داڭگال يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 17:49
يېلىنجايدۇ جېنىمدا ئوت، تەن گۈلخان.--بۇ مىسرا ئۈستىدە ق ...
يەپ كېتەرمۇ يۈرىكىمنى شۇ ھىجران
ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى
يېقىن ئەمەس ئىدىم ئانچە سەن بىلەن،
بىلىپ-بىلمەي سۆيۈپ قالدىم مەن قاچان.
بىلىندۈرمەي كۆيۈش شۇنچە ئازابكەن،
بولۇپ قالدىم بەكمۇ مىسكىن خىيالچان.
كېچە-كۈندۈز ئوي-خىيالىم سەن بىلەن،
يېلىنجايدۇ كۆكسۈمدە بىر چوغ گۈلخان.
گاھى تۇتۇپ قوللىرىڭنى چۈشەيمەن،
ئويغانغاندا دەردلەر ھاپاش مىڭ پاتمان.
كۆرۈنمىسەڭ چىغىرلاردا كۆزۈمگە،
تىپىرلايمەن، تەلمۈرگەنچە ھەر تامان.
ئۇچراپ قالساڭ كەلمەس تىلىم ھېچ سۆزگە،
كېتىپ قالساڭ كۆمتۈرىلەر يەر-جاھان.
تىنالمىدىم بۇ سىرىمنى ئىنسانغا،
كەلدى قىيناپ ۋۇجۇدۇمنى مۇڭ، پىغان.
تۆكۈۋەتتىم ھەسرىتىمنى پىنھانغا،
يەپ كېتەرمۇ يۈرىكىمنى شۇ ھىجران؟
پىكرىڭىز بۇيىچە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باقتىم. مۇشۇنداق يول كۆرسۈتۈپ تۇرغۇنىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.