كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 4

قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى
سوڭ شىيەن
تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن
ئەرەبلەر شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم تاڭ دەۋرىدە كەلگەن، شىنجاڭ ھەققىدىكى خاتىرلىرى بولسا بەش دەۋر مەزگىلىدىلا باشلانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. بۇ ماقالىدە تارىخ جۇغراپىيە نوقتىسىدىن ئەرەب يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە كۆرۈلىدىغان شىنجاڭ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش، توقۇنۇش ۋە سىڭىشىشتىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
     1.ئەرەب يېزىقى ۋەسىقىلىرىدىكى«سۇلې» (قەشقەر) ھەققىدىكى خاتىرىلەر
مىلادى 932-يىلى ۋاپات بولغان باغداتلىق يازغۇچى قۇدامى يازغان «باج كىتابچىسى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى» (قىسقارتىلىپ «باج كىتابچىسى» ‹باج رىسالىسى› دەپ تەرجىمە قىلىنسىمۇ بولىدۇ ــــ تەرجىماندىن) ناملىق كىتابتا ئالېكساندىر جۇڭگوغا يېتىپ بېرپ يەنە شىمالغا يۈرۈپ، جۇڭگو پادىشاھى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇدۇللا سۇلې ئېلىگە (بەگلىكىگە) يېتىپ بېرىپ ئۇ يەرنى بويسۇندۇپ، ئۇ يەردە سۇلې ۋە خامدان (Khamdan)  ناملىق ئىككى شەھەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو پادىشاھىغا قوشۇنلىرىنى خامدان (Khamdan) شەھىرىدە تۇرغۇزۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن چۆل-جەزىرىلەردىكى تۈركلەرگە يۈرۈش قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرغانلىقلىرىنى يازغان ( بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1991-يىلى نەشىر قىلغان «يوللار ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» ناملىق كىتابقا قاراڭ).
يۇقىرقى تېكستتىكى ئالېكساندىر مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 324-يىللاردىكى ئالېكساندىر ئېمپىرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركلەر ئەمەس بەلكى ھونلار بار ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئالېكساندىر بېسىپ ئۆتكەن رايونلار، ھەتتا قۇدامى ياشىغان دەۋردىن بۇرۇنقى تاڭ دەۋرى، بەش دەۋر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى جۇڭگو جۇغراپىيەسىگە دائىر بىلىملەر ئىدى. كەمىنە بۇ يەردە شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا تەخمىنەن تاڭ دەۋرى ۋە بەش دەۋر مەزگىللىرىدىكى ئەرەبچە جۇغراپىيە تەزكىرىلىرىدە جۇڭگونىڭ پايتەختى «خامدان» ۋە «خۇمدان» دەپ يېزىلغانلىقىنى (خۇاڭ زوڭيىڭ تۈزگەن «سەددىچىنگە نەزەر» ناملىق كىتابتا شىنجاڭدىكى كۇچانىڭ «خۇمدان» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان) ، بۇنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ «چاڭئەن» گە توغرا كەلمەيدىغانلىكىنى، ئۇنىڭ پارس تىلىدا «خومدان»(Khomdan) دەپ ئاتىلىدىغانلىنى سەمىگە سالماقچىمەن.
      2. ئەرەب يېزىقى ۋەسىقىلىرىدىكى«قەشقەر» ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى بايانلار
ئەل تەبەرى ئىبىن جەرېرنىڭ (932-839- يىللار al – Tabaryyi Ibn Jareer, )  «مىللەت ۋە ئەللەر تارىخى»(Tareekh –Wumaimem wa -Muluk) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تارىخى تەبەرى» دەپ ئېلىنىدۇ) ناملىق ئەسىرىنىڭ «ھىجىرىيە 96-يىلى» ناملىق بىر پاراگراپىدا تاڭ شۈەنزوڭنىڭ كەييۈەن 3-يىلى دەمەشىقتە قۇرۇلغان ئۈمەييە خەلىپىلىكنىڭ (ئاق يەكتەكلىك ئەرەبلەر) بىر تارماق قوشۇنى قۇتەيبەنىڭ ( تولۇق ئىسمى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ئەل بەخلە دېيىلىدۇ، Qutaybah ben Muslim al –Bahlee) باشلامچىلىقىدا جۇڭگونىڭ ئەنشىدىكى تۆت چوڭ قورغىنىنىڭ بىرى بولغان سۇلېغا بارغانلىقىنى، تەبەرىنىڭ بۇ يەرنى قەشقەر (Kashgar)دەپ ئاتىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئىشلار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەرگە ئايان بولمىغان، بىر ھازىر بۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. قۇتەيبە (تايچاق قامچىسى دېگەن مەنىدە) 669-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان. 27 يېشىدا ئەل ھەججاجغا (al-Hajaji)ئەگىشىپ خاۋارىچ مەزھىپىنىڭ رەھبىرى شابىبۇ بىن يەزىد (Shabeebu bn Yezeed,646-697) رەھبەرلىكىدىكى ھەركەتنى باستۇرۇپ ھەربى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا ھەججاج پۈتكۈل ئېمپىرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ باشلىقى ـــ ئىراق رايونىنىڭ ئەمرى بولغاندىن كېيىن قۇتەيبە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئەمەلدارغا ئايلانغان، 705-يىلى ھەججاجنىڭ ۋارىسى ۋەلېد (waleed) خەلىپىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن قۇتەيبە خەلىپىلىكنىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەردىن خۇراسان (Khurasan) ئەمىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ۋەزىپىدىكى ۋاقتىدا، ئۇ ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى ۋادىسىغا ئۆزلۈكسىز كېڭەيگەن. ئۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
    706 -يىلى قۇتەيبە بېكەندكە (Beekand) ھۇجۇم قىلغان. بۇ شەھەر «سۈينامە» دە «بى» شەھىرى دېيىلگەن، «تاڭنامە» دە «بى بەگلىكى» دېيىلگەن. بۇ شەھەر بۇخارا شەھىرىنىڭ غەربىگە، ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى فاراب شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختا «سودىگەر شەھىرى» دەپ ئاتالغان.
   707 -يىلى قۇتەيبە نۇمىشكەندكە(Numishket) ۋە رامىسېناخ (Ramitheenah) شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
    708-يىلى قۇتەيبە بۇخارا شەھىرىگە (Bukhara) ھۇجۇم قىلغان.
   709  -يىلى قۇتەيبە بۇخارا (Bukhara) ۋە سوغدىيانا (al-Soghd) لار بىلەن بىللە كىلىشىم تۈزۈپ، تالېكاننى قولغا كەلتۈرگەن ( al-Talagan تاڭ دەۋرىدىكى قۇندۇز ئايمىقىنىڭ  مەركىزى بولۇپ، ھازىر ئاففانىستان تەۋەسىدە).
    710 -يىلى شۇمان (shuman)، كېش (kess تاڭ دەۋرىدە بۇ يەرنى بېسىپ ئۆتۈپ شاجۇغا بارغىلى بولاتتى، بۇ يەر ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى شاھرىشابوستۇر)، ناسبو (ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى قارىش شەھىرى) قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن.
    712 -يىلى قۇتەيبە خارازىم شاھى بىلەن كىلىشىم تۈزۈپ خام جىردنى (Kham Jird) قولغا كەلتۈرۈپ، سەمەرقەندكە ھۇجۇم قىلغان.
   713 -يىلى قۇتەيبە شاش (al-Shash،تاش شەھەر ، ھازىرقى تاشكەنت) ۋە فەرغانىگە ھۇجۇم قىلغان.
   714-يىلى شاشنى  (al-Shash) ئىگىلىگەن.
714-يىلى ۋەلئەھىد خەلىپىنىڭ ئىراق ئۆلكىسى ئەمىرى، قۇتەيبىنىڭ ئارقا تېرىكى ھەججاج ۋاپات بولغان.
715-يىلى قۇتەيبىنىڭ ئارقا تېرىكى ھەججاج ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلغان. سۇلايمان ھەججاج ۋە قۇتەيبەنىڭ سىياسى دۈشمىنى ئىدى.
715-يىلى قۇتەيبە قەشقەرگە (Kashgar)بېسىپ كىرگەن.
خەلىپە سۇلايمان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ، قۇتەيبە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ قېچىش پىلانىدا بولغان. «تارىخى تەبەرى» ناملىق كىتابتا قۇتەيبە ئۆز قىسىملىرىنى باشلاپ ئەڭ يىراقتىكى شەھەر مەرۋىگە (marw) (marw «تاڭنامە» دە ‹مەرۋى ئايمىقى» دېيىلگەن، بۇ ھازىرقى تۈركمەنىستانىدىكى مار شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ) كەلگەن. بۇ ۋاقىت يەنى ئۇ فەرغانىگە كەلگەندە ۋەلئەھدى خەلىپىنىڭ ۋاپات بولۇپ،  خەلىپىلىك ھوقۇقىنىڭ (al-Imrat) ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايماننىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ھۈركۈپتۇ دېگەندەك قۇتەيبە يېڭى خەلىپە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى دۈشمەنلىكتىن ئەنسىرەپ بارلىق ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۆزى ئۇزۇن مۇددەت باشقۇرغان سەمەرقەند شەھىرىگە قاراپ ئاتلانغان. بۇ سەپەردە ئۇ ئامۇ (ئەرەبلەر بۇ دەريانى جەيھون (Jayhun) دەرياسى دەپ ئاتايدۇ) دەرياسى ۋادىسى بويىدا بىر مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرۇپ، ئىسمىنى خارەزىم (al-Khuwarizmee) دەپ ئاتاپ، قوغدىغۇچى قىسىملىرىغا (نۆۋكەرلىرىگە) قۇتەيبەنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق ئادەمنى كىرگۈزمەسلىك بۇيرۇقىنى بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش قىسملىرىنى تاغ باغرىدىكى كىچىك يوللارغا چارلاشقا ئەۋەتىپ قەشقەرگە بارىدىغان يوللارنى راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ۋە يول مۇساپىلىرىنى مۇشۇ ئارقىلىق بېكىتكەن. ئەرەبلەر قەشقەرنى جۇڭگونىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدە ئەڭ غەربىتىكى شەھەر دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كيېىن قۇتەيبە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ جۇڭگوغا يېقىن يەرگە بارغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسىدىكى جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن جۇڭگو پادىشاھى تاڭ شۈەنزوڭ ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىدىن بىرنى ئەۋەتىشىنى بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە دىنى ئېتىقادقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆزىگە تونۇشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلىپ بىر پارچە خەت يازغان. شۇنىڭ بىلەن قۇتەيبە ئۆز قىسىملىرى ئىچىدىن ناھايىتى كېلىشكەن ، گەپ-سۆزگە ماھىر ، جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى ئۈستۈن ۋە سەنئەت تالانتىغا ئىگە بولغان  12 ئادەمنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىنى خۇبەيراخ بىن مۇشمەراجى (Hubayrah ben al -Mushmaraji) ئۆز ئۈستىگە ئالغان. قۇتەيبە جۇڭگوغا بارغان ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خۇبەيراخ قاتارلىق كىشىلەرگە خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارنىڭ سەللىسىنى ئېلىپ تاشلىماسلىقى، ئۇنى بارغانلىكى ئەللەرگە ئېلىپ بېرىشنى تاپىلىغان. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ جۇڭگو پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ : مەن شۇنىڭغا ۋەدە بېرىمەنكى، مەن سىلەرنىڭ ئېلىڭلارغا بارغاندا، سىلەرنىڭ ھەر قايسى بېگلىڭلار ماڭا بەيئەت قىلىسۇن، سىلەردىن دېھقانچىلىق بېجى (Kharaj) ياكى ئادەم بېجى يىغىمەن دېگەن گېپىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىغان. «سىلەرنىڭ ھەر قايسى بېگلىڭلار ماڭا بەيئەت قىلىسۇن» دېگەن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى سىلەرنىڭ ھەر قايسى بېگىڭلار مېنىڭ مۆھىرىمنى قوبۇل قىلسۇن دېگەنلىكتۇر. كەمىنىنىڭ چۈشىنىشىچە بۇ سىلەرنىڭ ھەر قايسى بېگىڭلار مېنىڭ قۇللىرىمغا (ياكى قول ئاستىمدىكىلەرگە ياكى مال-مۈلكۈمگە ) ئايلاندىڭلار دېگەنلىكتۇر. خۇلاسە كالام، قۇتەيبە تاڭ سۇلالىسىغا پوپوزا قىلىپ ئارزراقمۇ كۆزگە ئىلىپ قويمىغان. ئەمما جۇڭگو پادىشاھى يەنىلا دوستانە مۇئامىلە قىلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە تۆۋەندىكىدەك قارانى چىقارغان. ئالتۇن توشقۇزۇلغان بىر كوزىغا جۇڭگو تۇپرىقىدىكى بىر  نەچچە سىقىم توپىنى قاچىلاپ، بۇ قاچىنى قۇتەيبىگە بېرىپ، ئۇنى بۇ قاچىدىن ئاتلاپ دەسسەتكۈزگەن ھەمدە تۆت نەپەر ياش شاھزادىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مۆھىردارلىقىنى قىلىش بەلگىلىنىپ، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم تاۋار-دۇردۇن ۋە ئالتۇن-زىقچىلارنى باج قەرزى سۈپىتىدە بەرگەن. بۇ نەرسىلەرنى ھەممىسى قۇتەيبەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، قۇتەيبە تاۋار-دۇردۇن ۋە ئاق ئالتۇننى قوبۇل قىلغان. دېگەندەك ياش شاھزادىلەرنىڭ مۈرىسىگە مۆھۈر بېسىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگوغا قالدۇرۇپ قويۇلۇپ، ئۇنى ئالتۇن قاچىلانغان كوزىنى ئاتلاتقۇزغان. قۇتەيبە مەغرۇرۇلىنىپ خۇبەيراخنى دەمەشىقتىكى ئەمىر (Ameer al –Mu’mineen، بۇ خەلىپىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى) بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئەۋەتكەن. ئەمما خۇبەيراخ بۇ سەپەردە ئىراقنىڭ پارس (Faris) ئۆلكىسىدە ۋاپات بولغان.
قۇتەيبە ئەرەب ئېمپىرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا كېڭىيىشى ئۈچۈن 13 يىل ئىشلىگەچكە، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى ھەر تەرەپكە تاراپ، پارس ۋە خۇراساندىكى پۇقرالار ئۇنى «ئەرەب پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. ئۇ قەشقەردىن سەمەرقەندكە قايتىش قايتىشىدا ئۇ باشلاپ ماڭغان 45000 ئادەم خۇراسان چوڭ قوشۇنى ئۇ (قۇتەيبە) ۋە ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ھاكىمىيەتنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەنئەنىسىگە قارشى تۇرغان. ھىجىرىيە 96-يىلى (مىلادى 714-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 715-كۈنى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى) قوشۇن باشلىقى ۋاكىرنىڭ (Wakee’e) ئەسكەرلىرى قۇتەيبە ۋە ئۇنىڭ بەش ئاكا-ئىنى، قىز-ئوغۇل ۋە باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان. شۇ ئىشتىن كېيىن، ۋاكىر (Wakee’e) قۇتەيبەنىڭ كاللىسىنى پايتەختتىكە ئاپىرىپ بەرگەن. خەلىپە سۇلايمان بۇ باشنى كۆمۈۋەتكەن.
قۇتەيبەنىڭ قەشقەرگە كەلگىنىگە 1291 يىل بولدى، قۇتەيبە ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شۈەنزوڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مەدەنىيىتى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت ۋە باشقا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە سىتراتىگىيە ۋە ئەقىل-پاراسەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئۈتتۈرۈپ بىرىدۇ ( بۇنىڭ تەپسىلاتىنى لىۋان بىرۇت كۇۋايىس نەشرىياتى 1977-يىلى بىرىنجى قېتىم، 1978-يىلى قايتا نەشىر قىلغان «قۇتەيبەنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتابتىن كۆرگەيسىز).
3. ياقۇت رۇممىينىڭ (Yaqut al –Rumiyyi,1179-1229)  «يەر ناملىرى لۇغىتى» ناملىق كىتابىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخ جۇغراپىيەسىگە دائىر بايانلار
بۇ كىتابتىكى قەشقەرگە ئائىت بايانلار
بۇ كىتابنىڭ 4-جىلىدىنىڭ 430،431-بەتلىرىدە مۇنداق يېزىلغان : قەشقەر (Kashghar) : ئۇنىڭ بىر شەھىرى ۋە بىر قىسىم يېزا-كەنت، قورۇقلىرى بار. سەمەرقەندتىن يولغا چىقىپ ئۇنىڭ ھەر قانداق يېرى ياكى ئۇنىڭغا قوشنا رايونلارنى ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ تۈركلەر رايونىنىڭ (Bilad al-Turki) مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاھالىلىرى مۇسۇلمانلاردۇر. شۇ ۋقىتتىكى ئەبۇ مۇئالې (تولۇق ئىسمى : Abu al-Mualee Tughrulesshah Muhhamad ben al ben al-Hasan ben Hashim al –kashgharee al –WA’iz) مۇشۇ يەرلىك ئىدى. ئۇ ناھايىتى دىيانەتلىك بولۇپ، كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى ئوقۇپ، ئەدەبىيات (  Adaben بۇ يەنە ئەدەپ-قائىدە دەپمۇ چۈشەندۈرۈلىدۇ) ئۈگەنگەن قۇرئان تەفسىرلىرىنى(Tafseer) ئوقۇغان. ئۇ مىلادى 490-يىلى( مىلادى 1096-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ــــ 1097-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى)  تۇغۇلۇپ، مىلادى 550-يىلى (مىلادى 1155-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ــــ 1156-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى) ۋاپات بولغان. يەنە بىر شەخس ئەبۇ ئابدۇللا (Abu abd Allah al-husaiyin ben Ali ben Khalaf ben Jabra’il ibn al –Khaleel ben saihe Muhammad al –Alma’ee al -kashgharee)ئۇ ناھايىتى دىيانەتلىك شەيخ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇ تۈزگەن «ھەدىس-شەرىف» 120 نەچچە قىسىمدىن تۈزۈلگەن. ئۇ مىلادى 484-يىلى (مىلادى 1091-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ـــ 1092-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى) باغدادتا ۋاپات بولغان.
كاجغار (Kajghar) : تۈركسىتانلىقلارنىڭ (Turkistan) قەشقەرنى (Kashghar) ئاتىشىدۇر.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، «يەر ناملىرى لۇغىتى» نىڭ ئاپتورى تۈركىي تىللىق خەلقلەر رايونىدىكىلەرنىڭ قەشقەرنى(Kashghar) كاجغار (Kajghar) دەپ ئاتايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئىنچىكە تەپسىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خوتەن ھەققىدىكى بايانلار
بۇ كىتابنىڭ 4-جىلىد 347-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
خوتەن (Khutana) : قەشقەرنىڭ (Kashghar) تۆۋەن تەرىپىدە، قارغالىق (Yoozakand ) سىرتىدىكى شەھەر بازىرى ۋە كىچىك بەگلىك. ئۇ تۈركلەر رايونىنىڭ (Bilad al -Turki) تاغلىق رايونىدىكى بىر جىلغىغا جايلاشقان. بىر قىسىم كىشىلەر خۇتتانۇ (Khutana) دەپمۇ ئاتايدۇ. سۇلايمان بىن سۇلايمان ئەبۇ داۋۇت مۇشۇ يەرلىك بولۇپ، ئۇ ھەججاج ئەل خوتەنى (خوتەنلىك ھەججاج دېگەن مەنىدە،  (Hajaji al –Khutaneeدەپ ئاتىغان دەپ ئاتاش ئارقىلىق داڭق چىقارغان. ئۇ ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن ئەلى بىن سۇلايمان مەرغىنانىنىڭ (Abu Ali al –Husayn bn ‘Ali bn Sulayman al –Marghinanee ) نىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان. ئەبۇ خاسەي ئۆمەر بىن ئەخمەد ئەلى قەيسافىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ مىلادى 523-يىلى ئۇنىڭدىن بىلىم ئالغان ئىكەن.
كوشانۇ (kooshanu)ھەققىدىكى بايان ۋە تالاش-تارتىشلار
بۇ كىتابنىڭ 4-جىلىد 489-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
كوشانۇ (kooshanu) : ئۇ تۈرك ئېلىگە ئەڭ يىراق شەھەر (Madeenah). ئۇنىڭ پادىشاھى يەنى ئۇنى ئىگەللەپ تۇرغۇچىلار ئۇيغۇرلاردۇر( al –Tughuzghur، توققۇز ئوغۇز، ئۇيغۇر). ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈكلىرىدىندۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھى تۈركلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.
«يەر ناملىرى لۇغىتى» نىڭ ئاپتورى تىلغا ئالغان كوشانۇ (kooshanu) ھازىرقى شىنجاڭدىكى كۇچامۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە كەمىنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئامالسىز. بۇنى شىنجاڭ تارىخ جۇغراپىيە تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ پىكىر مۇلاھىزىسىگە قويۇپ قويىمەن.
ساراسنۇ (Sarasnu) ھەققىدىكى بايان ۋە تالاش-تارتىشلار
بۇ كىتابنىڭ 3-جىلىد 211-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
ساراسنۇ (Sarasnu) : ئۇ تۈرك ئېلىگە  (Bilad al-Turki) ئەڭ يىراق بازاردۇر (Balad). بۇ يەردە بىر بازار بولۇپ، بۇ يەردىن قۇندۇز، بۇرتاس ۋە دېڭىز بۇلغۇنى قاتارلىقلار دېڭىز ھايۋانلىرى سېتىلىدۇ.
ساراسنۇ (Sarasnu) شىنجاڭ دائىرىسىدىمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە كەمىنە قارار چىقرىشقا ئامالسىزمەن. بۇنىڭغا بۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تەھلىل قىلىپ بىقىش كېرەك. ھازىر شىمالى قۇملۇقتىكى ئورمانلىق بەلباغلىرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىۋاتىدۇ.
شاۋاغار (Shawaghar) ھەققىدىكى بايان ۋە تالاش-تارتىشلار
بۇ كىتابنىڭ 3-جىلىد 316-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
شاۋاغار (Shawaghar) : ئۇمارانېنىڭ (Umaranee) بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ شەھەر تۈرك ئېلىدە (Bilad al-Turki) ئىكەن.
«يەر ناملىرى لۇغىتى» نىڭ ئاپتورى شاۋاغار (Shawaghar) ھەققىدە ھىچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن. بۇ مەسىلىنى بىزمۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويىمىز.
ئەستەرسان (Astarsan) ھەققىدىكى بايان ۋە تالاش-تارتىشلار
بۇ كىتابنىڭ 1-جىلىد 316-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
ئەستەرسان (Astarsan) : تۈرك ئېلىدە بولۇپ، ئۇ قەشقەر(Kashghar) بىلەن خوتەن(Khutana) ئوتتۇرىسىدىكى بىر بازار. ئەبۇ ناسىر ئەھمەد مۇھەممەد بىن ئەلى ئەستەرسانى ئەلى بازكەندى (Abu nasir Ahmad ben Muhammad ben’Ali al –Astarsanee al -Bazikandee) مۇشۇ يەرلىك بولۇپ، ئۇ مىلادى 498-يىلى (مىلادى 1104-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ــــ 1105-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى) باغدادقا يېتىپ بارغان.
4. ئەل قازۋېنى (Qazweenee،1283-1203) نىڭ «ھەر قايسى ئەللەردىكى قەدىمىي ئىزلار ۋە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ھالىتى» (Athar al –Biladi wa Akhbar al –‘Ibadi) ناملىق كىتابىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخ جۇغراپىيەسىگە دائىر بايانلار
ئۇيغۇر ئېلى(Bilad al -Tughuzghur) ھەققىدىكى بايانلار
بۇ كىتابنىڭ 582-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
ئۇيغۇر ئېلى(Bilad al -Tughuzghur) :ئۇلار تۈركلەردۇر. ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، 20 كۈنلۈك  مۇساپىچىلىك كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان جامائەت سوزۇنى(Bayt’ibad) يوق. ئۇلار ئات مىنىشقا ناھايىتى ماھىر. ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۆلۈپ قالغان ماللارنىمۇ يەۋىرىدۇ. يىپەك كىيم ۋە قوي يۇڭىدىن توقۇلغان قوپال كىيىملەنى كىيىدۇ. ھەسەن-ھۈسەن چىققاندا ھەسەن –ھۈسەن بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ پادىشاھىنىڭ ئوردىسى ئەڭ ئېگىز يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئالتۇندىن ياسالغان چىدىردا ئولتۇرۇپ ئەلنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق چىدىرلارغا نەچچە مىڭ ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، بەش پەرسەخ ( ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر پەرسەخ 6.24 چاقىرىمغا باراۋەر كېلىدۇ) يىراقلىقتىكى ئادەممۇ بۇ چىدىرنى كۆرەلەيدۇ.
ئۇ يەردىن قانلىق تاش ( بىر خىل تاش) چىقىدۇ، سۇ سۈزۈلۈكى ئادەم قېنىنى سۈمۈرگەنگە ئوخشاش، بۇ تاشنى بۇرنىدىن قان ئاققانلارنىڭ بۇرنىغا سۈركىسە قان ئېقىشتىن توختايدۇ.
تامغاج (Tamghaj) شەھىرى ھەققىدىكى بايانلار
يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 411-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان :
تامغاج (Tamghaj) : تۈرك ئېلىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەھەر. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان يېزا-بازارلىرى بار بولۇپ، بۇ شەھەر بىلەن يېزا-بازارلار ئىككى تاغ ئارىسىدىكى جىلغىغا جايلاشقان. كىشىلەر بۇ يەردىكى ناھايىتى تار بىر ئېغىز ئارقىلىقلا بۇ يەرگە كىلەلەيدۇ. بۇ ئېغىزنى كىشىلەر «بىر ئايال ئېشكنى ئېتىۋالسا، مىڭ ئايالمۇ بۇنى ئاچالمايدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئوخشتىدۇ (ئىستېراتىگىيەلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ ـــ تەرجىماندىن). شۇڭا تۈرك بەگلىرى ئۆزى يالغۇز بۇ يەرگە كىرىشكە پېىتىنالمايدۇ. بۇ يەردە ئالتۇن كان بار. شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ قولىدىمۇ ئالتۇن كۆپ. ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-چەينەكلىرى ۋە كۈپلىرى (كوزىلىرى) لەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ياسىلىدۇ.
تىل-يېزىق نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى ناھايىتى مەنىلىكتۇر. بۇ تامغاج (Tamghaj) دېگەن سۆز مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ قەشقەردە قۇرۇلغان قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تارقىتىلغان ئالتۇندىن ياسالغان پۇل ئۈستىگە ئويۇلغان تامغاج (Tamghaj) دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. سودا نەشرىياتى 1990-يىلى نەشىر قىلغان «پارسچە ــ خەنزۇچە لۇغەت» نىڭ 630- بېتىدە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «تامغاجى» ياكى «باج يىغقۇچى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن شۇنىسى ئېنىقكى، قاراخانىيلارنىڭ بۇغراخانلىرى (چوڭ پادىشاھلىرى) ئۆزلىرىنى خەلق ئالدىدا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە دۆلەت بېجى يىغقۇچى دەپ قارىغان. ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىدا پەقەتلا قەشقەردە قۇرۇلغان قاراخانىيلارنىڭ بۇغراخانلار جەمەتىلا ئەرەب يېزىقى ئويۇلغان پۇلغا  تامغاج (Tamghaj) دېگەن خەتنى ئويدۇرالىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، قازۋېنى تىلغا ئالغان تامغاج (Tamghaj) شەھىرى ھەققىدىكى بايانلار شۇ دەۋردىكى قەدىمى شەھەر، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى قەشقەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
5. خۇلاسە
ياقۇتنىڭ «يەر نامىلىرى لۇغىتى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-قىسىمى 30-بېتىدە «تۆتىنجى چوڭ رايون» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان : ئۇ جۇڭگو، تىبەت ۋە خوتەندىن غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ، ئۇ ئىككىسى (خوتەن بىلەن تىبەت) ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كەشمىر تاغلىرى، بولۇر، بۇرجان، بەدەخشان، كابۇل  قاتارلىق ج يەرلەرگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى كەشمىر تاغلىق رايونى پامىر ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پامىر تاڭ دەۋرىدىكى كۆك ئارت بولۇپ، ئۇ قەدىمكى شىنجاڭ بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنىڭ تۈگىنى، ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئورنى ئىدى. كونا بىلىملەرنى تېخىمۇ قېزىپ تەتقىق قىلغاندا ئاندىن  يېڭىسىنى تاپىقىلى بولىدۇ دېگەن قائىدە بويىچە ، قەدىمكى شىنجاڭ بىلەن ئەرەب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ۋە سىڭىشىش ئوتتۇرىسىدىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىلسە، ھازىرقى دۇنياۋى مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېئالوگ ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىغا پايدىلىقتۇر.
بۇ ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان «يىپەك يولى ۋە مەدەنىيەتلەر دېئالوگى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
قوشۇمچە :
ئاپتور : سوڭ شىيەن (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتىچىسى)
مەنبە : «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» نىڭ 2013-يىللىق 1-سانى.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-23 21:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك ئىمىنجان. قوللىرىدىن يەنە بىر ئېسىل ئىش چىقىپتۇ...

ۋاقتى: 2013-9-24 02:11:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قىممىتى بار ماقالىكەن ، ئەجرىڭىز گە تەشەككۇر. لىكىن ھىجرىيە يىل نامىسىمۇ ئوخشاشلا مىلادىيە دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ.
مەسىلەن :

ئۇ مىلادى 498-يىلى (مىلادى 1104-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ــــ 1105-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى) باغدادقا يېتىپ بارغان.
ئەسلى  ؛ " ھېجرىيە 498-يىلى''   بولىشى كىرەكتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-24 02:17  


ۋاقتى: 2013-9-24 13:47:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانجان زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-9-24 02:11
خېلى قىممىتى بار ماقالىكەن ، ئەجرىڭىز گە تەشەككۇر. لىك ...



   راست،  شۇنداق بولۇپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2014-5-3 17:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسل يازما

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش