ئانىجان قۇشاقلىرى
ئانىجان يادىڭدا بارمۇ،
تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ.
كىچەلەرى ئۇخلىماي،
ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ.
سەن ماڭا دۇئا قىلىپ،
‹‹قۇتقۇز ئانا يۇرتنى،-دىدىڭ.
يىغلىماي كۈلسۇن ئېلىڭ،
يوقات ھامان جۇتنى››، دىدىڭ.
مەن بۆسۈپ جەڭلەر ئارا،
قىلدىم ئادا ۋەدەمنى مەن.
ئارمىنىڭ قالماس ئۈچۈن،
باستىم ئالغا قەدەمنى مەن.
رازى بول جانىم ئانا،
ئەمدى كۆرەلمەيسەن مېنى.
ئىزدىسەڭ گۈلزارغا كەل،
گۈل بولۇپ كۆرەي سېنى.
چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن،
مەيداندا جەڭ قىلغان ئىدىم.
كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،
كۆكرەككە ئوق يىگەن ئىدىم.
يىغلىما جانىم ئانا،
شېھىت بولۇپ ياتتىم قېنىپ.
قانلىرىم گۈل بەرگىگە،
نۇرچىراي كەتكەن سىڭىپ...
مەنبە:ئۇيغۇر تارىخى قۇشاقلىرى قامۇسى،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى نەشرىياتى،2009-يىل نەشرى.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇرۇلچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-23 13:01
|