ھىسام ئاكىغا مەرسىيە
ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى
دىدى بىرى – ھىسام قۇربان كىتىپ قاپتۇ!
ئاڭلاپ بۇنى سىلكىندى تەن چەكچەيدى كۆز.
ئىشەنمەستىن سوراپ باقتىم غۇلجا تامان.
دىدى «شۇنداق»، تىلىمغا ھىچ كەلمىدى سۆز.
نىدا قىلدىم بېقىپ كۆككە – ۋادەرىخا!،
كەتكەنمىدۇ ئۇيغۇرۇمدىن كۈلكە چاخچاق؟
يۈرەكلەردە ئاچچىق ئەلەم بولدى چاقماق،
تىترىدى لەۋ، ياشقا تولدى قاناپ چاناق.
چەكتى ئازاپ تەڭرىتېغى مۇسىبەتتە،
ئارىمىزدىن كەتتى يۇمۇر كەتتى كۈلكە.
ئىلى دەريا ئۆركىشىدە ئاقار پىغان،
تولدى مۇڭغا سايرام كۆلى،يىغلار تەلكە.
چاخچاقلىرى كۆچۈپ يۈرۈپ بولغاچ داستان،
نامى ئۇنىڭ ھەممە جايدا شۆھرەت تاپقان.
بەرگەچ ئۇدۇم موللا زەيدىن،سەلەي چاققان،
نەسىردىندەك ئەل قەلبىگە شادلىق چاچقان.
ئەمدى كەلمەس ھىسامكامدىن خۇش بىر ناۋا،
كۈن تۇتۇلدى،بۇلۇت غەمكىن،نۇرسىز ھاۋا.
دىللار ئۈزۈك،كۆڭۈلدە داغ،ھەسرەت قىيان،
بەرھەم بەرمەس بۇ جۇدالىق دىلغا داۋا.
2013-يىل 18-سىنتەبىر
|