يۇلتۇزلارغا لەۋز
گابرېلا مىسترال (چىلى)
قۇربانجان توختى ئازىق تەرجىمىسى
يۇلتۇزلار جىمىرلاپ قىسار كۆزىنى ،
قارا تۈن باغرىدىن چېچىپ نۇرىنى .
قاراڭلار ، ئاسماندىن نەزەر سېپ ماڭا :
بۇ كۆڭلۈم پاك-مەسۇم ئەمەسمۇ قېنى ؟
يۇلتۇزلار جىمىرلاپ قىسار كۆزىنى ،
تىپتىنىچ ئاسماننى يۇرۇتۇپ شۈنچە .
ئېيتىڭلار ، سىلەر كۆك قەھرىدە تۇرۇپ :
ئاقكۆڭۈل ، ساپدىللىق بارمۇ مېنىڭدە ؟
يۇلتۇزلار جىمىرلاپ قىسار كۆزىنى ،
ۋە يەنە چىمىلداپ تۇرار كىرپىكى .
نە ئۈچۈن سىلەرگە بولغان مۇجەسسەم ،
كۆك،قىزىل،سۆسۈن رەڭ...رەڭنىڭ ھەممىسى .
ھەيرانمەن ، ھەيرانمەن ، شۈنچىلىك ھەيران ،
تۈن بويى جىمىرلاپ چىققان كۆزلەرگە .
ئەتىرگۈل رەڭگىدە كەلسە تاڭ سەھەر ،
قاچتىڭلار ، نىم بولدى دوستلار سىلەرگە ؟
ئېيتىڭلار ، ھەي كىچىك يۇلتۇز كۆزلىرى ،
تۆكۈلگەن كۆز ياشمۇ ، شەبنەم تامچىسى ؟
نېمىنداق تىترەك باسقان سىلەرنى
شۇنداقمۇ ، تەگكەچكە سوغۇق قامچىسى ؟
ھەي ، كىچىك يۇلتۇزلار ، يۇلتۇز كۆزلىرى !
مەن شۇنداق بىرەيكى سىلەرگە كېپىل .
كۆز تاشلاپ تۇرساڭلار ماڭا بىر ئۆمۈر ،
مەن مەڭگۈ ياشايمەن ئاقكۆڭۈل ، ساپدىل .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئازىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-23 13:55