كۆرۈش: 2009|ئىنكاس: 14

قاراڭغۇ ئورمان _ سەيدۇللا فىردەۋىس(5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

IMG_赛.jpg

سەيدۇللا فىردەۋىس 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 4 –كۈنى قەشقەر شەھىرى بۇلاقبېشى كوچىسىدا دۇنياغا كەلگەن .
باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى قەشقەر شەھىرىدە تاماملىغان.  2007-يىلى شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋىرىستىتى داۋاملىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى روس تىلى( ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ) كەسپىگە 4 يىللىق ئوقۇشقا كىرگەن .2010-يىلى 2 -ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئوقۇشتىن چىكىنىپ ، ئۈرۈمچىدىكى چەتئەللىكلەر ئاچقان روسچە ئۇسلۇپتىكى بىر كېچىلىك كۇلۇپتا بىر مەزگىل مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .
ئۇ 2005-يىلىدىن باشلاپ شىئېر يىزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ، 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا تۇنجى شىئېرلىرى ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە  «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئىلى دەرياسى» قاتارلىق ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ئېلان قىلغان .
بىز بۇ ياش قەلەم قەلەم ئىگىسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ شېئىرىيەت ۋە ھايات يولىدا ئۆزگىچە چوققۇلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
مەسئۇل مۇھەررىردىن

شائىرلىقنىڭ تۇيۇق يولى بىلەن مېڭىپ، ئاللىبۇرۇنلا، تولىمۇ سىرلىق ۋە قاراڭغۇ بىر ئورمانغا بەنىت بولۇپ قالغانلىقىمنى تۇيدۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەسۋەسىلىرىم ۋە تەشۋىشلىك ئويلىرىم مېنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازابقا مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇن نەرسىلىرىمدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلدى. كېيىن، تولىمۇ قورقۇنچ ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆزۈم ئاسىيلىق قىلغان بارلىق نەرسىلىرىمنىڭ ئورنى بارا-بارا قۇرۇق قىلىپ، قەلبىمنى يوقلۇق ۋەھىمىسى چۇلغاشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىلا، ھېچنىمەمنىڭ قالمىغانلىقىنى تۇيۇپ، كاۋاك قالغان بۇ قەلبىمنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نىمىلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان، تولىمۇ گۇڭگا، شۇنداقلا ، مەن تولىمۇ مۇھتاج بولىدىغان ۋە زارىقىدىغان بىر مەنە ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆمۈشكە ۋە ئۇنى جان-جەھلىم بىلەن ئىزدەشكە باشلىدىم. ئەمما، تەپەككۇرۇمنىڭ دېڭىزىغا تاشلانغان تورلار ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالدى. شۇنداقتىمۇ تورغا پات -پات ئىلنىشىپ قالىدىغان چىرايلىق شىئېرلار ئۈمىدسىزلىكىمنى ئەركىلىتىپ تۇردى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شىئېر مېنىڭ بارلىقىمغا ئايلاندى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ سوغۇق ۋە قاراڭغۇ ئورماننى يورۇق ۋە رەڭگارەڭ سۆزلىرىم بىلەن داۋاملىق ئىللىتىشقا ۋە بىزەشكە باشلىماقتىمەن...

كۈز

تولىمۇ پەرىشان،
گۈللۈك كۆينەكلىرىنى سارغىيىش قاپلىغان ئۇ جانان  
ئىشىكىم ئالدىدىن يەنە ئۆتتى.

مېنىڭ قەلبىم قوڭغۇراق
كۈز شاماللىرى ئۇنى چالماقتا.

جاناننىڭ  كۆكسىدىن يوپۇرماقلار ئۈنۈپ چىققان
كەچكى شەپەق بۇ سارغۇچلۇقنى نەمدىمەكتە
ئۇلار ئاياغلىرىم ئاستىغا تۆكۈلەر
مېنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا دەسسەيدىغان پەسلىم يوق  

جانان مېنى بۇ يولدا ئۇزاقلىشىشقا دەۋەت قىلار  
مېنىڭ جانان دېگىنىم تەنھالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

