ئەي پەلەك
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
1
مۆجىزىكار، پەرۋىشكار ئەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك،
ئاسمان، زېمىن ئەل بىلەن تەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
يۈرىكىمدە گۈرۈلدەپ ئەلنىڭ ئوتى يانمىسا،
چاقناشلىرى كۈننىڭ داغ-چەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
ئەلدە ھايات ھېكمەتمەن، ئۆلۈم بىلەن ئىبرەتمەن،
ھەر تىنىقىم تىك داۋان-بەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
پايىلەردىن ئىزدەيمەن چوققىلارغا يۈكسەكلىك،
ئەلنىڭ كۆزى چۈشكەن تاش ھەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
باشلاپ كەلدىم باغرىمغا دەريا-دەريا مۇھەببەت،
كۆزلەردىكى قەترە ياش سەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
بۈركۈتلەرنىڭ كۆزىدە ئۇچۇم قىلدىم تاغلارنى،
كۇھىقاپنىڭ ئېغىزى دەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك.
زىكرى قىلدىم ئەلنى دەپ يۈسۈپ، مەھمۇد تىلىدا،
ئەلسىز مىڭ يىل ئىبادەت يەلدۇر ماڭا، ئەي پەلەك!
2
يارالمىشىم مۆجىزە-ھېكمەت ماڭا، ئەي پەلەك،
ھەر تىۋىشى ھاياتنىڭ رىغبەت ماڭا، ئەي پەلەك.
ياشاپ باقاي قىسمەتنىڭ قارالىدا يىگانە،
داۋانلىرى كەلمىشنىڭ بەرىكەت ماڭا، ئەي پەلەك.
يۇلقۇنىمەن بوشلۇققا قانات تىلەپ قۇشلارغا،
دەريالارنىڭ ئاققىنى نۇسرەت ماڭا، ئەي پەلەك.
چاقماقلارغا ئاھىمدىن سادا بەردىم قاغجىراپ،
يامغۇر ئەمەس ياغقىنى، كۈلپەت ماڭا، ئەي پەلەك.
ئاي چىقمىسا لىق تولۇپ تولۇنلۇقى ئاسمانغا،
چۆچەكلەرنىڭ سېھراتى ھېجرەت ماڭا، ئەي پەلەك.
يۈرىكىمدە پورەكلەپ ئېچىلمىغان باھار بار،
گۈللەر توزۇپ سۆزلەيدۇ ئىبرەت ماڭا، ئەي پەلەك.
تاغلار كۆچەر ئاسمان ھەم، كۆچمەيدىغان تۇپراقتۇر،
قېتىلمىقىم تۇپراققا ھىممەت ماڭا، ئەي پەلەك!
1992-يىلى، 4-ئاي، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 10:31