كۆرۈش: 1377|ئىنكاس: 10

بالىلارنىڭ دوستى _ تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەت (15)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


6467641820120101092707084.gif

[ئاپتورنىڭ بايانى] دادامنىڭ ئۆيىمىز ئۈستىدىكى لىم ياغاچقا يېزىپ قويغىنىدىن بىلگىنىم، مەن 1990- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى قاراقاش ناھىيە قاراساي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغانكەنمەن. تۇغۇلغان مەھەللەم تەكلىماكان بىلەن تۇتاش. ئۆيىمىز كەينىدىكى چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارغا يالاڭ ئاياغ دەسسەپ ئويناپ چوڭ بولدۇم. ئۇيەردىكى توغراقلارغا سۆزلەيتتىم. سالما، پاتمىچۇقلارغا خەت يېزىشنى ئۆگىتەتتىم. كېچىلەردە ئاي، يۇلتۇزنىڭ توغراق شېخىغا چۈشۈشىنى كۈتەتتىم. ئۇلار چۈشكەندە چۆچەك سۆزلەپ بېرەتتىم. مەھەللىدىكى قەدىمى كۆلگە چۆمۈلەتتىم.  2003- يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىنىڭ 12- سانىدا ئېلان قىلىنغان «خاسىيەتلىك قار» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان بولدۇم. قولۇمغا قەلەم ئالغاندا كىچىك بالا ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ غۇبارسىز بالىلىقىغا قانمىغان مەن ئاداشلىرىم بىلەن ئويۇن ئوينايمەن. بىر كۈنى مەن ئانامغا: «ئانا، كېچىدىن ياغقان يامغۇر چېلەككە چۈشۈپ، توشۇپتۇ. قارا، مەن ئۆزۈمنى كۆردۈم، يامغۇر دېگەن ئەينەككەن» دېگەنىدىم. بىچارە ئانام بىر سەبىي ئوغلىغا، بىر چېلەكتىكى يامغۇرغا قاراپ مەڭدەپ قالغانىدى ۋە «توۋا خۇدايىم!» دەپ قوشۇپ قويغانىدى. مەن بارا- بارا ئوينىغان ئويۇنلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا 70 پارچىگە يېقىن بالىلار ھېكايە، شېئىرلىرىم ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. بىر كۈنى خاتىرەمگە: « مەن بىر كەپسىز بالا. مەڭگۈ بالىلارنىڭ، بالىلىقنىڭ كەتمىنىنى چاپقۇم بار» دەپ يېزىپ قويغانىدىم.
دوستلىرىم چوڭ بولۇشقا ئىنتىلسىمۇ، مەن يەنىلا بالا بولۇشنى ئىزدەيمەن. دالىلاردا ئويۇن ئويناشنى، زېمىستاندا قار كېچىشنى ئستەيمەن. بالىلىق نېمىدىگەن پاك، بىغۇبار ھە!

چۈش يەيدىغان قوزا
(بالىلار شېئىرلىرى)

توشقان بىلەن سۆزلىشىش

- ئاپئاق توشقانچاق
كەلگىن قېشىمغا
بولايلى ئاداش.
- قانداق ئاداش؟
- ئامراق ئاداش.
- بارايلى بىللە
يۇلتۇز شەھرىگە.
- ئۇ شەھەر يىراق.
- سىزايلى رەسىم'
سۇلارنى تاغنى
قۇشلارنى، باغنى
سەھرانى، تاينى.
- ئۇلار بەك ئوماق.
- دېڭىز باركەن
سۇلىرى يوقكەن.
شەھىرى باركەن
ئادىمى يوقكەن.
ئېيتاي تېپىشماق.
- تاپاي تېپىشماق.
- ياپراق مەڭزىدە
سىرغىيدۇ شەبنەم.
- ئۇ دېگەن تۇماق.
- قار ياغقان چاغدا
- تۇقۇيلى قوشاق.
- كەپسىز بالىدەك
ئوينايلى ئويۇن
مەن ساڭا ئامراق.
- كەچۈرگىن دوستۇم
ياق، ياق، ياق...

تەكلىماكان- شەھەر
تەكلىماكان بىر شەھەر،
قۇمدىن پۈتكەن بىنالار.
بىنالارنىڭ ئىچىدە
ئوينار نۇرغۇن بالىلار.
يانتاق گۈلى گۈل بولدى،
گۈلگە ئامراق ھەرىلەر.
ئۇچۇپ كەلدى كېپىنەك،
ھەرە ئەمدى نېمىدەر؟
ھەي، قاراڭلار، قاراڭلار،
سالما قاچتى پەر، پەر، پەر.
نېمانچە جىق ئىزلار بۇ،
جەرەن بېرىپ ئىزنى تەر!
تەكلىماكان بىر شەھەر،
ئاي- شەھەرنىڭ چىرىغى.
پاقا ئىكەن ماشىنا،
ياڭراپ تۇرار گۈدۈكى.
بوران ئەسكى ھۇۋلىسا،
تۇتار توغراق ساقچىسى.
شامال بەكمۇ مۇلايىم،
بۇ شەھەرنىڭ ئىشچىسى.
تەكلىماكان بىر شەھەر،
زەپ چىرايلىق چۈش كۆرەر.
نۇر بوۋاينىڭ يىپىنى،
ئېگىرىدۇ ھەر سەھەر.

ئاغرىنمامدۇ قوي ئۇقسا
سالدۇق ئەجەپ قازانغا،
بېدە دېگەن ئوت تۇرسا.
يەۋالساق بىز ئوتلارنى،
ئاغرىنمامدۇ قوي ئۇقسا؟

قار بوۋاي
قار بوۋاي، قار بوۋاي
قار ئېيىدا مەن ئويناي.
نۇردەك سۈزۈك قولۇڭدا
يۈگرەۋاتقان كىچىك تاي.
قار بوۋاي، قار بوۋاي
دالا دېگەن كەڭ ساراي.
ساقىلىڭدۇر ئوزۇنچاق،
بۇرۇتۇڭدا ھىلال ئاي.
قار بوۋاي، قار بوۋاي
سېنىڭ بىلەن مۇڭدىشاي.
بىللە ئاتقا مىنەيلى،
ئىچىشەيلى بىر چىن چاي.
قار بوۋاي، قار بوۋاي
كەلدى باھار كۆڭ چىراي.
ئۈچ پەسىلدە ئويۇن يوق،
بىر پەسىلدە مەن ئويناي.

قاراۋۇل كۈچۈك
كاپ- كاپ كۈچۈك،
سۆزلىرى چۈچۈك.
ماڭىدۇ ياياق،
كېيگەچكە ئۆتۈك.
بولدى ئۇنىڭغا،
بېغىمىز بۆشۈك.
تۇتار ئوغرىنى
ئىزدىمەي تۆشۈك.
نام بەردىم ئاڭ،
قاراۋۇل كۈچۈك.

جەڭگە بارغان قونچاق
قونچىقىم بار چىرايلىق،
ئالتۇن ساۋۇت كىيىكلىك.
دوبۇلغىسى چىداملىق،
ئىككى پۇتى ئۆتۈكلۈك.
قولىدا بار قېلىچى،
بار پارقىراق، پارقىراق.
چاپالايدۇ تاق، تاق، تاق،
ئاستىدا يوق ئارغىماق.
ماڭا چۆچەك ھېكايە،
سۆزلەپ بەرمەس ئۇ بىراق.
ناننى بەرسەم داپ قىلدى،
دوستلىرىغا گەپ قىلدى.
مەن بىلەن تەڭ چۈشۈمدە،
دىۋە بىلەن جەڭ قىلدى.

ئويۇن خۇمار بالا
ئىككى كۆزۈم ئوينايدۇ
مۆكىمۆكىلەڭ.
تاپالمايدۇ ئوڭ سولنى،
مۆكۈش بىلەن تەڭ.
ئوينايدۇ لىڭگىل- تاق
ئىككى قولۇم.
تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ،
قاپاق سول قولۇم.
پۇتۇم ئىكەن ئىلەڭگۈچ،
تۇرىدۇ ئۇچۇپ.
توپ ئويۇنى ئوينايدۇ
ئۇچۇشتىن چۈشۈپ.
قۇلاقلىرىم سۆزلەرگە
بولغان ۋارىتا.
كەپسىز بالا بولغۇم بار
توپنى تەپ قايتا.
«ساقچى- دۈشمەن» ئوينايدۇ
مېڭەم چاتاقچى.
ھورۇن بولسام تۇتىدۇ،
ساقچى، ساقچى!!!
«سامباسىنى» ئېيتىشىپ
يۆگۈرەر بۇرنۇم.
ئونبىر يېزىپ بىردەمدە،
يىغلايدۇ يۇم- يۇم.
ئېغىزىمدا مەشرەپ بار،
ئوينايمەن مەشرەپ.
ئويۇن خۇمار بالىمەن،
سەكرەيمەن سەكرەپ.

توشقانچاق
دىك- دىك توشقانچاق،
قۇيرۇقى
لىك- لىك توشقانچاق.
يېشىڭ بەكمۇ يوغانمۇ؟
بارغۇ بۇرۇت توشقانچاق.
ئىسسىق جۇۋاڭ بولغاچقا،
سوغۇقتىن ھېچ قورقمايسەن.
يۆلەنچۈكۈڭ يوق لېكىن،
ئاچ- يالىڭاچ قالمايسەن.
ئوۋچى كەلدى يىراقتىن
دىك- دىك قاچقىن توشقانچاق.
تۈلكە، مۈشۈك، ئۆردەكلەر،
دېسىمۇ گەر قورقۇنچاق.

ھۇرۇن
مىياڭ، مىياڭ مىياڭلاپ،
ناخشا ئېيتار مۈشۈكۈم.
چاشقان كەلسە ئالدىغا،
دەيدۇ: نەدە بۆشۈكۈم؟
توشقان سىزغان رەسىم
ياز بوۋاي كىرىپ كەلدى،
شامالغا مىنىپ كەلدى.
مەپە بوپتۇ دالىلار،
توشقانجان چىقىپ كەلدى.
باردى يىراق ئورمانغا،
ئورماندىن يېنىپ كەلدى.
دەپتەر قىلىپ يەرلەرنى،
جىق رەسىم سىزىپ كەلدى.
كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە،
ئوۋچىلار كۆچۈپ كەلدى.
ياراشماسكەن رەسساملىق،
توشقانلار چۆچۈپ كەلدى.

قوي باقايلى
ھوي بالىلار ھوي،
قوي باقايلى قوي.
جاڭگال-
     ئېچىل داستىخان،
قويلار چاپسان توي.
بال ھەرىسى غۇڭۇلداپ،
يانتاق گۈلنى سۆي.
شامال بالا پىرقىراپ،
ئوينا توي.
كۆك قوچقىراق ئات بولسۇن،
ئۆسۈپ قالدى بوي.
ئوينىساقمۇ ئويلايلى،
كاللىمىزدا ئوي.
سەمرىپ كەتكەن قويلارنى
ھېيت- ئايەمدە سوي.
ئولاش- چولاش گۆش يەيلى،
ئاداش گۆشكە توي.

شىر
شىر، شىر
شىر قۇلىقىدا كىر.
شىر، شىر،
يۇيۇۋېتەيلى بىر.
بىللە ئوينايلى
شىر ئوينىغان ئورماندا.
ئېتىم بولغىن دەپ باقايلى!
ئۇچرىسا ئالدىمىزغا.

شامال
- ئورمان دېگەن كىتابنى،
شامال بالا ئۇقامدۇ؟
- ئوقۇيدۇ.
- شىر، شىر، شىر، ۋاراقلاپ،
يېپىپ قويۇپ قاچامدۇ؟
- قاچىدۇ.
- دېھقان بوۋاي خاماندا،
شامال ئىزدەپ يۈرەمدۇ؟
- يۈرىدۇ.
كەپسىز شامال ئورماندا،
بېلىق بولۇپ ئۈزەمدۇ؟
- ئۈزىدۇ.

زىراپە
زىراپە، ھەي، زىراپە،
دۈمبىسىدە بار تەڭگە.
بويى ئېگىز دەرەختىن،
سۇغا قانداق چۈمۈلەر؟
قۇم دەپتەرگە سىزىمىز،
پۇش- پۇش قىلىپ كۈمۈلەر!

قار ئۇچقۇنى
- قار ئۇچقۇنى-ئاق شېكەر،
قاچىلاپ بىر قۇتىغا،
چايغا دەملەپ ئىچەيلى.
- ئاپئاق تۇزكەن، قاراڭلار،
ئانا، تاماق ئېتەيلى.
- ئۇنداق ئەمەس ھەي ئۇكام،
قار ئۇچقۇنى ئاپئاق سۈت،
قۇتىمىزغا يىغايلى.
- نېمە دېسەڭ شۇ، بالام،
كەلگىن قىلىپ باقايلى.

ئۈژمە پىشتى
ئۈژمە پىشتى،
يەرگە چۈشتى.
ئويۇن قېپى،
ناخشا ئېيتتى:
- ئۈژمە پىش،
ئېغىزىمغا چۈش!
چۈشۈپتۇ تاش،
يىغلاپتۇ باش.

چۈش يەيدىغان قوزا
توغراق
تۈۋىدە بار يوپۇرماق.
يوپۇرماق
چۈش كۆرىدۇ بەك ئوماق.
قۇربان قۇرت
كالتە يۆتەل، بىلى دوڭغاق،
باققىنى قوزا، ئوغلاق،
يەۋەتتى كۆپ يوپۇرماق،
يۇپۇرماقنىڭ چۈشى،
كىرىپ كەتتى قوزا ئىچىگە.
قوزا چاپار
تاق، تاقىلاق.

يۇلتۇز مارجان ئاسايچۇ
چۈش يۇرتىغا بارايچۇ،
بېرىپ سالام بىرەيچۇ.
قويلىرىمنى ئوتلاتقاچ،
يانتاق گۈلى تېرەيچۇ.
قوينى سېتىپ، ئات ئالاي،
ئاتقا مىنىپ باقايچۇ.
تاغقا بېرىپ ئۆڭكۈردىن
چىن تۆمۈرنى تاپايچۇ.
ئاتنى قايناق بازاردا،
مىڭ تەڭگىگە ساتايچۇ.
ئارىلاپ بۇ بازاردىن،
ئايرۇپىلان ئالايچۇ.
مېنىپ ئۇچقۇر ئېتىمغا
ئاي ئوردىغا قۇنايچۇ.
ئاي ئوردىدا ئورمانلىق
ھەم قۇشلارنى سىزايچۇ.
قايتقان چاغدا بوغچامغا
يۇلتۇز ئۈزۈپ ئالايچۇ.
ئۆتكۈزۈپ بىر يىپقا مەن،
مارجان قىلىپ ئاسايچۇ.

يالغۇز توغراق تۈۋىدە
يالغۇز توغراق تۈۋىدە،
ئۇخلاۋاتقان ساراي بار.
نۇر ساقال، نۇر جۇۋىلىق
تەكلىماكان بوۋاي بار.
تۇتۇپ قويار بوۋاينىڭ
پۇت- قولىنى شامالباي.
يوقلاپ كېلەر ھەر كۈنى
كۈن كەپىدىن نۇرلۇق تاي.
ئاي ئوردىدىن چۆچەككە،
ئامراق بوپتۇ يۇلتۇز، ئاي.
ئاڭلىۋېلىپ بىر چۆچەك،
ناخشا ئېيتتى: لاي، لاي، لاي!
يالغۇز توغراق تۈۋىدە،
پاشا، كۇمۇت نەي چالار.
قۇشلار چۈشۈپ توغراقتىن،
نەينى ئالماقچى بولار.
دىكى- دىككاڭ بۆجەنلەر
بىر پەس ئۇخلاپ دەم ئالار.
گۇم، گۇم بولدى ئاسماندا،
قاچتى پەر، پەر،
كىم قالار؟
چۈشتى شۇئان ئاسماندىن
سىم- سىم يامغۇر بالىلار.
يۇيدى توغراق،
بوۋاينى
قىلغان ئىشى چالىلار.
يالغۇز توغراق تۈۋىدە،
بىر بالا بار، ياش تۆكەر.
دەيدۇ: توغراق تەكتىدە،
نۇرغۇن باتۇر بوۋام بار.
ئەسلەپ ئوغۇز بوۋىسىنى،
توغىراقنى قۇچاقلار.
قوي ھەيدىگەن تايىقىدا،
بۇۋىسىغا خەت يازار.
يالغۇز توغراق تۈۋىدە،
زەپمۇ قىزىق ئويۇنلار.
شۇ بالىنىڭ خېتىنى
يەتكۈزۈپتۇ قويۇنلار.

سازاڭ بولغۇم بار
- يەر ئاستىدا دەريا بار،
يەنە نۇرغۇن بېلىقلار،
سۇغا رەسىم سىزىدۇ،
چىقىرىپ كۆپ قىلىقلار.
- سازاڭ بالا بولغۇم بار،
ئاشۇ جايغا بارغۇم بار.
بېلىقلارنىڭ ئۆيىنى،
دەپتىرىمگە سىزغۇم بار.
- يۈرە ئاداش! سازاڭغا،
ئويىمىزنى ئېيتايلى.
يەر ئاستىغا بارغاندا،
سۇدا ئۈزۈپ ئوينايلى.
- ئۇچراپ قالسا مەلىكە،
بىز شاھزادە بولايلى.
ئايلىنىپ سۇ ئوردىنى،
خۇشاللىققا تۇلايلى.
- يامغۇر ياغدى، ئىش چاتاق،
- ئۆيگە تېزرەك يانايلى.
- ئويىمىزنى سازاڭغا،
چۈشىمىزدە بىر دەيلى!

ئوغۇزخاننىڭ بوز ئېتى
كۆكتىن تامدۇق سىم- سىم،
يەردىن ئۈندۈق لەپ- لەپ.
ئوغۇزخاننىڭ بوز ئېتى
مىنگىن دەيدۇ ئەپلەپ.
قولۇمدىكى زەي قامچا،
چاپە ئېتىم چاپ- چاپ.
نۇر چاينىغان بوۋامنى
تاپە ئېتىم تاپ- تاپ.
قارلىق تاغقا بارايلى،
تاغلار باغرى بەك قايناق.
چاپسۇن ئاتلار تاق، تاق، تاق،
بەيگىلەرگە بىز ئامراق.
ئوغۇزخاننىڭ بوز ئېتى،
ئۇچىدىغان ئارغىماق.
ياۋغا قارشى چاپقاندا
بولار زېمىن پاتپاراق.
ئات ئۈستىدە ئات بالا،
غەلبە قىلار ھەممە ۋاق.
ئۈستىمىزدە ئات تۇرسا
چېپىۋەرگىن باتۇرچاق.
ئۆزۈم كىچىك ئوغۇزخان،
چاپە ئېتىم، چاپ- چاپ.
ئاشۇ نۇرلۇق بوۋامنى
تاپە ئېتىم، تاپ- تاپ!

يامغۇر دېگەن ئەينەكمۇ
قاغا دەيدۇ قاق، قاق، قاق،
غازلار دەيدۇ غاق، غاق، غاق.
يامغۇر ياغدى كېچىچە،
يوللار بولدى تېيىلغاق.
يەرگە باقسام يەرلەردە،
چۈش كۆرىدۇ ئۈنچە سۇ.
يامغۇر دېگەن ئەينەككەن،
مەن ئۆزۈمنى كۆردۈمغۇ.

يامانلىدى يوپۇرماق
كۈزقىز بىلەن دەرەخلەر،
شاخ ئۈستىدە ئۇرۇشتى.
يوپۇرماقلار يامانلاپ،
بىر پەس ئۇچۇپ يۈرۈشتى.
ھالسىزلىنىپ بىردەمدە،
يول ئۈستىنى كۆمۈشتى.
يوتقىنىڭغا رەھمەت دەپ،
يەر بالىلار كۈلۈشتى.

