(پەقىر ئەركمانمۇ مىسرا تۈزۈپ باقتىم)
بەرمەيمەن!
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، جانغا مېھرى ئۆرتەنگەن،
بارچە تاغنىڭ ئىلاھى تەڭرىتاغنى بەرمەيمەن.
تۇغۇلغاندا بۆشۈكتە ئانام تەكىي ئورنىدا __
باشقا قويغان مامۇقۇم ئالتاي تېغىن بەرمەيمەن.
بۆشۈكۈمدىن تۇرغاندا ، تەمتىلەپ يول ماڭغاندا،
پۇت قويغان ئالتۇن تېغىم __ قاراقۇرۇم بەرمەيمەن.
يالقۇنتاغنىڭ تەپتىدىن سەگىدەيمەن دېگەندە،
جانغا راھەت پامىرىم __ ئۆگۈزۈمنى بەرمەيمەن.
تاغلىرىمدىن ئاشىمەن، قۇملىرىمنى كېزىمەن،
بۇ يۇرتۇمنىڭ قوينىدا ئاشق كەبى يۈرىمەن.
دېڭىز-ئوكيان، دەريا-كۆل، يايلاقلارنى بەرسەڭمۇ،
تاغلىرىمنى بەرمەيمەن، قۇملىرىمنى بەرمەيمەن.
جۇڭخۇا ئېلىم گۈلتاجى، ئالتۇن تاجى، خانتاجى،
بۇ ۋەتەننىڭ جۇلاسى قاشۇ-كۆزىن بەرمەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-16 22:39
|