كۆرۈش: 1114|ئىنكاس: 12

زەلىلىنىڭ بۇ شىېرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەشمىسىگە مۇھتاج ئىدىم ياردەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«چىلتەن تەزكىرىسى» دىن ئۆرنەكلەر
ئول زەماندا بار ئىدى مۇنكىر بەسى،
يەتتە ئەھمەددەر ئىدىلەر بەئزىسى.
گەۋھەرى قىممەت بەھانى كىم تانۇر،
يەئنى داۋۇد ئاڭلاغاي ھەرفى زەبۇر.
بۇلبۇلى بىچارە بىلگەي قەدرى گۇل،
ئاشىقى مەيخارە بىلگەي قەدرى مۇل؛
قوينى قويچىيۇ شۇ تۇرنى ساربان،
ئۇي سامانلىقنى تانۇر، ئىت ئۇستىخان؛
فەرق ئەيلەر باغبانى چارباغ،
نالەئى قۇمرى بىلەن غەۋغايى زاغ.

خوجە مۇھەممەد شەرىف بۇزۇرگۋار تەزكىرىسى» دىن ئۆرنەكلەر  
482 – بەت (1)
ئەيدى: ئەي فەرزەندە غافىل بولماغىل،
پاشائى ئاجىز بول، فىل بولماغىل.
كۆرگەلى ئالەمنى كۆز بەردى ساڭا،
بەندەلىكنى نىگە قىلمايسان ئاڭا.
قاشۇ كىرپىكۇ ئاياغۇ قول بېرىپ،
مۇندا كەلتۇردى ئەدەمدىن يول بېرىپ.
ئەزبىرايى بەندەلىك ئەتمەك ئۈچۈن،
ئۆز قىلىبان بىرگە ئۆرگەتمەك ئۈچۈن.
كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە ئايا ئۆمۈر بار،
جۈملەنىڭكى مەنزىلى دارىلقەرار.
ھىچ كىم ئۆز ئالىدىن بولماس كىشى،
تۈشمەسە تا ئەۋلىيالەرغە ئىشى.

539 – بەت(2)
كىمكى بۇغداي تىكتى ئول بۇغداي ئالۇر،
كىمكى چاي بەردى كىشىگە چاي ئالۇر.
ئۈنگەنىدە كۆرمەدىڭمۇ بەد گۇمان،
ئارپەخاننىڭ دانەسىدىن ئارپەخان.

541- بەت(3)
بىر نەزەر قىلغان بىلەن مەردان كار،
بولدى پەيدا ئۆز ئۆزىدىن جويبار.
ئۆتكەرىپ بازار ئىچىدىن قويدىلەر،
ھەم زىرائەت ھەم خالايىق تويدىلەر.
نەچچە كەنت ئاباد بولدى بۇ سۇدىن،
كۆپ زىرائەت قىلدىلەر ئاندىن كېيىن.
قەرىيە ئۈچ يىلدە تەييار ئەتتىلەر،
ئافەرىن، دۈشەنبە بازار ئەتتىلەر.
ئولتۇرۇبان ئوتتۇز ئىككى ھۆرفەگەر،
ھەم مازارۇ خانىقاھى جىلۋەگەر.
ئون بولۇرى قۇلنى ئازاد ئەيلەبان،
قويدىلەر خىزمەتكە مۇئتاد ئەيلەبان.
ھەر نىيازۇ نەزرە كەلسە ساقلاماي،
خانىقاھغە سەرف ئېتىڭلەر يىلۇ ئاي.
شەيخۇ جارۇبكەشلەرگە چاي بېرىپ.
بەئدە بۇزۇرۇگۋارۇ خان ئاتلاندىلەر،
ئەرتەسى تۈش بىرلە كەلدىلەر شەھەر.
543- بەت(4)
ئەيدىلەر: ئەي جەمئ بولغان مەردۇ زەن،
مەرگدىن فارىغ ئەمەسدۇر ھىچ تەن.
بىزگە نەۋبەت يەتتى بولغاي بۇ كېچە،
تاڭ سەھەر كەلدى نىدايى ئۆزگىچە.
سىز قالۇرسىزلەر جەھاندا نەچچە كۈن،
چىقماغاي تاڭلا گۆرۈڭلەردىن تۈتۈن.
كېچە تاڭ ئاتقۇنچە تائەت ئەيلەڭىز،
كۈندۈزى خەيرۇ سەخاۋەت ئەيلەڭىز.
ئەيلەڭىز غۇسلۇ تەھارەتنى تەمام،
زىكرى تەسبىھۇ تىلاۋەت سۈبھى شام.
گۆر قاراڭغۇدۇر ئىچىدە يوق چىراق،
كۆز ياشىڭىزدىن قۇيۇڭ مەشئەلگە ياغ.
تا تىرىك بار سەن جەھاندا ماھۇ سال،
تەۋ بەدىن ئاغرامچىنى بوينۇڭغە سال.
قوپ سەھەرلەردە خۇداغە نالە قىل،
ئەبردەك ياغقىل ياشىڭنى ژالە قىل.
مەغفىرەت قىلغاي مەگەر يەزدانى پاك،
ۋەرنە نەفىس ئىلكىدە بولغۇڭدۇر ھەلاك.

«سەپەرنامە» دىن ئۈزۈندىلەر
564- 653 – 562 - 561- بەت(1)
ساقى سىيمىن بەدەن گۇلى ئۇزار،
سۇندى ئاياغنى بېۋەقتى بەھار.
ئالدى سەبا پەردەئى دىدارى گۈل،
بۇلبۇلى بىچارە گىرىفتارى گۈل.
غۇنچە قىلىپ خىرقەسنى چاك- چاك،
زاھىر ئېتىپ قۇدرەتى يەزدانى پاك.
شاخى سەنۇبەردە تۈزۈپ قۇمرىلەر،
نەغمەئى داۋۇد پەيەمبەر ئەسەر،
جىلۋەگەر ئولغاچ چېمەنى دىلفەرىب.
مەست بولۇپ ئەيلەدى جان ھايھۇي،
باغلادى گوياكى دۇرى گۇفتگۇي.
باغ ئەناسىرغە خەبەر بولمادى،
دانە تۈشۈپ ئاندا سەمەر بولمادى.
قاندا مۇغەننى نەۋاسازلەر،
مەئنى قۇلاقىغە دىسۇن رازلەر.
نالەئى نەي بىلەن تاپىبان جۇنۇن،
نەغمەئى پۇشۇر قىلىپ ئەرغەنۇن.
جىلۋە بېرىپ نەغمەدە قانۇنى ئىشق،
كوشەلەرىدىن تۆكۈبان خۇنى ئىشق.
كۆيدۈرۇبان جانۇ دىلىمنى رەباب،
شۆئلەئى ئاھىمدە قىلىپدۇر كەباب.
زەۋق بىلەن زۇھد گىرىبانىنى،
شەۋق بىلەن سوفىيە دامانىنى؛
بىر دەمى ۋەھدەتدە تۇتۇپ چاڭ ئېتىپ،
مەيكەدە ئشكىدە ئۆزۈم خاك ئېتىپ.
سۇرمەئن خامۇش تىلىمغە سالىپ،
پەنبەئى غەفلەتنى قۇلاغدىن ئالىپ.
كوسى مۇھەببەتنى بۇ ياڭلىغ چالاي،
غۇلغۇلەئى ئاھىن جۇنۇنغە سالاي.
ساقى بېرىڭ بىزگە شەرابى بىھۇشت،
كەلدى بۇ ياڭلىغ قەلەم سەرنەۋىشت.
ئەلگە جەھان باغىدەدۇر شادلىق،
بىزگە ئەلەم بىرلە بۇ بىدادلىق.
قىسمەت ئولۇپ رەنج نەسىبە بەلا،
قىلدى ۋۇجۇدۇمنى ئەدەم ئەۋۋەلا.
كەلدى خەزان، كەتتى ئەدەدسىز بەھار،
كىردى قارا يەرگە بەسى گۇلئوزار.
يوق ئەسەرى زەررە ئەۋراكدىن،
كاسەئى چەشمە پۇر ئولۇپ خاكدىن.
تۇتىئى تىل ئاغزىدا خامۇش ئولۇپ،
تەختەئى تەن مەنزىلى ھەر مار مور،
بولماسۇن ھىچ بەندە گىرىفتار گور.
ھەر گۈلى كىم چىقتى ئاچىلماق ئۈچۈن،
ئاقىبەتى يەرگە ساچىلماق ئۈچۈن.
ئىبرەت ئەگەر بولسە ئىبادەت قىلىڭ،
غافىل ئۆتەر ئۆمۈر غەنىمەت بىلىڭ.
ساچ- ساقالىڭ ئاقارىپ تۇشتى تىش،
ئوقبا ياراغىغا قىلالماي بىر ئىش.
غەفلەت ئىلە خەلق ھەمە قىش- ياز،
يەلدەك ئۆتۈپ كەتتى بۇ ئۆمۈر دەراز.
كېچە تاڭ ئاتقۇچە چۇ بىھۇدەگوي،
كۆندۈزى ئاخشامغىچە ئىشىڭ ئال- قوي.
سۇبھى مەھەللىدە ئۆتۈب بىخەبەر.
كۈندە قويار ئەرتەگە جۇئۇل بەقەر،
ئالدىدە قويسە تەبەق پۇر تەئام،
باقماي ئاڭا يەيدۇ ھالالۇ ھەرام.
قۇۋەت ئول لوقمە بولۇپ شورۇشەر،
بولسە مەلىك ئەيلەدى گويا بەشەر.
تەڭرى سېنى ئەيلەدى تائەت ئۈچۈن،
نۇر بېرىپ مەھزە ئىبادەت ئۈچۈن.
بەندەلىكۇ قۇللۇغى سەرمەيادۇر،
يادى ئانىڭ ئۆمرى گەرانمايەدۇر.
ھاسىلى بۇ خىرمەنى ئۆمرۈڭ قەنى،
ھەشەر كۇنى ھەدىيە قىلۇرغە ئانى.

565- بەت(2)
باتىنىدىن شۆئلە چىقارىپ ئەلەم،
ئۆزلۈكىنى كۆيدۈرۈپ ئەتسۇن ئەدەم.
كىمكى يەتۈرمەيدۇ ئۆزىنى ئەبەس،
دايىرەئى فەقىردە دەرۋىش ئەمەس.
بەھرە ئۆزە ھەر مەلى نىسان يىغار،
ئاغزىنى ئاچقاي سەدەف سەدھەزار.
قولغە تۈشۈرۈپ ئانى غەۋۋاسلەر،
فەرت قويۇپ قىممەتى مەئلۇم ئېتەر.
ئادەمزادىكى ئېرۇر گەنجى ئىشق،
ۋاقىف ئەمەس چەكمەگۈچە رەنجى ئىشق.
رەنج چېكىپ بولدى زىمىستان بەھار،
رەنج چېكىپ بولدى گەدا شەھرىيار.


561(3)
ساقى سىمىن بەدەن گۈلى ئۇزار،
سۇندى ئاياغىنى بىۋەقتى بەھار.
ئالدى سەبا پەردائى دىدارى گۈل،
بۇلبۇلى بىچارە گىرىفتارى گۈل.
گۇنچە قىلپ خىرقەسنى چاك – چاك،
زاھىر ئىتىپ قۇدرەتى يەزدانى پاك.
شاخى سەنۇبەردە تۈزۈپ قۇمۇرلەر،
نەغمەئى داۋۇت پەيغەمبەر ئەسەر.
جىلۋەگەر ئولغاچ چىمەنى دىلاەرىب.
داغ ئۇزە داغ قويۇپ ئەندەلىپ.
مەست بولۇپ ئەيلەدى جان ھايھۇي،
باغلادى گوياكى دۇرى گۇفتى گۇي .
باغ ئەنەسىرغە خەبەر بولمادى.
قاندا مۇغەننى نەۋا سازلەر،
مەئنى قۇلاغىغە دىسۇن رازىلەر.
نالەئى نەي بىلەن تاپىبان جۇنۇن.
نەغمەئى پۇرشۇر قىلىپ ئەرغەنۇن.
جىلۋە بېرىپ نەغمەدە قانۇنى ئىشىق،
كوشەلەرىدىن تۆكۈبان خۇنى ئىشىق.
كۆيدۈرۇبان جانۇ دىلىمنى رەباب،
شۆھلەئى ئاھىمدە قىلبدۇر كەباب،
زەۋىق بىلەن زاھىت گىربانىنى،
شەۋقى بىلەن سۇفىيە دامانىنى.
بىردەمى ۋەھدەتىدە تۇتۇپ چاك ئىتىپ،
مەيكەدە ئىشىكىدە ئۆزۇم خاك ئىتىپ،
سۇرمەئى خامۇش تىلىمغە سالىپ.
پەنبەئى غەفلەتنى قۇلاغىدىن ئالىپ.
كوسى مۇھەببەتنى بۇ ياڭلىغ چالاي،
غۇل غۇلەئى ئاھىن جۇنۇنغە سالاي.
ساقى بىرەڭ بىزگە شەرابى بىھۇشت،
كەلدى بۇ ياڭلىغ قەلەم سەرنەۋشىت.
ئەلگە جەھان باغىدەدۇر شادلىق،
بىزگە ئەلەم بىرلە بۇ بىدادلىق.
قىسمەت ئولۇپ رەنج نەسىبە بەلا،
قىلدى ھۇجۇدۇمنى ئەدەم ئەۋۋەلا.
كەلدى خەزان، كەتتى ئەدەتسىز بەھار،
كىردى قارا يەرگە بەسى گۈلئوزار.
يوق ئەسەرى زەررە ئەۋراكىدىن،
كەسەئى چەشمە پۇر ئولۇپ خاكىدىن.
تۇتىئى تىل ئاغزىدا خامۇش ئولۇپ،
بار – يوقى جۇملەئى فەرامۇش ئولۇپ.
تەختەئى تەن مەنزىلى ھەر مار مور،
بولماسۇن ھىچ بەندە گىرىفتار گور.
ھەر گۈلى كىم چىقتى ئاچىلماق ئۈچۈن ،
ئاقىبەتى يەرگە ساچىلماق ئۈچۈن.
ئىبرەت ئەگەر بولسە ئىبادەت قىلىڭ،
غافىل ئۆتەر ئۆمۇر غەنىيمەت بىلىڭ.
ساچ – ساقالىڭ ئاقىرىپ تۈشتى تىش،
ئوقبا ياراغىغا قىلالماي بىر ئىش.
غەفلەت ئىلە خەلق ھەمە قىش – ياز،
يەلدەك ئۆتۈپ كەتتى بۇ ئۆمۇر دەراز.
كېچە تاڭ ئاتقۇنچە چۇ بىھۇدەگوي،
كۆندۈزى ئاخشامغىچە ئىشىك ئال – قوي.
سۇبىھى مەھەللىدە ئۆتۇب بىخەبەر،
كۈندە قويار ئەرتەگە جۇئۇل بەقەر.
ئالدىدە قويسە تەبەق پور تەئام،
باقماي ئاڭا يەيدۇ ھالالۇ ھەرام،
قۇۋۋەت ئول لوقمە بولۇپ شۇرشەر،
بولسا مەلىك ئەيلەدى گويا بەشەر.
تەڭرى سىنى ئەيلەدى تاقات ئۈچۈن
نۇر بىرىپ مەھزە ئىبادەت ئۈچۈن.
بەندەلىكۇ قۇللۇغى سەرماھىدۇر،
يادى ئانىڭ ئۆمرى گەرانمايەدۇر،
ھاسىلى بۇ خىرمەنى ئۆمرۇڭ قەنى،
ھەشەر كۈنى ھەدىيە قىلۇرغە ئانى،

