بىر ساراڭ قېتىش ئادەم ئىككىنجى بىر ساراڭ قېتىش ئادەمنىڭ بولكىخانسىغا كىرىپ ماتاڭ ئالماقچى بوپتۇ.دە ئىككسى پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
-كەچۇرۇڭ بۇ رەسىمخاندىن ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلغىلى بولمايدۇ.دەپتۇ ئىككىنجى ساراڭ قېتىش ئادەم.
-مەن ئاياغ ئالمايمەن.موكاپات بۇيۇمى بولسا ئالاي دەپ كەلگەن،دەپتۇ ھېلقى ئادەم.
-سۇت پاراشۇگى ئالسىڭىز،بانكىغا بارماي،پوچتىخانىغا بېرىڭ.سىز ھېلىقى دوغخانىغا كىرۋېلىپ چاي ئىچىدىغان ئادەمغۇ!مەن دائىم سىزنى قاسساپقا ساقال ئالدۇرۋاتقاندە كۆرىمەن.ھېلىقى ناۋايمۇ تىرنىقنى دائىم لاخشىگىردا ئالدۇ.مەن ئۇنىڭغائۇنداق قىلما ئون مو يەرگە سەۋزە تېرىغىنىڭ بىلەن،سەن ئۇستا شوپۇر بولالمايسەن .مەن كادىر دەپ بىنادىن سەكىرگىنىڭ بىكار،ئەڭ ياخشىسى تەخىيىنى سېتىپ ئانسىغا ئوسما ئېلىپ بەر.قان بەرسەم ساقىيىپ قالدىغان بالىتى دەپ،تىلفۇنىڭنىڭ باتاريىسىنى يەڭگۇشلتىپ ئولتۇرساڭ قاملاشمايدۇدە!بۇنڭىدىن كۆرە سەي بازىرىغا بار ياخشىراق ماشىنلار چىقىپ قالىدۇ.سەن شۇندىلا ئاشپەزدىن پۇلۇڭنى ئالالايسەن.ئالالايسەن دېسەم ھەممىسىگە چاي ئېلىۋالما.مەن ئۇستا بىزەكچى دېيۋالغىنىڭ بىلەن مايلامچى بولالمايسەن.ئۇنڭىدىن كۆرە پىيماڭنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ،ئورنىغا ئۇچقۇر ئاتتىن بىرنى يەڭگۇشلە.
-قان سالسام ئوڭشىلىپ قالىدىغان تىلۋۇزۇر ئىدى.ئەتىگەن رىمۇنىتچى «چوڭ ئۆيۇڭدە توي بولسا بارما،داداڭ ئاكاڭدىن كىچىكىگە پۇل بەرمىسۇن.پۇل بەرسە بەش مو يېرىگە لەغمەن تېرىۋالىدۇ.» دېگەن سىز دەڭە مەن قەھرىتان قىشتا دوغ ئىچەيمۇ ياقمۇ؟ چۇشكۆرىمەن دەپ كىنوخانىغا بارسام.بىلەتچى ئايال چېچىڭىزنى ياساتسىڭىز رىمۇنىتخانىغا بېرىڭ.بۇ مونچا ئەمەس دېدى.رىمۇنىتخانىغا كەلسەم رىمۇنىتچى«بىز بۇنداق بۇزۇق چىشنى ئوڭشىيالمايمىز.تارغاق لازىم بولسا بېرىپ تۇرايلى.ئۆزىڭىز چاقىڭىزغا يەل ئۇرۋېلىڭ،»دېدى.مەن ئويلاپ قالدىم ئەتىگەن يەنىلا سەھەردىن ياخشىكەن.
- مۇنبەرگە سالام خەت يازما،پەرھاتكام كۆرۇپ قالىدۇ.دېسەم.«مەن ئۆينى كاتتا بىزەيتىم» دەپ.ھويلاڭغا زاراڭزا تېرىۋالغىنىڭ بىلەن تىلفۇنىڭنىڭ پۇلى بولمىسا بىكار.ھەرقانچە ئۇستا قوشاقچى بولۇپ كەتسەڭمۇ،سەن يەنىلا زەرگەر بولالالمايسەن.ئۇنڭىدىن كۆرە جاڭگالدا پادا باققاچ كىتاب كۆر،سەن شۇندىلا موزدوز بولالايسەن.مەن دېگەن كاتتا يازغۇچى بولىمەن دەپ.كۆلۇڭگە لىق سۇ ئېچىۋالغىنىڭ بىلەن بىكار.ئەڭ ياخشىسى يېرىڭگە سۆرەم سېلىۋەت.شۇندىلا سەن چىلىغان سەيدىن پايدا ئالالايسەن.دوختۇر ساقايتالمىغان كىسەلنى سەن قانداق ساقايتىسەن؟.ئەڭ ياخشىسى ئىككىسنىڭ تويىنى قىلىپ قوي.سەن شۇندىلا يازغۇچىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلالايسەن.شۇڭا ساڭا دەيمەن مۇنبەرگە قالايىمىقان بىر نەرسە يازما.بولمىسا ئەرچىن ئاكام بىلەن ھېيتگاھدا ساما ئوينا،شۇندىلا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىۋالالايسەن.شاھىپبەگ ئاكامغا گەپ قىلما دېسەم«كەلپىننىڭ چامغۇرى بەك ياخشى»دەپ تۇرۋالدىڭ.«ماشىنامنى ئوڭشىتىۋالسام بولاتتى» دەپ،بۇۋاسىر كىسەللىكلەر دوختۇرخانسىنىڭ ئالدىغا كىلىۋاپسەنغۇ؟ساڭا ئاخىرقى قېتىم دەپ قوياي مۇنبەرگە قالايمىقان ئاساسى يوق ئىنكاس يازما.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 10:18
|