كۈز داۋاملاشماقتا
مانا بۇ بىزنىڭ چىچەكلەش ۋاقتىمىز .
2011-يىل

كاۋاك
سېغىندىم ،كۆتۈرۈپ كەلدى گۈللەرنى
سۆيدۈم ،  لەۋلىرىم بولدى كىپىنەك .
بەر دېدىم ، قايتۇرۇپ ئالدىم تېنىنى
جانان ياتماقتا بۇلۇتتا بېشى
ھەمدە، تېنىمىز تۆكمەكتە يامغۇر
قىزىرىپ، ھالسىراپ ، نەمدەلدى شەپەق .
سېغىنسام يېنىمدا ،تېنىدۇر بۇلۇت ،
سۆيسەم تىترەر ،يامغۇر تەپچىرەپ .
ئەمما ، سېزىمەن شۇنداق تۇرۇقلۇق
بۇھايات يەنىلا مەنىسىزلىكتەك
بىر كاۋاك تولمىدى قەلبىمدە پەقەت ...
مەندىكى يەنىلا كۈتۈش،زارىقىش
بىلمىدىم نېمىكىن مېنىڭ كۈتكىنىم
كېلەمدۇ ؟ جاھاندا بارمىدۇ؟يوقمۇ ؟
بولمىسا،بەرسە بىر قۇدرەتنى تەڭرىم
مەن ئۇنى ياراتسام قەلبىم تولغۇدەك...
2011.3

مېۋە

ئۇسسۇزلۇق ،
ھالسىرىماقتىمەن...

قۇرۇق سېۋىتىنى كۆتۈرگەن بىر ئەنسىز يولۇچى
ئىشىكىمنى چەكتى .
_ مېۋىدىن باشقىسى ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرالمايدۇ
_ مېۋىمىز قېنى ؟
_ ئۇنى ئوغىرلىغانمىدۇ ؟
_ ئۇنى كىم ئوغىرلىغاندۇ؟
_ ئۆزىنى يوشۇرىۋالغانمىدۇ ؟
_ نەگە يوشۇرىۋالغاندۇ ؟

ماڭدۇق .
ئۇسسۇزلۇق ،
ھالسىرىماقتىمىز...

بارلىق سەپەرلەر مۇشۇنداق باشلىنىدۇ
ئەمما، بىرمۇ يولۇچىنىڭ
سېۋىتىنى تولدۇرۇپ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم...
2011.1

يول

ماڭسام ماڭىدۇ ، توختىسام توختايدۇ
ئىنتىزارلىق ئىچىمىزدە قەدەملىرىنى تىزلىتىدۇ
ھەمدە، ئىستىمەكتىمىز دەسسىشىنى جاناننىڭ
يورۇق كەشى ۋە نۇرلۇق تېنى بىلەن
شۇ قارىغۇ تېنىمىزگە...
2011.1

ئۆلۈمىم
  
بىز ئۇ كېچىسى ئۇچراشتۇق ، شۇنداقلا مېنىڭ قەلبىم ئۆزگەردى
سېنى قۇچاقلىدىم ، بىز ئۇزاق سۆيۈشتۇق
ئاستا بېرىپ ئاۋۇ زۇلمەتتە ياتتۇق  
ئەمدى بىزنى ھېچنەرسە ئايرىۋىتەلمەيدۇ، چۈنكى بىز يوق، دېدىڭ  
شۇنداق جانان  ،ئىككىلىمىز ھودۇقماقتىمىز ،  
تېنىقىمىز ئۆز ئارا تەشۋىشلەرنى ئالماشتۇرماقتا .
سەن تېنىمدە تۇرۇپ مېنى ھاياتىم دەيسەن ، ھەمدە سەن مېنىڭ ئۆلۈمىم .
بىز شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىرلەشتۇق
تېنىڭ بوش يەر ،
تېنىم ئۇندا چۈشكۈنلۈك ئەتىرگۈلىنى ئۈندۈرەر،
ھەمدە توزۇپ كېتەر داۋاملىق
لىكىن ، تېنىڭ غەمكىن پۇراقلارنى تارىتار ، مەڭگۈ توختىماس
2010.8

بايىلا

بايىلا
سېنى تەۋرىنىۋاتقان ئىلەنگۈچتە كۆردۈم
سېنى قاي تەرىپىدە تۇتۇۋىلىشىمنى بىلەلمىگەن ئاۋۇ ئىلەنگۈچتە
بايىلا
سېنى ھەقىقەتتىن قايتۇرىۋالماقچى بولدۇم
سېنى مەندىن ئايرىۋەتكەن ھەم يوق دېگىلى بولمايدىغان ئاۋۇ ھەقىقەتتىن

بايىلا
سېنى قاراڭغۇلۇققا ئۇزىتىپ قويدۇم
بارچە گۈزەللىك تىندۇرىۋىتىلگەن ئاۋۇ قاراڭغۇلۇققا
سەندىن كېچەي دەپمۇ ئوڭ-سولۇڭدىمەن ، جانان
سېنى دەپ گۇناھ زەنجىرلىرىدە بوغۇلغانمەن ، جانان
ئىچىم قاراڭغۇ ھەم تىنىپ كەتكەندۇر
ئۇندا سېنى ھەقىقەتتىن قايتۇرىۋالىمەن ، يالىڭاچ جانان
2009.1

