يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 12

«بىچارە ئانا»-قۇتيار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«بىچارە» ئانا
(ھېكايە)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. ئىشىك سىرتىدا كىمدۇر بىرىنىڭ: «مۇشۇ شۇمۇ؟» دېگەن ئاچچىق ئاۋازى خۇددى تۇيۇقسىز چىققان بوراندەك دىققىتىمنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى. مەن لەپپىدە سىرىتقا قارىدىم. ئاڭغىچە كىتابخانامغا بىر چۈپ ئەر-ئايال ۋە ئىككى بالا كىرىپ كەلدى. ئەر ئىگىز بويلۇق، قارامتۇلغا مايىل، كېلىشكەن كىشى بولۇپ، كىيىنىشى ۋە ھەركىتىدىن سىپايىلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئايال ئوتتۇرا بويلاردىكى قاپقارا چاچلىق، ئورغاق قاشلىق، پىشانىسى كەڭ، چىرايى قاشتېشىدەك سۈزۈك ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا تۈلكە قامىلىق پەلتۇ كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىجىك بوي-بەستىگە خوپ ياراشقان ئىدى. بالىلارنىڭ بىرى ئون ئۈچ ياشلاردا، يەنە بېرى توققۇز ياشلاردا ئىدى. ئۇلار خۇددى سار ئالدىدىكى چۈجىدەك دىر-دىر تىترىشىپ تۇرشاتتى. ئايال يېنىمغىراق كەلدى-دە:
-تۆنۈگۈن بىزنىڭ ماۋۇ بەز قۇلاق ما كىتابنى مۇشۇ يەردىن ئېلىپتىكەن، ئۆزىگە ماس كەلمەيدىكەن. باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرگىلى بولارمىكىن،-دېدى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دېگەن كىتابنى ماڭا سۇنىۋېتىپ. مەن كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. ئىسمىنى يېزىپ ئۆچۈرگەنىدى. قائىدە بويىچە ئالماشتۇرۇپ بەرگىلى بولمايتتى. كۆڭلۈمدە «بوپتىلا» دېدىم-دە:
-  ماقۇل دېدىم،-ئۇلارغا قاراپ. ئۇلار كىتاب خىللاشقا باشلىدى. لېكىن بىرلىككە كېلەلمىدى.
-ئانا،-دېدى چوڭ ئوغۇل، -كىتابنى سەن ئوقۇمسەن، مەنمۇ؟ ئۇنى ئالساممۇ بولمايدۇ، بۇنى ئالساممۇ بولمايدۇ دېسەڭ، مەن نېمە قىلاي ئەمدى؟
-نېمە قىلاتتىڭ؟ مەن خىللاپ بەرگەنىنى ئوقۇيسەن،-دېگىنىچە بىر كوي ئالتە مولۇق يەسلى باللىرىنىڭ بىر كىتابىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. مەن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:
-بۇ بالىغا ماس كەلمەسمىكىن، شۇڭا... دىيىشىمغىلا ئۇنىڭ چېقىر ئۈژمىدەك پاقىراپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ماڭا ئۇدۇللاندى-دە، ئېغىزى ئېچىلىپلا كەتتى.
-بۇ ماڭقا مۇشۇنى ئوقۇيالىسىمۇ چوڭ گەپ. ھازىر تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بولالمىغان يەردە كىتاب ئوقۇشنى كىم قويۇپتۇ ئۇنىڭغا؟-دېگىنىچە كىتابنى ماڭا ئۇزارتتى.
-باشقا كىتاب ئالماسىلەر؟-دېدىم قۇلىدىن كىتابنى ئالماي.
-ياق، ئاشقان ئون يەتتە كوي تۆتمونى قايتۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولدى-دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن. مەن شۇندىلا بۇ ئايالنىڭ كىتاب  پۇلىنى قايتۇرۋالغىلى كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم-دە، يەڭگۈشلىمەكچى بولغان كىتابقا باشقىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ ئىچ بېتىگىمۇ گۇل سىزىپ، ئۆچۈرۈلگەنىدى. شۇڭا:
-كەچۈرۈڭلار، كىتابنىڭ ئىچىمۇ مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ. يەڭگۈشلەپ بېرەلمەيمەن،-دېدىم ئۇلارغا رەسىم سىزىلغان جاينى كۆرسىتىپ. ئايال كىتابقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، بالىسىغا يۈزلەندى-دە:
-ھەي، ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغان كالۋا، كىتابتىن بىرەر بەت ئوقۇماي، گۈل سىزغىنىڭ نېمىسى؟ سەن پۇل بۇزۇشتىن باشقىسىنى بېلەمسەن زادى؟ قاچانلا قارىسا كىتابلا ئالغان،-دېگىنىچە ئۇنى دۈشكەللىگىلى تۇردى. بالا ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈگەن ئادەمدەك جىملا تۇراتتى. بىچارا دادا نېمىنىدۇر بىر نېمە دېگۈسى باردەك بىردە بالىغا، بىردە ئايالىغا قارايتتى. ئەمما ئېغزىدىن چىقىرالمايتتى. كىچىك ئوغۇل رەقىبىنى كۆرگەن كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتكەنىدى. ئانا قېرى مىكيەندەك يەنە چالۋاقىلى تۇردى.
-ھەي، دەلدۈش، نامازشام توخۇسىدەك مۈگدەپ تۇرماي گەپ قىل داۋاتىمەن،- قاراپ تۇرۇپ ئون توققۇز كوينى بۇزساڭ، يا...
- ئانا، مەن پۇلنى قانداق بۇزۇپتىمەن؟ كىتاب ئالدىم. ئوقۇدۇم. يا سەندەك كۈندە دەي ئالمىدىم. بۇمۇ ئازدەك رىستۇران دېسە...
چاڭگىدە تەككەن تەستەكتىن بالا ئېسەنكىرەپ قالدى. ئۇنىڭ يۈزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى خۇددى نان يۈزىدىكى تۈكۈچ ئىزىدەك مېنە مەن دەپ تۇراتى. بالا كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى.  مەن چىداپ تۇرالمىدىم-دە:
-بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بالا بىر ئوبدان كىتابنى تاللاپتۇ. ئوقۇپتۇ. بۇ ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
-ھە، توغرا دەيلا غۇجام، يانچۇقلىرىغا ئون توققۇز كوي پۇل موككىدە كىرگەندىكىن ئەلۋەتتە ياخشى ئىش بولۇدۇ-دە!،-دېگىنىچە ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى. بىركەمدىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىك بالىسىغا:«سەنمۇ ئاكاڭدەك كىتاب  ئالىدىكەنسەن، پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن» دېگىنىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك غەشلىككە تولدى. ئىچىمدە:«ئاھ، بىچارە ئانا» دېدىم-دە،-ئۇنىڭ گۆردەك قاراڭغۇ دىلىغا ئاقلىق تىلىدىم.


قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن : ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-15 23:59:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2013-9-16 01:22:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىلار ھېكايىسى ياخشى يېزىلىپتۇ.بىراق تەسۋىردىكى بايان تىلىدا ئىغىز تىلى«مېنە مەن دەپ تۇراتتى»نى«مانا مەن دەپ تۇراتتى»دەپ ئېلىش كېرەكمىكىن دەيمەن.
چاڭگىدە تەككەن تەستەكتىن بالا ئېسەنكىرەپ قالدى. ئۇنىڭ يۈزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى خۇددى نان يۈزىدىكى تۈكۈچ ئىزىدەك مېنە مەن دەپ تۇراتى.

ۋاقتى: 2013-9-16 09:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىك سىرتىدا كىمدۇر بىرىنىڭ: «مۇشۇ شۇمۇ؟» دېگەن ئاچچىق ئاۋازى خۇددى تۇيۇقسىز چىققان بوراندەك دىققىتىمنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى. مەن لەپپىدە سىرىتقا قارىدىم،  
ھىكايىڭىزنىڭ تىلى خېلى تاتلىق تەبئىي يەرلىك پۇراققا ئىگە بولۇپ چىقپتىكەن. يۇقارىقى يەرلەرنى قايتا بىر ئىشلەپ باقسىڭىز دېگەن تەكلپىنى بېرىمەن.  ئىشىك سىرتىكى  ئاۋاز قانداقسگە ئاچچىق بولۇپ قالدى؟ سىرتتىكى يەنە كېلىپ مۇشۇ مۇشۇ دېگەن ئاۋاز بوراندەك چىقىپ كەتمەس ھەر ھالدا،،لەپپىدە قارىدىم دىمەي دەرھال ياكى ئىتتىك سىرتقا قاردىم دېسىڭىز قانداق؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 09:41  


ۋاقتى: 2013-9-16 17:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ خۇدا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ۋاقتى: 2013-9-16 18:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بىچارە ئانىلار يەنە قانچىلىكتۇ-ھە قۇتيار ئەپەندىم.... ھېكايىڭىزنى  ئوقۇپ چىقتىم ۋە يۇقارقىدەك يەكۈنگە كەلدىم...

ۋاقتى: 2013-9-16 21:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-18 00:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمسال بۇرادىرىم، تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق. ئېغىز تىلىنى يېزىق تىلىغا ئەينەن سۆرەپ كىرىپتىمەن. رەخمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-18 00:59:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام توردىشىم كۆۋرۈك، سەمىمىيتىڭىز بىلەن تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت! دېگىنىڭزنىڭ ئاساسى بار. مەن شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. «مۇشۇ شۇما» دېگەن ئاۋاز (ئىشىك تۈۋىدىلا بەك قۇپال، يۇقىرى ئاڭلاندى. يەنە كېلىپ مەن ئەينەكلىك ئىشىكنىڭ تۈۋىدىكى ئىش ئۈستىلمىدە ئولتۇراتتىم. ئارلىقىمىز بىر قەدەم كېلەتتى.) تۇيغۇمغا ئاچچىق سىزىمنى باشلاپ كىردى. ئاۋازىنىڭ قۇپاللىقى بوراندەك ئىدى. بەلكىم ھېكايىدا شۇ تۇيغۇمنى ئەينەن ئىپادىلەيمەن دەپ شۇنداق ئالغان بولسام كېرەك. بۇ ئارقىلىق مېنىڭ راست دېمەيمەن. پىكىرىڭىزنى سۆيىنىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىمەن. ھېچ بولمىسا بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىمەن! يەنە ىر رەخمەت!

ۋاقتى: 2013-9-19 22:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتىيار ئەپەندى، ياخشى يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2013-9-23 21:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇئەللىم ، بۇ  ئىش كىتاپخانىڭىزدا راس بولغان ۋەقەمۇ ياكى تۇقۇلما ۋەقەمۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-26 00:05:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بولغان ۋەقە. ئۇلارنىڭ ئوبرازى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.

ۋاقتى: 2013-9-26 17:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى بۇنى تۇقۇلما ۋەقە ئوخشايدۇ ، دەپتىمەن ! ناھىيىمىزدە بۇنداق ئانىلارنى بار  دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن !  ئۇلۇغ خۇدا شۇنداق ئانىلارغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش