قۇلاق موللىسى
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى
سۇسلاپ بارغاچ ئەركەكلىك ئېتى ،
بۇلۇپ قالدى قىزلىق قەدىرسىز .
نى نارسىدە تۆرەلمە پېتى ،
سېسىق كۆلدە قالدى قەبرىسىز.
كۈن بىلەن تۈن ئۇچراشقان چاغدا ،
مەن باغچىدىن قايتاي دەپ يۈرسەم.
ۋىجدان بىلەن شەيتان بىر جايدا ،
سۆھبەتتىكەن زەن سالدىم بىردەم .
بەلكىم چىقىپ قالار دەپ پايدا ،
ئىزدەپ تۇردۇم سۆھبىتىدىن تەم .
شەيتان دىدى: ئاڭلا ئەي ۋىجدان ،
سەن بېكاردىن بولما ئاۋارە .
ئېتىلىدۇ مېڭەڭدە قىل قان ،
تاپقىچىلىك ياخشى بىر چارە .
ئۆز ئىچىدىن ئويغانمىسا جان .
بۇلۇر سىنىڭ باغرىڭ لەك پارە .
قارا ئەنە سۆگەت تۈۋىگە ،
قارا ئاۋۇ پومداقلاشقانغا .
ئىنساپ تىلە ھەممە كۆڭلىگە،
كۈچ ئاتا قىل ئەركەك ئوغلانغا.
بولسۇن ھەممە ئەتمىشكە ئېگە ،
ئىش ھەل بولماس زەردە تولغانغا.
ۋىجدان دىدى: سۆزلىمە شەيتان ،
ئۆزگەرگىنى راستۇر جاھاننىڭ .
سەن ئىنسانغا ياراتقاچ ئىمكان ،
بەركىتىمۇ كەتتى ماكاننىڭ .
خازان بولدى نى گۈل يۈز جانان ،
قىممىتىمۇ يوقالدى جاننىڭ .
كۆرەڭلىمە نۇسرەتلىرىڭگە ،
جاھان ھامان تۈزىلىپ كىتەر .
ھەسەتسىزمەن چۆپقەتلىرىڭگە،
خام سۈت ئەمگەن قەدرىمگە يىتەر.
بى مىھنەتسىز ھۆرمەتلىرىڭگە ،
ئۇلار تەتۈر قاراپ پوق ئىتەر .
سۆھبەت كەسكىن بولدى بارغانچە ،
شەيتان دىدى تۇردى ئورنىدىن.
مىنىڭدىنلا كۆرمىگىن ئانچە ،
ئەمەستۇرمەن مەنمۇ تۇز كوردىن .
مەن تامچىسام بولساڭ مىڭ تامچە،
ئۆزگرمەستى ھەممە ئورنىدىن .
ئېغىر ئالما ۋىجدان سۆزۈمنى ،
بولمىساممۇ سىنىڭدەك ئوبدان.
يۇمغىنىم يوق ئەسلا كۆزۈمنى ،
يالغۇز يەردە سۆزۈمنى ئويلان.
يۇرۇق قىلاي دىسەڭ يۈزۈڭنى ،
غەپلىتىڭدە يۈرمىگىن ئويغان .
چاۋاك چىقماس بىر قودىن بېكار،
ھەر ئىككىمىز گۇناھقا لايىق .
ئىنسان بىزگە ئۆزى يول ئاچار،
ئەركەك تۈكلەر بولغاچقا چاغلىق.
ئەقلى بولدى نەپسىگە چاكار ،
ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە باغلىق .
سۆزلەپ قالدىم كەچۈر بۇرادەر،
خوش قال ساڭا تىچ مۇھىت بىرەي.
خاتا بولسا دىگىنىم ئەگەر ،
مىنى كەچۈر ! خەيىر مەن كىتەي .
شەيتان كىتىپ بولغانغا قەدەر ،
ۋىجدان تۇرۇپ قالدى ئۈندىمەي .
مەنمۇ قايتىپ قالدىم ئۆيۈمگە ،
خىيال قۇشۇم قاقماقتا قانات .
نۇرغۇن سۇئال قويدۇم ئۆزۈمگە ،
ياكى شۇنداق بۇلامدۇ ھايات .
گۆر چاپقاندەك مەۋلۈت كۈنۈمگە،
دىل خانەمدە كۈلدى سۈكۈنات.
خاتىمە
تامام يوقاپ كەتسىمۇ ئەدەپ ،
تىك ياشايلى ھەقكە يېقىنلاپ .
يۈرسەك جاھان شۇنداق ئەمدى دەپ ،
خەق بىرەرمۇ ياخشىنى خىللاپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىلجان ئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-1 00:26