يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 507|ئىنكاس: 3

مۇئەللىمگە خەت(ھېكايە)-قۇتيار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇئەللىمگە خەت
(ھېكايە)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن خېلى تىرىشىپ باققان بولساممۇ، ئوتتۇرا ھال كېتىپ باراتتىم. دادام ئوقۇتقۇچىلارغا دەپ قويغانمۇ بىلمىدىم، ئۇلار ماڭا ئالاھىدە كۆيۈنەتتى. لېكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېلىقلىرى كۈزۈمگە پەقەتلا سىغمايتتى. قايسى بىر كۈنى «ھەممىباپ» دەرىسى بىرىدىغان رازاق ئەسەدۇللا مۇئەللىم ئىشخانىسىغا چاقىرتىپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ، ئورنىدىن خۇددى بىرسى چىمدىۋالغاندەك  لىككىدە تۇردى. كۈزدە قۇناق پاسىرىغا يۆگەپ قويغان ئەششاپتۇلدەك يۈزىگە زومۇ-زو كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ:
-ئالدىمىزدا پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولىۋاتىمىز، سىزنى قاتناشسۇنمىكىن دېگەنىدىم،-دېدى ئۇ تۇلىمۇ سىپايىلىق بىلەن.
-ھېچقانداق تەييارلىقىم يوق، شۇڭا...
-بىر ساۋاقداش بەش خىل كەشپىيات ئىجاد قىلىپتىكەن. سىز ماقۇل بولسىڭىزلا بىرىنى توغرىلايمەن. ئۇ چاغدا ئۇمۇ، سىزمۇ نەتىجىگە ئېرىشىسىز. دادىڭىزمۇ سىزدىن پەخىرلىنىدۇ. نامىڭىز...
-نېمە، خەقنىڭ جۇۋىسدا تەرلەمدىمەن؟  بۇ سىزچە....مەن توك تەپكەن ئادەمدەك تىترەپ كەتتىم. شۇڭا ئاغزىم مىدىرلايتتى-يۇ، گەپ چىقمايتتى. بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ:   
-مۇئەللىم، مەن دەرىسلەردە ئانچە ياخشى بولمىساممۇ، ھەرگىز پەسكەش ئادەملەردىن بولمايمەن،-دېدىم غەزەپ بىلەن. مۇئەللىم مەندىن بۇنداق جاۋاپ كۈتمىگەچمىكىن، ئاغزى كاماردەك ئېچىلىپ، ھاڭۋېقىپ قالدى. ئۇ شۇ تاپتا ئېغزىغا ئون چىۋىن كىرىپ، بەش چىۋىن يېنىپ چىقسىمۇ تۇيمايدىغاندەك قىلاتتى. بىر چاغ بولغاندا:
-بۇ، بۇ....دېگىنىچە ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى بەئەينى يېلى قاچقان توپقىلا ئوخشايتتى.
بۇ ئىشلارغا بىرقانچە كۈن بولغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك غەش ئىدى. نېمىشقىدۇر تېقىمىغا بۈرگە كىرۋالغان ئادەمدەك ئارامسىزلىناتتىم ۋە: «مەن مۇئەللىمگە بەك قاتتىق تەگدىممۇ قانداق، ئۇ نېمىشقا غۇرۇرىم بىلەن ئوينىشىدۇ؟ ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ۋىجداننىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ....؟» دەپ ئويلايتتىم. ئويلىغانسېرى مۇئەللىمنىڭ ئىشىدىن ئېغىر خۇرسىناتتىم، ئازاپلىناتتىم. پات-پات:«ئەگەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بالىسى بولمىغان بولسام، ئۇ شۇنداق قىلارمىدى؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتىم. تۇرۇپ:«ھەرقانچە بولسىمۇ دىلىغا ئازار بەرمىسەم بولۇپتىكەن» دەپ ئويلاپ پۇشايمانمۇ قىلاتتىم. مەن قانچە قىلىپمۇ خىياللار قاينىمىدىن چىقالمىدىم. ئاخىرى بولماي مۇئەللىمگە خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم-دە، قۇلۇمغا قەلەمنى ئالدىم.
«مۇئەللىم، مەن سىزگە قاتتىق تىگپ سالدىم. ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلپ، دىلىڭىزغا ئازار بەرمىسەم بولاتتى. چۈنكى سىز ماڭا ئۇستاز. شۇڭا ئاۋال سىزدىن ئەپۇ سورايمەن! لېكىن مۇئەللىم، بۇ ئىشتا سىز نېمە دېمەڭ، مېنىڭچە خاتا قىلدىڭىز. مېنى تەنتەك بالىلار قاتارىدا كۆرۈپ، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلماقچى بولدىڭىز. بەلكىم سىز ماڭا بىرەر قېتىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، روھىمنى ئۇرغۇتماقچى بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مۇئەللىم، سىز ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر مەن سىز دېگەندەك قىلسام، بەلكىم شان-شەرەپكە ئېرىشىم مۇمكىن. بىراق بۇ مېنىڭ ھەقىقىي شان-شەرىپىم بولالامدۇ؟ سىزچە مەن بۇ شان-شەرەپنى يۈدۈپ يۈرەلەمدىمەن؟ بۇنى دادام ئاڭلىسا ئازاپتىن چالا بۇغۇزلانغان ئۆكۈزدەك تىپىرلاپ كەتمەسمۇ؟
مۇئەللىم، سىز بەلكىم ماڭا كۆيۈنگەنسىز. لېكىن سىزچە بۇ ماڭا كۆيىنىشمۇ؟ ياكى شەبنەمدەك پاك قەلبىمنى نابۇت قىلىشمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا  سىز نېمىشقا مېنى ۋىجدان ئازابلىنىدىغان ئىشنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىسىز؟ مۇبادا دادام مەكتەپ مۇدىرى بولمىسا، ماڭا يەنە ياخشچاق بولارمىدىڭىز؟
مۇئەللىم، ئېسىڭزدە بولسۇن! سىز ئوقۇتقۇچى، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى. مۇبادا سىزنىڭ روھىڭىزغا قۇرۇت چۈششە، سىز تەربىيەلىگەن بالىلار قانداق بولماقچى؟ شۇڭا سىز بىزگە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىتىڭ! بىراق ئادەم بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! مەن گەرچە دەرىسلەردە دېگەندەك ياخشى بولالمىساممۇ، نېمىنىڭ ۋىجدان، نېمىنىڭ غۇرۇر، نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا سىزنىڭ بۇ قىلىقىڭىز ماڭا ياقمىدى. ياقمىدىلا ئەمەس، غۇرۇرۇمغا تەگدى.
مۇئەللىم، دادام ماڭا دائىم:‹دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىلىم- ئادەم بولۇش› دەيدىغان. مېنىڭچە بىر كىشىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانىي خىسلەت بولمىسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ ئەل-يۇرتقا نېمە كېرىكى؟ بۇ خۇددى شائىر لۇتفىنىڭ  ‹مېھرى-ۋاپاسى يوق كىشى، قۇياش بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن نېمە پايدا؟› دېگەندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم، ماڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭىزغا كۆيۈنسىڭىز، روھىڭىزنى چىرماپ ئالغان قۇللۇقتىن، تامادىن قۇتۇلۇڭ! ئاندىن بىزنى ئادەم بولۇش يولىغا باشلاڭ! شۇندىلا سىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىڭىز تۈن يۇلتۇزلىرىدەك يارقىن چاقنايدۇ.
مۇئەللىم، بەلكىم مەن كىتابنى كۆپ ئوقۇغاچقىمىكىن، ئادىمىيلىك ھەققىدە تولا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا خېتىمدىمۇ بۇ توغرىسىدا بىلگىنىمچە يازدىم. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئويلۇنۇپ باقارسىز. ئەگەر پىكىرلىرىم سىزگە ياقمىسا، تەنتەكلىكىم ئۈچۈن سىزدىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن!
مۇئەللىم، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ‹مائارىپ- ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي›. مېنىڭ ‹ھەقىقىي ئادەم› بولغۇم بار!»
مەن خەتنى يېزىپ بولۇپ، مۇئەللىمگە بېرىش، بەرمەسلىك توغرىسىدا خېلىلا ئويلاندىم. كېيىن:« بۇ خېتىمنى رازاق ئەسەدۇللا مۇئەللىم ئارقىلىق باشقا ئوقۇتقۇچىلار كۆرسە، بەلكىم بىر نەرسە دەر»دېگەن ئۈمىد بىلەن مۇئەللىمگە بەردىم. بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇئەللىملەر ئۈن-تىۋىش قىلىشمىدى. بەلكىم خېتىمنى ئوقۇغاندۇ ياكى ئوقۇمىغاندۇ؟ لېكىن مەن خېتىمنىڭ ئوقۇلۇپ، مېنى ياكى ئۆزىنى تەنقىد قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار.      

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-30 17:08:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار بۇرادەر بۇ ھېكايىڭزدە ئادىمىلىك خىسلەت ئۆز ئورنىنى تېپپتۇ.باللىرىمىز چۇقۇم نەپ ئالغۇدەك!

ۋاقتى: 2013-9-30 18:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ھىكايىڭىز خېلى بەلەن يېزلىپتۇ. ئېنژىنرغا يېزلغان خەت جايىغا تېگىپتۇ.
مائارىپ- ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي.  دېمەي مەكتەپ دىسىڭىز بوپتكەن باشتىن ئاياغ.
مائارىپ ئىدارسى ئادەم تەربىيلىمەيدۇ.  ئوقۇتۇشنى باشقۇرىدۇ خالاس.
ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە <ھەممىباپ> دېگەن دەرسلىك بارمۇ  ئىجادىيتىڭىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشنى ئۈمىد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-30 18:36  


ۋاقتى: 2013-10-4 22:23:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تولپارىڭىز ھارمىغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش