كۆرۈش: 1830|ئىنكاس: 10

كىچىككىنە ئۇقتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كونا مۇنبىرىمىزدە «ياش قەلەم» سەھىپىسىگە باشقا ئەزالار خالىغانچە تېما يوللىسا چەكلىمىگەنىدۇق. يېڭى مۇنبەرگە كۆچكەندىن باشلاپ بۇ سەھىپىنى بىر قوللۇق تۇتۇش شۇ ئارقىلىق بۇ سەھىپىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشتۇق. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ بۇ سەھىپىگە باشقا ئەزالارنىڭ تېما يوللىماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز (ئەزالار تەرىپىدىن يوللانغان بىر نەچچە تېما ماس سەھىپىگە يۆتكىۋېتىلدى). بۇندىن كېيىن «ياش قەلەم» سەھىپىسىنى مۇشۇ سەھىپىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بىر قوللۇق باشقۇرىدۇ.
تورداشلىرىمىزنىڭ بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى، بىزگە يېقىندىن ماشلىشىشىنى ۋە خىزمىتىمىزنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى «ياش قەلەم» سەھىپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 13:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-19 14:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا   ئەزالاردېگەن قانداق ئەزالار  نى  كۆزدە تۇتىدۇ.  
قانداق ئەزالار ئەسەر يوللايدۇ،بۇ سەھىپىگە.

ۋاقتى: 2012-4-19 14:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا   ئەزالاردېگەن قانداق ئەزالار  نى  كۆزدە تۇتىدۇ.  
قانداق ئەزالار ئەسەر يوللايدۇ،بۇ سەھىپىگە.

ۋاقتى: 2012-4-19 14:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كونا مۇنبەردە داۋاملىق مۇشۇ سەھىپىگە يوللايىتتىم...

ۋاقتى: 2012-4-19 15:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش قەلەم سەھپىسىگە مۇنبەردە ياش قەلەم دېگەن نامدا ئىسىم قويۇلۇپ تونۇشتۇرۇلغان ئەزالارنىڭ تېمىلىرى يەنى ئۇلارنى تونۇشتۇرغان ھەم ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى يېزىلغان تېما مەخسۇس يوللىنىدىغۇ دەيمەن. بىلىمىزغۇ ، كۆكتۈ*رك، كۆكتۇلۇن،تۇران ... دېگەنگە ئوخشاش ياش دوسلىرىمىز مۇشۇ سەھىپىدە تونۇشتۇرۇلمىدىمۇ، مېنىڭچە شۇلارغا مەخسۇس ئاچقان سەھپىە بولىشى مۇمكىن. بىز تېمىمىزنىڭ ژانىرىغا ئاساسەن باشقا سەھىپىلەرگە يوللايلى ئەمدى. تۈزۈمگە بويسۇنمىساق بولمايدۇ ،دە . ھې ھې ھې !

ۋاقتى: 2012-4-19 15:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى

ۋاقتى: 2012-4-19 15:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت بۇ ئۇقتۇرۇشنى ۋاقتىدا، ياخشى يوللاپتۇ.بۇندىن كېيىن بۇ سەھىپىمىزدە مۇنبىرىمىز نۇقتىلىق تونۇشتۇرىۋاتقان ياش قەلەم ئىگىلىرى ھەققىدىكى تېمىلارلا يوللىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەسەر ۋە ئۆز ئالدىغا ئادەم تونۇشتۇرۇپ يازما يوللىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تونۇشتۇرۇلىدىغان ياش قەلەم ئىگىلىرىنى تورىمىز دەلىللەپ بېكىتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىزگە يېڭى نامزاتلارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ۋاقتى: 2012-4-22 18:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىچىككىنە ئۇقتۇرۇش ئەمەس بەلكى «ئالقىش»لاشقا تېگىشلىك مۇستەبىتلىك ئۇقتۇرۇشى بولۇپتۇ.

ۋاقتى: 2012-12-23 16:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا مەن بىر ھىكايە يازغان بولسام مۇشۇ «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىكى قايسى ئۇستازغا ياكى قەيەرگە يوللىسام بۇلىدۇ، بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تورغا چىقىشىم، ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى ئىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-25 10:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاب يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 16:56
ناۋادا مەن بىر ھىكايە يازغان بولسام مۇشۇ «شىنجاڭ يازغۇ ...

ھېكايىڭىزنى «نەسرىي ئەسەرلەر» سەھىپىسىگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. مۇھەررىرلىرىمىز ئەسەرنى كۆرۈپ ئېلان قىلىش تەلىپىگە يەتكەن بولسا مۇنبەردە ئېلان قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-2-6 21:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنبەرگە يىڭىدا  كىرگەن  ياش قەلەم  سەھىپىسىگە شېئىر يوللىماقچى ئىدىم ئۇنداقتا قايسى سەھىپىگە يوللايمەن ئەمىسە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش