كۆرۈش: 1109|ئىنكاس: 0

ئابدۇرەھىم نەۋرۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
图片1_~1.jpg
ئابدۇرەھىم نەۋرۇز،تاجىك،1971-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللىي يېزىسىدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەبلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1985-يىلى ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەبكە ئوقۇشقا كىرگەن،1988-يىلدىن1990-يىلغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇتىلى تەييارلىق سىنىپىدا، 1990-يىلدىن 1994-يىلغىچە شەر*قىي جوڭگۇ پېداگۇگىكا  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى سودا رۇس تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1995-يىلدىن تا ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. كومپارتىيە ئەزاسى،بۆلۈم باشلىقى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزا سى(2011-يىلى قوبۇل قىلىنغان).
    ئابدۇرەھىم نەۋرۇز 1985-يىلى تۇنجى قېتىم قىزىلسۇ گېزىتىدە ‹ئانا مېھرى›نەسىرىنى ئېلان قىلغان.تا ھازىرغىچە ‹قىزىلسۇ گېزىتى›،‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى›،‹قەشقەرگېزىتى›،
‹قەشقەر› (قەشقەرئەدەبىياتى)،‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›،‹تارىم غۇنچىلىرى›،‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›،‹شىنجاڭ گېزىتى›،‹تارىم›،‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى›،‹شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى›،‹ئىلى دەرياسى›،‹شىنجاڭ مائارىپى›،‹شىنجاڭ ياشلىرى›، ‹مىراس›، ‹تەڭرىتاغ›،‹مۇنبەر›،‹جوڭگۇ مىللەتلىرى›قاتارلىق گېزىت -ژورناللاردا  100 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئىجادىي ۋە تەرجىمە  ئەدەبىي ئەسەرلەرنى،تاجىك فولكلورىغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلارنى،تاشقى سودىغا ئالاقىدار تەتقىقات ماقاللىرىنى ئېلان قىلغان.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ‹سۆيگۈ دەپلا سالىمەن چۇقان›،‹ئىچمە ئەمدى بەس!›،‹خەنزۇ تىلىنىڭ سىرى›،‹ئانا›،‹ئاتامغا›،‹ئايلاندىڭسەن قەلبىمدىكى مەلەككە›،‹مەڭگۈلۈك باشلىنىش›،‹چېكەي دېسەم دېرىزەڭ ئېگىز›،‹ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم›،‹ئۇچقاندەك ئوقۇش راسخودىغا قاچانغىچە چىداپ تۇرالايمىز؟›(تەرجىمە)،‹تاجىكلاردا رەڭ مەدەنىيىتى›،‹بۈركۈت نەي›،‹ئانا مەڭگۈلۈك ۋەتەن›،‹تاجىكلارنىڭ توي- تۆكۈن ئادەتلىرىدىكى سىموۋۇللۇق بەلگىلەر›،‹ھەقىقىي ئانىلارنىڭ ساپاسى› قاتارلىقلاربار.‹بۈركۈت نەي›،‹ئاتا›دېگەن شىئېرلىرى مۇزىكىغا سېلىنىپ تارالغان.
   بىرقىسىم شىئېرلىرى‹مىللىي يارغۇچىلار›،‹قەشقەر›،‹شاڭخەي ئەدەبىياتى› دا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىئيىتى تۈزۈپ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان ‹ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر تاللانمىسى› نەزمىي ئەسەرلەر توپلىمىغا 6 پارچە شىئېرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
ئابدۇرەھىم نەۋرۇز ‹ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ تارىخي تەزكىرىسى› دېگەن كىتابنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان.‹جەزبىدار گۈلدەستىلەر›،‹بۈركۈتلەر پەرۋازى› ‹تاشقورغان تارىخ ماتېرىياللىرى›قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش