يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 0

ئەنۋەرھىدايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2010113618032.jpg

ئەنۋەرھىدايەت1969-يىلى قاراقاش ناھىيىسنىڭ قوچى يېزا يىڭى گۈل كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز مەھەللىسىدە تاماملىغاندىن كىيىن 1981-يىلدىن 1987-يىلى7-ئايغىچە تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق سىنىپلىرىدا ئۇقۇغان. 1987-يىلى9-ئايدىن 1992-يىلى7-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ مالىيە پاكولىتىتىدا ئۇقۇغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.
     ئۇنىڭ تۇنجى شىېئىرى «غايىنى دوست تۇتۇپ»1988-يىلى12-ئايدا «خۇتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچىلىك 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «تارىم»، «يىڭى قاشتېشى»،«تەڭرىتاغ»، «قەشقەر»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «كىروران»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «خۇتەن گېزىتى»....قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
     ئۇنىڭ «تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم»ناملىق شېئىرى2001-يىلى8-ئايدا 11- نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. «باھار چۈشەپ ياتار بىر يىگىت»ناملىق بىر گۇرپا شېئىرى2002-يىلى خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە «يىڭى قاشتېشى»ژورنىلى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى«نىلۇپەر ناخشىسى»ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان.
     ئەنۋەر ھىدايەت ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ، خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش