|
قىزىل بولاقنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشەبۇزنامىسىسى
(فليەتۇن)
ھەردەرجىلىك ئورگانلار، كارخانىلار ۋە كەڭ جامائەتچىلىككە :
جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتىدۇ .كىشلەرمۇ بۇنىڭغا يېتشىش ئۈچۈن شاپاشلىماقتا .يېقىندىن بۇيان تەرەقىياتنىڭ يۈكسىلشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇش ئىستىمالىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرۋاتىدۇ . ماس ھالدا كىشلەربىلەن كىشلەر ئۇتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتمۇ بىكاردىن بىكارغا ئورنىتىلمايدىغا ن بولدى . شۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئار امۇناسىۋەت سوغا-سالامنى ئاساس قىلدىغان قۇرۇقتىن قۇرۇق ھېچكىم -ھېچكىم بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان ئومۇمى كەيپىيات شەكىللەندى .بۇمۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش دوستلۇق سوغا سالام بىلەن چىڭىيدۇ زىننەت تاپىدۇ ئەمەسمۇ ؟‹‹بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقماپتۇ›› دەيدىكەنغۇ كونىلار .
چاتاق يېرى ئورگانلار ،شەخىسلەر ،كارخانىلار ئوتتۇرسدا دۇستلۇقنى‹‹ قىزىل بۇلاق ››ئىسملىك سوغا سالام ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بىر ياخشى كەيپىيات بارلىققا كېلىۋىدى .بىر قىسىم جاھىل مۇتەسسىپلەر بۇ يۈكسەك دەرجىدىكى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىپ ،قىزىل بۇلاق ئارقلىق ئىش بىجىرىشنى ئۆز نەپسىگە چوغ تارتقانىلىق ،ھۆكۈمەت پۇلىنى بۇزۇپ چاچقانلىق، ئادىللىقنى ياقلىمغانلىق دىگەندەك سەپسەتىلەر ئارقىلىق چەكلەپ جەمىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا .
بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كارخانىلار بىلەن ئورگانلارنىڭ قىزىل بولاقنى ئېلىش بېرىش ئىشلىرى قىينلاشماقتا .گەرچە قىزىل بولاقنىڭ ئورنىنى قىممەت باھالىق قاشتېشى ،قىممەت باھالىق ھاراق ،تاماكا زۆرۈر تېپىلغاندا شەھلا كۆزلۈك مەلىكىلەر ئېلىپ ,بۇئىشنى سەل ئاسانلاشتۇرغاندەك قىلسىمۇ قىينچىلىق ئۈزۈل –كېسىل ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق .ئەڭ قاملاشمىغان يېرى خەلىقنىڭ بۇھەقتىكى كۆز قارشى تازا ئايدىڭلىشىپ بولالمىدى. شۇڭا قىزىل بولاقنى مەخسەتكە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئىنتايىن قىينغا توختاپ قېلىۋاتىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن قىزىل بولاقنى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىپ كىشلەر ئېڭىدا ئەزەلدىن ئاشۇنداق بولمىسابولمايدىغاندەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر.
شۇڭا كەڭ خەلىق ئاممىسنى تۆۋەندىكلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلشقا چاقىرىمىز .
1. قىزىل بۇلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس .بۇنىڭ ئۈچۈن كىشلەرنىڭ ئېڭغا قىزىل بولاق ئارقىلقلا ئېش بىجۈرگىلى بۇلدىغانلىغدىن ئىبارەت ئىددينى سىڭدۈرۈش كېرەك .ئىددىيە ئىشنى مائارىپتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ .مائارىپتا ئاقىللار سىنپى ،پەۋقۇلاددە مەكتەپ ، ھۆكۈمرانلار ئۈنۋرستىتى دىگەندەك ئورۇنلارنى تەسىس قىلىپ بۇئورۇنلارغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلشتاچوقۇم قىزىل بولاقنى ئاساس قىلىش، ئادەتتكى سىنىپ مەكتەپلەردىمۇ تۈرگە ئايرىپ سىنىپ تەسىس قىلىپ قىزىل بولاق ئۈچۈن يۇچۇق ئېچىش لازىم .قىزىل بولاق ئېلىش –بېرىش ئىشلىرغا چوقۇم ياش ئۆسمۈرلەرنىمۇ قاتناشتۇرۇپ .باللارنىڭ ئېڭىدا قىزىل بۇلاق ئۈچۈن تىجەشچان بۇلۇش ئىدديسنى شەكىللەندۈرۈش لازىم .
2. ئادەم بولغان ئىكەن كېسەللىك بولماي قالمايدۇ .دوختۇرخانىلارنى بۇبىر خىزمەتنى قانات يايدۇردىغان سىتراتىگيلىك ئورن قىلپ بەلگىلەش كېرەك .كېسەل كۆرسۈتۈش ،تەكشۈرتۈش ، ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش ئىشلىرىنى چۇقۇم قىزىل بولاقسىز بىجۈرمەسلىك . بۇنىڭدا ئالى درجىلىك دوختۇرلار ، مۇتەخەسسلەر ئۈلگە بولشى كېرەك .داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ تاملىرىغا ‹‹قىزىل بولاق بولسىلا كېسەلگە سەۋەپ ئۆلۈمگە ئامال قىلغىلى بولىدۇ ››دىگەندەك شۇئارلارنى چاپلاش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ دىققتنى جەلىپ قىلىش كېرەك .
3. ھەردەرجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى دىلۇ بىر تەرەپ قىلىش كىشلەرنىڭ شەخسى ئىشىنى بىجۈرۈشتە .ئامال بار كەينگە سۈرۈش ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلماسلىق يولى ئارقىلىق قىزىل بولاققا شارائىت ھازىر لاش لازىم .
4. جەميەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى بۇلغان دىھقانلار ئىنسانلارنى باقىدىغا ن ئاساسى كۈچ بولۇش بىلەن بىرگە ئىددىيەنى ئەڭ تەس قۇبۇل قىلىپ ئەڭ كىيىن ئۇنتۇيدىغان بىر تۈركۈمدۇر .شۇڭا بۇلارغا ھەرگىز سەل قاراشقابولمايدۇ .ھەرقانداق ئورگان ۋەشەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا چوقۇم قىزىل بولاقسىز ئىش بىجرمەسلىگى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ساددا سەمىمى سۆزلىرگە ئالدىنىپ قالماسلىق كېرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئالاھدرەك مۇئاملدە بولۇش ،ئۇلارنىڭ ‹‹يوققا كايماسلىق بارىنى ئايىماسلىق ››پىرنسىپىغا ئەمەل قىلش ،بىرتال نان ،بىرەر قوغۇن ،توخۇ ،ئۆردەك بىرەر ئىككى قوي دىگەندەك ئاددى نەرسىلەر بولسىمۇ ئازكۆرمەسلىك لازىم . ئۇلارنى بىرەر نەرسە بەرمىسە باشقىلار بىلەن مۇناسۋەت قىلغىلى بولمايدىكەن دىگەن ئويغا كەلتۈرۈش زۆرۈر .
5 .ھەرساھە كەسىپلەردە كىچككنە ھۇقۇقىدارنىمۇ قىزىل بولاقسىز تەينلىمەسلىك، ئەڭ ئادديسى كەنىتلەردىكى گورۇپپا باشلىقلىرنىمۇ مەلۇم مۇناسىۋەت ئارقىلىق تەيىنلەش. سايلام ئىشلىرىنى بار ئاماللارنى قوللۇنۇپ شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش لازىم .
قىزىل بولاققا ھەۋەس قىلغۇچى كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ دەرھال ھەكەتكە كېلىپ قىزىل بولاق ئۈچۈن داغدام يول ئېچشغا تىلەكداشمىز .
قىزىل بولاقنى ئومۇملاشتۇرۇش جەميتى .
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 19- كۈنى .
مەكىت ناھيە غازكۆل ئوتتۇرا مەكتەپتىن :ئوسمان مۇھەممەت
|
|