فابىئان ئوئېفنېرنىڭ«قارا ئۆڭكۆر»لىرى
قاسىم سىدىق
Fabian Oefner
1984-يىلى تۇغۇلغان شىۋىتسىيىلىك سەنئەتكارفابىئان ئوئېفنېر ئۇزىنىڭ «قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى ئارقىلىق كىشىنى مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ.
فابىئان ئوئېفنېر نىڭ«قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق سىزىلغان سىزما رەسىملەر بولماي،بەلكى مىتال كالتەككە ھەرخىل رەڭلىك سىرلارنى سۆركىگەندىن كىيىن مىتال كالتەكنى يۇقۇرى تىزلىكتە پىقىراتقاندا يۇز بەرگەن ھادىسىنى 40مىڭدەن بىر سىكونىتتا فۇتۇ ئاپاراتتا تارىتقان نەتىجىكەن.تېمىدا سىر چاچراندىلىرىنىڭ بۇ خىل كۇرۇنىشىنى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.بۇ رەسىملەر پەن ۋە سەنئەت ژورنىلىغا بىسىلغان.
فابىئان ئوئېفنېر نىڭ بۇ سۈرەتلىرى"بەدىئى سۈرەت"دەپ ئاتالغان بولسىمۇ،مەن ئۇنى مۇئەييەن ئىلمى تەجىربە ئەھمىيىتىگە ئىگە سۆرەتلەر دەپ قارىدىم.سەۋەپ بۇ رەسىملەر تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزە سوئاللىرىغا ئىلھام بېرىدۇ:
1.قارا ئۆڭكۆر ئادەتتە ھەرقانداق نەرسىنى سۈمۆرىۋالىدۇ دەپ قارىلىدۇمۇبادا قارا ئۆڭكۆر ماتىرياللاردا ئېتىلىۋاتقاندەك يوقۇرى زىچلىقتىكى،ئۇز ئوقىدا ناھايتى تىز ئايلىنىدىغان جىسىم بولسا،ئۇ ھالدا ئۇ مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچكە ئىگە جىسىم ئەمەسمۇ؟.
2.ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى قاينام،قۇيۇن قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟.
3.قارىغاندا،فابىئان ئوئېفنېر نىڭ رەسىملىرىدىكى سىر چاچراندىلىرىنىڭ ئەكىس يۆنىلىشى نەق قارا ئۆڭكۆرنىڭ سۆمۆرۆش جەريانىنىڭ تەسۋىرى بولغىدەك.چۈنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھالەت دەل مۇشۇ رەسىملەرنىڭ ئەكسىچە.
4.نۇۋەتتە قارا ئۇڭكۆرنىڭ مەركىزى ئۇيۇل ماددا بولماي ئەكسىچەبوشلۇق،ھەتتا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ياشايدىغان ماكان دىگەندەك تەتقىقاتلارمەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.بۇھالدا قارا ئۇڭكۈرنىڭ مەركىزىنى بۇرۇن ئېيتىلىپ كەلگىنىدەك غايەت زور زىچلىققا ئېگە ماددى رىياللىق،غەيرى نۇقتا ،دەپ قاراشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ مەركىزى قۇيۇن ياكى قايناملارغا ئوخشاش بوشلۇق بولۇشى ئىھتىماللىققا بەك يېقىن.
تۆۋەندە فابىئان ئوئېفنېرنىڭ ئىشخانىسى ۋە "قارا ئۆڭكۆر"لىرىنىڭ سۆرەتلىرى بېرىلدى.سىزنى ھۇزۇرلارندۇرغاندىن باشقا ئىلمى تەساۋۋۇر بوشلۇغىغا باشلىيالىسا مېنىڭمۇ ھاردۇغۇم چىقىدۇ.
مەنبە: