يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1642|ئىنكاس: 16

ئىجادىيەت مەركىزىمىزنىڭ 2011-يىللىق ئالبۇمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغ (نەنسەن)دىكى «ئىجادىيەت - ماتىريال مەركىزى» 2011-يىلى 5-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى. بۇلتۇر جەمىي يەتتە نۆۋەت تۈرلۈك تېمىلاردا ياش يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش، كىتاپ ئوقۇش، ئىجادىيەت سىمىنارىيەلىرىنى ئېلىپ باردۇق.ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەدىبلەرنى كۈتىۋالدۇق.مەركىزىمىزنىڭ بۇ يىللىق تەربىيەلەش، ئۈگىنىش كۈنتەرتىپلىرىمۇ ھازىر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2011-يىلىدىكى بەزى پائالىيەت خاتىرىلىرىنى يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

IMG_3774.JPG
تۇنجى نۆۋەتلىك ياش شائىرلار كىتاپ ئوقۇش كۇرسى خاتىرىسى
IMG_4039.JPG
ئابدۇقادىر جالالىدىن كۇرسانتلارغا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا
IMG_4048.JPG
ئابدۇقادىر جالالىدىن، پولات ھېۋىزۇللا، ئادىل تۇنىياز، جۈرئەت سەيپۇللار بىلەن بىللە
IMG_4119.JPG
ئەدەبىي تەرجىمان جاڭ خوڭچاۋ، شائىر شېن ۋېيلار كۇرسانتلارغا دەرىس ئۆتمەكتە
IMG_4438.JPG
ئەدەبىي تەرجىمە كۇرسى مۇزاكىرىسىدىن
IMG_4469.JPG
ئازات سۇلتان، ئەركىن قادىر، ئەكپەر غۇلاملار كۇرسانتلارنى يوقلىدى
IMG_4319.JPG
تاغ باغرىدا


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-20 02:39:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20110601117.jpg
مەھدى:ئەستا...  ئاپاراتىنى بۇزۇپ قويدۇممۇ نىمە؟
IMG_4517.JPG
ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمانلار ئەخمەت پاسار، راخمان مامۇتلار كۇرسانتلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا
IMG_4545.JPG
ئەدەبىي تەرجىمان سۇ يوڭچېڭ، جاڭ خوڭچاۋلار كۇرسانتلار بىلەن بىللە
IMG_4546.JPG
ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلاشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن كۇرسانتلارنى يوقلاپ چىقتى
IMG_4560.JPG
قاراماي ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلاشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى،«مايبۇلاق»نىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن كۇرسانتلار بىلەن بىللە
IMG_5255.jpg
مۇزاكىرە پائالىيىتىدىن بىر كورۈنىش
IMG_6028.JPG
يازغۇچى ياسىنجان سادىق كۇرسانتلار بىلەن بىللە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-20 02:48:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_6137.jpg
ئازات سۇلتان ياش ئوبزورچىلار كۇرسىدىكى قىسمەن كۇرسانتلار بىلەن بىللە
IMG_6388.jpg
يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن كۇرسانتلار ئارىسىدا
IMG_6443.jpg
غەيرەت ئاسىم،قاسىم سىدىقلار بىللە
IMG_6571.jpg
تاغدىكى دەم ئېلىش
IMG_7438.jpg
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جەن «ئىجادىيەت مەركىزى»نى كۆزدىن كەچۈردى
IMG_7851.jpg
ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى قىسمەن ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-4-20 08:43:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇۋاتىمىز.  يوللىغان بۇ سۈرەتلەر ئەدەبىيات ئۈچۈن يېنىۋاتقانلارنىڭ «ئىجادىيەت مەركىزى»گە بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇسى!

ۋاقتى: 2012-4-20 09:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆڭۈللۈك تۇرمۇش، ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشۇش، قىممەتلىك سۆھبەتلەر ئېسىمگە چۈشۈپ تاتلىق ھاياجانغا تولدۇم.

ۋاقتى: 2012-4-20 10:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر داۋاملاشقاي !

ۋاقتى: 2012-4-20 10:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ئەمما،قىممەتلىك  ئۇچرىششتىكى ئۇستاز،دوستلارغا سالام !

ۋاقتى: 2012-4-20 11:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى تەشكىللەۋاتقان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ھەقىقەتەن قەلەمكەشلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ  يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. ئىلگىرى مەرھۇم يازغۇچىمىز ۋە قابىل ئەدەبىيات تەشكىلاتچىمىز ماخمۇتجان ئىسلام يېتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ياش ئەدىپلەر سىمنارىيىسى»گە بىزلەر قاتناشقان مەزگىللەردە، بۇنداق ئەۋزەل شارائىتلار يوق ئىدى. ھازىرقى بۇنداق ئەۋزەل شارائىلتارنىڭ قەدرىگە يېتىپ، يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئاشۇ ئىجادىيەت مەركىزىگە بېرىپ تەربىيلىنىش پۇرسىىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائال تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
      يۇقىرىدا يوللانغان سۈرەتلەر ھەقىقەتەن قىممىتى بار سۈرەتلەر ئىكەن، ئەيبۇكامنىڭ خالىس ئەجرىگە سەمىمىي تەشەككۇر!

ۋاقتى: 2012-4-20 11:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق،ئەھمىيەتلىك ۋەنەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىزھەم ئىشىنىمىز !

ۋاقتى: 2012-4-20 14:14:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما سۇرەتلەرگە قاراپ كۆڭۈللۈك دەملەر ئېسىمدىن كەچتى. كېلەڭسىز بەدىنىمدىكى ئەيبۇكامنىڭ چا كۆينىكى بىر ھارارەتنى ھېس قىلدۇردى. ھە راست، باللا ئەگەر ئۇ يەرگە 6- ئاينىڭ پىژ - پىژ ئاپتىپىدا چاقىرىلىپ قالساڭلارمۇ بىرەر تال چاپاننى ئېغىر كۆرمەي ئېلىۋالغايسىلەر.

ۋاقتى: 2012-4-20 14:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلھەمىد يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 14:14
ما سۇرەتلەرگە قاراپ كۆڭۈللۈك دەملەر ئېسىمدىن كەچتى. كې ...


نەنسەن تاغلىق رايۇنىنىڭ ھاۋاسىنى خەينەن ئارىلى دەپ قاپتىكەنسىزدە ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 15:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-21 13:05:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىللىق سىمىنارىيە پائالىيەتلىرىمىز ھازىر رەسمىي باشلاندى. 4-ئايدا ئىككى قېتىم خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ شىئېرىيەت، نەسر كۇرسىنى ئاچتۇق.

5-ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇرچە «قاراماي يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيە»نى ئۆتكۈزىمىز.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەر تۈرلۈك تېما ۋە مەزمۇنلاردىكى تەربىيەلەش، ئىجادىيەت كۇرۇسلىرىنى تەشكىللىشىنى قارشى ئالىمىز!


ۋاقتى: 2012-4-21 13:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش بولماقتىمەن...

ۋاقتى: 2012-4-21 17:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ 2011-يىللىق پائالىيەتلىرى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ.بۇ يىل تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-21 17:35:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزىمىزگە كېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى بىزگە يازما ئىلتىماس سۇنۇپ، كېلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئەۋەتىشى كېرەك. ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 14 كىشىدىن ئاشماسلىقى كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش