قارا ئۆڭكۆرنىڭ تۆزۆلىشى ھەققىدە
قاسىم سىدىق
最新观测到一颗红矮星与黑洞成为致命的“亲密舞伴
ئەڭ يېڭى بايقاشلاردىن مەلۆم بولىشىچە ،بىر قىزىل پەتەك يۇلتۇز بىلەن قارائۆڭكۆر جان ئالىدىغان«ئۇسۇل ھەمراھى»ىلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.
نۇۋەتتە قارائۆڭكۆر ئاتوم ،مالىكولا تۆزۆلىشىگە ئىگە ئەمەس.پەقەت ماسسا،زەرەت،بولۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىلا ئۆلچىگىلى بولىدىغان سىستىما دەپ قارىلىدۇ.شەكىل نەزەريىسىگە نىسبەتەن قارا ئۆڭكۆر ئاتلاپ ئۆتۆپ كېتىشكە بولمايدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.ھەقىقى مەنىدىكى قايتا پارچىلانمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە(«ئېن») مەۋجۈت دەپ تەشەببۇس قىلىدىغان شەكىل نەزەريىسى قارا ئۇڭكۆر ھەقىقەتەن ئوبىكتىپ مەۋجۈت رىياللىق بولسا ئۇنى زەررىچىلەر جەمگاھى دەپ قارايدۇ.قارا ئۆڭكۆر «ئىن»لار جەمگاھىمۇ ياكى ھاسىلى زەررىچىلەر جەمگاھىمۇ؟ _ ئالاقىدار ئۆچۆرلار يىتەرلىك توپلانغاندىن كىيىن ئاندىن بىر نىمە دىگىلى بولىدۇ.مۇبادا قارا ئۆڭكۆر «ئېن»لار جەمگاھى بولسا ،ئۇ ھالدا ماتىماتىكىلىق مەنىگە ئىگە غەيرى نۇقتىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى بۇ ھالدا «ئىن»لارنىڭ مۇتلەق ھەجىمى ئۇنداق كىچىك بىر«نۇقتا»نىڭ بولىشىغا يول قويمايدۇ.
ئىنسانلارتۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۆرنىڭ چىگرىسىنىڭ سۆرىتىنىڭ «ھىلال ئاي»شەكىللىك ئىكەنلىگىنى بايقىدى
科学家设想的银河系中央巨型黑洞的边界,酷似一个月牙形
تەتقىقاتچىلار تەساۋۋۇرىدىكى قارائۆڭكۆرنىڭ چىگرىسى ھىلال ئايغا ئوخشايدۇ.
قارا ئۆڭكۆرنىڭ نۇۋەتتىكى تەسۋىرلىرىدىن قارىغاندا ئۇ ئىنىق ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە.تىنىمسىز «ئولجا»سۆمۆرىدىغان قارا ئۆڭكۆرنى تېخى ئىچكى قىسمىدا ھەقىقى بوشلۇق بولغان سىستىما دەپ قاراشقا بولىدۇ.چۈنكى بۇنداق بوشلۇق مەۋجۆت ئەمەس،قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئىچكى قىسمى ئۆزلۆكسىز دەپ قارالسا،بۇ ھالدا ئۇنىڭ «ئاشقازىنى»لىق تولغان بولۇپ ھەر قانداق«ئولجا»نى سۆمۆرەلمەس ئىدى.
لىكىن بىر نۇقتا ئىنىق،نىترۇن يولتۇز بىر تەجىربە ئاساسىغا ، يۇقۇرى زىچلىققا ئىگە ئاسمان جىسىمى.مۇبادا قارا ئۆڭكۆر ھەقىقەتەن مەۋجۆت بولسا ئۇنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرى نىترۇن يولتۇزنىڭ تەركىپلىگۆچلىرىدىنمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھاسىلى زەررىچىلەر بولۇشى تەبى.ئەگەر فىزىكىلىق مەناغا ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە غەيرى نۇقتا جەزمەن مەۋجۆت دىيىلسە،بۇ ھالدا بۇ غەيرى نۇقتانى پەقەت «ئېن»لار جەمگاھى دەپ قاراشقىلا بولىدۇ.
بەزى تەتقىقاتچىلار كۋاك يولتۇزلار نەزەريىسىنمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ،ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يولتۇزلار مەۋجۆت بولسا ئۇنىڭ زىچلىغى قارا ئۆڭكۆر بىلەن نىترون يولتۇزلار ئارىسىدا بولىدۇ،ئەلۋەتتە.
ئومۇمى جەھەتتىن مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۆمكىن.ئاسمان جىسىملىرى ماتىماتىكىلىق ئىدىيە سۈپىتىدىكى غەيرى نۇقتاغا قاراپ سۆرۆلگەنچە ئەسلىدىكى تۆزۆلىشىدىن ئايرىلىپ،تەركىپلىگۆچىلىرى تېخمۇ مىكرۇ بولغان يېڭى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولىدۇ.
بۇ تېما ئاستىغا قارائۆڭكۆرگە ئالاقىدار ئۆچۆرلار توپلىنىدۇ.
پايدىلىنىشلار:
2013.8.17