565
باتنىدىن شوئىلە چىقارىپ ئەلەم،
ئۆزلۈنى كۆيدۈرۈپ ئەتسۇن ئەدەم.
كىمىكى يەتۇرمەيدۇ ئۆزىنى ئەبەس،
دائىرەئى فەقىردە دەرۋىش ئەمەس.
بەھرە ئۆزە ھەر مەلى نىسان يىغار،
ئاغزىنى ئاچقاي سەدەف سەدھەزار.
قولىغە تۈشۈرۈپ ئانى غەۋۋەسلەر،
فەرق قويۇپ قىممەتى مەئىلوم ئېتەر،
ئادەمزادىكى ئىرور كەنجى ئىشىق،
ۋاقىف ئەمەس چەكمەگۈچە رەنجى ئىشىق،
رەنج چىكىپ بولدى زىمىستان بەھار،
رەنج چىكىپ بولدى گەدا شەھرىيار.


568(3)
دارى مەدار بۇ جەھان بىر نەفەس،
بۇلبۇل روھۇمغە بەدەندۇر قەفەس.
ئىشىق گۈل ئول قۇشىغە پەرۇبال،
مەئرىفەتى تەڭرى خەتتى خەتۇ خال.
چۇن ۋەتەنى ئەسلىگە دايىم قاراپ،
ئۇچماق ئۈچۈن ھەردەم ئېتەر ئىزتىراب.
ھاسىل ئېتىپ مەئرىفەت جان ئاڭا،
ھەمراھ ئېتىپ گەۋھەرى ئىمان ئاڭا.
ۋەجدۇ جۇنۇن ئەسەرى ھالى بەر،
ئۇچقالى جەننەتكە پەرۇ بالى بەر.
تەلبە زەلىلى گۇناھى بېھىساب،
نامەسىدە زەررىچە يوقدۇر سەۋاب.
خەستە زەلىلىدۇر چۇنادان ھونۇز،
بولمادى قىرىق ياشىدا مۇسۇلمان ھونۇز.
......................
گەردەنىدە ھەلقەئى زۇنناردۇر.
لۇتف ئىنايىتىڭ ئىلە كىردىكار،
ئەيىبىنى سەن ئەيلەمەگىل ئاشكار،

570(4)
بۇلبۇلى جان سايرا مۇناجات ئۈچۈن،
ۋەقتى سەھەر قازىئى ھاجات ئۈچۈن.
كىمىكى سەھەر قوپتى كەرەمەت بىلىڭ،
ھەر سەھەرى سۇبھى قىيامەت بىلىڭ.
ئۇيقۇ ئۆلۇم، بولما ئاڭا سەن گەرەۋ،
ھەر نەفەسى تازا يېتەر ئۆمرى نەۋ.
غەفلەت ئىلە ياتما ئۇيۇپ زىنھار،
كۆركى تاماشايى ئەزىم سەدھەزار.
نەۋھە قىلىپ تۇتى چۇ شېكەر ئۆزە،
نالە بىلە قۇمرى سەنۇبەر ئۇزە.
زۇلمەتى شەب يەر يۈزىدىن بەر تەرەف،
بۇلبۇلى گۈل ئىشقى چىكىپ ھەر تەرەف.
كىرپىكىنى سەبزە ئىلە نەمناك ئېتىپ،
غۇنچە ھەيا پەردەسىنى چاك ئېتىپ.
بەرگى بە بەرگى ئۆزرە ھەمىشە بەھار،
لالە قىزىل گۈلغە بولۇپ كاسەۋەر .
زىننەتى باغات، ئەرۇسى چىمەن،
سەۋسەنى ئازادە بىلەن ياسىمەن.
شۇر -شۇرى دەرياۋۇ سەدايى دەرەخت،
نەلەئى مۇرغان، نەداھايى سەخەت.

571(5)
ھەيىف، ساقالۇ بۇرۇتۇ ھەيىف تىل،
ئادەمى سەن زەررەئى قەدرىڭنى بىل.
سەندە قەنى سەيقەلى جانۇ خىرەدە،
ئاقىبەتى مەنزىل ئېتەرسەن لەھەد.
تەكىيە گاھى خەلق گۆرىستاندۇر،
شاھۇ گەدا قەبرىدە يەكساندۇر.
ئاندا يېتەرسەن يىل ئۆتۇپ ئاي – ئاي،
بولماسا بىر ياخشى ئەمەل ۋاي – ۋاي.
گۆردە نىچۇك كەچكۈسى ھالىڭ سېنىڭ،
تەبرەگەلى يوقتۇر مەجالىڭ سېنىڭ.
ھالىكى بۇ ئۆمۇر غەنىمەتدۇرۇر،
ھەر نەفەسى دۇررى بە قىممەتدۇرۇر.
ئىبرەت ئالىبان دەمى بىدار بول،
يەلدەك ئۆتەر ئۆمۇر خەبەردار بول.
كېچە تاڭ ئاتقۇنچە كىشىكىم ياتۇر،
سۇرى قىيامەت ئاخىر ئويغاتۇر،
تەڭرى كەلامىدە نەسىھەت دېدى،
پەندۇ نەسىھەت ساڭا سۇد ئەتمىدى.

573(6)
شاھ رەئىيەتكە سىتەق قىلماغاي،
قاراغۇ ئەيلەپتۇر كۆزۇڭ ھىرىس – ئاز،
سەندە نەئىمان، نەزەۋقى نەماز.
لايىقى دەۋزاختۇر بۇ  جانۇ تېنىڭ،
مالۇ مەتائىڭىدۇ خۇدايىڭ سېنىڭ.
بەندە ماڭا ھەم ئۆلۈك ھەم تىرىك،
بىر سىفەتىم ۋەھدەۋۇ لا شەرىك،

574(7)
ھۇشى تۇيۇردىن كېتىبان ئەقلۇ ھۈش،
يەرگە يىقىلغايلەر بولۇبان خەمۇش،
چىققاي ئوشۇل لەھزە نەفىرۇ فىغان،
ياشلەرى گوياكى چۇ ئابى رەۋان.
  بولماس ئۇ ھالەتدە دۇئالەر قەبۇل،
قىز ئانادىن قاچغاي، ئاتادىن ئوغۇل.
ھىچ كىشى بىر – بىرىگە باقماغاي.
كىمدۇ يۈزىنى يەر ئۈزە ياقماغاي.
ئاھ زەلىلى نە قىلۇر ئول كۈنى،
ئۆتتى گۇنەھ بىرلە كۈنىيۇ تۈنى.
قىلمادى بىر كېچە قىيامەتنى ياد،
ئەيلەمەدى تەڭرى ئىشىكىدە داد.
قۇل خوجەنىڭ خىزمەتىدە بولماسا.
قاراغىدۇر قولىدە يوق ئەسا.
كۈندۇزۇ ھەم كېچە بەرابەردۇرۇر،
ئادەم ئەمەس كىم يا تۇغان خەردۇرۇر.
خەرگە ئەگەر يۈكنى يۈكلەسە ئاغىر،
يولىغە يۈرۈر بولسە ئەگەر يۈز يەغىر.
سەندە قېنى ئىبرەتۇ، ئىلمۇ رەشاد،
سەندە ئىرۈر جۇملەئى ھەيۋان زىيات.
ئادەمىگە بەردى خۇدا ئەقلى پاك،
ئەسلى ئىرۇر گەرچە ئانىڭ ئابۇ خاك.
ئەقلىڭ ئەگەر بولسە سېنىڭ پاك بول
ئىززەتۇ ھۆرمەت تىلەسەڭ خاك بول .
كىمىكى بولۇر مۇندا نەسىھەت پەزىر،
باسقان ئانىڭ تۇپراغى مۈشكى ئەبىر.
قوي قەدەمىڭنى بەدەر كىبرىيا،
قەربى ئىلاھىغە چۇ مەردى خۇدا.
بۇقەلەمەندۇر بۇ جەھان خەرەب،
يوقتۇر ئانىڭ گۈلشەنىدە ئابۇتاب.
نامە تەمام بولدىيۇ سۆز مۇقتەسەر،
تۈشتى زەلىلىگە ھەۋايى سەفەر.
خۇنى جىگەردىندۇر ئانىڭ تۆشەسى،
گۆرى قىيامەتدۇر چۇ ئەندىشەسى.
ۋەقتىكى ئول بولسە بۇ يولدە فەنا،
يەتكۈر ئانى مەنزىلىگە رەببەنا.
كەتتى ئۆتۈپ ھەيف گەرانمايە ئۆمۈر،
ئادەمىدە سود ئىلە سەرمايە ئۆمۈر.
ئىلمۇ ئەمەل ۋەقتىكى قىلمادىم،
مەزرەئە ئاخىرەتى قىلمادىم .
ھاسىلى ئۆمۈر ئولدى ھەۋاۋۇ ھەۋەس،
فاسىقى ھەمرۇم ئىدىم ھەر نەفەس.
بىر نەفەسى تەڭرىنى  ياد ئەتمەدىم،
ھەيرى گۇناھىمنى زىياد ئەتمەدىم.

577(8)
فەقىر ھۇرۇپى ئۈچ ئېرور،ئەي فەقىر،
ئاڭلا ئانىڭ ھەرفىنى كۆرمەي ھەقىر.
«فى» كى نۇخۇستىن كۆرەسەن فاقەدۇر،
تالىبى سادىقغە دەم نەفخە سۇر.
«قاف» قانائەتدۇر، ئىشىت يەتتە كۈن،
قىلما يارەغى يىمەكلىك تۈنۈ كۈن.
«رى» كى رىيازەتدۇر، رىيا قىلماغىل
شەھۋەت ئوتى ئۆزرە چۇ يا قىلماغىل.
فەقىر چۇ دەريايى ئەزىم ئەي پەدەر،
شىشە كۆزۈڭ بەھرەدەغى باتىنىڭ،
كۆركۈزەدۇر مەۋجى تىلسىم تېنىڭ.
كۆز يولىدىن بولماغۇچە شىشە پۈش،
ئالما كەفەننى دەلىرەنا بەدۇش.

600(9)
زەرنى سىيە تابىدە زەرگەر تانۇر،
ئەرنى تونۇر بولسە يانا ئەر تانۇر.
ئەلغەرەز ئول تاغ تۇبىدىن ئۇيان،
سەر ھەددى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
تۆرت جەۋانىبدە ھەمە تاغلەر،
سەھنە گۇلىستان يەنە باغلەر.
يازۇ قىشىن مەشھەد ئىچىدە ئاقار،
چەشمەلەدىن جوي بەجوي ئاشار.
جۇمئە كۈنى ئەرتەسىدىن تابەشام،
جەمئ بولۇپ تەۋف ئۈچۈن خاسۇ ئام.
خەلق قىلۇر لەۋزەلەرىغە ھۇجۇم،
سەف – سەف ئولۇپ مىسلى مەلەك يا نۇجۇم.
بارچەلەرى خادەمى مەشھەد بولۇپ،
مەشھەدى ئەئلائى زەبەر ئولۇپ.
تەئىبىيە قەندىل چەرەغان ھەمە.
بەيزە سۇمرۇغى چۇلەرزان ھەمە.
بوسە قىلىپ باسقان ئىزىن شاھلەر،
نەشئە تاپىپ ھەر نەفەس ئاگاھلەر،
زابىتەئى دىنىغە نىگەھدار ئۈچۈن،
ئاجىزۇ ھەيرانىغە مەدەتكار ئۈچۈن.
گوشە نىشىنان دۇئا گويلەرى،
سومئەداران رىزا جويلەرى.
ھەر نەفەسى تەۋفىكە ھازىر دۇلەر،
تەۋبە قۇبۇغلەرىغە نازىر دۇلەر.
سىدىقى بىلەن ھەر بىرى ھاجەت تىلەپ،
ھەزرەتى سۇلتاندىن ئىجابەت تىلەپ،
ئارزۇيى ۋەسلى بىلەن ئىنتىزار،
ھەرنە تىلەر بولسە مۇرادىن تاپار.
ئۈچ يىلۇ ئۈچ ئاي زەلىلى غەرب،
ياتىپ ئىدىم مىسلى خەزان سارغارىب.
ژەندە بېمەئنى كەفەن ئەيلەبان،
دەربەدەر تەركى ۋەتەن ئەيلابان.
خىرئەئى ئەھمەدنى قىلىپ پەردە پوش،
رەئىد كەبى ئەيلەر ئىدىم مەن خورۇش.
بەرقى سۇفەت خەندە قىلىپ ھەر نەفەس.
بولبۇل گوياكى ئەسىرى قەفەس.

603(10)
تابەكى ئەي دوست چەككەي ئىزتىراب،
مىسلى بېنەفشە سەفەرى پىچىتاب.
باش چىقاراي چۇن گۇلى رەئنا كەبى،
جان بىرەيىن سۆزگە مەسىھا كەبى.
شەرھ قىلايئەنجۇمەنى ياركەند
تاپسۇ تەرەۋات چىمەنى ياركەند،
شەھەر ئىدى شاھ نىشىن كانى رەخت،
بارچە مۇغۇلىيە ئارا پايتەخت.
مۇلكى مۇرەسسەئ شەھرى تازە،
ئاقسۇ – كۈچانىڭ يۈزىگە غازە.
بىر تەرەفى ئابى رەۋانى مىشار.
جەزەبە ئېلى بەرسە قازاندەك تاشار.
ئالدىدەدۇر رەۋزەئى ئەھلى رىزا،
خوجە مۇھەممەد شەرھى ئەۋلىيا،
سەرۋەرى سەردار سەر ئاشقان.
تالىبى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تازە،
ئۇلەردىن شەھەرى ياركەند.
خوجەئى ۋالا گۆھەرى ياركەند.
پىرى ھەمە شاھ – گەدادۇر، بىلىڭ،
ھامىيۇ مەردان خۇدادۇر، بىلىڭ.
گۇنبەزى ئالىيۇ يەنە خانىقا،
ئاندا ئالۇر بارچە مۇسافىر پەناھ.
يەئىنى تويار ھەركىشى كىم ئاچدۇر،
پۇشەش ئالۇر كىمىكى يالاڭاچدۇر.
جۇمئەۋۇ پەنجىشەنبە كۈنى كىچەسى،
خەلق زىيارەتكە بارۇرلەر بەسى.
نەزرۇ نىيازىنى ئالىپ دەمبەدەم،
تۇرك، تاجىكۇ ئەرەب ھەم ئەجەم.
شەھەر ئىچىدىن ياسىنىپ شوخلەر،
ھۆرى بېھىشتىچە بولۇپ جىلۋەگەر ،
مەست قىلىپ ئەلنى بىتەرىزى كەلام،
ھەر  بىرى بىر كىبك دەرى خۇشخۇرام.
قىرمىزى كۆڭلەكدە كۆرۈپ ئەھلى ھۇش،
بىھۇش ئولۇپ بولدى چۇ نارەنجى پۇش،
بەئزى پەرىزادى ئىرەمدەك ھەمان،
باشىدىن ئاياغ ياسىمەنى ئەرغەۋان.
زېب بېرىپ باشىدە مولۇن تۇماغ،
چىھرە مۇنەۋۋەر گۆھەرى شەب چىراغ.
ئىشرەت ئىتىپ قىزۇ يىگىت جۇۋان
ئەرتەدىن ئاخشامىغىچە خىرەد كالان.
خەلق تەۋاف ئىچرە دۇئاگوي ئۈچۈن،
ھەفتە ئول يەردە ئەجەب توي ئۈچۈن.
ھالى ئۇ يەر مەنزىلى ئاباددۇر،
روھى راۋانى خوجە ھەم شاددۇر.

606(11)
«جىم» جەمالىدىن ئىچىپ بادەلەر،
«مىم» مۇججارەد بىلە ئازادەلەر.
«قاف» قەلەندەرگە قانائەت قىلىپ،
«لام» نى زىكرىغە دەلالەت قىلىپ.
«نۇنى» نەدەمەت كۈنىدىن خەبەرى،
«دال»دىيانەت كۇنىدىن خەبەرى.
«رى» كى رىيازەتكە ئىشارەتتۇر،
بىلگۈچىگە تۇرفە بىشارەتدۇر.
كىم بۇ ھۇرۇفلەرغە خەبەردار ئەمەس،
ھەيىف ئانىڭ ئۆمرىگە بىدار ئەمەس،

607(12)
لېيىك ئۇلەرنىڭ ئىچىدە دىلبەرى،
ھۆرلىقا ماھ، پەرى پەيكەرى.
قىرمىزى لەب، ئىشۋەگەرى شوخۇشەڭ،
جىلۋەگەر ئولدىچۇ بوستانى فەرەڭ.
كاكۇلى يەلدا كېچەسىدەك قارا،
شانە كەشى كاكۇلى بادى سەبا.
شەمئ يۈزىدىن بەدەنى شۆئلە پۇش،
سىلسىلەئى زۇلفى تۈشۈبان يەدۇش.
لەئلى لەبى ئۆزرە خەتتى ئەنبەرىن،
قاشى زۇمۇررەد گون ئولۇپ ئوسمەدىن.
ساچى خىتا مۈشكى بىلەن ئەردى تەڭ،
ھىندۇيى خالىچۇ ئەسىرى فەرەڭ.
ئىككى قۇلاقى گۈلدە يافۇرماغدەك،
ئىككى بىجى سىنەدە قايماغدەك.
ھەر نەزەرى خەنجەرى شەمشىر تېز،
كۆزلەرى مەھشەرگە سالىپ رۇستەخېز.
قامەتى رەئنا گۈلىنىڭ خۇمچەسى،
جىلۋەدە رەفتەرى قىيامەت بەسى.
بادى بەھارىدەك ئۆتۈپ كەتتى ئول،
بەندەنى رەسۋاۋۇ خەراب ئەتتى ئول.
لېيك قىيا سالمادى ھەرگىز نەزەر،
كۆرمەدىم ئانداغ سەنەمى ئەلھەزەر.
ئول كۈنى تا كېچە چېكىپ ئېشتىياق،
ئەيتۇر ئىدىم نالەئى ھەزا فىراق.
بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە مەست ئىدىم،
سايە سىفەت تۇفراغ ئۈزە پەست ئىدىم.
ئىشىق يولىدا ياراشۇر خارلىق،
ئەينى ۋەفادۇر بۇ سىتەمكارلىق.
كىمكى بەلا چەكمەدى ئاشىق ئەمەس،
بۇلبۇل ئوشۇلدۇركى ئەسىرى قەفەس.
ئۇچماغ ئۈچۈن ھەر دەمى جۇش ئەيلەگەي،
نالەسىدىن خەلق خۇرۇش ئەيلەگەي.
باغى جۇنۇننىڭ سەمەرى ئىشقدۇر،
ئىككى جەھان ھەم ئەسەرى ئىشقدۇر.
كەئبەدە ھەم بۇتكە دەر دۇر ئىشقدىن،
بادە ۋۇ مەيكەدە دۇر ئىشقدىن.
ئىشق ئەگەر بولماسە، پەرۋەردەگار،
ھەرگىز ئۆزىن قىلماس ئىدى ئاشكار.

(13)

كەلتۇر، ئايا، ساقىئى پەرخەندە پەي،
بادە بەئاۋازى رۇباب ئىلە نەي.
جامى لەبالەبنى بېرىپ مەست قىل،
ئىككى جەھان جان كۆزىگە پەست قىل.
نەغمەئى باتىننى قىلىپ گەرمۇ گەرم،
ساقى قۇلاقىغە دىدى نەرمۇ نەرم.
نەغمە بىلەن تازە دۇرۇر جانلەر،
نەغمە بىلەن شاد پەرىشانلەر.
نەغمە بىلەن شەھرى جۇنۇن بولدى پۇر،
ئۈزدى مىھارىنى جۇنۇندىن شۇتۇر.
نەغمە بىلەن روھى گىرىفتار تەن،
نەغمە قىلدى فەرامۇش ۋەتەن.
بىلمەدىكىم بولدى جۇدا ئەسلىدىن،
قۇربى ئىلاھا ۋەتەنى ئەسلىدىن.

612(14)
كىردى نەۋائىي سوسى بازارلەر.
ھەر تەرەفى جوش خەرىدارلەر.
نېئمەتى ئەلۋان فەراۋان ھەمە،
كۆلچەلەر چېچەكۇ دەندان ھەمە.
سانبۇسە، قاتلاما بىر يان بولۇپ،
بەش پۇلى بار ئادەمى سۇلتان بولۇپ.
باشدىن ئاياغ سوسىدە شەرب فۇرۇش،
يەتمىش ئۈچ تايىفە جوش خۇرۇش.
زىننەتى بازار بۇ باققاللەر،
ئولتۇرۇبان نەچە كوھەن ساللەر.
ھەر بىرسى ئەردى چۇ ساھىبى ھۈنەر،
بەر ئوغۇلى چۇ ئابى گۆھەر.
نەقلى گۈل قەند سۆزىدىن خىجىل،
سېبى سەمەرقەند يۈزىدىن خىجىل.
مىۋەلەنى خونغە تىزىپ خىل-خىل،
بۇيى قەلەمفۇر، يىدى زەنجىبىل.
گوشەئىدىن ئاچچىغ ئېتىپ فىياز،
فەررەكچىنىڭ زەردەكى فىل-فىل دەراز.
سەير ئېتىپ باز دىلۇجان بىلە،
كەيف فۇرۇشلۇق رەگىستان بىلە.
بار ئىدى يادىمدە مۇقەدەم سۆزى،
سەھنى رەگىستان دۇ شەھەرنىڭ كۆزى.
بىر تەرەفى مەدرەسەئى خانىدۇر،
ئېلىم بىلەن فەزلى گۈلىستانىدۇر.

