كۆرۈش: 1692|ئىنكاس: 27

ئىنكاسلارغا ئىنكاس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم  شىنجاڭ يازغۇچىلار  تورى مۇنبىرىدىكى ھەرقايسى قەلەم ساھىبىللىرى ، مۇنبەر  زىيارەتچىللىرى ياخشىمۇ  سىلەر ...
مەن بۇ مۇنبەردىكى ئادەتتىكى بىر ئەزا ھەم بۇ مۇنبەرنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى . كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىرىنچى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىم  مۇشۇ مۇنبەرنى ئېچىش    . مۇنبەردىكى يېڭىلىقلارغا كۆز يۈگۈرتۈش.
بۈگۈنمۇ  مۇنبەرنى ئېچىپلام  كۆز يۈگۈرتكىنىم  يېڭى تىمىلار  سىتونى بىلەن  يېڭى ئىنكاسلىق تىمىلار  سىتونى بولدى . تىمىلارنى بىر باشتىن كۈرۈپ  ئوسمانجان ئەپەندىم يوللىغان  «شاراپنامە» نى  ئۇقۇپ چىقتىم ، باشقىلار يوللىغان ئىنكاسلارمۇ ھەم شۇنىڭ  ئىچىدە .......
  شىئېرغا  قارىغاندا يوللىغان بەزى ئىنكاسلار  مىنى ھەيران قالدۇردى ھەم قىززىقتۇردى .     شاراپنامە ناملىق  شىئېرغا نىسبەتەن دەسلەپتە ياخشى تەھلىىللەر يۈرگۈزۈلۈپتىكەن . ئاخىرىغا بېرىپ تىمىلار يۆكىلىپ كىتىپتۇ .ئىلگىرىمۇ بۇخىل ئەھۋالنى ئۇچراتقان  ئىدىم.
  مەن گەرچە بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى  ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ  ، قىسقىغىنە  نەچچە ئاي ئىچىدە  مۇنداق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم .بۇلۇپمۇ  يوللانغان ئىنكاسلارغا  قارتا.
قەلەمكەشلەرنىڭ   ئەسەرنى يىزىپ مۇنبەرگە يوللشى، ئەمگەك مىۋىسدىن باشقىلارنىمۇ ھۇزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىرگە  ئۆز ئەسىرى ئۈستىدە  مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئىرىشىشتۇر  . ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ   تىمىنى يۆتكىگەن ھالدا   ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ ، گەپدانلىق قىلىشىنىڭ  سۇرۇنىنى ھازىرلاپ بىرىش ئەمەستۇر . كونىلاردا « قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دىگەن  گەپ بار  . مەيلى  بىز قانداق ئەسەر  يازايلى  ، قانداق ئەسەر ئوقايلى  . پەقەت  شۇ  ئەسەرگە نىسبەتەن  قانچىلىك  چۈشەنچىمىز بار  بولسا  شۇنىڭغا  قاراپ باھا  سۆزلىرىنى يازساق .ئىنكاس يوللاڭ دىگەنلىك  مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان باھارلىق  ئەسەرگە ئىنكاس يوللاڭ دىگەنلىك ئەمەس .
   بۇ مۇنبەردە  ھەرخىل ژانىردىكى  ئەسەرلەر بار . بىر ئادەمنىڭ  ئەشۇ ھەممە ژانىرلارغا  قارتا بىلىمىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى ناتايىن  . يوللانغان تىمىلار ئىچىدىن  چۈشەنمىگەن  يەرلەر  بولسا  تىما يوللىغۇچىنىڭ رەسىمى ئاستىدىكى  ئۇچۇر يوللاش  كۆزنىكىنى ئېچىپ ياكى بولمىسا  دوسلۇق ئىلتىماسى يوللاپ تەستىقلانغاندىن كىيىن  ئەسەر ئۈستىدە  ئايرىم  پىكىر ئالماشتۇرساق ياخشى ئەمەسمۇ .  بولمىغۇر پىكىرلەرنى بىرىش  ، پىكىرنىڭ  تىمىسىنى بۇراش   ئەسەر يوللىغۇچىغا  بىھۆرمەتلىك   قىلغان بۇلامدۇ  قانداق . ئۆزىمىزنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەن  بۇلۇپ قالامدۇق قانداق .
ھەركۈنى  بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى  بىزگە نامەلۇم .  ئۇلارنىڭ ئىچىدە  قانداق ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئەسلا بىلەلمەيمىز . ئۇلارنىڭ ئىچىدە   تور  مەدىنيىتىنى  تەتقىق قىلىۋاتقانلارمۇ  ،   تىل-يىزىق  مەدىنيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلارمۇ ، ياكى بولمىسا  مۇشۇ  ساھەگە قىزىقىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇلىشىمۇ مۇمكىنغۇ .
شۇنداق تۇرۇقلۇق  ، ئۆزىمىزنى  - ئۆزىمىز  كەمسىتسەك ، گەپ سۆزگە دىققەت قىلمىساق ، باشقىلار بىزگە قانداق باھا  بەرمەكچى .مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن پىشقەدەملىرىمىز  باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىلىپ كىتىۋاتىدۇ . مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە  بۇ مۇنبەر يەنە  قانداق خىرىسلارغا دۇچ كىلىدۇ  بۇنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز .
شۇڭا باھارلىق مۇنبەر ئەھلىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم  ئۆزىمىز  ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۈلگە بولساق . ياخشى بولغان تور مۇھىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق .
   ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا  ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم  ئېغىر  ئالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    ھەممىڭلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋە باشقا  ئىشلىرىغا  زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .  سالامەت  بۇلۇڭلار .
     
   



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-19 20:28:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاننىڭ مۇنبەردىن ئالغان ھاسلاتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى ئەتىراپلىق بۇلۇپتۇ. مۇنبەردەبەزىدە ئۇچۇقتىن -ئۇچۇق ئەخلاققا يات بولغان گەپ-سۆزلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچۇرتۇشقا بۇلىدۇ.باشقا داڭلىق تور بەتلەرنى  مىسالغائالساق   ئۇلارنىڭ  ئەزاسى يۈزمىڭدىن ئا شىدىغان  تور بەتلەر خېلى بار.يازغۇچىلار تورى يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئورگان تورى. تىزىملاتقان ئەزاسى 2500ئۆپچۆرىسىدە.ئۇنىڭغا تىزىملاتقانلار ئاساسلىق يازغۇچى،شائىرلار،ھەۋەسكارلار بۇلۇپ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقۇرى دىيشكە بۇلىدۇ. شۇڭا ئىنكاستا ئىلمى بۇلۇش،مەدەنى بۇلۇش،پاكىتنى ئاساس قىلشتا چىڭ تۇرۇشقا تىگىشلىك.باشقا داڭلىق تور بەتلەردە مۇنبەردىكىگەئوخشاش بۇنداق مەدەنىيەتسىز قىلقلارنى ئاساسەن مەن ئۇچۇراتمىدىم.شۇڭا ئادىلجان ئوتتۇرغا قويغان تىما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك . دۇرۇس بولغان  تور مۇھىتى يارتىش ئۈچۈن ھەممىز دىققەت قىساق! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eli.abdukadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-19 23:47  


ۋاقتى: 2013-9-19 20:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەن مەسىلىنى ويلىشىپ بېقىش كىرەك

ۋاقتى: 2013-9-19 20:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان: مۇنبىرىمىز، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار، تېمىلار، ئىنكاسلار ھەققىدە سەمىمىيلىك ۋە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇدۇم. دەرۋەقە، دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇنبىرىمىزدىكى مەۋجۇت بار ئىشلار. بۇنىڭغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ.
  بىلىمىز: تور دېگەن ئاجايىپ بىر دۇنيا. بۇ يەردە ھەرخىل سالاھىيەتتىكى، تۈرلۈك مەقسەت-مۇددىئادىكى، چوڭ-كىچىك ياشتىكى...ھەممە، ھەممە ئادەم بار بىر قايناق بازار. بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدىكىنى دەۋالسا، جۇۋا تارقشىتىۋالسا، مەن-مەنچىلىكىنى ئەل-ئاۋام ئالدىدا بىر نامايەن قىلىۋالسا ئاجايىپ شادلىنىپمۇ كېتىدۇ. ھەر كاللىدا ھەر خىيال. نېمىلا بولمىسۇن، مەدەنىي، ئىلمىي بولۇپ، مۇنبەرداشلار ئارا ئىجابىي، ئىجادىي پىكىر، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، يېڭىلىقلاردىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، جاھانغا ماس، چىن ئىنسانغا خاس ساپا ۋە سالاھىيەت بىلەن ياشىماق پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشى. نەۋائىي ھەزرەت:«بۇ دۇنيا ياخشىلارنىڭ دۇنياسى، يامانلار بولسا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ» دېگەنىكەن. ئالىمىمىز  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ:«...ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى، ئاتوم دەۋرىدىمۇ تارىختا بار ئىش» دېگەنىدى. گەپ دەۋالغاننىڭلا بولمايدۇ. ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى ھېساب. كەلگەنلەر كېلىپ، تەزگەنلەر تېزىپ، قالغانلىرى يەنە قېلىۋېرىدۇ. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرساق چېقىلىدىغانلىقى دەرھەقىقەت، ئەمما تاش تۇخۇمنى چېقىۋالغىنى ئۈچۈن پەخىرلەنگىنى بىلەن، پارقىراق يۈزىنىڭ شالتاق بولغىنى بولغان!
  مۇھىمى، توردىمۇ ئەدەب، ئەخلاق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارايلى. چۈنكى ئادەم ئەدەب-ئەخلاق ئىچىدە گۈل كۆرۈنىدۇ.

ۋاقتى: 2013-9-19 20:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 20:28
ئادىلجاننىڭ مۇنبەردىن ئالغان ھاسلاتى ئۈستىدە پىكىر يۈ ...


باشقا تور بەتلەرنى ئالساق  ئۇنڭغا ھەرخىل مىجەزدىكى ئاڭ سەۋيىسى تۈۋەن ئادەملەر ئۇنىڭغا كىرىدۇ-يۇقارقى ئىنكاستىن

بۇنداق دەپ كەتسەكمۇ بولماس،باشقا تورلاردىمۇ ياخشى تېمىلار،بىلىملىك،ۋىجدانلىق تورداشلار جىققۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-19 20:43  


ۋاقتى: 2013-9-19 20:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 20:33
ئادىلجان: مۇنبىرىمىز، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار، تېمىلا ...

ياخشى دېدىڭىز،«تور دېگەن ئاجايىپ بىر دۇنيا. بۇ يەردە ھەرخىل سالاھىيەتتىكى، تۈرلۈك مەقسەت-مۇددىئادىكى، چوڭ-كىچىك ياشتىكى...ھەممە، ھەممە ئادەم بار بىر قايناق بازار. بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدىكىنى دەۋالسا، جۇۋا تارقشىتىۋالسا، مەن-مەنچىلىكىنى ئەل-ئاۋام ئالدىدا بىر نامايەن قىلىۋالسا ئاجايىپ شادلىنىپمۇ كېتىدۇ. ھەر كاللىدا ھەر خىيال. نېمىلا بولمىسۇن، مەدەنىي، ئىلمىي بولۇپ، مۇنبەرداشلار ئارا ئىجابىي، ئىجادىي پىكىر، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، يېڭىلىقلاردىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، جاھانغا ماس، چىن ئىنسانغا خاس ساپا ۋە سالاھىيەت بىلەن ياشىماق پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشى»

ۋاقتى: 2013-9-19 22:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق. مەنمۇ شۇ قاراشتا. بىراق ساندال دېگەندەك مەقسەتسىز ھالدا بۇ تورنىڭ ئەزالىرىنى ساپالىق دەيمەن دەپ، باشقا توردىكىلەرنى ‹‹ئاڭ سەۋىيىسى تۆۋەن›› دەپ، سېلىپسىز. ئومۇمىي ھۆكۈمنىڭ ئورنىغا جۈزئى ھۆۈمنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدىكەن دەپ قارىدىم. ئويلىشىپ باقارسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-19 22:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 20:28
ئادىلجاننىڭ مۇنبەردىن ئالغان ھاسلاتى ئۈستىدە پىكىر يۈ ...

ئەسسىلاممۇ ئەلەيكوم ئېلى ئەپەندىم   مەن يۇقىردا يوللىغان تىمامدا ئەزەلدىن  بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ  ئاڭ سەۋيىسى يۇقىرى باشقا مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئاڭ سەۋيىسى تۆۋەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ باقمىدىم . ھەم ئۇنداق دىيىشنى راۋا كۆرمەيمەن ، چۈنكى بىر ئازماس «ھەق» ئۆزىدۇر . ھەممەيلەن خام سۈت ئەمگەن بەندىلەرمىز . كۆڭلىڭىزدە ئويلىغان  ئاڭ سەۋيىسى يۇقىرى كىشىلەرنىمۇ  باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا ئەمەس دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز.  سىز بۇنداق دەپ قارىسىڭىز يەڭگىلتەكلىك قىلىپ قويغان بۇلامسىز  قانداق .....
       خام سۆزلەرگە  ھۈكۈمرانمىز  ئۆزىمىز ،
       پىشقان چاغدا ھۆكۈمراندۇر  سۆزىمىز.
       يۇقىرقى پىكىر ىڭىز ئۈستىدە  قايتا ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز.....
  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-19 22:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 20:33
ئادىلجان: مۇنبىرىمىز، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار، تېمىلا ...

قاتناشتۇرغان پىكىرىڭىزدىن سۈيۈندۈم ...... ھەممىمىز تەڭ تىرىشايلى...سالامەت بۇلۇڭ...

ۋاقتى: 2013-9-19 22:58:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان يازمىغان بولسا ئويلاشمايدىغان ئوخشمامسلەر (چاقچاق). ھەمىمىز ئىنكاس يېزىشتا كۆپرەك دىققەت قىلساق بولغۇدەك.  ئۆزەمنى ئالسام مەن سەل ئۇزۇن يېزىۋتىمەن ،شۇڭا بىر قۇردىن ئوشۇق ئىنكاس يازماسلىققا تىرشىمەن . (مۇشۇ بىر قېتىم ئۇزۇنراق سۆز قىلىۋالاي) تېما ئىگسى   ۋە  ئەركىزات ئەپەندى باشقۇرغۇچىلارغا ۋاكالەتەن ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر قىلپتۇ. قوللايمەن!
پەيغەمبىرىمىز بىز ئۈممەتلەرنى ئورۇنسىز مۇنازىردىن توسقان ئىكەن.چۈنكى ئورۇنسىز مۇنازىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرىكى بەزى قەۋىملەر ھالاك قىلىنغان.شۇڭا قابۇسنامىدا <بىر نەرسىنى بىلسەڭ سۆزلە،بىلمسەڭ شۈك تۇرۇپ تىڭشا ، ئەگەرنادان كىشى جىم تۇرسا باشقىلار ئۇنى دانا دەپ قارايدۇ.>دېگەندەك ھېكمەتلەر يېزلغان ئىكەن. مېنڭچە   مۇنازىرە ئەسلىدە يۇنانلىقلاردىن كەلگەن بولۇپ ئىلمى مۇنازىرە دەپ ئاتىلاتتى. لىكىن بۇمەخسۇس ئىلىم ئەمەس بەلكى  بىر خىل   پائالىيەت شەكلىدە داۋاملىشپ كەلگەن. مۇنازىرە قىلىشنىڭ زادى پايدلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېيش تەس. كېينچە كومپيوتىرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن مۇنبەرلەر قۇرۇلدى.مۇنبەرنىڭ ئەسلى ئىسمى :مۇنازىرە مۇنبىرى دەپ ئېلىندى. ھازىر ئىشلتىۋاتقان دىسكاز مۇنبەر سېستمسى خەنزۇچىدا 讨论دەپ ئېلىندى.   مۇنازىرە   تورلاشقاندىن كېيىن كەڭ ئاۋامغا ئېچىلۋىتلىپ  ئەسلىدىكى ئىلميلىكىنى ساقلاپ قېلىش  بىر قەدەر تەسكە توختاپ قالدى.شۇڭا يۇقارىقىدەك ئەھۋاللار دۇنياۋى مەسىلگە ئايلاندى بۇ يالغۇز بىزنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىردە بولىۋاتقان ياكى ئۇيغۇر تور بەتچلىكىدە كېلىپ چىقىۋاتقان يەككە ھادىسە ئەمەس.گەرچە دىموكراتىك ھالدا پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇلسىمۇ لىكىن ئەڭ ياخشسى توردا مۇنازىرە قىلىشتىن ساقلانساق ياخشمكىن دەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-19 23:29  


ۋاقتى: 2013-9-19 23:55:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن يازدىم.سەندەل،قۇتيار بۇرادەر،كۆۋرۈك،ئەركزات،كوھتام، ئابدىجىلىل، توغراق ،ئېزىتقۇلۇق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمدىن جۈملىدىن ئادىلجاندىن ئەپۇ سۇرايمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eli.abdukadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 20:27  


ۋاقتى: 2013-9-20 11:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئىمىن يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 22:46
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكوم ئېلى ئەپەندىم   مەن يۇقىردا يوللى ...


سىز خاتا چۈشىنىپسىز،بىز سىزنىڭ تېمىڭىزدا ئۇنداق مەزمۇن بار دىمىدۇق،ئۇ مەزمۇن ئىلى ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدا بارتى،بىز پىكىر بەرگندىن كېيىن تەھرىرلەپ قويۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 11:47  


ۋاقتى: 2013-9-20 18:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 22:58
ئادىلجان يازمىغان بولسا ئويلاشمايدىغان ئوخشمامسلەر ( ...

توختاپ تۇرۇڭلار، يۇقارقىي ئىنكاسلارغا قاراپ مۇنداق ھېس قىلدىم، يەنى بۇندىن كېيىن ئىنكاس يازغىمىز كېلىپ كەتسە مۇنداق يازساق:
1-مۇبارەك بولسۇن!
2-مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!
3-ياخشى چىقىپتۇ!
4-تېخىمۇ تىرىشىڭ!
قىسقىسى، بۇ مۇنبەردە ھەرقانداق يازمىغا قارىتا باھا يازغاندا، داڭلاپ باھا يېزىشىمىز كېرەككى، كۆڭۈلنى چىگىدىغان ئىنكاسلارنى يازمايلى!... جاھان ئەھلى بىزنىڭ ‹‹ئىتتىپاقلىق››ىمىزدىن ھەيرانە-ھەس قالسۇن!

ۋاقتى: 2013-9-20 20:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىز تىلىم بىلەن بۇ تېمىغا سۆز قىستۇرغۇم كەلدى. مۇنبەردىكى بارلىق قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ساپاسى ھەم قەلىمى ئۆتكۈر.ئەلۋەتتە،كىشىلەرنىڭ جەۋھىرى ھىساپلىنىدۇ.ئەمما، راستلا مەنمۇ ھەيران قالىمەن. خېلىلا پىشقان قەلەمكەشلىرىمىز بەزى ئىنكاسلىرىدا ئۆزى ئەمەستەكلا گەپ قىلىپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئىنسان-خاپا كۈنلىرى،چېچىلىپ قالغان،چارچىغان كۈنلىرى بولۇدۇ. شۇنداقتىمۇ،ئۆز ئوبرازىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى،باشقا كىشىلەرنىڭ  قەلبىدىكى روھ بايرىقىنى چۈشۈرمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-21 10:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 18:27
توختاپ تۇرۇڭلار، يۇقارقىي ئىنكاسلارغا قاراپ مۇنداق ھ ...

...............................!؟!؟!؟!؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش