كۆرۈش: 1691|ئىنكاس: 0

ئۆمەرجان سىدىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-16 16:17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                 DSC_8149.JPG   
  ئۆمەرجان سىدىق، ئۇيغۇر، ئەر، پارتىيە ئەزاسى،  ئىلگىرى ئىشلەتكەن تەخەللۇسى مىسكىن، 1971 – يىلى 2 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى جايىغوجام كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1988 – يىلى سىڭگىم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىغا (تولۇق كۇرس) قوبۇل قىلىنغان. 1992 - يىلى بۇ مەكتەپنى تاماملاپ، «تۇرپان گېزىتى»ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنىپ ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 2009 – يىلى مۇدىر مۇھەررىر (كاندىدات ئالىي)ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2012 – يىلى 2 – ئايدىن باشلاپ تۇرپان ۋىلايەتلىك  ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
  2003 – يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە، 2013 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﻳﺎﺷلار بىرلەشمىسى 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ  ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ. ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ،  تۇرپان ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش 11 - ، 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪىق  1989 – يىلى 2 – ئايدا «تۇرپان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۆلمەس نام» (ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بېغىشلانغان) سەرلەۋھەلىك تۇنجى شىئېرى بىلەن ئىىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مەملىكەت، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا 1000 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎبتىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن  «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار»(ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)،  «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب»(ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى»(ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﭼﯧﺮىك)، «سېھىرلىك زېمىن تۇرپان»، «ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎن»(ﺋﻮﭼﯧﺮىك)، «ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە»(ئىجتىمائىي ماقالىلەر)، «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز»(قوش تىللىق ئۇنىۋېرسال ئوقۇشلۇق)، «ئىناق ئېكولوگىيە ئابىدىسى كارىز» قاتارلىق 11 كىتابى نەشر قىلىنغان. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»،  «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»  «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻮﭘلاﻣلارﻏﺎ ئەسەرلىرى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ جۇڭگو ﺧﻪﻟﻖﺗﻮرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﺴﯩﺪا ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪرﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ، ﺳﯜرەﺗﻠﯩﺮى، ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن.  ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن «ﺋﻮت ﻳﯘرﺗﻰ ﺋﻪدﯨﺒﻠﯩﺮى»، «ﻛﯩﺘﺎﺑلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﮬﺒﻪت»، «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ»، «ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚز»،  «ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮدﯨﻴﯩﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩلاردا ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ۋاﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺗﯘرﭘﺎن ژۇرﻧﯩﻠﻰ»، «ﺟﯘﯕﮕﻮﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ- ژۇرﻧﺎﻟلاردا ﺳﯜرﯨﺘﻰ، ﺗﻪرﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن. «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﻧﺎۋاﺳﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن 2008 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﻪدﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن،  «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ DCV ﭘلاﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. 30 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ رادﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪردە ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن. ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﻮﺑﺰور ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. «ﻳﺎرﻏﻮل ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰﺷﻪﮬﯩﺮى»، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ئىككى پارچە ئەسىرى ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩگە ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۈركچە، سىلاۋىيانچە، خەنزۇچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، 30 غا يېقىن تېكىستى ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان.
ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى بىلەن 2001 – يىلى، «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺋﯜچ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2004 - يىلى ئىككى ﻗﯧﺘﯩﻢ شىنجاڭ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1 -، 2 - ، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا يەتتە قېتىم ئېرىشكەن. «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۈچ نۆۋەت «مۇنەۋۋەر ئاپتور»بولۇپ مۇكاپاتلانغان.  جۇڭگو «خەلق تورى»دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە بىر پارچە ئەسىرى بىلەن 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ياش»، «ئون مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى»، «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم»بولۇپ باھالانغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش