كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 14

ئاتا-ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-10 01:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاتا-ئانا
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى

ئۇرۇق ئىدى ،ئۈندى بىخ سۈردى ،
غۇنچىلىدى ،مىۋىلەر بەردى   .
بارچە يۈكنى ئۆزى كۆتەردى ،
كۆزى ھەريان تەلمۈرۈپ يۈردى.

خىيالىدا مىۋىسلام  بار ،
راھەت ئىزلەپ يۈرگەنلىرى ئاز.
جىسمىنى دوست قىلسىمۇ ئاياز ،
روھى گۈللەپ ياشنىغان باھار .

مىۋىسى بار ،مىۋىسىنىڭ ھەم ،
پەخىرلىنەر ئۇلارنى كۈرۈپ  .
شاتلىنىدۇ كەچمىشنى چۈرۈپ ،
خىسلەتلەرنى قىلغاچ مۇجەسسەم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-10 10:38:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق قاپىيە شەكلىدە يىزىلغان  شېئىرلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ  ! شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز بەرىكەت تاپسۇن !

ۋاقتى: 2013-10-10 10:53:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز!

ۋاقتى: 2013-10-10 11:03:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنت ئۈچۈنلا ياشاشقا تۈرەلگەندەك بىلىنىدۇ كىشىگە. بۇ نۇقتىنى ئۇستۇلۇق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىپسىز. قەلەم تۇتقان قولىڭىز تالمىسۇن.

ۋاقتى: 2013-10-10 12:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلەرگە  ئاتا - ئانا مىھرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھىس قىلدۇرۇپسىز  ئاللاھ قەلەم تەۋرەتكەن قوللۇرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  

ۋاقتى: 2013-10-10 13:14:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزى ھەريان تەلمۈرۈپ يۈردى.
بۇنىڭدىكى
ئۈزى ھەريان تەلمۈرۈپ يۈردى.
دەپ ئالساق!

ۋاقتى: 2013-10-10 13:42:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى كوبلىتى تازا راۋان ئەمەسقۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 01:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلۈك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 10:38
بۇنداق قاپىيە شەكلىدە يىزىلغان  شېئىرلار ناھايىتى ئاز  ...

رەھ مەت ئىنىم زۇليار .....تەكلىپ پىكىرلەر بولسا  قۇبۇل قىلىشقا تەييارمەن. سالامەت بۇلۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 01:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەنئان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 13:42
ئاخىرقى كوبلىتى تازا راۋان ئەمەسقۇ...

قاتناشتۇرغان پىكىردىن دىلىم  سۈيۈندى . رەھمەت سىزگە.يەنە تەكلىپ پىكىرلەر بولسا  قۇبۇل قىلىشقا تەييارمەن. سالامەت بۇلۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 01:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 13:14
كۆزى ھەريان تەلمۈرۈپ يۈردى.
بۇنىڭدىكى
ئۈزى ھەريان تەل ...

مىنىڭچە «كۆزى»دىگەن سۆزنى ئىشلەتسەك ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. كۆز كۈڭۈلنىڭ ئەينىكى دەيمىز ئەمەسمۇ...قاتناشتۇرغان پىكىرلىردىن سۈيۈندۈم ...رەھمەت سىلىگە.   تەكلىپ پىكىرلەر بولسا  قۇبۇل قىلىشقا تەييارمەن. سالامەتلىك سىلىگە يار بولغاي...

ۋاقتى: 2013-10-11 01:44:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 13:14
كۆزى ھەريان تەلمۈرۈپ يۈردى.
بۇنىڭدىكى
ئۈزى ھەريان تەل ...

قوللايمەن

ۋاقتى: 2013-10-11 02:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى ئوخشۇتۇشلارمۇ بەك جايىدا قوللىنىپتۇ. ھارمىغايسىز.ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم.

ۋاقتى: 2013-10-11 12:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى تىل تۇلۇمۇ  يىنىك چىقىپتۇ ،
ئوخشۇتۇشمۇ شۇنداق جايىغا چۈشۈپتۇ .
ھاياتلارغا ئاتا-ئانا قەدرى ئۆتۈلۈپتۇ ،
ئاتا-ئانا رازى ئەمەس قەددى-قامەت پۈكۈلىپتۇ .  رەھمەت ئۇستاز  ھۇزۇرلاندىم ،
                                                                           ئىلھاملىرىغا بەركەتلەر  تىلىدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-11 12:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 17:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇننارە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-11 02:11
شېئىردىكى ئوخشۇتۇشلارمۇ بەك جايىدا قوللىنىپتۇ. ھارمىغ ...


پىكىر قاتناشتۇرغانلىقلىرىدىن  خوش بولدۇم . تەلەپ ۋە پىكىرلەر بولسا  ئايىماسلىقلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن . سالامەتلىك سىلىگە يار بولغاي... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىلجان ئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-11 17:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 17:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-11 12:24
شېئىردىكى تىل تۇلۇمۇ  يىنىك چىقىپتۇ ،
ئوخشۇتۇشمۇ شۇندا ...

قاتناشتۇرغان پىكىرىڭىزدىن  خوش بولدۇم . لىكىن ئۇستاز دىگەن سۆزگە لايىق ئەمەسمەن . ئۇستازدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ سۆزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ قويساق .بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلغان بولسىڭىز . سالامەت بۇلۇڭ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش