كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 4

قەشقەر قوغۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەشقەر قوغۇنى
غازى ئەھمەد
مەن قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىن ئورۇن ئالغان قورغان (بۇ يەر نامى ھازىر ‹ر› تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، ‹و› تاۋۇشى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس، شۇڭا، قورغان دەپ ئېلىش مۇۋاپىق). يېزىسىنىڭ ھوجدار (توغرا ئاتىلىشى خوجىدار ــ ئىگىلىك باشقۇرغۇچى) كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنىدىم. يېشىم 20 لەرگە كەلگەندە (1954-يىلى)، ئوقۇشقا چىققان مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدىم.ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىمدىكى ئىشلارنى زادىلا ئۇنتۇيالمايمەن.
قورغان، بەشكېرەم ۋە سەمەن يېزىلىرى ئۇزۇن تارىختىن بىرى، قەشقەر شەھەر ئاھالىسىىنى شېرىن-شەربەت مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، ئوتياشش-چۆنەكلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قورغان يېزىسىنىڭ زېمىنى قۇرغاق، سۈيى مول، ھاۋاسى ساپ ھەمدە قەشقەر شەھىرىگە يانداش بولۇش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، قەشقەر شەھىرىنىڭ بايلىرى قورغان يېزىسىدىن يەر-زېمىن سېتىۋىلىپ، يازلىق باغ-ھويلا، ئىمارەتلەرنى ياساپ، ياز كۈنلىرى مۇشۇ داچىلاردا ئۆتكۈزۈپ قىش پەسسلىدە شەھەرگە كېرىپ ياشايتتى.
مەن بۇ ئەسلىمەمدە پەقە قەشقەر قوغۇنلىرىنىڭ ئۈستىدىلا توختىلىمەن. ئۇ زامانلاردا پارنىك، سۇلياۋ يوپۇق، ئاق ئوغۇت (خىمىيىۋى ئوغۇت) قاتارلىقلار يوق بولۇپ، دېھقانلار تېرىقچىلىقتا پەقەت تەبىئىي ھاۋا كىلىماتى بىلەن يەرلىك ئوغۇتلارغا تايىناتتى. قوغۇننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس رەڭگى، شەكلى ۋە تەمى بىلەن بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. بەزىلىرى يازلىق، بەزىلىرى كۈزلۈك ۋە بەزىلىرى قىشلىق قوغۇن دەپ ئايرىلاتتى. ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسىرلەردىن بىرى دېھقانلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ساقلاپ كېلىۋاتقان قوغۇننىڭ بىر مۇنچە سورتلىرى يوقىلىپ كەتتى يااكى شالغۇتلىشىپ، ئەسلىدىكى تەمىنى يوقاتتى. مېنىڭچە بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. مەن مۇشۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان ئالىملار، ئاگرانوملارنىڭ تەتقىقاتىغا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ ئەسلىمىنى يازدىم.
قوغۇننىڭ تۈرلىرى
بىرىنچى، چىلگە. 5-ئاينىڭ ئاخىرى بىرىنچى بولۇپ سەمەننىڭ چىلگىسى بازارغا كېرەتتى. چىلگىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ پىششىق ياكى توڭلىقى، رەڭگىنىڭ سارغايغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە خاس پۇراق چاچقانلىقى بىلەن ئايرىلاتتى. چىلگە تومۇزنىڭ ئاپتىپىنى كۆرمىگەچكە، پىلەكتە تۇرغان ۋاقتى قىسقاا بولغاچقا، ئۇنىڭ قەنت تەركىبى يوق دېيەرلىك، گەرچە ئۇنىڭ چىرايلىق رەڭگى ۋە خۇش پۇرىقى بولسىمۇ، تەمى تاتلىق بولمايدۇ. چىلگە يازلىق قوغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتىدا يېسە بولىدۇ،ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى، شېكەرسۇن. بۇ پەقەت ھەزرەت (ئاپاق خوجام) يېزىسىدىلا تېرىلىدۇ. بۇ ھەجىمى بىر قەدەر كىچىك،رەڭگى كۆكۈش يېشىل (توق ۋە ئاچ رەڭ گىرەلەشكەن)، ساپىقىدىن بۇرنىغا قارىتا سىدام يولى بار، شاپىقى نېپىز، ئېتى ئاچ كۆكۈش، ئۆزى چۈرۈك بولۇپ، سەمەننىڭ چىلگىسىدىن بىرەر ھەپتە كېيىنلا بازارغا كېرىدۇ، بۇ ھەم پىلەكتە تۇرغان ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، تەمى ئۇنچە تاتلىق ئەمەس.
ئۈچىنچى، جاكۆكچى. بۇ پەقەت دۆلەتباغ يېزىسدىلا ئۆستۈرۈلىدۇ. جاكۆكچىنىڭ ھەجىمى نىسبەتەن چوڭراق، شەكلى سوزۇنچاق، رەڭگى يېشىلغا مايىل، چا رەڭلىك بولۇپ، كۆرۈنۈشى خېلى چىرايلىق،لېكىن بەتتام بولغاچقا، «جاكۆكچى» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قوغۇنمۇ شىكەرشۈنگە ئۇلىنىپلا بازارغاا كېرىدۇ، ئېتى ئاق بولىدۇ. جاكۆكچى گەرچە تەمسىز بولسىمۇ، بالدۇر بازارغا كىرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى «يېڭىلىق» دەپ سېتىۋالىدۇ.
تۆتىنچى، ئاقچى. ئومۇمى شەكلى جاكۆكچىگە ئوخشايد. مەيلى شاپىقى، مەيلى ئېتى بولسۇن پۈتۈنلەي ئاق بولىدۇ. بۇ قوغۇن جاكۆكچىدىن تۆت، بەش كۈن كېيىنلا بازارغا كېرىدۇ. بۇ قوغۇننىڭ تەمى جاكۆكچىدىن سەل-پەل ياخشىراق، ئېتى چۈرۈك بولىدۇ. يۇقىرىقى قوغۇنلار بازارغا بالدۇر كىرگەنلىكى ئۈچۈن يامان ئەمەس پۇل بولىدۇ.
بەشىنچى، پوستى پىياز. بۇ قوغۇن ئاساسەن پاختەكلى، قاقۇللا يېزىسىدىن چىقىدۇ. بۇمۇ يازلىق قوغۇن بولۇپ، جاكۆكچىگە قارىغاندا سەل قورساقلىقراق بولىدۇ. رەڭگى كۆكۈشرەك چار، قوغۇننىڭ شاپىقى (ساپاق تەرىپى) تورلىشىدۇ. ئېتى ئېقىش، ئۆزى سۇلۇق، بىر قەدەر تاتلىق تەمى بار. شاپىقىغا يېېقىنلاشقانسېرى بىر ئاز تەمسىز بولىدۇ.
ئالتىنچى، سەبزە نازۇك. ئاساسەن پاختەكلى، قاقۇللا يېزىلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ. رەڭگى كۆكۈش، چار، سىدام يولى بار. شەكلى، پوستى پىيازدىن چوڭراق بولۇپ، قورساقلىق كېلىدۇ. سەبزە نازۇك ئۆزى ئەتلىك، ئېتى كۆكۈشكە مايىل ئاق بولۇپ، تەمى خېلىلا تاتلىق، بۇ ھەم يازلىق قۇغۇن بولۇپ، سۇلۇق، شاپىقى قېلىنراق، قوغۇننىڭ شاپاققا يېقىنلاشقان قىسىمى تەمسىزرەك بولىدۇ.
يەتتىنچى، كۆكچى. كۈزلۈك قوغۇن بولۇپ، شاپىقى كۆكۈش، ئېتى ئاق، سۇلۇق ھەم چۈرۈك. بىرەر ئاي ساقلاپ يېسىمۇ بولىدۇ. تەمى تاتلىق، كىشىلەر ئارىسىدا «كۆكچى نوچىنىڭ» دېگەن سۆز بار. ھەجىمى چوڭراق بولۇپ، ساپاق تەرىپىدىن يېرىمىگە يېقىن تورلىشىدۇ. ئەگەر كۆكچى، ئاق كۆكچى، شېكەر پىلەك، چار چۈرۈك قاتارلىق قوغۇنلار پىشقاندا، چۆنەككە سۇ كېرىپ كەتسە، بۇ قوغۇنلار شۇ زامانلا يېرىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال شۇ خىلدىكى قوغۇنلارنىڭ قەنت تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئېتىنىڭ چۈرۈك بولۇشى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.
سەككىزىنچى، ئاق كۆكچى. بۇ قوغۇننىڭ رەڭگى تۆتىنچى ئورۇنغا يېزىلغان «ئاقچى» غا ئوخشاپ قالىدۇ. ھەجىمى ئاقچىدىن چوڭراق بولىدۇ، قوغۇننىڭ ئىچى ۋە سىرتى پۈتۈنلەي ئاق بولۇپ، ساپىقى تەرەپ تورلىشىدۇ، پىشىش ۋاقتى كۆكچىگە ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ ئاقلىقىدىن باشقا، تەمى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى كۆكچىگە ئوخشايدۇ، بۇ قوغۇن ھەم چۈرۈك، ھەم تاتلىق بولىدۇ.
توققۇزىنچى، بېشەكشۈن. 8-ئاي ئىچىدە پىشىدىغان يازلىق قڭغۇن بولۇپ، ناھايىتى ئەتلىك، سۇلۇق ھەم تاتلىق بولىدۇ. چوڭلىرى ئون نەچچە كىلوگېرام بولىدۇ. بېشەكشۈن پىشقاندا سارغىيىدۇ ھەم خۇش پۇراق چاچىدۇ. شەكلى يۇمىلاق بولۇپ، كككۈش يولى بار، خەلق ئارىسىدا بېشەكشۈن قارنى ياماننىڭ» دېگەن سۆز بار. بېشەكشۈننىڭ كەنت ماددىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇنى كاسا قىلىپ پىچىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ، پىچاق بىلەن قىرىپ، زاغرا ناندىن بىرنى ئالقان بىلەن ئۇۋلاپ كاسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەۋەلسا، راۋۇرۇس تويۇپ، بىر ۋاخلىق تاماق بولۇپ، بىر كۈن قورساق ئاچمايدۇ.
ئونىنچى، چوڭ چىلگە  (بېشەكشۈن بىلەن چوڭ چىلگىنى چاڭلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈلگەن، چىلگىنىڭ بىر خىل سورتى). بۇ چىلگىدىن كېيىنرەك پىشىدۇ. رەڭگى بېشەكشۈنگە ئوخشاپ قالىدۇ. لېكىن تەمى بېشەكشۈنگە يەتمەيدۇ، چىلگىدىن سسەل تاتلىقراق بولىدۇ، بۇ ھەم يازلىق قوغۇن بولۇپ، ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ.
ئون بىرىنچى، شېكەر پىلەك. قورغاننىڭ خاڭدى، مۇرتىم يېزىلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ. رەڭگى قىزغۇچ چار، ئېتى قىزىل ۋە ناھايىتى چۈرۈك بولۇپ، ئىنتايىن تاتلىق. بۇ قوغۇننى پىلەكتىن ئۈزىدىغان چاغدا، قوغۇننىڭ ساپىقىدىن ئىككى، ئۈچ سانتىمىتېر قالدۇرۇپ كېسىۋالسا بولىدۇ.ئۇنداق قىلماي ساپىقىدىن تۇتۇپ ئۇدۇل تارتسا، قوغۇننىڭ ساپىقى شاپاقىنىڭ بىر قىسىمىنى قومۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە قوغۇننى شاپاق تەرىپى تالا-تالا بولۇپ يېرىلىپ كېتىدۇ. قوغۇننى پىچىش توغرا كېلىپ پىچاق سالسا، قوغۇن ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ كېتىدۇ، بۇ قوغۇننىڭ چۈرۈك ھەم ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىقلىقىدىن بولغان ئالامەتتۇر. شېكەر پىلەكنى كۈزلۈك ھەم قىشلىق قوغۇن دېيىشكە بولىدۇ. قوغۇننىڭ تۇمشۇق تەرىپى قىزغۇچ بولۇپ، ساپاق تەرىپى پۈتۈنلەي تورلىشىدۇ. بۇ قوغۇن كۈزدە پىشىدۇ،ئۇنى ئاۋۋال مۇز توڭلىغىچە ئاپتاپقا سېلىپ، ئاندىن سالقىن يەرگە قويۇپ قويسا،ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ،3-،4-ئايلارغىچە ساقلاپ يېگىلى بولىدۇ.
ئون ئىككىنچى،چار چۈرۈك. رەڭگى كۆكۈش چار بولۇپ، ھەجىمى شېكەر پىلەكتىن چوڭراق بولىدۇ. بۇنىڭ ئېتى كۆكۈش چىقىدۇ. بۇ قوغۇن ھەم تاتلىق ھەم چۈرۈك بولۇپ، پىچاق تېگىپ بولغىچە يېرىلىپ تۇرىدۇ. چار چۈرۈكنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى كاسا قىلىپ، پىچاق بىلەن قىرىپ سۈيىنى ئىچسە ناھايىتى تاتلىق بولۇپ، كىشىگە ئاجايىپ ياخشى لەززەت بېرىدۇ.
ئون ئۈچىنچى، تۇرنا. كۈزلۈك قوغۇن بولۇپ، ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ناھايىتى ئۇزۇن، تەخمىنەن 45-50سانتىمىتېر كېلىدۇ. بۇ قوغۇن ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى قوغۇن بەكمۇ ئەتلىك، ئۇرۇقى ئاز. ئېتى قىزىل،بەزىلىرىنىڭ سارغۇچ كېلىدۇ. تۇرنا ئۆزگىچە تەمى بىلەن باشقا قوغۇن تۈرلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممە يېرى تورلاشقان بولىدۇ.
ئون تۆتىنچى، چۆگۈنباش. بۇ قوغۇن باشقىلاردىن كىچىك بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق بولىدۇ. ئۇرۇقى ئاز، ئېتى قېلىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قڭغۇن ھەم قاتتىق ھەم ئېغىر بولىدۇ. شاپىقى قېلىنراق كېلىدۇ، خېلى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئون بەشىنچى، قارا كۆكچى. شاپىقى قارامتۇل،كۆك بولۇپ، شاپاق تەرىپى تورلىشىدۇ، ئېتى قىزىل چىقىدۇ. قوغۇننىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، شەكلى سوزنچاق،بۇ قوغۇن ناھايىتى چۈرۈك ھەم تىلنى يارغۇدەك تاتلىق. بەزى قوغۇنلارنىڭ ئېتىنىڭ يېرىمىگىچە تاتلىق بولسىمۇ، شاپىقىغا يېقىنلاشقانسېرى تەمسىز بولىدۇ، شۇنىڭدەك بەزى قوغۇنلارنىڭ بۇرنى تەرىپى تاتلىق بولسىمۇ، شېكەر پىلەك،چارچۈرۈك، قاتارلىق قوغۇنلار بولسا، ھەممە يېرى ئوخشاشلا تاتلىق،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوغۇنلارنى يېگەندە، شاپىقى نېپىزلاپ كەتكىچە غاجىلاپ يەيدۇ.
ئون ئالتىنچى، بەگزادە. بۇ قوغۇن ئادەتتىكى قوغۇنلاردىن كىچىك بولۇپ، شاپىقى نېپىز ھەم يۇمران، رەڭگى كۆكۈش،ساپىقىدىن بۇرنىغا قارىتا سىدام يولى بار. ئېتى سۇس كۆك بولۇپ، ناھايىتى چۈرۈك ھەم تاتلىق بولىدۇ. ئەتسىز بولۇپ، بىر ئادەم بۇ قوغۇندىن بىر قېتىمدا بىرنى يېسە تويمايدۇ، بۇ قوغۇن ھەم يېيىشلىك ھەم سېڭىشلىك بولۇپ، نىسبەتەن كەم ئۇچرايدۇ.
ئون يەتتىنچى، ھامۇت قازى. قىشلىق قوغۇن رەڭگى قىزغۇچ بولۇپ، ھەممە يېرى تورلىشىدۇ. بۇ قوغۇن بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئالتە-يەتتە كىلوگىرام كېلىدۇ، ئېتى قىزىل بولۇپ، بىر ئاز قاتتىقراق بولىدۇ، بۇ قوغۇننى نىسبەتەن ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلىسا، ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
ئون سەككىزىنچى، قاراقاش. قىشلىق قوغۇن، ھەجىمى ئوتتۇراھال بولۇپ، شاپىقىنىڭ تېگى سارغۇچ، ساپىقىدىن بۇرنىغا قارىتا يولى بار. ئېتى قىزىل، بەزىلىرىنىڭ سۇس كۆك بولۇپ ھەم سۇلۇق ھەم تاتلىق بولىدۇ. قاراقاش قوغۇننىڭ ھەممە يېرى تورلىشىدۇ. بۇ قوغۇننى كەچكۈزدە (سوغۇن چۈشكىچە) ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپقا سېلىپ قويۇپ، مۇزلاشتىن سەللا ئىلگىرى ئۆيگە ئېلىپ كېرىپ تەكچىگە تېزىپ قويسا، كېلەر يىلى قوغۇنغا ئۇرۇق سالىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاپ، ئېتىز بېشىدا قوغۇننى يەپ، ئۇرۇقىنى تېرىيدىغان ئىشلار بار.
ئون توققۇزىنچى، كۆك بەرى. بۇ قوغۇن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خوشئاۋات، شورجەينەك دېگەن جايلىرىدىن كۆپرەك چىقىدۇ. بۇ قوغۇننىڭ ھەجىمى نىسبەتەن چوڭ، شاپىقى چار بولۇپ، ھەممە يېرى تورلىشىدۇ. ئېتى كۆك بولۇپ، ھەم سۇلۇق ھەم تاتلىق بولىدۇ. دېھقانلار كۆك بەرىنى بازارغا سالماي، ئاساسەن ئۆزلىرى يەيدۇ. كۆك بەرىنى قىش كۈنلىرى ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ، كاسا قىلىپ قىرىپ سۈيىگە نان چىلاپ يېسە ناھايىتى لەززەتلىك بولۇپ، ئوبدان بىر ۋاخ تاماق يېگەندەك ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ.
يىگىرمىنچى، يوپۇرغىنىڭ تېرىم كۆكچىسى. ھەجىم يوغان، قورساقلىق، ئېتى قېلىن بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى يەتتە-سەككىز كىلوگىرام كېلىدۇ. ھەممە يېرىلا تورلاشقان بولۇپ، ئېتى قىزىل بولىدۇ. بۇ ئاساسەن قىشلىق قوغۇن بولۇپ، پەم بىلەن ساقلىسا خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، بۇ قوغۇننى كۆپىنچە باققاللار قىش پەسلىدە تىلىملاپ پىچىپ ساتىدۇ.
يوپۇرغىنىڭ كۆك بەرىسى. بۇ قوغۇن نىسبەتەن چوڭ، قورساقلىق بولۇپ، شاپىقىنىڭ رەڭگى كۆكۈش چار بولىدۇ، بۇ قوغۇننىڭ ھەممە يېرى تورلىشىدۇ. ئېتى كۆكۈش رەڭدە بولۇپ، ناھايىتى سۇلۇق ھەم تاتلىق بولىدۇ. باققاللار قىش كۈنلىرى بۇنداق قوغۇندىن بىرنى تىلىملاپ پىچىپ ساتسا، پالانى پۇلغا يارايدۇ.
قوغۇننىڭ ئەسلى سورتىنى ساقلاپ، شالغۇتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش
دېھقانلار قوغۇننىڭ ئەسلى سورتىنى ساقلاش، ئۇنىڭ باشقا سورتلار بىلەن چاڭلىشىپ، شالغۇتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە.
1.ھەر قايسى يېزا-كەنتلەر شۇ جاينىڭ ھاۋا-كىلىماتى، تۇپرىقىنىڭ نەم (زەي) ياكى قۇرغاق بولۇشى، قۇمساز، سېغىز ياكى شېغىللىق بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېسابقا ئېلىپ، شۇ يېزا ياكى كەنتكە لايىق كېلىدىغان بىرەر-ئىككى سورتنى تېرىيدۇ. بۇنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ئەنئەنە دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا قوغۇننىڭ چىلگە، شېكەرشۈن، جاكۆكچى، ئاقچى دېگەنگە ئوخشاش سورتلارنى ئىمقانقەدەر بالدۇر تەييار قىلىپ، دەسلەپكى بازارغا ئۈلگۈرتۈش، «يېڭىلىق» سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ، ياخشىراق پۇل تېپىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
2. دېھقانلار قوغۇن تېرىغاندا ھەر خىل سورتلارنى بىر ئېتىزغا ئارىلاش تېرىمايدۇ، ئەگەر ئارىلاش تېرىلىپ قالسا، ھەر خىل سورتلار ئۆز-ئارا چاڭلىشىپ، شالغۇت بولۇپ ئەسلىدىكى سورت بۇزۇلىدۇ.
3. دېھقانلار قوغۇن پىشقاندا ياكى قوغۇننى ئومۇميۈزلۈك ۋاشاڭ قىلىپ، مەھسۇلاتنى يىغىۋالغاندا، ئۇرۇقلۇق قىلىش ئۈچۈن سورتى بۇزۇلمىغان، مۇرادىغا يېتىپ پىشقان ئەڭ ياخشى سورتلارنى ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن تاللىۋالىدۇ.
4. قوغۇننىڭ ئۇرۇقىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۇ قوغۇننى كاسا قىلىپ يەپ، ئۇرۇقىنى ئۆزىنىڭ شاپىقىغا ئېلىپ، ئاپتاپتا ئايرىم قۇرۇتۇپ ئايرىم جايدا ساقلايدۇ.
5. بەزى دېھقانلار ھەر يىلى پەقەت بىر-ئىككى سورتنى تېرىشقا ئادەتلەنگەن. يەنى شۇ خىل سورت بىلەن نام چىقارغان. مەسىلەن، مورتىمنىڭ شېكەر پىلەك، چارچۈرۈك، قاقۇللىنىڭ پوستى پىياز، سەبزە نازۇك،پەيزاۋاتنىڭ قاراكۆكچى، كۆك بەررە، قورغاننىڭ بېشەكشۈن دېگەنلەرگە ئوخشاش. بەزىلىرى يازلىق قوغۇن تېرىسا، بەزىلىرى پۈتۈنلەي قىشلىق قوغۇن تېرىيدۇ.
قوغۇنغا كېسەل تېگىشتىن ساقلىنىش
قوغۇننىڭ دۈشمىنى ئاساسەن ئىككى خىل بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى، قوغۇننىڭ يېنىغا شۇمبۇيا ئۈنۈش؛ يەنە بىرى قوشۇننىڭ ئالدى پىشاي دېگەندە يوپۇرماقلىرىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى ئاق تور تارتىپ، سارغىيىپ، ئاق پىلەك بولۇش. شۇمبۇيا چىققان ياكى ئاق پىلەك بولغانلارنى سىرتقا قاراپلا كېسەل تەگمىگەن قوغۇنلاردىن پەرق ئېتىش قىيىن. قوغۇن ئېلىپ ساتىدىغان، بولۇپمۇ قوغۇننى تىلىملاپ پىچىپ ساتىدىغان باققاللار بۇنداق قوغۇنلارنى ئاسانلا بىلىۋالىدۇ. ئۇلار قولنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنىقىنى ئاتايىن ئۆستۈرىۋالىدۇ. قوغۇننىڭ شاپىقىغا تىرنىقىنى پاتۇرۇپ، شاپاقنىڭ ئىچىنى ئېچىپ قارايدۇ. ئەگەر شاپاقنىڭ ئىچى توق يېشىل رەڭدە بولسا، بۇ قوغۇندا ھېچقانداق كېسەك يوق، ئۇ چوقۇم تاتلىق ياكى ئۆزىنىڭ ئەسلى تەمىنى ساقلىغان بولىدۇ. ئەگەر شاپاقنىڭ ئىچى ئېقىش (پاختىلاشقان) كۆرۈنۈشتە بولسا، بۇ چوقۇم كېسەل تەگكەن، يەنى شۇمبۇيا چىققان ياكى ئاق پىلەك بولغان قوغۇن بولۇپ، بۇنداق قوغۇن ئىنتايىن تەمسىز بولىدۇ.
دېھقانلار بۇ خىل كېسەللەردىن ساقلىنىشنىڭ چارىسىنى تاپقان. 1. بىر قېتىم قوغۇن تېرىغان يەرگە 2-، ھەتتا 3-،4- يىللىرىمۇ قايتا قوغۇن تېرىمايدۇ. ئون يىل ئەتراپىدا قوغۇن تېرىلىپ باقمىغان، بەلكى زادىلا قوغۇن تېرىلىپ باقمىغان يېڭى ئېچىلغان بوز يەرلەردە قوغۇن ناھايىتى ئوخشايدۇ. شۇمبۇيا، ئاق پىلەك دېگەنلەر كۆرۈلمەيدۇ. بەزىلەر قوغۇن تېرىيدىغان يەرنىڭ يۈزىنى 20-25 سانتىمىتېر چوڭقۇرلۇقتا ئېلىۋېتىپ، يەرنى ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن قوغۇن تېرىيدۇ. شۇنىڭدەك قوغۇن پىلەك تارتىشقا باشلىغاندا، پىلەكنىڭ ئاستىغا كۈل چېچىپ ئاق پىلەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قوغۇننى پەرۋىش قىلىش
قوغۇن تېرىلىدىغان يەر باش باھاردا ئوسا قىلىنىدۇ، يەرنىڭ ئوسىسى كېلىشكەندە، چاناپ تۇپراق ياخشى يۇمشىتىلىدۇ. ئاندىن تاختا ۋە چۆنەكلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ تانا تارتىپ ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ نەمدەپ قويۇلغان ئۇرۇقلارنى ھەر بىر تۈپنىڭ ئارىلىقىنى يېرىم مىتېر تاشلاپ، نەم يەرگە ئۈچ تال ئۇرۇقنى سېلىپ بەش-ئالتە سانتىمىتېر قېلىنلىقتا توپا بىلەن كۆمىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ چىقىپ، ئۈچ-تۆت قۇلاق بولغاندا، ئارىسىدىكى جانلىق ئۈنگەنلىرىدىن ئىككى تال قويۇپ، باشقىلىرىنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. قوغۇن تۆت-بەش تال يوپۇرماق چىقارغاندا، مايسىنىڭ ئالدى تەرىپىنى، يەنى چۆنەك تەرىپىنى 15 سانتىمىتېر چوڭقۇرلۇقتا باشتىن بويىغا ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى قوينىڭ قىغىغا بولسا كۈنجۈرە ئارىلاشتۇرۇپ كۆمۈپ، چۆنەكنى ئويۇپ توپىسىنى ئوغۇت كۆمگەن يەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، دەرھال چۆنەككە سۇ قۇيىدۇ، دەسلەپكى قۇيۇلغان سۇ چۆنەككە بەك تولدۇرىۋىتىلسە، قوغۇن مايسىسىنىڭ تۈۋىگە سۇ كېرىپ كېتىپ، قۇرىسى توپىسى قېتىۋالىدۇ. سۇنى پەقەت مايسىنىڭ تۈۋىگە نەم كەتكىدەكلا ئاچسا بولىدۇ. قوغۇن مايسىسىنى دەسلەپ ئوغۇتلىغاندا مايسا يىلتىزىنىڭ ئەدەپ يەپ قېلىشى، يەنە بىرسى «يەر يولۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كۆك قۇرتلارنىڭ مايسىنى غاجىلاپ نابۇت قىلىشنى نەزەرگە ئېلىپ، دەسلەپتە ھەر بىر تۈپتە ئىككى تال مايسا قالدۇرۇلىدۇ. قوغۇننى ئالد تەرىپىدىن ئوغۇتلاپ ھەپتە ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئارقا تەرىپىدىن بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇيا بىلەن كۆك يانتاق قوغۇننىڭ ئەڭ ياخشى ئوغۇتى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋۋال بۇيا بىر يەرگە تۆپە-تۆپىلەپ بېسىلىپ، ئۈستىنى پالاز بىلەن يېپىپ چۈمكەپ قويۇلسا، ئۇ ئۆزلىكىدىن قىزىپ ھورداپ سېسىسقا باشلايدۇ. ئاندىن قوغۇننىڭ ئارقا تەرىپىنى 20 سانتىمىتېر ئەتراپىدا ئويۇپ، ئاۋۋال ئاستىغا سېسىتىلغان بۇيىنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانات قىغىنى سېلىپ كۆمۈۋېتىلىدۇ. بۇ چاغدا بىر ئورۇندا بىر تۈپ مايسا قالدۇرۇلسا بولىدۇ. قوغۇنلۇنىڭ تاختىسىنى كەتمەن بىلەن چاناپ ئوبدان يۇمشىتىش كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن چۆنەككە كۈن ئارىلاپ سۇ قۇيۇلىدۇ. سۇ پەقەت چۆنەك ئارقىلىق تۇپراقنىڭ ئارىسىغا سېڭىپ كېرىپ، قوغۇننى يىلتىزى ھەم يۇمشاق ھەم نەمخۇش تۇپراقتا ناھايىتى ئەركىن راۋاج تاپىدۇ. بۇ مەزگىلدە قوغۇن سۇ خالايدۇ ۋە ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ. ھەر بىر سوتكىدا قوغۇن پىلىكى بىر غىرىچتىن ئارتۇق ئۇزىراپ بارىدۇ. قوغۇننىڭ پىلىكى بىر مىتېردىن ئاشقاندا، چۆنەكنىڭ تېگى چوڭقۇر ئويۇلۇپ، ئۇنىڭدىن قومۇرۇپ ئېلىنغان لاي چۆنەكنىڭ ئىككى قىرىغا چىرايلىق تىزىپ ئېلىپ قويۇلىدۇ. قوغۇننى بېقىش (ئوغۇتلاش) بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. چوڭقۇر ئويۇلغان چۆنەك ئىچىگە كۆك يانتاق، چاكاندا، ھەتتا سامان قاتارلىقلار سېلىنىپ نەرسىلەر سېسىپ ئۇنىڭ قۇۋۋىتى يەر ئاستىغا سېڭىپ كېرىپ قوغۇنغا كۈچ بولىدۇ.
قوغۇننىڭ پىلىكى 60-70-سانتىمىتېر كەلگەندە، چېچەك ئېچىلىپ سويما چۈشۈشكە باشلايدۇ ھەم پىلەكلەر ھەر تەرەپكە يامراشقا باشلايدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، ھەر بىر تۈپ قوغۇندىن ئۈچ تال چاتاقنى قالدۇرۇپ، باشقىلىرىنى بىخ ھالىتىدە چىمدىپ ئۈزۈۋىتىش كېرەك. ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان چېچەكتىن تۆرەلگەن سويما يوغىنالمايدۇ ھەم ناھايىتى بالدۇرلا پىشىپ قالىدۇ. بۇنى كىشىلەر «بىخىغا چۈشكەن» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە بۇنى قوغۇننىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ ئۇنىڭ پېشىپ يىتىلىشىنى كۈتمەي ئېلىۋېتىدۇ. قوغۇنلۇقنىڭ تاختىسىغا دەسسەش مەنئىي قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ دېھقانلار ئاۋايلاپ تاختا ئىچىگە كېرىپ، قوغۇننىڭ پىلەكلىرىنى تەكشى تاراپ رەتلەيدۇ. پىلەكنىڭ سويما سالمىغان ياۋا شاخچىلىرىنى بىخ ھالىتىدە پۇتىۋېتىش كېرەك. ئادەتتە بىر تۈپ قوغۇندىن ئىككى ياكى ئۈچ شاخ قالدۇرۇلسا، ھەر بىر شېخىدا دەسلەپ چۈشكەن سويمىسى راۋۇرۇس چوڭ بولۇپ، مۇرادىغا يېتىپ پىشىدۇ. ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشكەن سويمىسىمۇ ياخشى چوڭ بولىدۇ ھەمدە ئاساسىي جەھەتتىن پىشىدۇ. پىلەكنىڭ ئۇچى تەرەپكە چۈشكەن سويمىلىرى تېخى پىشماي تۇرۇپ، كۈز چۈشۈپ كېتىدۇ. قوغۇنلار پىشىپ، ئۇنى يىغىۋالىدىغان چاغدا قوغۇننىڭ ساپىقىدىن ئىككى-ئۈچ سانتىمىتېر قالدۇرۇپ كېسىۋىلىش لازىم. ئۇنداق قىلماي، ساپىقىنى ئۈچۈپ تاشلىغاندا، شۇ جاي زىدە بولۇپ، قوغۇن زىدە بولغان شۇ جايدىن ئاسانلا سېسىپ قالىدۇ.
قوغۇننى ئېتىزدىن ئۆيگە يۆتكەش جەريانىدا ئۇنىڭ بىرەر يەرلەرگە ئۇرۇلۇپ، زېدە بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. قوغۇننى ياخشى ساقلاش بەز زۆرۈر جەريانلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالدى بىلەن قوغۇننى چوقۇم ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. سوغۇق چۈشۈپ مۇزلاش دەرىجىسىگە يېقىن قالغاندىلا، ئاندىن ئۇنى ئۆيگە يۆتكەش لازىم. دىققەتسىزلىكتىن قوغۇننىڭ ئايرىم يەرلىرى ئۇرۇلغان ياكى زېدە بولغان بولسا، ئەگەر ئۇ ئاپتاپقا سېلىنغان بولسا، زېدە يېرى باشقا جايلارغا يامراپ كەتمەي،بىر چاقا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق قوغۇننىڭ چاقا بولۇپ قالغان يېرىنىلا ئويۇپ ئېلىۋەتسىلا، يېگىلى بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر بۇنداق قوغۇن ئاپتاپقا سېلىنمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايغا قويۇپ قويۇلسا، زېدە بولغان جاي ئىچىدىن سېسىپ، قوغۇننىڭ ھەممە يېرىگە ئاچچىق تارقاپ كېتىدۇ. بۇنداق قوغۇننى ھەرگىزمۇ يېگىلى بولمايدۇ.
دېمەك، قوغۇنلارنىڭ ئەسلى سورتىنى ساقلاش تولىمۇ مۇھىم،ئۇنىڭ باشقا سورتلار بىلەن چاڭلىشىپ، ئەسلىدىكى ئەلا سورتلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مېنىڭچە بەكمۇ ئېچىنارلىق ئەھۋالدۇر. دەرۋەقە يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، يېڭىدىن-يېڭى ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى يارىتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىش يولىنى ئىزدەش، ئەلۋەتتە مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. بىراق ساننىلا قوغلىشىپ، ئۇنىڭ سۈپىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، ھەرگىزمۇ نەتىجە بولماستىن، بەلكى مەغلۇبىيەتتۇر. ھەممىگە مەلۇم، قوغۇن  پەقەت قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا يېيىلمەيدۇ، ئىنسانلار قوغۇن يېگەندە، تەبىئەت ئاتا قىلغان ھەر خىل سورتلۇق قوغۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تەمى (بەزىلىرى چۈرۈك،بەزىلىرى سۇلۇق، بەزىلىرى تاتلىق، بەزىلىرى خۇش پۇراقلىق ھەم مەززىلىك) نى بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزى قوغۇنلارنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلا سۈپىتى ئارقىلىق يۇقىرى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش مۇمكىن.
دىيارىمىزنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئايرىلىپ تۇرۇشى يىل بويى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولۇشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تۇپراق، ھاۋا، سۇ قاتارلىق شارائىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ياخشى بولۇشى، زېرائەت، مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، ئوتياش-چۆنەك قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەلقىمىزمۇ مانا مۇشۇنداق ھەر خىل تەملىك قوغۇنلارنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئەۋزەللىكىمىز ھەمدە نۆۋەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئېچىشقا تېگىشلىك ئېسىل بايلىقىمىزدۇر.
يۇقىرىدا پەقەت قوغۇن ئۈستىدىلا توختىلىپ، تاۋۇز توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدۇق. ھازىر تۇرمۇشىمىزدا تاۋۇز بۇرۇنقىدەك كۆپ يېيىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ بەلكى ھازىر يەيدىغان مېۋىلەر تۈرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. لېكىن ھازىرقى تاۋۇزلارنىڭ تەمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى يەنىلا مۇھىم ئامىلدۇر. 60-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كىشىلەر بۇرۇنقى يەرلىك تاۋۇزلارنىڭ ھەر خىل سورتلىرىنى ئەسلەپ، شۇ تاۋۇزلارنىڭ خۇمارى تۇتۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، يېرىم تاۋۇزنى پىچاق بىلەن ياكى قوشۇق بىلەن ئويۇپ يەپ تۈگىتىپ تۇرۇپ كېتىدىغانلىقىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىپ، ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كېلىدۇ، ئامال قانچە؟ ھازىر ئالدىمىزغا كەلگەن تاۋۇزدىن بىرەر تىلىم يەيمىز، خالاس، تاۋۇزنىڭ بۇرۇنقى ئەلا سورتلىرى چۈشكە ئايلىنىپ قالدى.
مەنبە : «مىراس ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىللىق 3-سانى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-29 10:28:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     قوغۇن ھەققىدىكى نۇرغۇن بىلىم بار ماقالە ئىكەن. ئوغۇلغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-9-29 13:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىن تاجى ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-29 13:33:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىنداشلارنىڭ تىلەكلىرىگە، بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشايلى

ۋاقتى: 2015-8-9 13:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىن تاجى ئەپەندىنىڭ سۇنغان قوغۇنىغا رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش