يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 594|ئىنكاس: 9

ھېيىتلىق پەتىدىن تۇغۇلغان ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-18 13:28:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                              ھېيىتلىق پەتىلەشتىن تۇغۇلغان ئويلار

                                           ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

  ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە ھېيىت-ئايەم كۈنلىرى چوڭلارغا ئەگىشىپ،مەھەللىمىزدىكى خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ-بىر پەتە ئوقۇغان ۋاقىتلار ھېلىمۇ ئىسىمدە. ئۇ ۋاقىتلاردا مەيلى روزى ھېيىت بولسۇن مەيلى قۇربان ھېيىت بولسۇن ، مەھەللىمىزدىكى چوڭلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ھەممە خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە مەيلى باي ئائىلە بولسۇن ياكى كەمبەغەل ئائىلە بولسۇن چالا قويماي بىر-بىرلەپ پەتىلەپ كىرىپ، بىرەر يېرىم تال ساڭزا بۇلامدۇ ياكى بىرەر تال يەل-يىمىش بۇلامدۇ ئاغزىغا سېلىپ، بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەچ ئۆي ئىگىسىدىن ھال ئەھۋال سۇرايتى-دە ئۇزۇن ئولتۇرمايلا دۇئا قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ، باشقا ئۆيلەرگە پەتىگە كىرەتتى. ھەر بىر ئائىلە بۇ پەتىچىلەرگە قارىتا ئۆز ئەھۋالىغا تۇشلۇق داستىخان سالاتتى.
  زاماننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،خوشنىلار ئارا ھەم خىزمەتداشلار ئارا ھېيىتلىق پەتىلەش شەكلى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتتى. بەزى شەھەر ناھىيەلەردە،بولۇپمۇ يۇرتىمىزدا،ھېيىت ئايەم كۈنلىرى ئۆزلۈگىدىن تەشكىللىنىپ ئۆزئارا پەتە ئوقۇيدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. ھازىر ھېيىت ئايەم مەزگىلىدە خوشنىلارغا،خزمەتداشلارغا بىر-بىرلەپ خەۋەر قىلىپ، مەخسۇس بىر كۈننى بىكىتىپ پەتىگە چاقىرمىساق ھىچكىم ھىچكىمنىڭ ئۆيىگە ئىختىيارى پەتىگە كىرىپ چىقمايدۇ. بۇرۇن خۇلۇم-خوشنىلار ھەم مەھەللە-كويلار ئارا ھېيىتلىق پەتىلەش ئىشلىرى ئىككى ئۈچ كۈندە ئاخىرلىشىپ بۇلاتتى، ئۆي ئىگىسىمۇ خاتىرجەم باشقا ئىشلىرىنى قىلاتتى. ھازىر بولسا، بىرەر ئايغىچە ھېيىتلىق پەتىنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. سەۋەبى، پەتىچى بولغان بىز پەتە قىلغان ئۆيدە بىر كۈن، ھىچ بولمىغاندا يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز. ئۆي ئىگىسى قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى ئايرىم پىشۇرۇپ، لىگەن-لىگەندە ئالدىمىزغا قويۇشتىن باشقا،بىر نەچچە خىل تاماق قىلمىسا بولمايدۇ.ئۇنىڭ تاشايىنىدا يەنە ئۆي ئىگىسى ئەر پەتىچىلەرگە ئاتاپ (ئۆرىپ-ئادىتىمىزگە خىلاپ ھالدا) قىممەت باھالىق ھاراقلارنى تەييارلىشى كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۈستىدىن-ھېيىت پەتىسىگە چۈپەيلىك قىلدى!-دىگەن سۆز چۆچەك پۈتۈن مەھەللىگە ياكى ئائىلە قورو ئىچىگە پۇر كىتىدۇ.مىھمانخانا ئۆيى ئانچە كەڭ بولمىغان بىنا ئۆيلەردە لىققىدە ئولتۇرغان ئەر پەتىچىلەر شۇ ئۆيدىن مەس بولمىغىچە چىقمايمىز. بالدۇر مەس بولغانلىرىمىز ئۆي ئىچىگە قالايمىقان تۈكۈرىمىز، ياندۇرىمىز، تاماكا قالدۇقىنى تاشلاپ زىلچا-گىلەملەرنى كۆيدۈرۈپ قويىمىز. شۇنداق بولسىمۇ ئۆي ئىگىسى كۈلۈپ تۇرۇپ بىزنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ.مۇشۇنداق پەتە ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈچ تۆت كۈنگىچە ھاراق بىلەن سېسسىق قۇسۇقنىڭ بەدبۇي ھىدى تۈگۈمەيدۇ.
  شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بۇنداق ھېيىتلىق پەتىلەشنىڭ ۋە بىر ئۆيدە بېسىپ ئولتۇرۇپ ئېغىر دەرىجىدە ھاراق ئىچىشنىڭ، ئائىلىگە بولغان ئىختىزادى زىيىنىنى،سالامەتلىككە بولغان خۇراشنى ،بولۇپمۇ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان ۋاقىتنى ئويلايدىغان ئادەمنىڭ ئاز بۇلۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئىختىزادى ئەھۋالى تۈۋەن بەزى ئائىلىلەر، تۇل خۇتۇن،يىتىم ئوغۇللارنىڭ ئۆيلىرى ياخشى تەييارلىق قىلالماي پەتىچىلەرنى چاقىرالمىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن باشقىلار پەتىگە كىرمەيدۇ.بۇنداق ئائىلە كىشىللىرى ھېيىت-ئايەمدە ئەتراپىدا خوشنىللىرى تۇرۇپمۇ غېرىپسىنىدۇ.
  ئەلمىساقتىن تارتىپ  ھېيىت پەتىسى دىگەن ئەسلى مىللىتىمىزنىڭ خۇلۇم خوشنىلار ئارا غۇم- ئاداۋەتنى تۈگۈتۈپ، ئۆزئارا مىھرى-مۇھەببەتنى كۇچايتىدىغان ، ئىناقلىقنى،ئىتتىپاغلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىسىل ئەنئەنىسى ئىدى. بىراق بىز بۇ ئەنئەنىدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىمىز،ھېيىت پەتىسى بىزدىن بىزار بولماقتا، ھېيىت پەتىسى ئۇھسىنماقتا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاشيولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-18 13:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-19 10:12:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتىسىز!
ھېيىت پەتىسى بىزدىن بىزار بولماقتا، ھېيىت پەتىسى ئۇھسىنماقتا
بۇ پائالىيەتلەر بىزنىڭ ئايرىم يېزا-قىشلاقلاردا ھېلىھەم بار

ۋاقتى: 2013-10-19 10:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەكبەرجان!!!سىزنىڭ ئۇسمۇرلۇك ۋاقتىڭىزدىكى پەتىلەش ئۇسۇلى بىز تاجىكلاردا ھازىرغىچە داۋام ئەتمەكتە،بىز يەنە بۇرۇنقى پېتى پەتىلەشنى قولدىن بەرمىدوق،ئايرىم ياشلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلۇق ئاي ئۇلۇق كۇنلەردە ھاراق-شاراپ ئاساسەن ئىچىلمەيدو.
پەتىلەپ كەپقالسىڭىز  چوقۇم خوشال بولاتتىڭىز!!!

ۋاقتى: 2013-10-19 10:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇلبالىدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىلەر تاشيولچى...بۇ ھېلىقىدەك كۆيدۈم-پىشتىم يازمىللىرىدىن مىڭ مەرتىۋە ئېسىل قۇرلار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-20 15:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 10:12
توغرا ئېيتىسىز!
ھېيىت پەتىسى بىزدىن بىزار بولماقتا، ھې ...

بۇ ئەنئەنە يىزا قىشلاقلاردا ، يەنە بەزىبىر يۇرتلاردا داۋام ئەتمەكتە. بۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. كىينچە شۇ يەرلەردىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتمىسىلا بۇلاتتىغۇ!....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-20 15:23:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 10:23
سالام ئەكبەرجان!!!سىزنىڭ ئۇسمۇرلۇك ۋاقتىڭىزدىكى پەتىل ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئامىنە خانىم!  ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ يۇرتىڭىزدا ھەم ئۆيىڭىزدە پەتە ئوقۇغاندەك ھىسسىياتقا كىلىپ قالدىم. مۇشۇنداق ئادەت مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-20 15:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 10:55
ئوغۇلبالىدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىلەر تاشيولچى...بۇ  ...

قوللىغىنىڭلىغا رەھمەت بۇرادەر!

ۋاقتى: 2013-10-20 15:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نىمە دىگەن ئىسىل تېما ،

ھېيت-ئايەمدىمۇ ئويناپ قىما ،

  ھوي نىمە بولۇشۇپ كەتتى ،

قىمادىن  ئېشىپ كەيپ-ساپا .    ردھمەت ئۇستاز  كۆڭۈلدىكىنى تېپىپسىز  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 15:59  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-21 10:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 15:59
نىمە دىگەن ئىسىل تېما ،

ھېيت-ئايەمدىمۇ ئويناپ قىما ،

راس دەيسىز. ھېيىت -ئايەمدە بىر ئۆيگە يىغىلىۋېلىپ قىما ئوينايدىغان ئىشلارمۇ بار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش