مەرسىيە سىلكىش
(مەرھۇم ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىنى ئەسلەپ)
1
زوكام تېگىپ قالغان ھاۋانىڭ ،
قىززىتمىسى چۈشمىدى تېخى .
تېگىپ كەتكەچ تەقدىر پالتىسى،
يېرىلماقتا مۇھەببەت شېخى .
شوم خەۋەرلەر بولۇپ كونۇپكا ،
قېقىلماقتا يۈرەك تېمىغا .
چېكىپ قويۇپ مىسرالىرىنى ،
ماڭدى بىر جان ئەجەل يېنىغا .
چېكىتىنى قويالماي قەلەم ،
ئۇيغۇنلىشار چىراق يېنىغا .
غېرىپسىنىپ سوئال ، ئۈندەشلەر ،
ماتەم قوشاق ئاستى بېلىغا .
ساقلاشلارغا بېرەلمەي بەرداش،
ئۈستىلىنىڭ بولدى بېلى چىم .
كىتابلارغا بولغان ھامىلدار،
ئىدىيەلەر تاپمايدۇ تىنىم .
ياش تۆكىدۇ ئەركە جىمجىتلىق ،
يۇمشاق دۇنيا رىئاللىقىدا .
خەلق سۆيگەن ئېغىر پەتىۋا ،
تۇرىۋەرسۇن ئىماملىقىدا.
2
تۆت دۇقمۇشتا چايناپ تىلىنى ،
سوقىلىدۇ شۇم خەۋەر بىزگە .
ئېھ ، سۇيۇملۇك شائىر ئاكىمىز ،
ئەجەل يېتىپ قالدىمۇ سىزگە ؟
پورەكلىدى ئالمىدەك يۈرەك ،
چېچەكلىدى ئەلنىڭ قەلبىدە .
بىر كېسەكنىڭ ئورنى بوش قالغاچ ،
ھەجەپ يەتتۇق ئۇنىڭ قەدرىگە ؟
يارالمىشنىڭ ھېكايىتىدىن ،
ياشاش ئۈچۈن چىقتۇق كېمىگە .
ئۇيقىلاردىن سىلكىپ مەرسىيە ،
چىن يۈرەكنى يازدۇق نىمىگە ؟
ئاپتۇرى ؛ ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatmuhammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 00:41
|