يامغۇر
سېنى ئاسمانغا ئۇزىتىپ قويدۇم
ھەم قايغۇلىرىمنى جۇغلاپ ساڭا تاپشۇردۇم
ئىشىنىمەن ، تېنىڭ بۇلۇتتەك يۇمشاقتۇر
ئىشىنىمەن ، تېنىڭنى ئېغىرلاشتۇرغاندۇر قايغۇلىرىم
ئىشىنىمەن ، تارام _ تارام ...
قاغجىراپ كەتتىم
ھەم تېنىمنى تۇتۇپ تۇردۇم ئاسمانغا
2008.9

ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان

ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
ھەم قولى تىرەلگەن دېرىزىلەردەك
كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلغان
ھەم كىرپىكلىرى ئەسلىمىلەرنى ساڭگىلاتقان
ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
ئاي شولىسى يۈزىنى يىرىم يورۇتقان

ئەكەلمەمسەن
قانلىرىڭ بىلەن نەمدەلگەن شۇ  كەچكى شەپەقنى
ئەكەلمەمسەن
مېنى قۇچاقلىۋالغان بۇلۇتنىڭ يامغۇرلىرىنى
ئەكەلمەمسەن
بىزنى قارايتىۋاتقان شۇدەرەخنىڭ ئۈستىگە ئاي شولىسىنى
ھەمدە ،  
قىزغىن سۆيۈشلەر بىلەن بىللە
بېشىڭنى مۈرەمگە قويغىدەك شۇ كېچىنى .

ئۇ يانغا ئازراق قىيسايغان
كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلغان
كېچە يىرىملاشقان ...
2008.6

بوسۇغاڭغا ياتتىم قاردەك سوزۇلۇپ...

كۈتتۈم ئۇزاق... توزىدى باھار
ئۆتتى ياز يۈرىكىمدە پىژىلداپ
ئاخىرلاشماقتا كۈز پەسلى جىمجىت
كۈتتۈم ئۇزاق...

كەزدىم كوچىلىرىڭنى
كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا
چاپىنىمنىڭ ئېچىگە چۆكۈپ
قوللىرىمنى يانچۇققا  سىلىپ
كەزدىم كوچىلىرىڭنى...

ھىسقىل جېنىم
كەلگىنىمنى قىش پەسلىدەك لەپىلدەپ
دېرىزەڭنى ئېچىپ پۇرا نەمخۇش سەھەرنى.
ئاندىن
ئىشىكتىن چىق دەسسەپ تۆپەمگە
ياتتىم  بوسۇغاڭدا قاردەكسوزۇلۇپ...
2008.2

ئاتۇش

ئاھ ئۇردۇم بىر قىزنى ياد ئېتىپ
ئاتۇشتىن ئۆتۈۋىتىپ .

تاغلار ئېگىز ... ئۇزۇن،
سوزۇلۇپ ياتقان
سېغىنىشقا تولغان
جىمجىت ۋارقىراۋاتقان .

شۇ تاپتا بىر قىزنى سېغىندىم ،
تاغلاردىنمۇ قاتتىق ۋە چوڭقۇر .
2007.10

كۈز

سىنتەبىر ئۈن-تىنسىز ئاخىرلاشماقتا ،
بىلىمەن ، كۈز كەلسە كېتىسەن چوقۇم .
تاشلاندىم ئاداققى غېرىبلىقىمغا ،
غازاڭلىق يوللاردەك جىمجىت ۋە ئۇزۇن ...

سارغايدى قەلبىمنىڭ تېرەكزارلىقى
توزىدىم ئاخىرقى ئىستەكلەر ئارا .
يامغۇرلار نەمدەيدۇ كەچكى شەپەقنى ،
قۇربىتىم يەتمەيدۇ ۋىدالىشىشقا .

سەن كەتتىڭ يوقلۇققا تولدى ھاياتىم ،
كۈزپەسلى باشلاندى ئۇزاق ،غېرىبان .
قايغۇ شاماللىرى ئۇچۇرار مېنى ،
لەيلىتىپ ، لەيلىتىپ غازاڭدەك ھەريان ...
2007.9

غېرىبلىق، ۋېلىسىپىت، سېنىڭ مەھەللەڭ
غېرىبلىق گۈللىرى ئېچىلار قات - قات،
چوغلانغان كارىۋاتتا كاۋاپ بولدى تەن.
ئەسلەيمەن تۇرقۇڭنى كۆزۈمنى يۇمۇپ،
ئەسەبىي سېغىنىش، قورقۇنىچ بىلەن.
دېرىزە پەردىسى سىلكىنەر ئىسسىق،
ئىيۇل شامىلىدا ئاچچىق پىژىلداپ.
تاملاردىن كۆرۈنمەي ساقىپ چۈشكىنى،
تەشنالىق ئەۋجىگە سىغمىغان ئازاب.
ھېچكىم يوق ئىشىكنى ئۇزاق چەككۈدەك،
بىلىمەن، كەلمەيسەن غىرىبلىقىمغا.
چىدىماي ۋاقىتنىڭ چەكسىزلىكىگە،
تاشلاندىم ئەزەلدىن تونۇش بىر يولغا...
2
چېكەمدىن شۇرقىراپ ئاقىدۇ ئىشىق،
تۈگىمەس يوللاردا كۆيىدۇ ئاپتاپ.
قەھرىمدە تاش بىنا، ئاسفالىت يوللار
ۋېلىسىپىت پىدالى يانجىلار قات - قات.
تۇيغۇمدا چېچەكلەر مۈمكىنسىز خىيال،
ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇردۇڭمۇ كۈتۈپ.
باغرىڭغا سانجىلسا قولۇمدىكى گۈل،
كېلەمسەن مەن تۇرغان جايغا يۈگۈرۈپ؟!
چېكىگە يەتمەكتە شېرىن ھاياجان،
ۋېلىسىپىت چاقىدا ئۇلۇغ بىر ئىستەك.
مەھەللەڭ يىراقتىن كۆرۈنسە غۇۋا،
يۈرەكنى سۇ قىلار مەندىكى تىترەك...
3
تېلىفۇن قولۇمنى كۆيدۈردى پىژ - پىژ،
بۇ يوقلۇق ۋەھىمىسى باشلايدۇ قىيان.
يوللارنىڭ چېتىدە بولماقتا بەربات،
ۋۇجۇدلار شېخىدا كۆكلىگەن ئارمان.
بەك ئۇزاق قارىدىم سوغۇق يوللارغا،
ئاسماننىڭ بۈرجىكى قىزاردى ئاستا.
بۇ ئاچچىق رېئاللىق بىردەم بولسىمۇ،
ئۇنتۇلار مەڭزىمنى كۆيدۈرگەن ياشتا.
تاماكا چوغىدا تۈتۈنلەر ئازاب،
مەندىكى جاراھەت چاقنىدى ئايدەك.
مەجبۇرىي قايتتىممەن غېرىبلىقىمغا،
ۋېلىسىپىت سىلكىنەر قوڭۇر چېچىڭدەك...
4
ئىشىكنىڭ ئېچىگە سىغدالدى جىمجىت،
غېرىبلىق، سېغىنىش، مۈمكىنسىز ئارمان.
دېرىزە تەكچىسىدە مۇڭلانغان گۈلنىڭ
بەرگىدە پارلايدۇ لېۋىمدىكى قان.
كارىۋات كۆيمەكتە، تاملار تېپتېنىچ،
تاماكا ئىسىغا تولدى ئۆي ئىچى.
يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتسا تىغ بولۇپ،
بۇقۇلداپ ياش تۆكەر يامغۇر تىۋىشى.
تىترىگەن قولۇمدا قىيالماي تۇرۇپ،
يىرتىلدى كالىندار نەچچە ئون مەرتەم.
ھېلىمۇ ئايلىنار سائەت تىلىدا،
غېرىبلىق، ۋېلىسىپىت، سېنىڭ مەھەللەڭ!...
2007.7

دېڭىز قاراقچىسى
ئەڭ نازۇك تۇيغۇمدا يول ۋە چەكسىزلىك
دېڭىزغا ئايلىنىپ قالار تۇيۇقسىز.
ۋە يەنە ئايلىنىپ قالدىڭ كېمىگە
مەن سۆيگەن، سېغىنغان قەلبىمدىكى قىز!
چايقىلار ئەتراپتا كۆك رەڭ جىمجىتلىق،
چايقىلار مەندىكى قىزغىن ھىسسىيات.
قىقاسلار توختىماي شاد ئاۋاز بىلەن
كۆڭلۈمنىڭ قۇشلىرى ئۈستۈڭدە، ھەيھات!...
تۇرىسەن ئالدىمدا يىنىك تەۋرىنىپ،
يەلپۈنەر مۈرەڭگە تاشلانغان يەلكەن.
تېشىڭدىن زوقلىنىپ ئويلايمەن شۇنداق:
ئېچىڭگە زور بايلىق تولغاندۇر جەزمەن.
بۇلاي دەپ ئېچىڭگە تولغان بايلىقنى
ئەسەبىي سىياقتا تاشلاندىم ساڭا.
سەيدۇللا ئاشۇنداق ياشايدۇ مەڭگۈ
ئايلىنىپ بىر دېڭىز قاراقچسىغا!...
2007.7

ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن
ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن...
ئېچىمدىكى گەپلەرنى يۈزتۇرانە دىيەلمىگەچ
ئەي مېنى قايغۇ باياۋانىدا تەنھا قويغۇچى!...
شاراب يوق قولۇمدىكى يىرىملاشقان قەدەھتە
مەن ئۇنىڭدىكى سېنىڭ كۆزلىرىڭگە قاراپ كەيپ بولىمەن.
بۇ ئۇزۇن كېچىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام ئاينىڭ ساڭا ئوخشاپ قالغىنىنى قانداق قىلاي؟!
تۈن پايانىغا سوزۇلغان قولۇم ساڭا يەتمەيدۇ
پەقەت جىمجىت پىچىرلايمەن ئېچىمدىكى قايغۇ چەكسىزلكىدە.
بىر تامچە ياش ئەمەس قولياغلىقتا ئولتۇرغان
ئېچىمدىكى ئازاب دەرياسى تاشقىنلىماقتا تاملاردىن سويۇلۇپ چۈشىۋاتقان جىملىقتا
كېچىدىكى شام يورۇقىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئازابلىنىش نەقەدەر قىيىن
شۇنداقتىمۇ ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن ئەسلەش زۇلمىتىدە پارە-پارە بوپ...
سالام ساڭا بوينۇمدىكى سۆيگۈ ئارغامچىسى!...
سالام ساڭا ئەي قوڭۇر چاچ
تېخىچە سەندىكى قاراڭغۇ ئورماندا يۈردۈم ئېزىقىپ.
سالام ساڭا!...تېنىمدىن تۆشۈك ئېچىۋاتقان بىر جۈپ كۆز
تېخىچە چىقىلغان قەدەھلەردە يۈرىمەن كەيپ.
سالام ساڭا!...جان ئالغۇچى زىبا تەن
تېخىچە سەندىكى زىنداندىن چىقالمىدىم يىنىپ..
سالام ساڭا ئەي مېنى ئازاب قورغانلىرىغا مەھكۇم قىلغۇچى!
سالام سېنىڭ قىيناشلىرىڭغا!...
مەن ساڭا خەت يىزىۋاتقان بۇ پەيت
بەلكىم ئۇخلاپ قالغانسەن دېرىزە يوچۇقىدىن سوزۇلۇپ كىرىۋاتقان ئاي شولىسىدەك.
بەلكىم ئويلاۋاتقانسەن...
بايا تېلىفۇن قىلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان كىم بولغىيتى دەپ.
ھىلىغىچە سەزمەيۋاتىسەن
تېنىڭدىكى قايغۇ ئۆمۈچۈكلىرىنىڭ يۈرىكىمگە تور تارتىۋاتقىنىنى..
سەزمەيۋاتقانسەن ئۆزۈڭنىڭ
پۇچىلىنىۋاتقان قەلبىمدە چەكسىز تەلپۈنۈش ئېچىدە ئەسلىنىۋاتقىنىڭنى...
يوچۇن ئەمما خۇشپۇراق گۈللەر.
قىزغىن ئەمما جىمجىت تېلىفۇن.
يىرىم كېچىدە ناخشا ئىيتقۇچى.
يىقىملىق ئەمما ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىيۇن.
دېرىزەڭنىڭ ئالدىدىكى كەيپ كۆلەڭگە.
سەن تېخىچە بىلىپ بولالمىدىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى يوشۇرۇن!...
بۈگۈن ساڭا ھەممىنى دەيمەن مۇشۇ خېتىمدە
مەيلى ئېچىمدىكى قايغۇ دېڭىزى تىشىپ كەتسۇن
مەيلى سەن ئازابلىرىمنى ئۇلغايت تېخىمۇ
كىم بىلىدۇ ئۆلۈپ كىتەمدىم؟!
بۈگۈن كەچ ساڭا ئېچىمدىكى ھەممە گەپلەرنى دىۋالمىسام
قەلبىمنى ئاشكارلىشىم كىرەك
مېنى تىتما-تالان قىلماقتا چىداشنىڭ ئاخىرقى چەكلىرى!...
ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن،
بەلكىم بۇرۇنقىدەك يىزىپ بولۇپلا يىرتىۋىتىمەن!...
2007.7

كۈتۈش

سېنى ساقلاۋاتىمەن...
بىكەتتىكى تەشنالىق ئەتىرگۈللىرى شادىيانە.
لىكىن يوقلۇق ۋەھىمىسى يەنىلا مەۋجۇد
يولدا...ھەر بىر ماشىنىدا
سەن پەيدا بولۇش مۈمكىنچىلىكى بار يەرلەردە...
يولغا ئايلىنىۋاتقان تەقەززالىقنىڭ ئەۋجىدە يالغۇزمەن
قاقشال تېنىمدىكى نەمخۇش ئىستەكلەر تاشقىنلىماقتا
ئېچىمدىكى ئەتىرگۈللەرنىڭ بەرگىدە قان
كۈتۈش زۇلمىتىدىكى مېنىڭ قاراڭغۇلىقىمغا كەلمەمسەن!...
تاقەتلەر ئېچىدىكى ئارزۇيۇم چىچەك ئاچسۇن
ئەي!...مېنىڭ قەلبىمدە جىمجىت كۈتۈلگۈچى

