يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 855|ئىنكاس: 11

قاسىم سىدىق:يەر شارىنىڭ دولقۇنىسىمان ھەركىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-16 19:18:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يەر شارىنىڭ دولقۇنىسىمان ھەركىتى

قاسىم سىدىق

ھەم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىپ ھەم ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدىغان ياكى سىزىقلىق ھەركەت قىلىدىغان ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىملارنى دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدۇ،دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ خىل ھەركەت شەكلىدە دەۋرىلىك ئالدىنقى شەرىت.دەۋرىلىكنى قانائەتلەندۇرۇدىغان بارلىق ھەركەت شەكىللىرىنى دولقۇن خارەكتىرلىك ھەركەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

يۇقۇرقى تەشەببۇسنى چۈشەندۇرۆشتە يەر شارى ياخشى مىسال بولالايدۇ.مەسىلەن:
يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىنىڭ دەۋرىلىكىدىن بىز بىردولقۇن گىراپىكىغا ئىرىشەلەيمىز.ئىككى قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىكىدىن بىز يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىنىڭ  دولقۇن ئۇزۇنلىغىغا ئىرىشەلەيمىز.
بۇنىڭدىن باشقا يەر شارىنىڭ ئوربىتا ھەركىتى دەۋرىلىكىدىن،يەنى ئىككى قېتىملىق ئوربىتىلىق ھەركەت دەۋرىلىكىدىن يەنە بىر  دولقۇن گىراپىكىغا ئىرىشەلەيمىز.ئەلۋەتتە بۇ گىراپىكتىكى دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئالدىنقىسىدىن پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن بولىدۇ.
لىكىن ئوربىتا دەۋرىلىكىدىن شەكىللەنگەن دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەسلا ئەڭ چوڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەمەس.قوياشقا ئەگىشىپ سامانيولىنى مەركەز قىلغان دەۋرى ھەركەتمۇ بار تېخى.ئونىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئەلۋەتتە ئالدىنقىسىنىڭكىدىن پەۋقۇلئاددە چوڭ بولىدۇ.

دىمەك،دولقۇنلۇق خاراكتىر يالغۇز مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭلا پاتىنتى ئەمەس.ئۇ بىر ھەركەت شەكلى سۆپتىدە شەرىتلىرىنى قانائەتلەندۆرگەن بارلىق ماكرۇ جىسىملارنىڭمۇ ئورتاق ھەركەت شەكلى.دولقۇن -زەررىچە ئىدىيىسىنى ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتىگە كېڭەيىتسەك دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگى ئىنىق زاھىر بولۇشتىن باشقا،ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپلىرىغىمۇ ھاجەت قالمايدۇ.بۇ يەكۈن مىكرۇ دۇنيادىكى ئىنىقسىزلىقنىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى مۇلچەرلەشتە ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇنىڭدىن باشقا مىنىڭچە بۇ يەكۆننىڭ  فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۆشتە ئەھمىيىتى چوڭ.

قېنى، كىم يۇقۇرقى نۇقتىئىنەزەرلەر مەيدانىدا تۇرۇپ يەرشارىنىڭ دولقۇن گىراپىكى ۋە ئالاقىدار دولقۇن پارامىتىرلىرىنى ئىشلەپ چىقالايدۇ؟.مىنىڭچە بۇ ماتىماتىكا بىلگەن ئادەمگە ھېچقانچە ئىش ئەمەس!.

2013.10.16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 19:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-17 14:23:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە بەخىت ،قۇت ئامەتلەر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-10-17 19:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن:‹‹ئىككى قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىكى›› بولۇشى كېرەك مەن مۇشۇنى چۈشنەلمدىم. ئەجىبا ھەر ئىككى قېتملىق ئوقىدا ئايلىنىش دەۋلىكى ئوخشاش بولمامدۇ؟
ئوربىتا ھەرىكەت دەۋرلىكىدىمۇ  شۇ سوئال .
مىسال ئۈچۈن  يەر شارنى ئالدىڭىز يەنى بۇ ھەممە ئاسمان جىسملار ھەرىكتىگە مۇۋەپىق كېلدۇ دېگەنلىكمۇ؟ ياكى باشقا پىلانتلار ئۆز ئوقىدا ئايلانماي پەقەتلا ئوربىتا ئايلانما ھەرىكىتى قىلامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-17 19:10  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-17 22:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-17 19:08
نېمە ئۈچۈن:‹‹ئىككى قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىكى ...

دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ئىككى دولقۇن چوققىسىنىڭ ئارىلىغىدىن ئىبارەت مىقدار.ئىككى قىتىملىق ئوقىدا ئايلىنىشتىن ئىككى چۇققا شەكىللىنىدۇ،دەيمەنغۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-19 00:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-قەۋەت:
mayor

ناۋادا سامان يولىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەركىتىنى كۆزەتسەك ، قۇياش سىستېمىسىنى يۆتكىلىش تېزلىكىنىڭ سېكونتىغا 250 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. ئۇھالدا يەرشارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان پەيتتىكى ھەركەت تىرايېكتورىيسىنى سىزساق بىردانە بوشلۇقتىكى بۇرمىسىمان ۋېنت ترايېكتورىيسى پەيدا بولىدۇ، بۇ سترولۇق شەكىلنى 2 ئۆلچەملىك تەكشىلىككە ئەكرىپ ئانالېز قىلسا ئاددى بىر دانە كىلاسسىك فىزىكىدىكى دولقۇن پەيدا بولىدۇ. دولقۇن تېزلىكى دەل قۇياش سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىكى ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى بىرلىك دەۋىردىكى يەنى 365.6 كۈن دىكى تاماملىغان مۇساپىسى بولىدۇ. دولقۇم گىرافىكى ئېنىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك بېرىلدى:
بۇ دولقۇن گىرافىكى ئوبرازلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئامپىلتۇدا كۆرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېگىزلىتىپ لاھىيلەپ قويدۇم، ئەممەلىيەتتىكى دولقۇن شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :

ئەمەلىيەتتىكى دولقۇن گىرافىكى بولسا دولقۇن ئۇزۇنلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، ئامپىلتۇدىسى كىچىك بىردانە دولقۇندىن ئىبارەت.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار 1-رەسىمدىكى دولقۇن گىرافىكىدا بېرىلدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 00:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-19 09:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىزاھات:تۇۋەندىكى تېمىنى  قوياش -1 ئەپەندى 2011-يىلى«كائىنات»تورىغا يوللىغان .بۇ قېتىم مايور(ماھىرجان)ئەپەندى مېنىڭ «يەر شارىنىڭ دولقۇنسىمان ھەركىتى»دىگەن يازمامغا دولقۇن گىراپىكى ئىشلىگەندىن كىيىن،قوياش -1 ئەپەندىنىڭ بىر ئىنكاسى ۋە ئۇلىنىش قالدۇرىشى بىلەن ئۇنتۇلغان بۇ تېمىنى ئەستايدىل كۇرۇپ چىقتىم.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئانچە دىققەت  قىلمىغان ئىكەنمەن.
قوياش ئەپەندى بۇ تېمىسىدا يەر شارىنىڭ دولقۇن خارەكتىرلىك ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى توغرا مۇلچەرلىگەن.قوياش -1 ئەپەندى ئاددى بىر دېھقان ،ئادەتتىكى بىر ئاستىرونۇمىيە ھەۋەسكارى بولسىمۇ ئۇنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ئىلمى تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى مۇ ئەييەنلەشتۆرۆشكە بولىدۇ.ۋاقتىنى بېھۇدە ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلىۋاتقان بەزى ياشلارنىڭ قوياش -1 ئەپەندىدەك ئىلمى تەپەككۇر،تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلىشىنى،يېتىلدۆرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئىلىم -پەن ھەرگىز مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرى ،مەخسۇس ئاپارات ۋە تەجىربىخانىلاردىلا مەشغۇل بولسا بولىدىغان سىرلىق،مۇنۇپول ساھە ئەمەس.


___ قاسىم سىدىق

2013.10.19

قوياش -1 ئەپەندى تېمىىنىڭ تولۇق تېكسىتى مانا:

29- تېئورمىدىكى  سەييارىلەر ھەركىتىڭ ئوربىتا شەكلى ھەققىدىكى قىياس


ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى. سىزنىڭ بۇ تېئورمىڭىزنى كۇرۇپ چىقتىم. بىر مەسىلىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئۇزىگە خاس تەپەككۈر ئۇسۇلى بولىدۇ،  ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن،
  1. ئەگەر يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىشىغا، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن باشقا 29- تېئورمىدىكىدەك ئېغىش كۈچى تەسىر كورسەتكەندە، يەر شارى  قۇياشنى ئايلىنىپ چەمبەرسىمان ھەركەت قىلغاندىن باشقا، ئوربىتا بويلاپ ، بۇرمىسىمان ھەركەت قىلىدۇ، ئىككى بۇرمىسىمان  چوققىسىنىڭ ئارلىقى، يەر شارى پىرۇكسيە ( مەن كەسپى ئاتالغۇلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن تۇزىتىپ ئۇقۇشىڭلار ئۈمىد قىلىمەن) ھەركتى دەۋرىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىغا تەڭ بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن يەر شارىنىڭ سۇرئىتىدە ئاستىلاش تىزلىشىش دەۋرى شەكىللىنىدۇ،بۇ دەۋىرلىشىشمۇ يەر شارى پىروكسىيە ھەركىتى دەۋرىنىڭ  بۇلۇڭ گىرادۇسىغا تەڭ بولىدۇ، بۇنى بارلىق يادرو ئەتىراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىم ، زەررىچىلەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ،
دولقۇنسىمان ھەركەت قىلىشنىڭ سەۋەبى- سەييارىلەرنىڭ پىرۇكسىيە ھەركىتى تۇپەيلىدىن سەييارىلەر ئۇقىدا دەۋىرلىك يانتۇلۇق ئۆزگىرىشى بولىدۇ،ئۇق مەركىزىدىن تىك بۇلۇڭ يۆلنىشىدە 29- تېئورمىدىكىگەك ئېغىش يۈز بەرسە، سەييارىلەردە ئوربىتىسىدا بۇرمىسىمان ھەركەت قىلىدۇ، بۇرمىسىمان ھەركەت سەۋەبىدىن يادرۇسىغا ( يەر شارى قۇياشقا ) نىسبەتەن يىراق، يېقىن نوختا شەكىللىنىدۇ. سەييارىنىڭ سۇرئىتى يىراق نوختىدا ئاستا، يېقىن نوختىدا تىز بولىدۇ

2011-7-1

مەنبە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4100&page=1&extra=#pid75036




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-19 12:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرۇدۇنيادىكى زەررىچلەرنىڭ دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىشى بىلەن كورىئولىس كۈچى،بىرنوللى قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقسى يوق.ماگنوس ئىففىكىتىنى ھەقىقى بوشلۇقتىكى زەررىچە ۋە جىسىم ھەركەتلىرىگە تەدبىقلاشقا يول قويغان ئالدىنقى شەرىت ئاستىدىلا بۇ ئىففىكىت دولقۇن خارەكتىرلىك ھەركەت شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇ نۇقتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 12:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-20 22:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيانى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلەشتۆرۆش فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۆشتىكى قەدەملەرنىڭ بىرى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 12:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى خەۋەر:


ئىككى دەستە قۇتۇپ نۇرى"تاريولدا ئۇچرۇشۇپ"سوقۇلۇپ پارتىلىدىغاندىن كىيىنكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە

两束北极光"狭路相逢" 深空碰撞致爆炸场面壮观
http://www.kexue.com 2013-11-08 09:44:52 科学网  发表评论

两束北极光碰撞爆炸时发生的场景

  美国物理联合会在年会上宣布,美国航空航天局照相机拍摄到两束北极光碰撞爆炸,场面极其壮观。这些北极光碰撞现象前所未见,也根本不知道其存在,这次是首次捕捉到

تولۇقى بۇ يەردە:
بۇ خەۋەر يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتىنىڭ زەررىچە ئىكەنلىگىنى ،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى،ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن ئىتقاندا زەررىچىلەر بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ،تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانىتلار ھەركىتىنىڭ ئوخشاشلىغىنى،پەقەت ئۇلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىدىلا پەرىق بارلىغىنى تونۇپ يېتىشىمىزگە ئىلھام بېرىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 20:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېللېرىنىڭ تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئاجايىپ قاراشلىرى

ھازىر غەرىپ ئىلىم -پەن دۇنياسىدا "تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس"دەيدىغان قارشلار،نەزەريىلەر مەيدانغا كەلمەكتە.بۇنداق ئىدىيە ،ئۇچۇر،نەزەريەلەر بىلەن ئۇچرۇشۇش بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ.


ئاپتۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:



ئېللېرى سىچەمىپ(Ellery Schempp)كۆپ ئىقتىدارلىق فىزىك.ناتىق. پىروفېسور.1967-يىلى دوكتۇرلۇقنى تاماملىغاندىن كىيىن بىروۋىن ئونېۋېرىستىتىدا فىزىكا دەرىسى ئۈتكەن.
ئۇ  1956-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ  ئۇقۇغۇچىلارغاھەر كۈنى ئىنجىلنى 10 قېتىم مەجبۇرى ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىشىغا قارشى چىققان،ئەكسىچە،ئۇزى بىر پارچە قۇرئاننى كۇتىرىپ كىرىپ ئوقۇغىلى تورغان .مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغا چاقىرتىلغان. ئېللېرى ئاتىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ رايوننىڭ ئىنجىلنى مەجبۇرى ئۇقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىغى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىزمۇ قىلغان.
ئېللېرى ئۇزىنى ئاتېسىت ھېساپلايدۇ.شۇنداقتىمۇ بىر ئېلاھلىق دېنى جەمىيەت((Universalist)نى قوللايدۇ.ئۇ 1996-يىلى ئامرىكا دىنى ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

تۆۋەندە دوكتۇر ئېللېرىنىڭ"ئاگاھلاندۇرۇش:تارتىش كۈچى _ پەقەتلا نەزەريە"سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدىن تەرمىلەر بېرىلىدۇ.

ئاپتۇر ھەققىدىكى تەپسىلى ئۇچۇرلار بۇ يەردە:
http://en.wikipedia.org/wiki/Ellery_Schempp

ئاگاھلاندۇرۇش:تارتىش كۈچى _ پەقەتلا نەزەريە
Warning: Gravity is “Only a Theory

(تەرمىلەر)

بارلىق فىزىكا دەرىسلىكلىرىگە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىنىق يېزىلىشى كىرەك:
بۇ دەرىسلىككە كىرگۆزۆلگەن ئالەملىك تارتىش كۈچى پەقەت بىر نەزەريە بولۇپ،ھەرگىز ئەمىلى پاكىت،تەبىئەتنىڭ قانونىيىتى ئەمەس.ئۇقۇغۇچىلارئېچىۋىتىلگەن پوزىتسىيە بىلەن،ئىنچىكە تەتقىق قىلىشى شۇنداقلا ئويلىنىشى لازىم.
تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئومۇمى نەزەريىلەر دائىم مەكتەپلەردەبىر"ئەمىلى پاكىت"قاتارىدا ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە.ئەمەليەتتە ئۇ ھەتتا بىر ياخشى نەزەريەمۇ بولالمايدۇ.



تولۇقى بۇ يەردە:



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-8 20:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-14 23:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناسسىم ھارامەئننىڭ(Nassim Harameinفىراكتال - گولوگىراپىك ئالەم»سەرلەۋھەلىك يازمىسىنى كۇرۇپ چىقتىم.شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ناھايتى ياخشى يازمىكەن.ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىش دائىرىسى بەكمۇ كەڭ بولۇپ،ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۈت دەپ قارايدىكەن.كېڭىيىپ -تارىيىدىغان دەۋرى ئالەمنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.تورداشلارنىڭ بۇ يازمىنى كۇرۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
تۇۋەندىكى ھەركەتچان رەسىم گەرچە غايىدىكىدەك بولمىسىمۇ شەكىل نەزەريىسىدىكى كېڭىيىپ -تارىيىدىغان دەۋرى ئالەمنى،مۇتلەق ھەجىم،كۇرۇنمە ھەجىم ئىدىيىلىرىنى ئوبرازلىق چۈشۈنۈشتە ئەھمىيىتى بار دەپ قارىدىم:


تولۇقى بۇ يەردە:

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 12:59  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-24 12:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تەجىربە قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز:



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش