مۇھەببەت
(نەسىر)
*نەجىب مەھپۇز [مىسىر]
توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى
خۇشال ئۆتكەن كۈنلەر
ئۇ چاغلاردا ھەممىمىز بىر كوچىدا ئوينايدىغان سەككىز- ئون ياشلاردىكى بالىلار ئىدۇق. ئۇنىڭ بەستى ئادەتتىن تاشقىرى قاۋۇل ئىدى، يەنە تېخى دائىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ تۇرغاچقا، مۇسكۇللىرى بۆلەكچىلا تەرەققىي قىلغانىدى. ئۇ كىشىگە قوپال تېگەتتى، ئادەتتىكى كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈنمۇ جېدەل تېرىپلا يۈرەتتى. بىرەر كۈنمۇ تىپتىنچ، ئۇرۇش-جېدەلسىز ئۆتمەيتتى؛ ئۇنىڭ مۇشت- پەشۋالىرىنىڭ تەمىنى تېتىمىغان بىرەرمۇ بالا قالمىدى. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئاللىبۇرۇنلا ھەسرەت ۋە ئازابنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى چۈشكەنىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسى بويىچە كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىمىزدا، بىزنىڭ قانچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى دېمەيسىز. بىز راستتىنلا دوستانە، تىنچ، ئىناق يېڭى تۇرمۇشنى باشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە پات-پات ئۇ توغرۇلۇق بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق: ئۇ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ، كارامەت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، بىر نەچچە قېتىم چېمپىيۇنمۇ بوپتۇ، كېيىن يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تەنتەربىيە مۇنبىرىدىن چېكىنىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىزنىڭمۇ يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ ئۇنى ئۇنتۇپ قالايلا دېگەن ئىدۇق.
بىر كۈنى مەن ھۈسەيىن رايونىدىكى قەھۋەخانىدا ئولتۇراتتىم، توساتتىن ئۇ كىرىپ كەلدى، تۇرقىدىن قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
ئۇ مېنى كۆرۈپلا تونۇدى- دە، كۈلۈپ كەتتى. تەكلىپ قىلمىساممۇ كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى، بىر ئاز ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى. ئاندىن ئۇ بىزنىڭ ئايرىلغىنىمىزغا قانچە يىللار بولغانلىقىنى ھېسابلاشقا باشلىدى.
ئارقىدىن ئۇ يەنە كوچىمىزدىكى ھېلىقى بۇرادەرلەرنى سورىدى، ئاخىرىدا بىر خۇرسىنىپ قويۇپ، شۇنداق ھېسسىياتلىق تەلەپپۇزدا دېدى:
-بىزنىڭ خۇشال ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ؟!
دۇئېلغا چىقىش
ئىش كۆرمىگەن گۆدەك چاغلىرىم ئىدى، بىر دوستۇم بىلەن شۇنداق قېرىشىپ قالدىم. غەزەپ تاشقىنى دوستلىقىمىزنى غەرق قىلغانىدى. ئۇ مېنى بىنەملىككە بېرىپ دۇئېلغا چۈشۈشكە چاقىردى، بۇنىڭدا بىرەرسىنىڭ كېلىپ ئارىلىشىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. بىز مۇشتلىرىمىزنى پۇلاڭلىتىشىپ، ماڭە دېسە ماڭە دەپ، ناھايىتى تېزلا ئېلىشىشنى باشلىۋەتتۇق. بىر مەيدان غەزەپلىك جەڭدىن كېيىن، ھالىمىزدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدۇق، يارىلانغان يەرلىرىمىزدىن قان ئېقىپ توختىمىدى.
بىز تۈن پەردىسى يېيىلىشتىن بۇرۇن شەھەرگە قايتىپ كەتمىسەك بولمايتتى.
بۇ ھالىمىزدا ئۆزئارا ياردەملەشمىسەك قايتىپ كېتەلمەيتتۇق.
بىز يارىلىرىمىزنى ئۆزئارا تېڭىشىپ، بىر- بىرىمىزنى يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ كەتتۇق.
يولدا دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە، قەلبىمىزدىكى ئۆچمەنلىك توڭلىرى ئېرىپ، كۆك چۈشكەن لەۋلىرىمىزدە كۈلكە جىلۋە قىلاتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇپۇق سىزىقىدىن يەنە ئەپۇ نۇرلىرى پارلىدى.
*نەجىب مەھپۇز : 1988- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.
( خەنزۇچە «ياشلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىل 4- سانىدىن ئېلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 15:32