كىسەلدۇر ئۈلۈمنىڭ باش خەۋەرچىسى،
كىشى ئاغرىدىمۇ، ئۈلۈم خوشنىسى.
كىشىمەن دېگۈچى ئادەم بالىسى،
كېرەك بىلسە ئىسسىق-سۇغۇق قايسىسى.
سۇغۇقلۇقنى ئىچ ئاشسا ئىسسىق ئەگەر،
سۇغۇقلۇق ئەگەر ئاشسا ئىسسىق تۈزەر.
قۇرۇق سۇغۇق ئاشسا ھۆل ئىسسىقنى تاپ،
بۇلۇر بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا جاۋاپ.
ئېشىپ ھۆل سۇغۇق گەر سالسا زىيان،
ئاڭا ئىسسىق قۇرۇق بىلەن قارشىلان.
سۇغۇق بولسا تەبىئىتىڭ ئىسسىقلىق كۈچەيىت،
ئىسسىق بولسا ئاڭا سۇغۇقلۇق ئىشلەت.
مىزاجنى شۇ ياڭلىغ دۇرۇس تەڭشىسەڭ،
ھاياتىڭ ئۈتەر تىنىچ، ياشارسەن ئىسەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
|