614(15)
سەن-سە بۇ ئالەمدە رەئۇفۇرەھىم.
بارچە مۇسۇلمانلاغە تەۋفىق بەر،
گۇمرەھ ئېرۇرلەر رەھى تەھقىق بەر.
تارىخىنى بەئدە رېجائەت دىدىم،
ھەيف مۇبارەك يۈزىنى كۆرمەدىم.
ياشلەرىكىم ئەردى ئۇلەرغە يېقىن،
ئاخۇنى موللا كېفەكى نازەنىن.
گەرم مۇتالىئە دە ھەنگامە،
دەرس بېرۇر ۋەقتىدە ئەللامە.
بارچە مۇددەرىسنىڭ ئېرۇر زۇبدەسى،
مىمى مەلاھەتدە جەمالى بەسى.
ئالىم ھەم ئامىل ئاخۇن ئۈچۈن،
مەسنەدى ھىكمەتدە فىلاتۇن ئۈچۈن.
ئىلىم بىلەن بەسكى ھەيا پۇش ئولۇپ،
مۇسھەفى رەببانى ھەم ئاغۇش ئولۇپ.
مەئنى ھەۋاسىغە ئېتىبان ئۇرۇج،
قىلدى موغۇلىيەدە ھەي-ھەي خۇرۇج.
مەسنەدى پەيغەمبەرىنىڭ شەھلەرى،
رويى زەمىننىڭكى فەرىشتەلەرى.
ھەزرەتى ئاخۇن ھاجىم ئەردىلەر،
بىر سەدەفى مەئنىدە ئىككى گۆھەر.
ئىشقى كۆڭۈل بېشەسىدە شىر ئىدى،
سىلسىلەسى بوينۇمە زەنجىر ئىدى.
چەرخى فەلەك گەردەشىدەك بىقەرار،
يىغلار ئىدىم زار چۇ دۇلابۋار.
ئىلتەر ئىدى ھەر تەرەفى كەش-كەشان،
قالماپ ئىدى مەندە ۋۇجۇدى نىشان.
مەدرسە ئالدىدا لەبى جوي ئىدى،
جويى گۈل ئەفشان سەمەن بۇي ئىدى.
لە بۇلەب جوي ئۆزرە دۇكانلەر قاتار،
كەشمىرىيۇ بالتى ئىدى سەدھەزار.
بىرسى ساتىپ دارو، بىرسى ئاغۇ،
بىرسى ساتىپ جوز، بىرى باغۇر.
بىر بىرىنى گەھگىرمەچى دىبان،
تۇرنا بالىقنى گەزەكى ئەيلەبان.
خاھ قىشۇ خاھ بەھار،تۇمۇز،
كەشمىرىينىڭ ھالى بەجايى قوڭۇر.

(16)
ساقى سەرۇپا بۇ كېچە نازدۇر،
ساغەرى ئىلكىدە بۇ تەننازدۇر.
شىشە پەراز بادە سۇراھى نىگۇن،
مۇترىبى خۇشى نەغمە دەغى سەرنىگۇن.
تىيرە قىلىپ بەسكى بۇ دۇدى چېراغ،
ئولتۇرۇپ ئەردىم سەھەرى بېدىماغ.
پەردە تارتىپكى بەسى قىيرگۇن،
كەلدى ئەسىر ئەتكەلى خەيلى جۇنۇن.
ئاھىم ئوق ئەردى، قەددىم يا ماڭا،
ئالتۇن ئىدى مەنزىلى مەئۋا ماڭا.
مەشئەلى داغ ئەردى يۇ فانۇس تەن،
خىرقە تېنىم ئۆزرە چۇ دۇدى كېفەن.
فەيزە ئىشىكى ئاچىلىپ نىم شەب،
يەتتى قۇلاقىمغە سەدايى ئەجەب.
ھەيرەتۇ ۋەھشەتدە نەزەر ئەيلەدىم،
چېھرە يۇ راز خۇنى جىگەر ئەيلەدىم.
چىقتى خىيادان ئىچىدىن بىر گۇرۇھ،
ھەر بىرى مىرئاتى تەجەللايى روھ.
بولدى خىرامان بارىدىن ئىلگەرى،
سەرۋى قەددى سىيم تەن دىلبەرى.
ئابى ھەۋاسى يۈزىنىڭ گۈل تۈشۈپ،
گۈل يۈزىگە تۇررەئى سۇنبۇل تۈشۈپ.
ھەلقەئى زۇلفىغە پەرىشان كۆڭۈل،
ھەم خەمى كاكۇلدە ھەزران كۆڭۈل.
لەبلەرى گويا گۆھەرى ئابدار،
قاشى قىلىچلەرىن ئىدى زۇلفىقار.
جانغە چېكىپ كىرفىكى تىيرى بەلا،
خالى بەلالى ھەبەشىدىن قارا.
تىشلەرىنىڭ مەركەزى ھەم سىن كەبى،
خەتتى لەبى سۆرەئى ياسىن كەبى.
   شام شەفەق باغلادى باققانىدىن،
سۈبھى تۇلۇئ ئەتتى گىرىبانىدىن.
سائىدۇ بازۇلەرىدۇر ياسمەن،
پەنجەلەرى شاخى گۈلۈ نەستەرەن.
سىنەدە پىستانى گۈل قەند ئولۇپ،
رىشتەئى ھەسرەتلەر ئاڭا بەند ئولۇپ.
قۇببەئى نۇر ئەيلەپ ئىكەن كىردىگار،
خىرمەنى گۈل ئۆزرەدۇ جۈفتى ئانار.
نازۇك ئىدى خۇمچەئى گۈلدىن كەمەر،
نۇقرەئى خام ئەردى بەدەن سەر بەسەر.
قىلدى زەلىلىگە نىگاھى ئەجەب،
چەكتى دىلۇجان بىلە ئاھى ئەجەب.
كانى مۇھەببەتدىن ئوشول سىم بەر،
ئالتۇن ئىچىدە تۆكەر ئەردى گۆھەر.
ئەيتۇر ئىدى كەل بەرى ئەي يەر ئىشق،
جۇش قىلۇر سەندە بۇ بازار ئىشق.
ئەھلى قوبۇر ئىچرە مەكانىڭ نېدۇر،
نالە بىلە ئاھۇ فىغانىڭ نېدۇر.
ھوي چىكىپ تۈن بىلە بىدارسەن،
بىزگە ئەيت كىمگە گىرىفتارسەن.
بولماسا بۇ يەردە تەبىبىڭ سېنىڭ،
مەن بولايىن ئەمدى ھەبىبىڭ سېنىڭ.
كەلگەنۇ بارغاندا خەبەردار بول،
قۇربى ۋىسالىمغە تەلەبكار بول.
كىمكى تەلەب قىلسە مىرادىن تاپار،
داد دىسە شاھغە دادىن تاپار.

624-بەت(17)
سىنەم ئۈزە داغ، كۆزۈم ئچرە ياش،
بولدى ھۇۋەيدا ئەسەرى قارا قاش.
نېئىمەت ئالىپ كەلدى خەلايىق يىدىم،
ھەر بىر ئانىڭ باغى بېھىشتى دىدىم.
خەلقنى كۆردۈمكى ئەجەب دىلرەبا،
يارەب،ئۇلار كۆرمەسۇن ھەرگىز بەلا.
بىر بىرىدىن خوب چۇ پاكىزە دىن،
چېھرە تاماشا قىلىڭىز ياسىمىن.
غۇنچەئى ماچىن گۈلى قارا قاش،
شۆئلە بېرۇر چىن ئېلىگە چۇن قۇياش.
كەنتى داغى خانە ئۈزە خانە،
ھەر تەرەفى جىلۋەدە جانانە.
خالى خەتتى زۇلفى بېنەقش نىگار،
مۇرغى كۆڭۈللەرنى قىلۇرلەر شىكار.
كاكۇلىنىڭ تارى دەغى دام ھەر،
كۆزلەرى گوياكى چوبادام ھەر.
شەھرى قارا قاش ئىچىدىن ياشلەر،
يىغىلىشىبان چىقسە قارا قاشلەر.
ھەم قارا  كۆز ھەم قارا قاشى ئەجەب،
ھەم قارا زۇلفى-يۈزىدۇر روزۇ شەب.
ئوسمە-ھېنا بىرلە قىيامەتدۇرۇر،
سۈرمەئى سۇنبۇلغە نە ھاجەتدۇرۇر.
باقسە كۆزى گوشەلەردە قان قىلۇر،
جەمئى كۆڭۈللەرنى پەرىشان قىلۇر.
زاھىد ئەگەر چەند ئېرۇر پاك باز،
كۆرسە ئۇلار قاشىدا قىلغاي نەماز.
ھۇللەنىشىن شەيخ قاچار قاشىدىن.
گەرچە مەلەك ئايلانادۇر باشىدىن،
تۇردۇم ئوشول شەھەر ئۆزرە بىر قىشى،
سەيد قىلالمادى ۋە لېكىن كىشى.

629(18)
ئۇشبۇ مەھەل نالە بولۇپ ئىستىجاب،
چىرەگەكىم يەتتىم، ئىدى ۋەقتى خاب.
چىرە چۇنان مەۋزىئ نېكۇ سىرشت،
ياد بىرۇر ئابى ھەۋاسى بېھىشىت.
تۆرت تەرەفى چىرە ھەمە باغلەر،
كۆرمەگەن ئادەم يۈرەكى داغلەر.
مىۋەسى ھەددىن دۇر ئانىڭكى فۇزۇن،
نەشفىتى، شەفتالۇ ۋە ئۈزۈم قاغۇن.
قىش كۈنىدە ئالما، چىلان، قاقدۇر،
مېۋە مەھەلىدە چىرە تاقدۇر.
جەننەت ئەگەر بولسا تەگىدە دۇرۇر،
فەيزى فۇتۇھى جان رەگىدە دۇرۇر.
جىلۋە بىرىپ ئاندا ۋەلىزادىلەر،
شىشەئى شەۋق ئىچىرە پۇرئەز بادەلەر.
ھەزرەتى مىرزا چۇ مىرزا رەشد،
قۇفلى تەسەۋۋۇفغە ئۇلەردۇر كىلىد.
لەۋھى كۆڭۈل ئىشقى مۇھەببەت قەلەم،
خۇن جىگەر بىرلە قىلىپدۇر رەقەم.
سۆز گۇداز ئىچىرە سەمەندەر بولۇپ،
خىرقەئى باتىندە قەلەندەر بولۇپ.
نوش قىلىپ جامى مەيۇ لالەگۇن،
مەۋج ئۇرۇپ كۆڭلىدە ئىلمى لەدۇن.
بەھرى كەرەمدە بىرىدۇر دۇر فىشان،
جۇدۇ سەخادىن بىرى ئالى نىشان.
قەدىرلەرىنى بىلمەيۇ ئەھلى خوتەن،
ئىككى ۋەلى زادە غەرىبى ۋەتەن.
دەرگەھى تەڭرىگە، ئايا، راھبەر،
چەشمە ئۈمىدىنى ئاچىپدۇر ئۈلەر.
سەن-سە قولىن تۇتقۇچى دەرماندەكان،
لۇتفۇڭ ئېرۇر چارەئى بىچارەكان.
چىرە مەدىنە يەرىچە باردۇر،
جىلۋە گەھى جەئفەرى تەيياردۇر.
مەقبەرەئى شاھ بەلى ئاندادۇر،
باشدىن ئاياغلەرى قىزىل قاندادۇر.

632(19)
جانىبى مەشرىقدە ئىكەن كىرە ھەم،
يۇرتى خىتا بىلەن ئىكەندۈك بەھەم.
كىرە ئەگەر قەلئەچە پېش ئەمەس،
كىمكى يۈرۈپ كۆرمەدى دەرۋىش ئەمەس.
دامەنى سەھرايى ھەمە چار باغ،
بىۋە خاتۇنلەر يېيىشى گۆشت-ياغ.
تازەۋۇ مەئمۇر ھەمە شاد كام،
زىكرى زەبانى ھەمەنىڭ يا ئىمام.
تۆرت تەرەفى شەھەر ئېرۇر يا مازار،
ئاندا ئەجايىبۇ غەرايىبلەر بار.
جۈملە ئىماملارغە ئېرۇر پايگاھ،
خوجە قەمەرغە دەغى جايگاھ.
خەلق تەۋاف ئەتمەك ئۈچۈن بارگاھ،
بارماقىنى يىرماس ئىلىكدىن رەھا.
كەلدى كۈنى تەۋفكە بىر نازەنىن،
ئارەزى جەننەت گۈلىدىن ھەم مىھىن.
ھەر كىشىكىم كۆردى پەرىدۇر دېدى،
رىشتە جائى پۇرخەم زۇلفى ئىدى.
خال مەئانى خەتتىنىڭ نوقتەسى،
خەتتى ھەياۋۇ قىزىنىڭ بەچچەسى.
كۆزلەرى بادام سىيەھدىن قارا،
كاكۇلىدۇر دەغى گۇنەھدىن قارا.
قامەتى شەمشاد پەرىزادە،
ئەلنى ئەسىر ئەيلەگەي ئازادە.
جىلۋە سالىپ ئۆتتى بىيكىبار ئول،
كۆرسەتىبان زەررەئى دىدار ئول.
ئىشقى جۇنۇن سەرى مېنى باشلادى،
ئەقىل ھەيا پەردەسىنى تاشلادى.
چىقتى كۆڭۈلدىن ھەۋەسى كايىنات،
فارىغ ئولۇپ قائىدەئى شەش جەھات.
تۇتتى ياقامنى غەم ئىلە ئىشتىياق،
ساقى دەغى بەردى ئەلەمدىن ئاياق.
مەستى مەي ئىشق بولۇپ ئول زەمان،
ئىستەدىم ئول دىلبەرى ئارام جان.
يەتتەچە كۈن ئىستەمىشەم دەر بەدەر،
كوچەۋۇ كوي، شەھەرۇ ھەم گۇزەر.
ھىچ خەبەرى بەرمەدىلەر قاندادۇر،
بىر گۈلى ئىدى قايسى گۈلىستاندادۇر.
بىۋەزەنى ئەيدى:ماڭا مۇ‍‍ژدە بەر،
مەن بىرەيىن سىزگە سەنەمدىن خەبەر.
ئۆيى فالان يەردە ۋەلې بارماغىل،
بىھۇدە بۇ يولدە يۈرۈپ ھارماغىل.
سىزگە بەھەم يەتمەگەي ئول نازەنىن،
سۈرتەي ئاياغىغە مەھى بۇجەبىن.
بولدى زىيادە سۆزىدىن سۆز دەرد،
دەرد چىقاردى يۈرەكىم ئۆزرە گەرد.
ئاقىبەتۇل ئەمر مەنى ناتەۋان،
يۈردۈم ئىشىكىگە قۇيۇندەك رەۋان.
كۆردۈم ئانىڭ قەسرىنى ئەي دوستان،
ئىككى تەرەف سايە بېرۇر بوستان.
دۇر بەدۇر ئەردى ھەمە چار باغ،
ھەر گۈلى سىنەمگە قويۇپ تازەداغ.
قىرىق كۈن ئول يەردە بار ئەردىم ھونۇز،
چىقمادى بىر زەررە بۇ دەردىم ھونۇز.
مۇنچە بولۇپ باقمادى، قىلدىم خۇرۇش،
بىلمەدى گۈل قەدرىنى بوستانفۇرۇش.

635(20)
ئەۋۋەلىدە يولچىلەرى دەپ ئىدى،
ھەر بىرىدە نالەئى يارەب ئىدى.
نالە مەھەللىدە ئۆزۈمدىن كېتىپ،
مەنزىلى مەئۋايى نىياغە يېتىپ.
كۆرسە يىراقدىنكى ئەجەب باغلەر،
بارسە يەقىن بېشەۋۇ توغراغلەر.
ھەيبەتى ھەر توغراغ ئېرۇر چار باغ،
كۆردۈم ئانى شام بەنۇرى چېراغ.
بۇيى خۇشى مۈشكى خوتەندىن زىياد،
خار خەسى مۈشكى خوتەندىن زىياد.
تۆرت تەرەفى تۇرفە شىكار گاھدۇر،
جەئفەرى سادىقغە قەدەمگاھدۇر.
دامىنەئى بېشەدە بىر ساي ئىكەن،
مەرقەدى بىسيار ئەجەب جاي ئىكەن.
ياتقان ئىكەندۈك شەھىدالەر ھەمە،
غازىلەرۇ مەردۇ خۇدالەر ھەمە.
ساي كەنارىدە يەنە تېز-تېز،
ئاھويى ۋەھىشلەر قىلۇر چۇستە خېز.
تەرزى نىگاھىدە بەھانە قىلىپ،
رويى زەمىن خانەئى خانە قىلىپ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +49 يىغىش سەۋەبى
qaraxan + 10 --------ھاجەتلىرىڭىز راۋ.
mayinxamal + 39

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-20 08:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچە يوق ، ئىزدىنىپ باقاي

ۋاقتى: 2013-9-20 08:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، ئەمەت دەرۋىش ئۇستاز. قارىغاندا، بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىۋېتىپلا-دە. ئۆزلىرى بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئىدىلە، مۇنبەرداشلار بىلەن بار مەسلىھەت ئىش تۇتماقچى بولغان كەمتەرلىكلىرىگە تەشەككۇر. مېھنەتلىرى شېرىن مېۋىلەرنى بەرگەي.

ۋاقتى: 2013-9-20 09:12:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەن زەلىلىنى بابارەھىم مەشرەپتىنمۇ يۇقىرى كورىمەن .بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ يەكەندە توغۇلغانلىغى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەنىلەرنىڭ چەكسىزلىككە يىيىلغانلىغىدا .سىلىشتۇرما ئەدەبىيات دەلىللىرىدە گەرچە زامان پەرقى بولسىمۇ ئۇرۇمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئابدۇكىرىم ناسىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنە ئورتاقلىغى .پىسخىكا ئورتاقلىغى ،ياشاش ئادەتلىرى .نىكاھتىكى رىسىق بەلگىلىرى زەلىلى بىلەن ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ .

ۋاقتى: 2013-9-20 11:16:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     ئەلۋەتتە، زەلىلى ھەم ھوسۇللۇق، ھەم سۈپەتتە ئالدىدا.

ۋاقتى: 2013-9-20 19:07:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېتراپ قىلىمەن ،مەن «چاغاتاي ئەدەبىياتى»غا تەئەللۇق ئەسەرلەرنى ئومۇمەن ئوقۇپ ھوزۇرلىنالمايمەن،پەقەت «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىاتىدىن تېزىسلار»،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئۇچرىكلار» ۋە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»دېگەندەك كىتابلار ئاساسىدا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن تونۇشىپ چىقتىم.«چاغىتاي ئۇيغۇر تىلى»نى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئاشۇ ئەسەرلەرنى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىغىنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن.مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىغان «زەلىلى دىۋانى» يىگىرمە يىلدىن بىرى كىتاب ئىشكاۋىمغا تېزىقلىق ،ئانچە-مۇنچە ۋاراقلاپ قويىمەن، لېكىن چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ كۆپلىگىدىن شائىرنىڭ قانداق پىكىر ،ھېسياتلىرىنى بايان قىلغانلىقىنى زادى بىلىپ يېتەلمەيمەن. شۇڭىمىكىن مەن ئاشۇ «چاغىتاي ئۇيغۇر تىلى»دەپ ئاتالغان تىلدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمى يەشمىسىنى ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىمەن.بۇ ھەقتە كونا مۇنبەردە بىر يازما يوللىۋىدىم كۆپلەر دېگۈدەك قارشى چىقتى.«ئۇنداق قىلساق ئەسەرنىڭ بەدىئىلىكىگە تەسىر يېتىدۇ»دەپ قارىساق ،ئاشۇ تىلدىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان ئەجدادالىرىمىزنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىپ ،قانداق ھېسيات ،ئوي-پىكىرلەردە بولغانلىقىدىن ئىبارەت ياشاش ئۇسسۇلىدىن ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ قانداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلكىمىزنى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنىڭ قانداق ھالەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىگىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالىمىز.ئۇنداق ئىكەن ،ئاشۇ كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلىسەك ،ئۇ شېئىرلارنىڭ ئەسلىدىكى بەدىئىي گۈزەللىگىنى بۇزۇپ قويساقمۇ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن خەۋەردار بولۇش بىلەن ،ئاشۇ بۇزۇلۇپ ياكى تۆۋەنلەپ كەتكەن بەدىئىيلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى سېلىشتۇرساق ،بىز ئۈچۈن قايسىنىڭ سالمىقى ئېغىرراق چۈشەر؟...
  ئەمەت مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىسىغا بۇ ئارتۇقچە ئىنكاسلارنى يېزىپ قويغىنىم ئەمەت مۇئەللىم مېنى ئەپۇ قىلغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 19:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 23:19:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ن. ھاشىم،ئەركىيزات،جاللات ،ي .توغراق ،ئابدۇرىھىم زۇنۇن قاتارلىق تورداش دوسىتلارغا كوپ رەھمەت.زەلىلىنىڭ بۇ داستانلىرىدىن تاللانغان بۇ ئۇزۇندىلەرنىڭ يەشمىسىنى ئۆزۇم ئىشلىسەممۇ ئىشلەر ئىدىم، بىراق،كۆپنىڭ پىكىرى كۆپ بولىدۇ -،دەپ قارىدىم. مەقسىدىم كىلاسسىكلار بىلەن كۆپرەك كىشىلەر ئۇچراشسا، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ماھارىتى،تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى، پىكىرلەرنى يۇرۇتۇش ئۇسۇلى، سىتىلىسىتىكىدىكى ئۇنۇمدارلىق قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەتتە يېڭىچە يول يارىتىشتا بەلگۇلۇك ئۆزگىچىلىك يارىتامدىكى -،دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ يېڭى شىېرىيەتتە بەلەۇلۇك ئۇنۇمى بولىدۇ دەپ قاراىدىم.مەقسىدىم توغرىمۇ ،بىلمىدىم.دوسىتلارنىڭ ئويلۇشۇپ ، ئەگەر توغرا دەپ قارىسا، پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-9-23 00:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئەجرى شىرىن مىۋە بەرگەي

ۋاقتى: 2015-3-22 17:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا فارىسچە ۋە تۈركچە بىرنەچچە كىتابنى يۈزەكىيلا ئوقۇپ چىققانىدىم ، ھەم شۇ چاغدا بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى بولۇشىنى بەك ئارزۇ قىلغانىدىم . مۇمكىن بولسا يەشمىسى بىلەن ئەسلىيسى بىللە بېرىلسە ، بىز ياشلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىمىزگە قولاي بولغان ، ھەم تېخىمۇ قىزىقتۇرغان بولاتتى .

داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-3-22 18:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-6-3 15:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت مۇئللىم سالامەتمۇ سىز، 9 يىل بۇپتۇ سىلى بىلەن دىدارلاشمىغىلى، دىدار غەنىمەت، ئۇستاز تولىمۇ ئەپسۇس، مەندە چاغاتاي تىلى لوغىتى بار بولسىمۇ پارس تىلى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قوللانما ئەسەرلەر بولمىغاندىكىن قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىز كەلدىم، خىجىلمەن. ئىمكان يار بەرسە ياردەمگە ھەر ۋاقىت تەييارمەن.     چ چ  1191524647

ۋاقتى: 2015-6-4 17:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىغا نۇسرەت تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2015-6-4 17:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىردان ئۇستازىمغا سېغىنىپ سالام!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش