كۆرۈش: 3135|ئىنكاس: 7

ئۇ - كامران ئابلىمىت (22)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



كامران ئابلىمىت 1987 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى قاراقاش ناھىيسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا تۇغۇلغان.  پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيالىغان. 2003-يىلى ئوقۇشتىن چېكىنگەنچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
شېئىرىيەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان كامران پۇرسەت تاپسىلا شېئىر، نەسىر يېزىش كىتاب ئوقۇش بىلەن ئىنتاين ئالدىراش ئۆتىدۇ.
تۆۋەندە ئۆمەر مەھمۇدنىڭ كامران شېئىرلىرى ھەققىدە يازغان قىسقا تەقرىزى بىلەن كامراننىڭ يېڭىدا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن

كامران شېئىرلىرى ھەققىدە ئويلىنىش

ئۆمەر مەھمۇد

شېئىر- شائىر قەلبىدىكى سەن(بىر كىم). شېئىر- گۈزەل تەسەۋۇر، چوڭقۇر مەنىلەر بىلەن ئوقۇرمەن ھۇجۇدىنى زىلزىلىگە سالغۇچى. شېئىر- شائىر بىلەن ئۇقۇرمەننىڭ ئورتاق كەچۈرمىشلىرى...
سۇئال: بۇ ئۈچ تەدبىر شېئىرغا بىرىلگەن مۇكەممەل تەبىر بولامدۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سۇئال: ئۇنداقتا شېئىرغا بىرىلگەن مۇكەممەل تەبىر بارمۇ؟
جاۋاپ: يوق.
سۇئال: شېئىرغا زادى قانداق تەبىر بىرىلىدۇ؟
جاۋاپ: شائىر بىلەن ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ زوقلىنىش يۆنلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرخىل تەبىرلەرنى بەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇقىم بىر قېلىپى يوق. بىز ئىلگىرى ئەدەبىيات نەزىرىيەلىرىدە ئۆگەنگەن «شېئىر مۇئەييەن رېتىم، تۇراق، قاپىيىگە ئىگە بولغان...» دېگەندەك تەبىرلەردە پەقەت شېئىرنىڭ تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىلا كۆزدە تۇتۇتقان بولۇپ، شېئىردىكى ئىچكى گۈزەللىك(تۇيغۇ گۈزەللىكى)، مەنە قاتلىمى دېگەنلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن. مەسىلەن: مۇقام تېكىستلىرىمىزدىكى مۇنۇ ئىككى مىسراغا قاراپ باقايلى:
«ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.»
بۇ مىسرالار تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاندىن سىرىت، ئىنتايىن گۈزەل تەسەۋۋۇر ۋە مەنە قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. يەنى، كۆز ياشلارنىڭ دەريا بولۇشى، كۆز ياشتىكى بېلىقلار... ئاجايىپ گۈزەل تەسەۋۋۇر ئەمەسمۇ؟ ئاھلىرىم بىلەن تۇتۇلغان سەن، كۆز يېشىمدىكى دەريانىڭ بېلىقلىرىدا يۇتۇلغان سەن... بۇ يەردە پارتىلاش خاراكتىرلىك مەنە ھاسىل بولۇپ، مەن بىلەن سەن ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى مۇرەسسەسىز ھالەتكە كەلتۈرۈۋەتتى. مۇرەسسەسىز زىدىيەتنىڭ مەۋجۈتلىقى دەل شېئىردىكى مەنە شۇ... شوڭىلاشقا تاشقى شەكىلگە قاراپلا بىرىلگەن ئۇ تەدبىر يەنىلا شېئىرنىڭ تەدبىرى بولالمايدۇ. شېئىر شائىر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قىممەت ئۆلچىمى بويىچە ھەرخىل تەدبىرلەرگە ئىرىشىدۇ.
سۇئال: ئەڭ دەسلەپكى ئۈچ تەبىرنى بىرىشتىكى مۇددىئا نىمە؟
جاۋاپ: ياش قەلەم سەھىپىسىدە تۇنۇشتۇرۇلغان كامراننىڭ بىر قىسم شېئىرلىرى ئۈستىدە توختىلىش. يەنى، ئۇ ئۈچ تەبىرنىڭ كامران شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىشىشقا ياردىمى بولىدۇ.
سۇئال: مەسىلەن؟
جاۋاپ:
1.شېئىر- شائىر قەلبىدىكى سەن(بىركىم).
دۇنيا ئۇخلاپ قالار ۋاقىتتا
ۋاقىت توختاپ قالار ئىھتىمال
بىز ئىككىمىز ئۇچراشقان چاغدا .
تام -تۇرۇستىن چۈشكەن ئومۈچۈك
قورسۇقۇمدا ماڭار مۇلايىم
ئۇ ئوخشايدۇ ساڭا شۇ قەدەر
تۇتۇۋالماق بولسام نېمىشقا
قاچىسەن ئاھ، مېنىڭدىن دائىم
ئىزھار قىلماق بولسام ئىشقىمنى
يۇشۇرىسەن ئۆزۈڭنى يارىم
ئونۇتماقچى بولسام مۇبادا
ئەسلىمەمدىن مارايسەن دائىم


(«بىز ئىككىمىز ئۇچراشقان چاغدا» دىن پارچە)
بۇ مىسرالارغا قاراپلا بىز سەننىڭ «يار» دىن ئىبارەت سالاھىيىتىنى بىلىۋالالايمىز. ئەلۋەتتە، مۇھىم بولغىنى سەننىڭ سالاھىيىتى ئەمەس. بەلكى شائىر قەلبىدىكى ئورنىدۇر. شائىر بىلەن سەن ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن زىدىيەتلىك. بۇ خىل زىدىيەتنىڭ سەۋەپكارى شائىرنىڭ ئۆزى. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇخلايدىغان دۇنيا (ئۈزلىكىسىز ئۆزگىرىشى خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان دۇنيا)، ئۇخلاپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىت (مۇمكىنسىز ۋاقىت) نى سەن بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ماكان ۋە زامانى قىلىپ بەلگىلىۋالدى. بۇنداق ماكان ۋە زاماننىڭ مەۋجۈتسىزلىقى دەل زىدىيەتلىك ئارىلىقنى شەكىللەندۈردى. شائىر مۇشۇ زىدىيەتكە يۈزلەنگۈچىلىك سالاھىيىتىدە «سەن» نىڭ ئۆز قەلبىدىكى ئوبرازىنى تىكلىدى. دېمەك، شېئىر- شائىر قەلبىدىكى سەننىڭ ئوبرازىدۇر.
2.شېئىر- گۈزەل تەسەۋۋۇرلار، چوڭقۇر مەنىلەر بىلەن ئوقۇرمەن ۋۇجۇدىنى زىلزىلىگە سالغۇچى.
كېچە چۈشتى كىيمىنى كىيىپ
كىرىپ كەتتى ئىچىمگە مېڭىپ ...
(«ئىسمى زادى نىمە كېچىنىڭ؟» دىن پارچە)
كېچىنى كىيىم كىيگەن ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىختىيارسىزلا كىشنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ(كېچە) نىڭ مەننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشى، بۇ يەردىكى تەسەۋۋۇرنى پارتىلاش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇرمەننىڭ ھاياجانىنى قوزغايدىغان تولۇق ئىنىرگىيىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمدى كېچە بىلەن مەن ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت ئۇ (كېچە)نىڭ كىيىگەن ھالەتتە مەننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدىن يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. يەنى، كېچە «كىيىم ئىچى» دىكى سىرلىرى بىلەن مەننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يول ئالىدۇ. «كىيىم ئىچى» دىكى سىر ئىنساننىڭ مۇرەككەپ ئاڭ سېستىمسىدا خىلمۇ-خىل زىدىيەتلەرنى پەيدا قىلالايدۇ.
3.شېئىر- ئوقۇرمەن بىلەن شائىرنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشلىرى
شائىر بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق كەچۈرمىشلەر شېئىر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئوقۇرمەن ئىختىيارسىزلا ھاياجانغا چۆمۈلۈپ، شائىرغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى، ئوقۇرمەن سۆزلەشكە ئىلاجسىز قالغان كەچۈرمىشلىرىنىڭ شېئىردا سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قۇدۇق ئىچىگە بېشىنى تىققانچە، «ئىسكەندەر شاھنىڭ مۇڭگۈزى بار ئىكەن» دەپ ۋارقىرىۋالغان ساتىراچتنىڭ ھىسياتىغا چۆمەلەيدۇ. كامران شېئىرلىرىدىمۇ بۇ تەرەپلەر مۇنۇ مىسرالاردا ئىپادىسنى تاپقان.
بۈگۈن يەنە سېنى ئىزدەپ چىقتىم ئۆيۈمدىن ،
كەزدىم ئاشۇ كوچىلارنى ئاۋالقىدەكلا .
ئوخشىتىمەن كىمدۇر بىرى ئۇچرىسا ئەگەر ،
ئۇ سەن ئەمەس ، ئۇزاپ كەتتىم كوچىلار ئارا .
يوقلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ ئىزلەيمەن يەنە ،
ئۇچرىمايدۇ كوچىلاردا تۇنۇش سېمايىڭ .
مەندىن تېنىپ يىراقلارغا كەتكەنسەن ئۇزاپ ،
ياكى مېنى ئىزدەپ يۈرەر سۇلغۇن خىيالىڭ .
(«بۈگۈن يەنە سېنى ئىزدەپ چىقىتىم ئۆيۈمدىن» ناملىق شېئىردىن پارچە)
ئەلۋەتتە بۇ مىسرالارنى ئوقۇغاندىن كىيىن، قۇدۇق ئىچىگە قاراپ ۋارقىرىۋالغان «ساتىراچ» نىڭ بىرسى شۇ ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۆتىمەن.

شېئىرلار

ھىدلىرىڭنىڭ ئىزى قالىدۇ

دېرىزەمنىڭ روجەكلىرىدىن
ئېقىپ كىرگەن بىر قىزسەن ئەبەت
خىيالىمغا ئەگىشىپ ...
قايرىلىدۇ ھاۋارەڭ پەردە
ئېقىپ كەلگەن ھىدىڭ شامىلىدا ،
مەستخۇشلۇقتا چۈشۈپ كېتىدۇ
تاملىرىمنىڭ ھاك – سۇۋاقلىرى .
تولغىنىدۇ دېرىزە - تاملار
ئاڭلاپ ئاياق تىۋىشلىرىڭنى ...
خىيالىمدا باغاشلاپ سېنى ،
سىلاپ قانماي بۈدرە چېچىڭنى .
ئېقىپ كىتەر ئاراچلىرىدىن ،
مەن ھىدلىغان جىگدە پورىقى .
ھىدلىرىڭنىڭ ئىزى قالىدۇ
چىقىپ كەتسەڭ خىياللىرىمدىن
ئۇنتۇپ قالغان رومىلىڭنى سەن
تېپىۋالغىن قەلبىڭدىكى ئىھ
سويگىمىزنىڭ شاماللىرىدىن

بىز ئىككىمىز ئۇچراشقان چاغدا

دۇنيا ئۇخلاپ قالار ۋاقىتتا
ۋاقىت توختاپ قالار ئىھتىمال
بىز ئىككىمىز ئۇچراشقان چاغدا .
تام -تۇرۇستىن چۈشكەن ئومۈچۈك
قورسۇقۇمدا ماڭار مۇلايىم
ئۇ ئوخشايدۇ ساڭا شۇ قەدەر
تۇتۇۋالماق بولسام نېمىشقا
قاچىسەن ئاھ، مېنىڭدىن دائىم
ئىزھار قىلماق بولسام ئىشقىمنى
يۇشۇرىسەن ئۆزۈڭنى يارىم
ئونۇتماقچى بولسام مۇبادا
ئەسلىمەمدىن مارايسەن دائىم
يۈرمەكتىمەن تىنەپ - تەمتىرەپ
ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان قۇشتەك

تۈننىڭ تىلى

سەن ئۈگەتكەن ئاشۇ ناخشىنى
پىچىرلىدىم ئاستا بەك ئاستا
بىز ياندىشىپ ماڭغان شۇ يوللار
سۆيگىمىزنى ئەسلىتەر قايتا
بىرەلمەيمەن باشقا بىرسىگە
يۈرۈگىمدە ساڭىلا يانغان
مۇھەببەتنى ، ئوتلۇق سۆيۈشنى .
شۇ سەۋەپلىك يۈرۈگىم ساڭا ،
سۆزلەپ بىرەر تۈننىڭ تىلىدا
يۇلتۇزلاردەك كەچمىشلىرىمنى .
يۇلتۇزلاردەك چېچىلىپ تال - تال
شىۋىرلايمەن كەچمىشلىرىمنى
بىز ئىككىمىز ماڭغان شۇ يولغا
ئېيتىپ بەردىم بىرلا ناخشىنى
سەن ئۈگەتكەن ئاشۇ ناخشىنى
پىچىرلىدىم ئاستا بەك ئاستا
گويا ئىشىق دەريالىرىدا
ئۈزۈپ يۈرگەن تاھىرمەن قايتا
كۈي كۈيلەيمەن ، كۈيۈمدە ھەر كەچ
ئۇخلاپ قالار يىراق جايدىكى
يۈرىكىمدىن سۈيۈلگەن قىزچاق

ئىسمى زادى نېمە كېچىنىڭ

كېچە
چۈشۈپ كىتەر يۇلتۇز ئارسىدىن
يوقلاپ كىلەر مېنىڭ قېشىمغا
چىقىۋالار كارۋىتىمغا .
ئەركىلەيدۇ ، سىلايدۇ
چاچلىرىدىن جىگدە پۇرايدۇ .
تۇنىمايدۇ كامران
يېنىدىكى كېچىنى
كېچە پەردىسى چۈشۈپ كەتتى
پول ئۈستىگە شاپپىدە
يۆگۈۋالار مېنى ئۆزىدە .
ئىسمى زادى نېمە كېچىنىڭ ؟
بىلەلمىدىم ئىسمىنى پەقەت .
ۋارقىرايدۇ مېنىڭ ئىچىمدە _
كۆيدۈرۋەتكىن تەنھالىقىڭنى
مەن مەڭگۈگە ساڭا تەۋە دەپ .
شامال ، يۇلتۇز ، ئايمۇ كۈنلەيدۇ
قىزغىنىدۇ بىز بۇ يەردە دەپ ...
كېچە قوينىدا
ئەۋىج ئالار قىزغىن مۇھەببەت
مەن كېچىنىڭ قوينىدا
بەدىنىمگە چىرمىشىپ كېچە
كۆزلىرىمگە تىنماي قارايدۇ
كېچە قوپۇپ ئورنىدىن
ساپما كەشىنى سۆرەپ
سۇخانىغا ماڭغان ئوخشايدۇ
پۈتۈن بەدىنى چىلىپ - چىلىق ھۆل
ۋۇجۇدىدىن ئەتىر پۇرايدۇ
دېرىزەمدىن يۇلتۇز مارايدۇ
ئۆي ئىچىدىن سۆيگۈ تارايدۇ
يىراقلاردىن ئاڭلىنار ئەزان
قۇياش يېتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ
كېچە چۈشتى كىيمىنى كىيىپ
كىرىپ كەتتى ئىچىمگە مېڭىپ ...


بىر تۈپ دەرەخ ، بىر تال كېپىنەك

ئۈچىنجى ئاينى ساقلاپ بولالماي
ئىككىنچى ئاينى يامىدىم ئاي-ھاي
پوچتالىيون كەتتى ھاپاشلاپ
سېغىنىشقا تولغان ھېسلارنى
كۆز قىسىدۇ يىراقلاردا ماي...

چېچەكلەپتۇ قىشتا بۇلۇتلار
«ئاپئاق - ئاپئاق يېغىۋاپتۇ قار»
كۈتۈپ تۇرسام يولدا دەرەختەك
سالقىنغىنا كېلىپ قۇشلاردەك
يۈرۈكىمگە قۇنارسەنمۇ يار

دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە لەپ-لەپ
ئۇچۇپ يۈرگەن بىر تال كېپىنەك
سايە تاشلار سېغىنىشلارغا
چېچەكلەرگە ئايلانسا كۆڭلۈم
چىقار بەلكىم ئۇخلىماي ، تۈنەپ ...


ھىجران ئاپتىپى

ياغمايدىكەن سۆيگۈ يامغۇرى ،
ئۇسسۇزلۇقتىن يېرىلار جانلار .
سەگىتمىگەچ سۆيگۈ شامىلى ،
ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرەر قانلار .
ئېغىر - ئېغىر ماڭىمەن يولدا ،
پۇتلىرىمغا سۆرىلەر ھىجران .
تۇزان باستى سۆيگۈ گۈلۈمنى ،
قۇرۇتۇشقا ئۇرىنار بوران .
چۈشەلمىدىم سۆيگۈ كۆلىگە ،
زەپ قىينىدى ھىجران ئاپتىپى .
كەتمىدى يا ئۆچۈپ، كۈل بولۇپ ،
قەلبىمدىكى سۆيگۈ يالقۇنى .


ئاداشقان سۆيگۈ

ھىجرانلارغا چىلانسا ئۆتمۈش ،
خىيالىمدىن ئۆرىلەر بىر بەت .
يىتىرقايدۇ ئۈمىد قۇشلىرى ،
يۈرەكلەردە بىر تالاي ھەسرەت .
ئەندىز ئالغان ئوخشايدۇ كۆڭلۈم ،
كۈزدە چۈشكەن مىسكىن خازاندىن .
يوقلىمىدى پەسىل ئەركىسى ،
ئاداشتىمۇ سۆيگۈ جاھاندىن .
خازان چۈشكەن باغلاردىن بىزگە ،
بولغان كەبى ئايرىلىش نىسىپ .
تۇپا ئالدىم ماڭغان ئىزىڭدىن ،
تۇمار قىلاي بوينۇمغا ئېسىپ .

سۆيگۈ سورايمەن

خىيالىمدا ئۈمىدنىڭ بىخى ،
كۆزلىرىمدە ھىجراننىڭ يېشى .
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورىسام ،
ئېزىقتۇردۇڭ چۆللەردە مېنى .
چۈشۈپ قالدىم سۆيگۈ تورۇڭغا ،
ئېچىرقىغان بېلىجانلاردەك .
سارغىيىشقا باشلىدى كۆڭلۈم ،
كۈزدە چۈشكەن سېرىق خازاندەك .
باشلاپ قويغان خىياللىرىمنى ،
ھېسلىرىڭنىڭ پىنھان يېرىگە .
ۋىسالىڭنى ئېلىپ چىقارمۇ ،
كۆرسەتمەستىن باشقا بېرىگە .
سەن كۆرمەستىن مېنى بىر نۆۋەت ،
مەن سۆيمەستىن لېۋىڭگە بىر رەت .
گەر قەلبىڭدىن سۆيگۈ سورىسام ،
بىرەلەمسەن ماڭىلا پەقەت ؟

ھەممىسدىن بولىمەن جۇدا

ساقلىساممۇ پىنھاندا سېنى ،
چىقمىدىڭغۇ چېچىڭنى تاراپ .
تاشلىغانتىڭ كۆڭلۈمگە سۆيگۈ ،
كۆزلىرىمگە قىيا بىر قاراپ .
تاقالغاندەك كۆڭلۈڭ ئىشىكى ،
چىقمىدىغۇ ھېچقانداق تىۋىش .
ئۆلۈپ كەتسەم ئىشقىڭدا ئەگەر ،
خۇدا نېسىپ قىلارمۇ بېھىش .
پۇراتمىساڭ سۆيگۈ گۈلۈڭنى ،
ۋۇجۇدۇمدىن چىقمايدۇ ناۋا .
بولسىمۇ گەر مىڭ جېنىم مېنىڭ ،
ھەممىسىدىن بولىمەن جۇدا .


قۇيىۋەتتىم پەريادىمنىڭ دۇلدۇلىنى

كۆلدە يۈرۈپ ئۇسسۇز قالغان بېلىجاندەك ،
چاڭقاپ كەتتىم يارنىڭ كۆڭۈل دەرياسىدا .
ھەيدىۋەتتى تامچە سۆيگۈ ئاتا قىلماي ،
ئايلاندىم مەن مۇھەببەتنىڭ سەۋداسىغا .
زۆھرە يۇلتۇز تۇرار ئىكەن چاقناپ كۆكتە ،
جۆر بۇلاركەن ئاشىقلارنىڭ ۋىسالىغا .
بىراق كۆڭلى پاتقۇزمىدى نىگارىمنىڭ ،
قىسىلغاندەك يارنىڭ كۆڭۈل غەمخانىغا .
شەبنەم كېلىپ قونار ئىكەن چىمەنلەرگە ،
يەتكۈزەركەن گۈل ۋەسلىگە بۇلبۇلىنى .
ۋادەرىخا ! ئېچىلمىدى مېنىڭ گۈلۈم ،
قويىۋەتتىم پەريادىمنىڭ دۇلدۇلىنى .


توغراقتەك چىڭ تۇرار بۇ غېرىپ كۆڭلۈم
دېڭىزدەك بىپايان ، ئازاپتەك چوڭقۇر ،
بىر خىيال تۇرىدۇ كۆڭلۈمدە ئەگىپ .
ھىجراننىڭ شولىسى چۈشكەن بېشىمغا ،
ھۇمانىڭ قۇشىمۇ قونمىدى كىلىپ .
شىلدىرلاپ تۆكۈلەر سۆيگۈ ياپرىقى ،
ھىجراننىڭ سوغىقى كەلگەندە يېتىپ .
قاراپلا قالىمەن غېرىپ تۇيغۇمدا ،
ئىزىلگەن كۆڭلۈمنىڭ لېيىغا پېتىپ .
چىقالماي كۆڭۈلنىڭ لېيىدىن يېنىپ ،
يۈتتۈردۈم ئۆزۈمنى ئالۋۇن سۆيگۈڭدە .
توغراقتەك چىڭ تۇرار بۇ غېرىپ كۆڭلۈم ،
كەلسىمۇ بېشىمغا شىۋىرغان كۈندە .


لەۋلىرىمىز ئېغىر خادا تاش
سەن قارايسەن كۆزۈمگە مىنىڭ ،
مەن قارايمەن كۆزۈڭگە سېنىڭ .
لەۋلىرىمىز ئېغىر خادا تاش ،
تۇتالمايمىز قولىمىزنى ھەم ...
سېغىنىشنىڭ يۇچۇقلىرىدىن ،
ئىنتىلىمىز ئۈنسىز ، پەرىشان .
دىر-دىر تىترەر ئىككى پۇتىمىز ،
ئۈستىمىزگە تاشلىنار ئاسمان .
چېقىن چاقار تىنىقلىرىمىز ،
ئارلىقىمىز شۇنچىلىك يېقىن .
باشقا ، باشقا يۆلۈنىشىمىز ،
يىراقلارغا ئېپ كىتەر ئېقىن .



... گە
تۇتالمىدىم ئۇزاپ كەتكەن قوللىرىڭنى ،
توسالمىدىم كېتىۋاتقان  يوللىرىڭنى .
ئىشقىڭ ئەجەپ قىلدى رەسۋا،قىلدى رەسۋا،
باغلىرىمدا كۆرەلمىدىم  بويلىرىڭنى .
ئەللەر كۈلەر ماڭا قاراپ-
                      ئۇ بىر ساراڭ ،
قاچار كىچىك بالا يولدا كۆرسە مېنى .
مەجنۇن مەنچە بولمىغاندۇ لەيلىنى دەپ ،
قالار چۆللەر كەينىمدە سورىسام سېنى .
تاڭ ئاتاردى تىك ئولتۇرۇپ زېرىكمەيتتۇق ،
قۇرۇق قويدۇڭ ئەنجۈمەندىن- سۆھبەتلەردىن .
ئىشقىڭ ئەجەپ قىلدى رەسۋا،قىلدى رەسۋا ،
قاچان ئاقلارسەن مېنى بۇ تۆھمەتلەردىن .
ئىشقىڭ ئەجەپ قىلدى رەسۋا،قىلدى رەسۋا ،
ئۆزۈڭ توغرا دەپ بىلەمسەن جان پارەم ؟
‹خۇدا ئامان قىلسۇن ئالتۇن بويلۇرىڭنى،›( ئامىن !)              
مەن يىراقتا                              
  سەن يات ئەلدە
چۈشۈمىزدە كۆرۈشەرمىز بىر دانەم .


تۇنۇشمىغان بولساق ناۋادا

تۇنۇشمىغان بولساق ناۋادا ،
سەزمەس ئىدى كۆڭلۈڭنى كۆڭلۈم .
باھاردىكى ئۆرۈك چېچىگى
سەزمەس ئىدى ھىجراننى بەلكىم .
باھاردىكى ئىللىق شامالدا ،
خازان بولماس ئىدى قىزىل گۈل .
كەتمەس ئىدى قەلەندەر بۇلۇپ ،
يىراقلارغا بۇ ئاشىق كۆڭۈل .
تۇنۇشمىغان بولساق ناۋادا ،
كىرمەس ئىدىڭ قەلبىمگە ئېقىپ  .
سۇغارماستىم سۆيگۈ گۈلۈمنى ،
مەن قەلبىڭدىن ئېرىقلار ئېچىپ .
ساراڭلاردەك ئۆزۈمگە سۆزلەپ ،
ئاقماس ئىدىم شاراب بەھرىدە .
ئۈششۈمەستى باھاردىكى گۈل ،
يازدا ياغقان قارنىڭ قەھرىدە .

تۇنۇشمىغان بولساق ناۋادا ،
( يۈرەر ئىدىم شاماللار كەبى )
قانات قېقىپ ئەركىن نەپەستە .
ياتماس ئىدىم مەھبۇس بۇلۇپ مەن ،
قەلبىمدىكى مۇدھىش قەپەستە .

ئەمدى ئۇ سۆيمەس دەپ ئويلىما پەقەت

سەن مېنى نېمە دەپ ئويلىساڭ مەيلى ،
سۆيگۈمدىن ئەبەدىل كەچمەيمەن زىنھار .
غەزىبىڭ گۆلدۈرلەپ ، ياغسىمۇ يامغۇر ،
قىلىمەن يەنىلا كۆڭلۈمنى ئىزھار .
مەن ساڭا قاچاندىن بوپ قالدىم ئاشىق ،
كۆرۈنمەس كۆزۈمگە ئۆزگە بىر جامال .
يىتەلمەي يۈرىمەن ۋەسلىڭگە ئەجەپ ،
دار ئۆلچەپ يۈرەمسەن بويۇمغا جانان .
نىھايەت ئاشىقلىق گۇناھ بولدىغۇ ،
ھۆكىمىڭ ئاستىدا ئېسىلدىم دارغا .
جەسىتىم كوچىدا سەرگەردان قالدى ،
قۇزغۇنلار ئاپىرىپ كۆمدى مازارغا .
دوزاختا كۈيۈپ كۈل بولسام قىيامەت ،
ئۇ ئەمدى سۆيمەس ، دەپ ئويلىما پەقەت .
تۈرەلسەم قايتىدىن يەنە مەن بولۇپ ،
سۆيىمەن يەنىلا ئەبەدىل - ئەبەت .


بۈگۈن يەنە سېنى ئىزدەپ چىقتىم ئۆيۈمدىن

بۈگۈن يەنە سېنى ئىزدەپ چىقتىم ئۆيۈمدىن ،
كەزدىم يەنە كوچىلارنى ئاۋالقىدەكلا .
ئوخشىتىمەن كىمدۇر بىرى ئۇچرىسا ئەگەر ،
ئۇ سەن ئەمەس ، ئۇزاپ كەتتىم كوچىلار ئارا .
يوقلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ ئىزلەيمەن يەنە ،
ئۇچرىمايدۇ كوچىلاردا تۇنۇش سېمايىڭ .
مەندىن تېنىپ يىراقلارغا كەتكەنسەن ئۇزاپ ،
ياكى مېنى ئىزدەپ يۈرەر سۇلغۇن خىيالىڭ .
نېمە بۇنچە ئۇچرىشالماي يۈردۇق ئېككىمىز ،
سەرگەردانلىق كوچىسىغا سېلىش مەقسىتىڭ
بولسا ئەگەر، سەرگەردانمەن ماكانسىز قالغان ،
ياكى مېنى ئازاپلاشمۇ سېنىڭ خىسلىتىڭ .



جاھىل خوتەنلىك
قىيناشلىرىڭغا ۋايىم يېمەيمەن ،
تەرسالىق قېنىمغا سېڭىپ قالغان .
ئۆزۈڭنى ھەرقانچە يوشۇرساڭمۇ ،
سېنى ئۇچىرتالماسلىقىم يالغان .

شور پىشانە ئاشىق
...
ئۆزۈمنىڭ شورى
ئاشىقلىقنى سەندىن ئۆگەنگەندىكىن
ساڭا
بۇ دۇنيادا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بېلىپ تۇرۇپ
ۋاز كېچىشنى ئۆگۈنەلمەي
كەينىڭدىن داۋاملىق قوغلىغاندىكىن


ئۆلتۈردۈڭ مېنى، مېنى
تۈڭلۈكىمنىڭ ئۈستى ئىتىلدى
كۆڭلۈمنىڭ تارى چىگىلدى
بىر جان يۈرىيدۇ مازارلىقنى چۆرگىلەپ
غېرىبانە ئايمۇ يىقىلدى
بارچە مەخلۇق سۈرگۈن قىلىنغان دەشت- باياۋانغا
پەرىشتىلەر كەتمەكتە شامالنىڭ قاناتلىرىغا مىنگىشىپ
كەل ، ئەمدى بۇيەردە بىرنېمە قالمىدى
ئۇسۇل ئوينايلى بىر- بىرىمىزگە چىرمىشىپ
ۋا ھا ھا ھاي سۆيگۈنۈم
مازارلاردا يۈرگۈنىم
دەرت ئۈستىگە دەرت بولدى
ئۆلتۈردۈڭ مېنى، مېنى
يوللار يامان كىلىشىڭدىن خەۋەر يوق
سەن يۈرىيسەن ئۆز ئورنىڭدا كۆڭلۈڭ توق
دەم- بەدەم ئاتتىڭ ئېزىقماي سۆيگۈنۈم
كۆرۈنمەستىن نىگاھىڭنى قىلىپ ئوق
ۋا ھا ھا ھاي سۆيگۈنۈم
پەرۋانە بوپ يۈرگۈنۈم
ئوتلارغا سېلىپ، سېلىپ
ئۆلتۈردۈڭ مېنى، مېنى
ئۆلتۈردۈڭ مېنى، مېنى


مېنى يوقلاپ كەلگىنە جېنىم

خىياللىرىم بولماقتا گۇمران ،
كۈتۈشلەردىن تەسكىن تاپالماي.
قاغجىرىدى كۆڭۈل چۆل كەبى ،
سۆيگۈمىزگە ئېرىق ئاچالماي .
قاداق باستى ئالقانلىرىمنى ،
پەرھات كەبى ئۆستەڭ چاپالماي.
سارغايماقتا بۇ ئەزىز تىنىم ،
مېنى يوقلاپ كەلگىنە جېنىم .
ئۇزاپ كەتتى تالاي كۈنلەرمۇ،
سۆيگۈ بېسىپ ئۆتتى ھارۋىلار.
كېلىدۇ دەپ ساقلاپ ئولتۇردۇم،
ئوتلىغىلى كەتتى پادىلار .
ئەنسىرەشتە ئاغدى يۈرۈكۈم ،
توختىمىدى ئەجەپ قاغىلار .
سارغايماقتا بۇ ئەزىز تىنىم ،
مېنى يوقلاپ كەلگىنە جېنىم .
دىدارىڭغا ئىنتىلدىم ئەجەپ ،
كۆرسەتمەكچى ئىلتىپات قېنى .
ئاينى يىلغا ئۇلاپ كۈتسەممۇ ،
نىچۈن بۇنچە قىينايسەن مېنى ؟!
تومۇرۇمدا ئاقمىدى قانلار ،
توختام سۇدەك كۈتىمەن سېنى .
سارغايماقتا بۇ ئەزىز تىنىم ،
مېنى يوقلاپ كەلگىنە جېنىم .


مېنى يوقلاپ كەلگىن دېمىگىن
ئىشقىڭ مېنى قىلدى بىھۇش مەس،
يىشىلەلمەي يۈرىيمەن ئەلەس .
قۇچاغىڭغا يىقىلىپ،بېرىپ
ئۇچىرشىشنى قىلىمەن ھەۋەس.
بارالمىدىم لېكىن ئالدىڭغا ،
بارماسلىقىم سۆيمەسلىك ئەمەس.
مەيلى ئۆمرۈڭ يەتكىچە كۈتكىن ،
مېنى يوقلاپ كەلگىن دېمىگىن .
جىم تۇرىشقا يوقتۇر تاقىتىم ،
سۆيگۈ بېسىپ كەتتى ھارۋىلار.
ئاھلىرىمدىن كۆيۈپ تۈگۈدى،
ئۆگزىدىكى شىۋاق- شادىلار.
ئاشىقلىقتىن تۇغ- ئەلەم ياساپ،
مازارلىققا تىكلەي خادىلار .
مەيلى ئۆمرۈڭ يەتكىچە كۈتكىن،
مېنى يوقلاپ كەلگىن دېمىگىن .
بىرەلمەيمەن باشقىغا كۆڭۈل ،
بولسىمۇ گەر توققۇزى پۈتۈن .
تەنھالىقم كۈمۈلگەن چوغدۇر ،
سەن بولمىساڭ چىقمايدۇ تۈتۈن .
بارالمايمەن كەچۈر سۆيگۈنۈم ،
سېنى قاتتىق سۆيگۈنۈم ئۈچۈن .
مەيلى ئۆمرۈڭ يەتكىچە كۈتكىن ،
مېنى يوقلاپ كەلگىن دېمىگىن .


مەندىمۇ بىر ئوت بار كۆرۈنمەيدىغان

قۇملۇقلار قوغلايدۇ توسۇۋېلىشقا ،
قىرتاق بىر تۇيغۇ دەپ خىياللىرىمنى .
ئېپ قاچتى شوخ شامال يىراق شەھەرگە ،
سۆيگۈڭدىن قوزغالغان قىيانلىرىمنى .
نېمىشقا كۆيدۈڭ دەپ سورىساڭ مەندىن ،
شامالغا چېچىۋەت سوئاللىرىڭنى .
نە ئامال ، رەنجىمە مەندىن ئامرىقىم ،
مەندىمۇ بىر ئوت بار كۆرۈنمەيدىغان .
چېقىن بوپ چاقنىغان سۆيگۈ نۇرلىرى ،
قىيا بىر باقسا گەر رۆجەكلىرىڭدىن .
شاھزادەڭ بۇلۇپ مەن چىقىۋالىمەن ،
كېچىسى ئاڭلىغان چۆچەكلىرىڭدىن .
پىلە قۇرتىدەك ئۇخلاپ قالساڭ گەر ،
ئېلىپلا قاچىمەن سۆچەكلىرىڭدىن .
نە ئامال ، رەنجىمە مەندىن ئامرىقىم ،
مەندىمۇ بىر ئوت بار كۆرۈنمەيدىغان .
بېلىقلار چىن سۆيگۈ سوراپ ئالىدۇ ،
ئىشىققا لىق تولغان دېڭىز كۆزىدىن .
ئازابنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ،
مەست بولۇپ يېقىلار مەينىڭ سۆزىدىن .
ئىشىقنىڭ كۈچىنى بىلمەك بولساڭ گەر ،
شاھ مەشرەپ كەپ قالسا سورا ئۆزىدىن .
نە ئامال، رەنجىمە مەندىن ئامرىقىم ،
مەندىمۇ بىر ئوت بار كۆرۈنمەيدىغان .
نە ئامال، رەنجىمە مەندىن ئامرىقىم ،
مەندىمۇ بىر ئوت بار كۆرۈنمەيدىغان .
مەن سېنىڭ قەلبىڭگە ئېقىپ كىرگەندە ،
ھېچنېمە قالمايدۇ چۈشەنمەيدىغان .


بەخۈدۈك كىتىۋاتقان ئادەم
پۈتۈن ئىشقى بىلەن
ھەممىنى كۆيدۈرۈپ
كۈل قىلىشنى ئىستىگەن بىر ئىھرامنىڭ ئاستىدا
قۇرىماس بۇلاق سۈيىدىن بەھۇزۇر ئوتلىغاچ
ياپيېشىل دەرەخنىڭ سايىسىدا
سايىداۋاتقان ئۇ ئادەم ، كىم بولغىيدى ؟
شۇنچە دىمىق چىڭقى چۈشتە
ئۇندىن تاراۋاتقان ھىد
ئەڭ سېسىق ئازگاللارنىڭ ئىچكىرسىدىكى
بىرسىنى ئويغاتقاندا ،
ئۇندىن تاراۋاتقان ھىد قانداق بولغىيدى ؟
ياكى ، ئۇ شۇنچە مەستخۇش كىكىرگۈدەك
نېمىدە ناشتا قىلغان بولغىيدى ؟
تۈگۈمەس مۇساپىدە
بەخۈدۈك كىتىپ بارغان ئۇ ئادەم -
نېمىنى كۆزلەپ سەپەرگە چىققان بولغىيدى ؟
قەيەرگە كېتىۋاتقان بولغىيدى ؟

بۇلۇتلارنىڭ كەينىدە
ئەسىمنى غىدىقلاۋاتقان شامالدا
ھەر قېتىم سېنىڭ ھىدىڭنى تۇيغاندا
ئۆزۈمنى مەستخۇش ھالەتتە سېزىمەن
بۇلۇتلار ئۈستىدە
لەرزان كىتىۋاتقان پۇتلۇرۇم
مۇقەددەس بىر كۈيگە ئەگىشىپ
سىنىڭ ھۇزۇرۇڭغا قاراپ يول ئالىدۇ
سەن ئۇندا
ئۈزۈڭنى چىرايلىق بېزەپ
مېنى ساقلاپ، مۈگدەپ قالغاندا
سېنى
گۇڭراشلىرىم بىلەن نوقۇپ ئويغىتىمەن .
ئىككىمىز
ھەممىنى ئونۇتقان ھالدا
بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كىتىمىز ...


مەن ئەڭ سۆيىدىغان ئايال
ئېگىز بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ
ھەممىگە مەغرۇر قاراۋاتقان
ھەمدە ، ھەر بىر تېنىقى
سالا- سالا ئېتىزلاردىكى يېشىل زىرائەتلەرنى قۇرۇتۇپ ئۈلگۈرتكەن
ئىھ ، قەلبىمدىكى سەن !
كۆكسۈڭدىن تاراۋاتقان ئاقلىق بىلەن
كېچەڭنىڭ سۈكۈتىدە ئولتۇراقلاشقان
نامەلۇم كۆيۈشۈشلەرنىڭ يۈلۈنىشىدە
سېنى ئىچىمدە جىمجىت ئۈنسۈن دەپ
ئورنۇمنى سۈكۈتكە تولدۇردۇم

نىگاھىڭنىڭ نىگاھىمدا توختايدىغان بۇلۇتى بار
پۇتلىرىڭنىڭ پۇتلىرىمدا توختايدىغان بۇلىقى بار
بىز شۇ بۇلاق تۇۋىدە داستىخانلىرىمىزنى سېلىپ
ئىككىلىمىز ئۆزىمىزدە بارىنى تۆكىمىز
ئاندىن ، بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ
بىر- بىرىمىزنىڭ نېسىۋىسىگە ئېغىز تىگىمىز
كەينىمىزدىكى قاراڭغۇ تاشلار
بىزنىڭ ھىكايمىزنى تىڭشايدۇ

سۆيگۈنىنى ئىزدەپ يۈرگەن قەلەندەر
كۆزلۈرۈمگە قارا
ياق ،
قەلبىمگە باق !
بىلمىدىڭمۇ ساڭا ئاشىقلىقىمنى
تۇنۇمىدىڭمۇ مىنىڭ كۆرنۈشلىرىمدىن
مەن ،
سۆيگۈنىنى ئىزدەپ يۈرگەن قەلەندەر
سېغىنىشنىڭ پايانى چۆللىكىدە
سۆيگۈ تىلەپ ئولتۇرغان
مەن ،
سۆيگۈنىنى ئىزدەپ يۈرگەن قەلەندەر
قۇرۇق چۆلدە گۈلخان يېقىپ ئولتۇرغان
سېنى دەپ
پۈتۈن كائىناتنى سۆيۈپ تويمىغان
ئۆلۈكلەرنى چاقىرىپ كىلىپ
مەشرەپ بىلەن ئۇسۇل ئوينىغان
مەن ،
سۆيگۈنىنى ئىزدەپ يۈرگەن قەلەندەر
يەتتە قات زىمىننىڭ تەكتى بىلەن
يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىدىن
سۆيگۈنىمنى سۇراپ ئولتۇرغان

مېنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار
ئەگەر بىر كۈنى تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتسەم
ياكى يىراقلاپ كەتسەم ئۆزۈمدىن
مېنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار
زېرىكتىم مەن بۇنداق ياشاشتىن
مەشرەپ چۆلىگە قېچىپ كەتكۈم بار
تاھىر زۆھرە ئىشقىدا ئاقسا مەيلى
پەرھاتقا تاغ تېشىپ بىرەلمەيمەن
مەجنۇننىڭ ساراڭلىقى ئۆزىگە
مەن سۆيگۈمدىن بەرىبىر كېچەلمەيمەن
ئەگەر مېنى كىچىشكە ئۈندىسەڭ
سۈكۈت ئىچىدە چېقىلارمەن
ئۆز- ئۆزۈمدىن يۇلقۇنارمەن
تەكتىڭگە شوڭغۇپ تۇنجىقارمەن
رازى بولۇڭلار مەندىن خالايىق
ھەقىقىي ئاشىق بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسەم گەر
مېنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار دوزاخ ياكى جەننەتتىن
تاپالمايسىلەر مېنى بىر يەردىن

سۈكۈتنى بۇزۇش
شېئىر يېزىش نىمانچە ئازاپلىق
يازماسلىق تېخى ئۇنىڭدىن يامان
مېنى شېئىر يازمىسام تۇرالماس قىلىۋەتتىڭ
ئازاپلىرىمنى ياماپ تۇرىمەن ھامان
ھەرىپلەرنىڭ يىپلىرىدا...
ئەي مېنى ئازاپ دېڭىزىغا تاشلاپ قويغۇچى !
مېنى قىيناشلىرىڭ نە ۋەجىدىن
مەندە بارى گۆش ۋە ئۇستىخان
كۈندۈزنى قاراقچىغا تارتقۇزۇپ قويۇپ
كېچىنى ئۈستۈمگە دۈم كۆمتۈرۈپ تۇرۇپ
سېنى ساقلاپ ئىستىقامەتتە ئولتۇرغان
كەلمەمسەن ؟
ئەمدى شېئىر يازغۇم يوق
ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپ زىرىكتىم
چېقىپ تاشلايمەن ئەسىر قىلغان سۈكۈتنى
سەن مېنى ئىزدىمىسەڭ مەن سېنى ئىزدەيمەن
ساقلاۋاتقىلى نەۋاخ ئىككىمىز ئۇچرىشىدىغان شۇ كۈننى

پەرىشانلىق

كۆيگەن خاتىرىلەر
يىرتىلغان كىتابلار
سونۇق ئەينەك پارچىلىرى
تولۇپ كەتكەن كۈلدان
ھەممە نەرسىلەر
سېنىڭ ماڭا كېلىۋاتقان پەرىشانلىقىڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-1 00:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامران، سېنى يېقىندىن كۆرسە سودىگەر، يىراقتىن پۇرىسا شائىر، ھېچنېمە قىلمىسا بىر تايانچ كۈچ بولۇپ دەۋرەيدىكەنسەن. شۇڭا توختىماي يېزىپ باققىن.  تونۇشتۇرمىسا تونۇماي قالاركەنمەن.

باھا سۆز

پاسئانبەي توغرا دەيدۇ .  ۋاقتى: 2013-10-1 10:20 AM
ۋاقتى: 2013-10-1 12:57:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin ئەپەندى، مەن سىزگە «ھالۋىنى يەۋەرسە ئەمەن تېتىيدۇ» بىر گېپىمىزنى سوۋغا قىلاي.

ۋاقتى: 2013-10-2 01:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت يوللىغان ۋاقتى  2013-10-1 12:57
admin ئەپەندى، مەن سىزگە «ھالۋىنى يەۋەرسە ئەمەن تېتىيدۇ» ...


قارىغاندا بۈركۈتنىڭ يېڭى ھالۋىلىرىنى يەيدىغان ۋاقىت كەپتۇ ،بۈركۈت ،بەزى ھالۋىلار باركى يىگەنسىېرى ئەمەن ئەمەس يەنىلا ھالۋا تىتىيدىغان ،يېگەنسېرى مېھرىنى ئۈزۈلمەس قىلىپ قويىدىغان ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-2 01:44  


ۋاقتى: 2013-10-8 18:47:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ . بۇ ئۇمىدلىك يۈلتۇزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن . تۇيغۇدىكى ساپلىق قەلىمىڭدىن ئۆتۇپ جىسمىمغا سېڭىپ كەتتى ساقام ... غەيرەتلىك بولغىن ، قەلىمىڭگە بەركەت تىلەيمەن ...  داۋاملىق ئالغا !!!

ۋاقتى: 2013-10-9 02:49:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامىران ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىكى كۆلەڭگىدىن،ئەكسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئوچۇق ئاپتاپتىن خۇرسەن بولدۇم. ھەم تولىمۇ ياقتۇرغان ماۋزۇلار ئىچىدە ئۇچۇپ باقتىم كېپىنەك بولۇپ.

ۋاقتى: 2014-5-25 17:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇمدلىك ياشنىڭ قەلىمىگە تەسەننا ئۇقۇيمەن .« تىرىشقان تاشقا مىخ قاقار » دەپتىكەن كونىلار .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش