ھازىرقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتىدىن
خەنزۇچە مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن نۇر
ئەرەبلەر ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن شېئىرىيەت تارىخى ۋە پۇختا شېئىرىيەت ئاساسى بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە باشقا مىللەتلەر، جۈملىدىن جۇڭگو ۋە جۇڭگودىكى ئۇيغۇر خەلقىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان باشلامچى مىللەت. قەدىمقى ئەرەب-پارىس شېئىرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىگە قانچىلىك زور تەسىر كۆرسەتكىنىنى قويۇپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىمىزغىلا قارايدىغان بولساق ئەدۇنىس، مەخمۇت دەرۋىش، فەرۇق جۈۋەيدى...قاتارلىق بىر تۈركۈم زامانىۋىي شائىرلارنىڭ تالاي خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەرەب شېئىرىيىتىگە يۈكسەك دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقى ھەمدە جۇڭگودا «ئەدۇنىس قىزغىنلىقى»دەك زور ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇلارنىڭ ھېلىھەم دۇنيا شېئىرىيەت سەھنىسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۆزگىچە شېئىرىي قۇۋۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ.
كۆپ ئەپسۇس، مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، لېۋىيە، پەلەستىن... قاتارلىق ئەرەب دىيارلىرىدا، ئۇرۇش ئوتى ۋە ئىچكىي-تاشقىي پاراكەندىچىلىك ئۈزۈلگىنى يوق، بەلكى بۇنداق پاجىئەلەر كۈنسايىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ بارماقتا. يۇرت-ماكانلىرىدىن، ۋەتىنىدىن، ئەزىز جېنىدىن بىھۇدە ئايرىلىۋاتقان سان-ساناقسىز بىگۇناھ ئەرەب پۇخرالىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىگە ھەرقانداق بىر نورمال ئىنسان چىداپ تۇرالمايدۇ...بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت كېلىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە ئۇلارغا نېمىمۇ قىلىپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن؟ پەقەت، ئۇلارنىڭ دۇنياۋىي ئەدەبىياتىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ياد ئېتەلەيمىز، ئۇلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز، خالاس...
مەن تۆۋەندە، ئەرەب ئەدەبىياتىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىمنى، شۇنداقلا ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ئىچكىي خارابلىقىن ئىبارەت تەتۈر قىسمىتىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئەسەرلىرىدىن ئاز-تولا ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشنى زۆرۈر تاپتىم (گەرچە، بۇنىڭغا لايىق بولمىساممۇ).
مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدىغىنىم، بەزىدە ئۇلارنىڭ شېئىرى، بەزىدە ئەدەبىي خاتىرە، نەسرلىرى، بەزىدە پروزىسى (ھېكايە-پوۋېستلىرى، ھەتتا رومانلىرىدىن پارچە) بولۇشى مۇمكىن. تاغدىن-باغدىن چۈشۈپتۇ، دەپ ئەيبكە بۇيرىمىغايسىزلەر!
شائىر
ئەدۇنىس (سۈرىيە)
ھېچيەردە يوق، ئۇلار: ئىللىقلىق ئېلىپ يۈرگەن
زېمىن ئارقىلىق توڭلاپ تىترەك ئولاشقان ۋۇجۇتلار، ئۇلار سوقىدۇ
ئۇپۇق سىزىقى ئۈچۈن ئاچقۇچلارنى.
ئۇلار ئەپسانىلەر قالدۇرۇپ كېتىدۇ
بىراق نە يوقتۇر ئاتىسى
ۋە نە ئۆي-چاقى.
ئۇلار ماۋۇ بەزى ئەپسانىلەرنى يېزىشىدۇ
قۇياش ئۇ (ئەپسانە) نىڭ تارىخىنى يازغاندەك:
ھېچيەردە يوق.
(چىڭخەي خەلق نەشىرىياتى 2013-يىلى نەشر قىلغان خەنزۇچە «تېنىمىزدىكى سۆيگۈ ئورمانلىقى−ئەدۇنىس شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-17 11:31