دىلخۇمار ئىمىن 1991-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ يېزىسىدا دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ۋە ناھىيە مەركىزىدە ئوقۇپ 2009-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېلىنكىلىق داۋالاش تۈرى يېزا دوختۇرلۇق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ 2012-يىل 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈردى.
دىلخۇمارنىڭ شېئىر يېزىش تارىخى تولىمۇ قىسقا بولۇشىغا قارىماي يېزىۋاتقان ھەر بىر شېئىرىدا مۇئەييەن شېئىرىي دۇنيا، قەلب قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلىدىغان كۈچلۈك دولقۇن ۋە ئوتتەك تەلپۈنۈش تولۇپ تۇرۇپتۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىللىقنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى شېئىر ئاشىنالىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
شېئىر تېرىش پەسلى
شېئىر-ھورمۇننىڭ ئارتىپ كېتىشى
شېئىر-تەنھالىقنىڭ قىسمىتى
شېئىر-گاچا يۈرەكنىڭ تىپىرلىشى
شېئىر-قاراڭغۇنىڭ چىرىغى
مەن كۈندە بىر چىشلەم نان بىلەن تەڭ
بىر چىشلەم شېئىر يەيمەن
ئوپراتسىيە ئۈستىدە تۇرۇپ
شۇنى ھېس قىلىمەن
ئادەم بەدىنى بىلەن شېئىرنىڭ ئوخشاشلىقىنى
ئېھ،
مەن يازالمىغان سۇمبۇل چاچ شېئىر
بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ
بىر پارچە شېئىر تۇغۇلىدۇ
شۇڭا
شېئىر-ھاياتلىق
شېئىر-ئېنىرگىيە
شېئىر-بىردەملىكنىڭ مەڭگۈلىكى!
شېئىر جاڭگاللىقىدا پادا بېقىش نېمىدېگەن لەززەتلىك!
مەن شېئىردىلا ئەركىنلىكنىڭ ھوزۇرىنى چەكسىز ھېس قىلىمەن
ئۇ ئاللىبۇرۇن ماڭا ئايلانغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمەن ئۇنىڭغا ئايلانغان
چۈنكى شېئىر مېنىڭ كۆلەڭگەم!
مېنىڭ قەلبىمدىكى شېئىرنى دۇنيا تىلىللىرى بىلمەيدۇ
مەن ئىچىمدىكى شېئىرنى
قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدن
گۈلخانلارنىڭ لاۋۇلدىشىدىن
پايپىقىمنىڭ تىشىلىشىدىن
سۇلارنىڭ دولقۇنلىشىدىن
بىر قاراپلا سېزىۋالىمەن
مەن شېئىرنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ چىڭ قۇچاقلىغۇم ،
ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگۈم كېلىدۇ
ئاھ،مەن ياخشى كۆرىدىغان شېئىر
مېنى مەڭگۈ پۇخادىن چىقماس قىلىۋەتكەن شېئىر
شېئىر تېرىش پەسلى
بەدىنىمگە سىزىلغان بىردىنبىر پەسىل
ئاۋازىڭنىڭ باش سۆڭىكى
مەن سېنى كۆرەلمەي تۇرغىنىمدا
ئاسمان يېپىلدى
ساقالسىز تېرەككە يۆلەپ ئىچىمنى
خىيالىمغا سانجىلدىم شىددەت
چۈشكەن نۇر بىلەن قايتقان نۇر ئارىسىدا
بىر توپ نۇر قاغىلىرى
مېنى بىر بۇلۇڭغا قىستىدى
يادىمدا قالمىغان
پەقەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ باققان
چۈشۈمدىكى بىر ئېتىز شېئىر
مەن ناخشا ئاڭلاش بىلەن تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ
ئاۋازىڭنىڭ باش سۆڭىكىنى تەسەۋۇر قىلىمەن
بىر دەم بولسىمۇ ياشاي دەپ
ھېسسىياتىمنىڭ 87-ماددىسى
ئىشىك ئارقىغا ئېچىلىدۇ
كۆزلىرىم پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ
600كىلومېتىردىن6000كىلومېتىر يېقىنكەنتۇق
ئۆتۈپ كەتتى پىراقىڭ ئۇدۇللا
كېچىنىڭ تاملىرىدىن ئارتىلىپ
ئاۋازىڭنى چىڭ سىقىمدىغۇم كەلدى
قۇيۇق ئۆسكەن چاچلىرىڭنىڭ ئارىسىدا
غايىب بولدۇم بىراقلا ئەمدى
كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا ئىشلىتىمەن دەپ ئالغان ئۈستەل چىرىغىم
ئۆچۈپ قالدى ئەمدى شۇ پېتى
ئىشىكنى چىڭ ياپقىنىم ئېسىمدە
ياپالمىدىم ئەمما ئۆزۈمنى
ھېسسىياتىمنىڭ87-ماددىسىدا:
دېرىزەمدىن ئېقىپ كىردى ئاي نۇرى
مەن شېئىرغا يۆلەنگەن ھالدا ئۆلۈپ كەتكۈچى.
قۇلۇم رول ئۈستىدە، كاللام يول ئۈستىدە
ئاق يىلاندەك توپىلىق يولدىن ئۆتتۈم
بىردىنلا قەرزدار بولدۇم
بايام ئۈستىلىمدىكى مېۋە شۈپىكىنى تاشلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
ئاپتاپنىڭ قايسى دەرىجىدە مېنى كۆيدۈرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم
كۆز ئەينىكىمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئېرىپ كەتكىنىنى سەزدىم
يەنە قۇشلاردەك قالدىم بىگانە
قاتتىق جاز مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلدىم
مۇھىتنىڭ ئاستىدىكى مۇھىتنى
بىرتال داڭگال ئىزدەۋاتىمەن
بالىياتقۇ يەنە قانىماقتا
ھەي، كۆچمەن شاماللار
ھەي،كۆچمەن تىنىقلار
ھەي،كۆچمەن شېئىرلار
كۆچىۋاتىمەن سىلەرگە ئوخشاش...
قولۇم رول ئۈستىدە كېتىۋاتىمەن
كاللام يول ئۈستىدە كېزىۋاتىمەن .
ئوق ئۆتمەس كىيىمى ۋە شەنبە كۈنى
بۈگۈندە بىر سۇيقەست بار
يازنىڭ پىلانى بويىچە
تولىمۇ ئاپتاپلىق كۈن بولاتتى
يېرىملاشقان چاينىڭ شامىسىنى پۈۋلىگەچ
ئەسنەك تۇتۇپ كەتتى
يادىمغا بىر تال قىزىلگۈل يەتتى
بۈگۈن مەھەللىدە توي بولاتتى
توي يىگىتىنىڭ32تال چىشى ناۋات چاي بىلەن يۇيىلاتتى
توي قىزىنىڭ كۆڭلىكى يەرگە ساڭگىلايتى
ئەمدى بۇلار ئاشىق ئاتىلاتتى
ھېچكىم دەردىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايدۇ
كېچىنىڭ ئاپتىپىدا كۆيۈپ كېتەر ھەممىسى .
ئوماق قاراقچى
سېھرىڭنى ئوينىتىپ ئېپ كەتكىن مېنى،
كالپۇك قىستۇرۇلغان ناخشاڭغا قوشۇپ.
قۇمۇشلۇق چېچىمدەك يەلپۈنۈپ تۇرار،
سۆيگۈدىن پۈتۈلگەن يامغۇرنى كۈتۈپ.
سۆيۈملۈك ئېچىرقاش تەخىتكە چىقتى،
قۇرۇغان شامالدا ھىجران لەززىتى.
قۇياش پەردىسىنى قايرىشتىن بۇرۇن،
بىر دەقىق يېنىمدا بولساڭ مەيلىتى.
ئۈنۈمنى يەپ كەتتى ئورمان قۇشلىرى،
سەن مىنگەن تۇلپارغا كۆزتىگىپ جېنىم.
دېڭىزنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ دولقۇنلار،
ئىزىڭغا مىنگىشىپ بارماسمۇ خېتىم.
بىر تېمىم قاراڭغۇ ئېقىپ چۈشمەكتە،
كۆز يېشىم كەلكۈننى بۇلاپ قاچماقچى.
چۈشلىرىم ئەينىكىنى چېقىپ كىرىسەن،
سەن شۇنداق ئەزەلدىن ئوماق قاراقچى. ..
چىۋىققا مىنگەشكەن يوپۇرماق خىيال
قەدىمىي كېچىنى چەككەندە بارماق،
يېقىملىق ئەسنىدى كىلاسسىك سەزگۈم.
ئاسمان ئېتىكىنى چىشلىدى يۇلتۇز ،
سېنىڭسىز ھېچكىمنى كەلمەيدۇ سۆيگۈم.
ئۆزۈمگە يالۋۇرۇپ كەتمەك بولىمەن،
ئاۋازىڭ ئوت قويغان ئورمان ئىچىدىن.
سېزىمەن ساڭىلا بەرمەيدۇ ئىمكان ،
كۆزۈڭمۇ چېقىلدى يامغۇردەك بىردىن.
قۇشلارنىنەلەرگە ئۇچۇردۇڭ جېنىم ،
شۇ كۈنى ساڭىلا قايرىسام پەردە .
ئىسمىڭنى ئېيتىپ بەر دېمەيتىم زىنھار،
ئېسىلسام بوينۇڭغا شامالدەك ئەركە.
تاغلاردىن ھالقىيدۇ سۈلكىتىڭ چوقۇم،
مەن بۇنى ئەزەلدىن بىلەتتىم ئەينەن.
سىغدۇرۇپ كېتەرمەن دەريادەك دەردنى،
سەن ماڭا بولغاندا سۆيۈملۈك دۈشمەن.
ياقتۇرۇپ قالىسەن كەپسىزلىكىمنى ،
لەۋلىرىڭ قىچىشسا سىلىسام ئاستا.
ئېزىقىپ قالىمەن ئېھتىمال شۇنداق...
مۇڭلىنىپ ئارالدەك قارىساڭ قايتا . .
ئەستە تۇتىۋېلىش
ساقلاپ قالالمايمەن
ئاۋازىڭنىڭ بىرلا خىل ھالىتىنى
قەھۋە پۇرىقىدەك غۇڭۇلداشلىرىڭنى
داۋاملاشمايدۇ تېنىڭ شۇ پېتى
باش سۆڭىكىڭ كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن
شامال بىلەن زەرەتلىنىپ كېتىشىڭمۇ مۇمكىن
ھەتتاكى مەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىڭ ئېھتىمال!
كۈنلەر بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ
مەن بەك ئاز قالدىم
ئېيتقىنا، سەندىن كېتەيمۇ
راست ، كېتىشىم كېرەك تەنھالىقىمغا
كېچەڭگە قارىغىنىم
قاقاقلاپ كۈلگىنىم
ئېسىمدە... .
ئاھ،مېنىڭ خۇيلىرىم بىر زەمبىل ئوقدان
بۈگۈن مەن كىملەرگە يېرىم يېپىلدىم،
ئىشىكىمدىكى بىر قاتتىق مۇدھىش.
شىمالنىڭ تاغلىرى ھىجراندىن ئېگىز،
ئېسىڭگە كەلمەيدۇ غەلبىسىز ئۆلۈش.
شامالنىڭ تېرىسى مېنىڭ تېرەمدۇر،
كېچىنىڭ كېچىسى مېنىڭ چېچىمدۇر.
كۆچۈرمە جۈملىدەك سۆزلەيمەن تەكرار،
كۆزۈڭنىڭ كۆرگىنى مېنىڭ خېتىمدۇر.
باشقىسى كەتمەكچى ئىچىمدىن بۆلەك،
سەكپارە يۈرەكنى تېنىمگە تاشلاپ.
ئاھ، مېنىڭ خۇيلىرىم بىر زەمبىل ئوقدان
دوستلىرىم بۇنىڭدىن يۈرەتتى باتناپ. . .
مەن تارىخنىڭ 13-بېتىدە
كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان
... دەۋىتى بىلەن
كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋالىمەن
باش سۆڭىكىمگە مىخ قېقىلىدۇ
بارىلىق جىنايەتلىرىم خاتىرلەنگەن
بىر كىچىك قۇتا
ھەسرەت شارابىنى تەڭ ئىچىمەن
ئۇنىڭ بىلەن ئۆلتۈرۈلىمەن
يېرىم كېچىدە ھەممىنى سۆزلەپ بېرىمەن
ئاي زوڭزىيىپ قاراپ تۇرىدۇ
پاراڭلاشقاچ ئەسنەپ كېتىمەن
دېرىزەم ئوچۇق
كۆزۈمنى يۇمساملا قاراڭغۇ بېسىۋالاتتى
بارا-بارا قىينىلىپ
قەھۋەگە ئۇيقۇ دورىسىنى چىلايمەن
شۇنداق يېزىلغان
مەن تارىخنىڭ 13-بېتىدە