شائىر چاشقان
(<رەسسام چاشقان> غا تەقلىد)

رەسساملىقتىن قەۋەتلا،
زېرىكىپتۇ چاشقانباي.
ھەر ئىش قىلسا ئامىتى،
يىراقلارغا قاچقانباي.
ئويلاپ قالدى ئاخىرى،
«شائىر بولۇپ باقايچۇ.
شېئىر بىلەن رەقىبنىڭ،
باغرىغا ئوت ياقايچۇ.»
كىتىر- كىتىر كىتىرلاپ،
قەلەم ئالدى قولىغا:
«دەرھال قاپقان قۇرايلى،
مۈشۈكلەرنىڭ يولىغا!»
ئىككى مىسرا يازغانتى،
مۈشۈك خاقان كەپقالدى.
كۆرۈپ شائىر چاشقاننى،
بىر ئېتىلىپ يەپ سالدى.

بۆرىنىڭ قورسىقىدا
(يالغان قوشاق)

قوي مېنى بېقىۋاتاتتى
توساتتىن
بۆرە قورسىقىغا كىرىپ قالدىم.
بۆرە قورسىقىدا
تۇرار ئىدى قوزا- ئوغلاق
لوككىسى ئۆيدەك
تۆگە- بوتلاق.
ئۇلار بىلەن ئوينىدىم
مۆكىمۆكىلەڭ.
مۆكۈنمەي تۇرۇپ.
قوزام تاپماق بولدى
مېنى كۆرەلمەي.
تۆگە ئۈچۈشنى ئۆگەندى
بۇ يەرگە كۈنەلمەي.
قوزا- ئوغلىقىم بولسا،
جاڭگالدا بېقىۋالسام.
تۆگە ئوغلى بوتلاققا،
مىنىپ تاغقا بېرىۋالسام.
تاغلاردىكى ئۆڭكۈردە
بىر كېچە قۇنۇۋالسام.
سادىر دېگەن بوۋىنى
يېقىندىن تۇنۇۋالسام.

مەن ئۇكامنى يەپ باقاي
«تاتلىق بالام» دېدىڭغۇ،
ئانا ئۇكام تاتلىقمۇ؟
مەن ئۇكامنى يەپ باقاي،
تاتلىقمۇ يا ئاچچىقمۇ؟

گۈلدىن ئۆيۈم بولسىدى
گۈلدىن ئۆيۈم بولسىدى،
خۇشپۇراققا  تولسىدى.
مۇبارەكلەپ كېپىنەك،
لەپ- لەپ ئۇچۇپ كەلسىدى.
ناخشا ئېيتىپ بىر ھازا،
گۈل ھويلامغا قونسىدى.
مېھمان ئەتسەم گۈللەردىن،
كۈندە كېلىپ تۇرسىدى.
يوقلاپ كەلسە ئارقىدىن،
غۇڭ- غۇڭ ھەسەل ھەرىسى.
مېھمان ئەتسەم گۈل بىلەن،
بالقىپ كەتسە ھەسىلى.
شۇ ھەسەلنى بەك باتۇر
سادىر دېگەن بالىغا،
بەرسەم دەيمەن ھەر كۈنى.
كېلىپ قالسا ئۆيۈمدە،
ئاي- يۇلتۇزنىڭ قونغۇسى.
گۈلدىن ئورۇن راسلىسام،
تاپالمايدۇ ئېسىنى.
ئوردىسىغا بارغاندا،
ئادىشىغا دەپ بېرەر،
گۈل ئۆيۈمنىڭ چۈشىنى.
قونچىقىمغا دەپ بەرسەم،
گۈل ئۆيۈمنىڭ گېپىنى.
قۇم دەپتەرگە چىرايلىق،
يېزىپ بەرسە ھەممىنى.
ئۈنچە- مارجان تۆكۈلسە،
ئاچسام ھەر بىر بېتىنى.
ھەي شامالباي، شامالباي،
ئېلىپ قاچسا خېتىنى.
بىر تال كەمپۈت بىرەي دەپ،
ئېلىۋالسام مەن ئۇنى...

غېنى باتۇر
- غېنى باتۇر، غېنى باتۇر
باتۇر دېگەن پەم تاپۇر.
يەكچەشمە ھەم دىۋىلەر
قەيەرلەردە دەم تاتۇر؟
- ياخشىلارنى ياۋ بىلۇر،
نەرە تارتىپ ھاۋ قىلۇر.
كەڭرى ئوتلاق، جاڭگالدا
يېشىللىقنى ھاپ ئېتۇر.
بىر «دەم» تارتىپ كاپ ئېتۇر.

تۆگە- تايلاق

تۆگە- تايلاق،
جاڭگال- ئوتلاق.
مېنىڭ ئۇكام،
بەكمۇ ئوماق.
قۇلىقىغا
ئاستى مونچاق.
مىنىۋالدى،
سۈگەت تايچاق.
ئوينار بىللە،
بۇغا قونچاق.
ئۈستى ئۇنى،
ئەسكى چومچاق.
كۆزلىرىدىن
ئاقتى بۇلاق.
دادام ئەتتى ،
تۆگە- تايلاق.
سىيىۋەتتى
ئاپلا! چاتاق.
دادام ئۇردى،
بىر شاپىلاق.
ئىڭڭە، ئىڭڭە،
ھۈ، ھۈ، ھۈ، ھۈ...


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-19 20:33:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تۇرسۇنمۇھەممەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-20 15:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بالىلار ھېكايىلەر توپلىمىڭنىڭ تېزراق نەشىردىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-20 16:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورسۇن مۇھەممەتنىڭ تەرجىمھالى ۋە يۇقارقى شېئىرلىرىنى كۆرۈپ بىرخىل تەبىئىيلىكنى كۆردۈم. روھىيەتتىكى پاكىزلىق بالىلىق ئىستەكلىرىگە قىتىلىپ شېئىر بولۇپ تېمىپتۇ. سەمىمىيەت ئىگىلىرى خار بولمىغاي!...

ۋاقتى: 2012-4-21 00:06:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەتتە بىر نۇرنى كۆردۈم.  

ۋاقتى: 2012-5-1 10:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ-بەك چۈچۈك تىللار بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىرلار مېنى ئىختىيارسىز بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە ئەسىر قىلىپ، قەلبىمنى بىرخىل قىلىپ قويدى... ھەمىمىز ئانا تەبىئەتتىن ھوزور ئالىمىز، ئانا تەبىئەتتىن ھاياتلىقنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەيمىز. ئاخىرى ئانا تەبىئەتنىڭ قوينىغا سىڭىپ كېتىمىز....مەنمۇ شۇ تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدىكى بىر خىلۋەت ماكاندا چوڭ بولغان...

بالىلارنىڭ دوستى-شائىر ئىنىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن..

ۋاقتى: 2013-1-30 19:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك،دوستۇم!
سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن!!
ھارمىغايسىز!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 19:10  


ۋاقتى: 2013-2-23 23:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.... ... مەن دائىم كېچىكىپ قالىمەن-دېسە. بۇ قېتىممۇ ئاغىنەم تۇرسۇنمۇھەممەت نەمەتنى قۇتلۇقلاشنى ئۇنۇپتىمەن ئەمەسمۇ! قارىغاندا مەندىن چاتاق چىقتىمۇ-نېمە، شۇنداق ئوخشايدۇ. شۇڭا مەندىن ئاغرىنما دوستۇم تۇرسۇنمۇھەممەت، سەنمۇ قېرىغاندا شۇنداق بولىسەن. لېكىن نەتىجىلىرىڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمە، بۇ تېخى تۇنجى قەدەم، ئۇزۇن يوللار تېخى ئالدىڭدا.

ۋاقتى: 2013-2-28 10:23:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىگەي.

ۋاقتى: 2013-2-28 10:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بالىلار  شېئىرلىرى  توپلامدىم  بىرنى چىقارسا  بولاتتى.

ۋاقتى: 2015-5-27 23:34:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بەك تىرشچان ،ئاقكۆڭۈل ،سەممىي ، قەھرمان يازغۇچى ئىكەنسىز.مەن سىزنىڭ بۇ
ئەسەرلىرڭىزنى چوقۇم ئېزلىنىپ ئوقۇيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش