ئابدۇخېلىل مىرخېلىل 1965- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۆز كەنتىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىزنى، ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە ئىلى 2- دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان. 1990- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1983- يىلى ئىلى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « مەكتەپ» ناملىق چاچما شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بېرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن خەۋەر- ماقالىسى، سۆز ويۇنى، فولكلۇرغا ئائىت ئىلمىي ماقاللىىرى، شېئىر، رۇبائىي، تۇيۇقلىرى ئېلان قىلىنغان.بىر قىسىم شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ھازىر ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق يازغۇچىلەر جەمىيىتنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيەت- سەنئەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:14