كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 0

ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئېلان قىلىنغان مۇھىم ئەسەرلىرى

ئىسم – فامىلىسى :   ئابدۇناسىر يۇنۇس
ئادەبىي تەخەللۇسى : ياۋايى
قىسقىچە تەرجىمىھالى: 1972- يىلى 12 - ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە سېيەك يېزا كاتتايلاق 1- كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى .
1995 - يىلى « قەشقەر ئەدەبىياتى» ( ھازىرقى « قەشقەر» ) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان « قەبرىگە كۈمۈلگەن سىرلار » نامىلىق ھېكايىسى بىلەن  ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قۇشۇلغان .
يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:
«چاپانشال رېستۇرانى»  («جوڭگۇ مىللەتلىرى » ژورنىلى 2007- يىلى 2- سان )،
« ئەرنىڭ باغرى »  (« قەشقەر » ژورنىلى 2007- يىلى 5- سان )،
« قارا ئۈششۈك »  ( «ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژونىلى 2008-يىلى 1-سان )،
« سەۋدا »  (« تارىم » ژورنىلى 2008- يىلى 8 سان )،
« بوۋاي ۋە تۇپراق »  ( «تەڭرىتاغ ژورنىلى » 2009- يىلى 1- سان ) ،
«مامۇت سەپرا » (« تارىم» دورنىلى 2009- يىلى 132- سان )،
« سەمەندەرنىڭ ئوتى » ( « قەشقەر » ژورنىلى 2010-يىلى 1- سان ) ،
« قاينام » ( « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2010- يىلى 2- سان ) ،
«گۇمان » ( « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2010-يىلى 6- سان ) ،
« ساراڭ » ( « تەڭرىتاغ» ژورنىلى » 2011- يىلى 1- سان )،
« بىر كۈنلۈك دېھقان » (« جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى 2011- يىلى 1-سان ) ،
« يۈرەكتە قالغان گەپلەر» ( « يېڭى قاشتېشى »ژورنىلى 2011-يىلى 4- سان )،
«ئاخىرقى ئىستاكان » («جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى 2011-يىلى 5- سان ) ،
« ئۆي سېتىۋېلىش » ( « ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلى 2012-يىلى 1- سان )،
« يۇلتۇزنىڭ يېشى» ( قەشقەر» ژورنىلى 2012- يىلى 3- سان)،
«كېكەچ» ( قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى 2013- يىلى 2- سان ) قاتارلىق ئەللىك پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ،
« پىنھان سىرلار» (« يېڭى قاشتېشى»ژورنىلى 1999-يىلى 5- 6- سان ) ،
« ئاھ ، ساخاۋەتلىك دۇنيا » (« ئىلى دەرياسى» ژورنىلى 2000- يىلى 6- سان ،
« خەير دۇنيا ، خەير- خوش ئادەملەر » ( « قەشقەر » ژورنىلى 2003- يىلى 1- سان )
« ئاھ، شۇ كۈنلەر » ( « يېڭى قاشتېشى » ژورنىلى 2003-يىلى 2- سان )،
« زىمىستاندىكى چوغ» (« قەشقەر » 2009- يىلى 5- سان )،
« ئىنتىلىش » ( « قەشقەر » 2010- يىلى 6- سان ) ،
« بۇ كۈنلەرنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق» (« قەشقەر 2011-يىلى 6- سان ) ،
« مېھىرگە تولغان دۇنيا » « تۇرپان» ژورنىلى 2012- يىلى 1- سان ،
« رەھمەت ساڭا دۇنيا » (« قەشقەر » ژورنىلى 2013- يىلى 1- سان ) قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق پوۋېستى ئېلان قىلىنغان .
نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرى :
2010 -يىلى9- ئايدا « نىقاپلانغان سۆيگۈ » نامىلىق تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2012 - يىلى 4-ئايدا « ئابىھايات » نامىلىق ئىككى قىسىملىق رومانى «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى  ئۆزئارا تەرجىمە-نەشىر قىلىش قۇرۇلىشى» غا كىرگۈزلۈپ   شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2013- يىلى 5- ئايدا « سەمەندەرنىڭ ئوتى» نامىلىق ھېكايىلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق باش نەشىرياتى ۋە شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .
ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش ۋە تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى :
« ئەرنىڭ باغرى » نامىلىق ھېكايىسى 2008-يىلى 17- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .
ئۆزى  2011- يىلى 4-ئايدا « تارىم » ژورنىلى نەشىرياتىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق« مۇنەۋۋەر ئەدىپ » شەرىپىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان.
« مامۇت سەپرا » قاتارلىك ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش