تاشما دەريا، سىلكىنمە تاغ
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى
ئويغا سالۇر دىلنى گاھى چاغلاردا،
ئاڭلىغان ھەم نەق مەيداندا كۆرگەنلەر،
قوزغاپ قۇيار ۋۇجۇدۇمدا دەر غەزەپ،
چوڭ گەپ يوققۇ بولسا بۇ ئىش ياتلاردا،
يەنىلا شۇ«بىزدىگەن»دەپ يۈرگەنلەر،
بارچە ئىشنى قىلۇر يۈرمەي ئەنسىرەپ.
ۋىجدان بار دەپ مەيدە مۇشتلاپ سەكرەيمىز،
تېرىقچىلىك ئىشقا كۈچەپ ھالسىراپ ،
چىن كۈلكىلەر تەستە چىقار چىرايغا،
يىقىتىشقا ماھىر يۆلەپ كەتمەيمىز،
كىملىكىمىز كەتكەن بىزدىن ياتسىراپ،
بۇز زۇۋاندا يەتتۇق خېلى ۋايىغا.
يۈگۈرمەكتە بەركەت ئۆيدىن تالاغا،
بەخىت قۇشى ئۈركۈپ يىراق قاچماقتا،
خۈنۈك ھىسلار چىرمىۋالدى يۈرەكنى،
ئوخشاپ قالدى نى نۇرلۇق كۆز كامارغا،
غايىپ دۇنيا ئىللەتكە يول ئاچماقتا،
روھ ئىزدەيدۇ مۇساپىر بوپ يۈرمەكنى
يۈتتى ئىنساپ يۈتتى ھايا بارغانچە،
چوڭ-كىچىكتىن،كىچىك-چوڭدىن تەپ تارتماس،
پەردىشەپمۇ ئايلانماقتا مىھمانغا،
تولا سۆزلەپ زورلاپ ئامال بار قانچە ،
ۋۇجۇدىدىن ئويغانمىسا باش قاتماس،
تاشما دەريا ،سىلكىنمە تاغ بۇ ھالغا.
2013-يىل 1-ئاينى 9-كۈنى ئۈرۈمچى مەنبە خاتىرەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىلجان ئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-24 00:16