بىر ئوتنىڭ ئېچىدە مەن
يول،يول ئەمەس توساتتىن.
سائەت ئىستىرىلكىسدا قات-قات يانجىلىمەن
ئېچىمدىكى قاراڭغۇ ئەتىرگۈللەر ئېچىلار قىزغىن
ئەگەر كەلمىسەڭ!...
يوللاردا ئېقىۋاتقان شامالدا ئازاب بار
ئۇنىڭ پايانىدا سېنى ساقلاۋاتىمەن
كەلمەمسەن
ماشىنا چاقلىرىدىن سويۇلۇپ چۈشىۋاتقان مېنىڭ تەقەززالىقىم!...
2007.5

تېلىفۇن ئۇرۇش

تىترىمەكتە تۇرۇپكىنى تۇتقان قوللىرىم
دۇت...دۇت...دۇت...
تېلىفۇننى ئال!
ساڭا ھىچنەرسە دىمەيمەن
پەقەت ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم بار جىمجىت تۇرۇپ.
يۈرىكىم چىقىپ كىتەي دىدى كۆكرەك قەپىسىمدىن
چىشلەنگەن لەۋلىرىمدىن ساقىماقتا قايغۇ چىچەكلىرى
يوشۇرۇن سۆيۈشنىڭ زۇلمەتلىرىدە سېنى چاقىرىۋاتىمەن ئەي خۇش ئاۋاز ئازابلىغۇچى
دۇت...دۇت...دۇت...
تېلىفۇن توساتتىن ئايلاندى ساڭا
مېنى تەشمەكتە ئاۋازىڭدىكى كۆرۈنمەس سۆيگۈ ئوقلىرى
لەۋلىرىڭنى تۇرۇپكىغا يىقىن ئەكەلدىڭمۇ؟!
يۇمۇلغان كۆزلىرىمنىڭ ئېچىدە سېنى سۆيىۋاتىمەن
بەلكىم لەۋلىرىڭ كۆيىۋاتقاندۇ تېنىقىمدا پىژىلداپ
مەن جىمجىت...
يۈرىكمنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلاۋاتقانسەن تەمتىرەپ تۇرۇپ
ساڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم ئېچىمدە پىچىرلاپ...
تېلىفۇننى قويماي تۇرساڭ بولاتتى
دۇت..دۇت..دۇت..
تېلىفۇن تۇرۇپكىسى مېنى ئازابلىماقتا
كېچە بەك ئۇزۇن قوڭۇر چېچىڭدەك!...
2007.5

ساڭا دېمىدىم
تۇيۇقسىز
ساڭا كۆزۈم چۈشمىسە بولاتتى.
سېنىڭ ئاشۇ قوڭۇر كۆزلىرىڭ
چىدىغۇسىز دەرىجىدە ماڭا قاراشلىرىڭ
يۈرىكىمنى سۇ قىلىپ ،
ئازاب چوڭقۇرلىقىغا تاشلايتتى مېنى.
يوشۇرۇن.
جىمجىت،ياق،جىمجىت ئەمەس
قەلبىمدە چىچەكلەۋاتقان سۆيگۈ گۈلىسەن.
ئۇزۇن كېچىلەردىكى ئاي شولىسى
دېرىزە يوچۇقىدىن كىرگەندە تال-تال چاچلىرىڭ
ھەسرەت ئېچىدە سېنى ئېچىلدۇرىمەن.
يوشۇرۇن سۆيۈشنىڭ زۇلمەتلىرىدە
سېنى تېخىمۇ ئەسلەيمەن چەكسىز قايغۇرۇپ.
يۇلۇنغان چاچلىرىمنىڭ ئارىسىدىكى بارماقلىرىم بىلەن
ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەن ئازاب ئېچىدە.
تەلپۈنۈش ئىستىكىدە كۆيگەن قولۇمنى
ئۇزىتىمەن ئېچىلغان گۈلگە
سېنىڭ كۆزۈڭدە ،مېنىڭ قەلبىمدە.
قايغۇ يامغۇرلىرى يېغىۋاتقان بۇ كەچ
دەرەخ ئاستىدا تۇرۇپ سېنى ئەسلىگەچ
ياش تۆكىمەن يوپۇرماقلاردەك.
بىلمەيسەن
مەڭزىمنى كۆيدۈرگەن بىر تامچە ياشنىڭ
سېنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگىنىنى.
چىداشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇلىقىدا
قولۇمدىكى قەدەھ ئېچىدىن
چىقىۋاتقان چاغدا سېنىڭ كۆزلىرىڭ
قەدەھ بىلەن قەلبىمنىڭ تەڭلا
بىلمەيسەن تۇيۇقسىز چېقىلغىنىنى.
ساڭا دېدىم ياكى دېمىدىم
نۇرغۇن گەپلىرىمنى بۇ شئېرىمدا!...
2007.4

