يازغۇچىلار تورى

ئىنكاسلارغا ئىنكاس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-9-20 18:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 22:58
ئادىلجان يازمىغان بولسا ئويلاشمايدىغان ئوخشمامسلەر ( ...

توختاپ تۇرۇڭلار، يۇقارقىي ئىنكاسلارغا قاراپ مۇنداق ھېس قىلدىم، يەنى بۇندىن كېيىن ئىنكاس يازغىمىز كېلىپ كەتسە مۇنداق يازساق:
1-مۇبارەك بولسۇن!
2-مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!
3-ياخشى چىقىپتۇ!
4-تېخىمۇ تىرىشىڭ!
قىسقىسى، بۇ مۇنبەردە ھەرقانداق يازمىغا قارىتا باھا يازغاندا، داڭلاپ باھا يېزىشىمىز كېرەككى، كۆڭۈلنى چىگىدىغان ئىنكاسلارنى يازمايلى!... جاھان ئەھلى بىزنىڭ ‹‹ئىتتىپاقلىق››ىمىزدىن ھەيرانە-ھەس قالسۇن!

ۋاقتى: 2013-9-20 20:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىز تىلىم بىلەن بۇ تېمىغا سۆز قىستۇرغۇم كەلدى. مۇنبەردىكى بارلىق قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ساپاسى ھەم قەلىمى ئۆتكۈر.ئەلۋەتتە،كىشىلەرنىڭ جەۋھىرى ھىساپلىنىدۇ.ئەمما، راستلا مەنمۇ ھەيران قالىمەن. خېلىلا پىشقان قەلەمكەشلىرىمىز بەزى ئىنكاسلىرىدا ئۆزى ئەمەستەكلا گەپ قىلىپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئىنسان-خاپا كۈنلىرى،چېچىلىپ قالغان،چارچىغان كۈنلىرى بولۇدۇ. شۇنداقتىمۇ،ئۆز ئوبرازىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى،باشقا كىشىلەرنىڭ  قەلبىدىكى روھ بايرىقىنى چۈشۈرمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-21 10:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 18:27
توختاپ تۇرۇڭلار، يۇقارقىي ئىنكاسلارغا قاراپ مۇنداق ھ ...

...............................!؟!؟!؟!؟

ۋاقتى: 2013-9-21 13:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ،مۇنداق چۈشەندىم:
ئادىلجان دىمەكچى،بىرەر ئەسەرگە ئىنكاس يازغاندا، ھە دېسىلا تېمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان،شۇ ئاپتۇرنىڭ شەخسىيىتى بولامدۇ، ياكى باشقا بىر ئەسىرى ياكى ئەدەبىيات كۆز قارىشى بولامدۇ، شۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىش، ياكى تېما باشقا، ئىنكاسلار باشقا بولۇپ،ئەسەر توغرىلىق ئىنكاس يېزىشنىڭ ئورنىغا،مۇنازىرە تېمىسىنى  ئۆز ئارا شەخسىي پاراڭغا يۆتكىۋېتىش خاھىشلىرى ھەققىدە توختالغان...
.....
لېكىن ماۋۇ تارال ئەپەندىم خاتا چۈشۈۋالغاندەكلا قىلىدۇ...

ۋاقتى: 2013-9-22 18:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماي،يوللانغان ماقالە-ئەسەرلەر ھەققىدىكى كۆز-قاراش ،مۇلاھىيزىلەر،تۈزىتىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ھەم مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە
تېگىشلىك تەرەپلەر ئۈستىدە،ئومۇمەن يېتەكلەش نوقتىسىن تۇرۇپ ئىنكاس يوللاپ،تور ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بەرسەك ياخشى بولامدىكىن دەيمەن دوستلار...بىرلىكتە تىرىشايلى...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 20:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-9-22 18:48
ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماي،يولل ...

تەڭ تىرىشايلى  ........ سالامەتلىك سىلىگە يار بولسۇن ......

ۋاقتى: 2013-9-24 12:24:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ...

ۋاقتى: 2013-10-7 19:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماي،يوللانغان ماقالە-ئەسەرلەر ھەققىدىكى كۆز-قاراش ،مۇلاھىيزىلەر،تۈزىتىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ھەم مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە
تېگىشلىك تەرەپلەر ئۈستىدە،ئومۇمەن يېتەكلەش نوقتىسىن تۇرۇپ ئىنكاس يوللاپ،تور ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بەرسەك ياخشى بولامدىكىن دەيمەن دوستلار...بىرلىكتە تىرىشايلى...!
بۇژغۇن ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرى بەك ياخشى بۇپتۇ.مەن بۇ پىكىرنى قۇللايمەن!

ۋاقتى: 2013-10-10 10:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئاكا تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىپسىز ، راست سىز دىگەندەك ئىشلار مۇنبەردە ناھايىتى كۆپ. مەنمۇ بىر نەچچە قىتىم ئەسەر بىرىپ دەككەمنى يىگەنمەن ! ھەم  مۇنبەرگە ئەسەر بەرگىنىمگە پۇشايمان قىلغانتىم . مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچى ،مەنمۇ ئەدەبىياتقا ئوتتەك ھەۋىسى بار بىر ئاددى ھەۋەسكار . مىنىڭ كۈتىدىغىنىم سىز ئىيتقاندەك ياخشى بولغان تور مۇھىتىنى ھازىرلىساق ، توغرا بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسەك .
   مەن بۇ تەكلىپىڭىزنى بىرىنجى بولۇپ قوللايدىغانلارنىڭ بىرى.

ۋاقتى: 2013-10-10 10:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم ئادىلجان ئاكا ! ياخشىمۇسىز ! سىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىپسىز ! سىز دىگەندەك ئىشلار توردا ھەقىقەتەن كۆپ  . مەنمۇ بىر نەچچە قىتىم مۇنبەرگە ئەسەر بىرىپ دەككەمنى يىگەنمەن ھەمدە ئەسەر بەرگىنىمگە پۇشايمان قىلغانمەن ! مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچى، مەنمۇ بىر ئەدەبىياتقا ئوتتەك قىزغىنلىقى بار ھەۋەسكار ! مىنىڭ كۈتىدىغىنىم سىز دىگەندەك ئىلمىي،ياخشى بولغان تور مۇھىتى ھازىرلىساق، توغرا بولغان ،جۈملىدىن ئەسىرى ئىلان قىلىنغان ئاپتۇرغا پايدىلىق بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسەك ئىنتايىن ياخشى بولغان بولاتتى ھەمدە بىزدەك يىڭى ھەۋەسكارلارغا ئىلھام  بولاتتى.

ۋاقتى: 2013-10-11 11:22:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان توغرا دەيدۇ،مۇنبەر بىر بىرىمىزنى كەمسىتىدىغان،سۆكىدىغان ياكى ئۆزىمىزنى كۆرسۈتىدىغان سورۇن ئەمەس،بۇ ئۆز-ئارا ياردەم بىرىدىغان،ئۆز-ئارا قوللايدىغان،ئۆز -ئارا يىتەكلەيدىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك سورۇن،بىراق بىر قىسىم دوستلار ئىنكاس يازغاندا ئەسەرنىڭ بولماي قالغان تەرەپلىرىنى تۈزۈتۈش ،ياردەم بىرىش پوزىتسىيەسىدە يازماي بىر مۇشت بىلەنلا ئۇجۇقتىرۋاتىدىغان،ياكى ئەسەر يازغىنىغا پۇشايمان قىلغۇزىۋاتىدىغان ئىنكاسلارنى يازىدۇ.ئەسەر نى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارمۇ  تەھرىرلەپ تاسقاپ  تەستىقلايدۇ،بەش قىتىم ئەسەر يوللىسىڭىز ئىككىسى تەستىقلانسا ئۈچى ئەخلەت بولىدۇ تىخى، بۇمۇ ئاسان ئەمەس، شۇڭا بارلىق دوستلارنىڭ بىر -بىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىپ ئۆز-ئارا يىتەكلەپ كېتىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-10-14 11:35:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ.

ۋاقتى: 2014-1-31 13:03:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئۇكام تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز، مەن ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2014-1-31 13:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئىنىمىزغا رەھمەت ! ھەممەيلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى !

ۋاقتى: 2014-1-31 13:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاننىڭ تەكلىپى ئورۇنلۇق...
ئاۋۇ ‹‹نىقاپ ›› نامىدىكى  مۇناپىق - گۇمانخور تورداشنى دەرھال ئوچۈرۈش كېرەك...نوچا بولسا ئاللا بەرگەن ئۆز چىراي-چېھرى بىلەن تورغا كىرسۇن...ئىلمى ئىنكاس بىلەن بولسۇن

يەنە ئاۋۇ ‹‹سەرگەردان ›› نامىدىكى قىتىغور-خايىنمۇ شۇنداق... ئۇنىمۇ تېز يوقۇتۇڭلار مۇنبىرىمىزدىن...تور مۇھىتىمىز ساپلاشسۇن...!!!؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىبنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 13:32  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش