىچە ياشىغان ئەنگلىيىلىك ئىنژىنىر جورج كەيلىي (گەئورگە كايلەي) ئوتتۇرىغا قويغان. [6]
--پۇتبولنىڭ 32 پارچە ماتېرىيالدىن تىكىلىپ ياسىلىشى 1970-يىللاردىن باشلانغان. [5]
5.ئاخىرقى سۆز
مەن يېقىنقى بىر يازمامدا مۇنداق دېدىم:
«بۈگۈنكى كۈندە فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىر يېڭى نەزەرىيە، قانۇن، ياكى تىئورمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئادەم كەم دېگەندە تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:
1.ئاساسىي ۋە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش
2.پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بايقاپ، ئىسپاتلاپ، ۋە خەلقئارادا ئېلان قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇپ بولغان نەزەرىيە، قانۇن ۋە تىئورمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش»
مەن تەبىئىي-پەن ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تەكلىپنى ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] The Curving Soccer Ball <
http://scienceblogs.com/dotphysi ... urving-soccer-ball/>
<
http://scienceblogs.com/dotphysi ... urving-soccer-ball/>
[2] “Bending” a soccer ball:
<
https://www.grc.nasa.gov/WWW/k-12/airplane/straj.html>
[3] Bending a soccer ball with math:
<
http://www.mathaware.org/mam/2010/essays/ChartierSoccer.pdf>
[4] The physics of football
<
http://physicsworld.com/cws/arti ... physics-of-football>
[5] Bending a Soccer Ball
<
http://www.sciencenews.org/view/ ... nding_a_Soccer_Ball>
[6] George Cayley
<
http://en.wikipedia.org/wiki/George_Cayley>
[7] Soccer Ball Physics
http://www.soccerballworld.com/Physics.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-8 12:25 PM
Ball_Test_02.jpg (56.51 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)