بىر ئايال يامغۇردەك ئۆتتى تاراسلاپ...
كەچ كىردى... تاماكا تۈگىدى كۆيۈپ
يالغۇزلۇق گۈللىرى ئېچىلدى مەستخۇش.
دېرىزە سىرتىدا نەمدەلدى تالا
پۇرىدىم... بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى نەمخۇش.
كۆيىدۇ مۇزىكا، تاملار بەك مۇڭلۇق
تىترەيدۇ، ھاياجان جىملىق ئەۋجىدە.
كارىۋاتتا چېچىمنى قاماللاپ تۇرۇپ،
تاشلاندىم تېلېفۇندەك يوقلۇق قەھرىگە...
تەشنالىق ئۇزۇندۇر كېچىگە ئوخشاش،
دېرىزە ئۈمىدتەك تۇرىدۇ پارلاپ.
بىلمەيمەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن
بىر ئايال يامغۇردەك ئۆتتى تاراسلاپ...
2007.4

بۈدرە چاچلىق قىز

كۆزلىرىم بىھۇشتۇر ساڭا قارىسام،
يەلكەڭدە چايقىلىپ تۇرار بىر دېڭىز!
بوراندا قىپ قالغان تەنھا قېيىقتەك،
سەكپارە بولىمەن سەندە تۇيۇقسىز.
مىڭ يىلان قەلبىمگە كىرىدۇ سويلاپ،
چېچىڭنىڭ ئۇچىدىن تۈۋىگىچە تا.
تېنىڭنى قۇچاقلاش ئۆلۈمدۇر ئۆلۈم،
بوينۇمغا تاشلانغان چېچىڭ ئارغامچا.
كۆڭلۈمنى قاماللاپ تۇرساڭ ئالدىمدا،
مەن ساڭا قانداقمۇ ئاچالاي ئېغىز.
تېنىمنى چىرمىغان يۆگىمەچ گۈلسەن،
چېچىڭغا ئاشىقمەن بۈدرە چاچلىق قىز.
2006.10

دەرەخكە يامىشىش

يامىشىۋاتىمەن دەرەخلەرگە جىم
يارىمنىڭ ئۆگزىسى كۆرۈندى غىل -پال .
يارىمنىڭ يېنىغا يېتىپ بارىمەن
دەرەخلەر ھەممىسى بولغۇچە قاقشال .

يامىشىۋاتىمەن دەرەخلەرگە جىم
كۆزۈمگە تېقىلار قاراڭغۇ كېچە .
قۇياشنىڭ يېنىغا يېتىپ بارىمەن .
ماڭىمەن ، ماڭىمەن تاڭ سۈزۈلگۈچە .

يامىشىۋاتىمەن دەرەخلەرگە جىم
تىترەيدۇ تەنلىرىم يوپۇرماق كەبى .
قۇشلارنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىمەن ،
ئۇلاردەك ياشىغۇم كەلدى ئەسەبىي .
2006.7
كۆك كۆزلۈك قىزچاق

رۇخسەتسىزلا كەلدىم يىنىڭغا،
قۇش پېيىدەك چىقارماي تىۋىش.
دىڭىز رەڭلىك بىر جۈپ كۆزۈڭگە،
چۆكۈپ كەتتىم تاشتەك تىپتىنىچ.
چاقىرارمەن سېنى نېمە دەپ،
قوللىرىڭنى تۇتىمەن قانداق.
مەن دىڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان،
ئاھ، ئىتتىكرەك ئاچقىنا قۇچاق.
دىڭىز كۆزلۈك باھاردەك قىزچاق،
سېڭىز بىلەن كۆزلىرىڭ تۇتاش.
كەچ كىرمەكتە دىڭىز تەرەپتە،
يۈرىكىمگە پاتماقتا قۇياش...
دىڭىز كۆزلۈك ساھىبجامال قىز
گەپلىرىم بار ئېدى بىر تالاي .
كېتىپ قالدىڭ دىڭىز تەرەپكە،
بولۇپ قالدىم بىلىقچى بوۋاي...
2006.5

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-19 19:20:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈز،كۆك كۆزلۈك قىزچاق قاتارلىق شېئرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.

ۋاقتى: 2012-4-19 22:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخكە يامىشىشنى ياقتۇردۇم، ئوقۇسام ئوقۇسام ئوقۇغۇم كەپلا تۇرىدۇ بۇ شېئىرنى .

ۋاقتى: 2012-4-20 11:18:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق شېئىرىڭىز بىلەن ،بۈدرە چاچلىق قىز - شېئىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ، تۇيغۇڭىزدىكى ئەركىنلىك قۇشتەك پەرۋاز قىلشقا باشلاپتۇ...

ۋاقتى: 2012-4-21 12:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىنەم سەيدۇللا فىردەۋىسنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-21 14:38:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس ئارقىلق ساقلىۋالاي

ۋاقتى: 2012-4-28 16:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزلىرىڭلادىن داۋاملىق ئۈنچىلەر تۆكۈلگەي! يوللىرىمىز بىر شەھەردە ئىكەن. دوقۇرۇشۇپ قالارمىز. شۇ چاغدا چىن سالىمىمنى بېرىۋالاي.

ۋاقتى: 2012-4-28 17:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيدۇللا پىردەۋىسنىڭ ئەزىز تىنىگە ساقلىق ۋە ئىجادىيەتلىرگە مول ھۇسۇل تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-4-28 17:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ،
ئالدى بىلەن ساڭا سالام بېرىۋالاي. سەن جاپانى بولۇشىغا چېكىۋاتقان بولساڭمۇ، شۇ جاپانىڭ راھىتىڭ ئىكەنلىكىنى تۇيالىغانلىقىڭ ئۈچۈنلا، بۇ توربەتكە ھەم باشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان باشقا ئىشلارغا كۈچەۋاتىسەن. ئىشلىگىن، ھېچ بولمىغاندا، قېرىلىقنىڭ قۇدرىتى ئاۋارە قىلغاندا، قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ كۆپلىكىدىن خۇرسەن بولاسەن!؟
سەيدۇللا،
قۇلۇڭنى تۇيغۇمدا چىڭ سىقتىم. مېڭىش كېرەك، دەپ تاللىغان بۇ قاراڭغۇ يولۇڭ ماڭغانچە زۇلمەتنىڭ تۇملىقىغا دۇچار قىلىدۇ. ئېھتىمال، سەن ئىزدەۋاتقان شۇ يورۇقلۇق زۇلمەتنىڭ تۇملىقى بولسا كېرەك. ھاياتنى يورۇقلۇقنىڭ چەكسىزلىكىدە تەسەۋۇر قىلىۋاتقان تالايلار يورۇقپەرۋەر بولدى-يۇ، يىتتى. يورۇقپەرۋەرلەر نەگە يىتتى؟ يەنىلا قاراڭغۇلۇققا يىتتى...! ئۇنداقتا سەنچۇ؟ سەن يورۇقلۇققىمۇ يىتمەيسەن، قاراڭغۇلۇققىمۇ يىتمەيسەن. سەن يىتىدىغان مەنزىل دەل سۆزنىڭ يا باشلانمايدىغان، يا ئاخىرلاشمايدىغان ئاۋاز دولقۇنىغا!...سېنىڭ تاۋۇتۇڭنى مۇشۇ تەرىزدە يۈزلىنىش ھاسىل قىلالىساڭ، سۆز كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. سۆز نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟ دەل ئۆزىدىكى ئاۋازغا...!
بىر ئۇستاز ماڭا:« ئەڭ مىللەتپەرۋەر شائىر ئانا تىلىغا تەپەككۇر ئاتا قىلىدۇ. » دېگەن ئىدى. مەن ساڭا بۇ سۆزنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارىدىم.
ئامان بول!

ۋاقتى: 2012-5-11 15:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش روھى بويىچە ئىلگىرلىگەنلىك ياخشى بوپتۇ.سىناق تەرىقىسىدە شۇنداق يۇلقۇنۇش بىر جاسارەتتۇر.يىللار  بۇ ئاپتورىمىزغا پىششىپ يېتىلىش ئاتا قىلىدۇ.....

ۋاقتى: 2013-3-24 17:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ ئۇردۇم بىر قىزنى ياد ئېتىپ
ئاتۇشتىن ئۆتۈۋىتىپ

بۇ مىسرا تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ!!    قايىل ! ئاپىرىن!!!

ۋاقتى: 2013-3-24 18:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتونۇش دوستۇم سەيدۇللانىڭ ئىجادىيتىگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-5-29 13:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرلارنىڭ كۆپ قىسىمى ماڭا ياقتى .قەلەم تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي ! ئاپىرىن .  ياش قەلەم كۇچلىرى چىقىۋاتىدۇ .

ۋاقتى: 2015-4-7 12:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم سەيدۇللا فىردەۋىسنىڭ ئىجادىيتى  بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2015-12-12 10:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش