يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 9

كەلپىن توغرىسىدا رىۋايەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلپىن توغرىسىدا رىۋايەتلەر
; m: W% \  l, ~  y  B: p2 \4 Q! Q! ^  m  P
ئىلھامجان ئەنۋەر) S% T& G  d) a7 @/ [
8 X- s; v. c( q  {5 T, G0 g3 m
1
; c: K9 T# U  s7 o' f; nناھايىتى قەدىمكى زاماندا كەلپىن قېلىن جاڭگاللىق ئىكەن . بۇ يەرنىڭ سۈيى مول بولۇپ ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشلۇق يەتتە ئوۋچى كەلپىن تاغلىرىدا ئوۋ- ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر بۇلاقنىڭ بېشىغا كىلىپ قاپتۇ ۋە سۇنى بويلاپ كەلپىن ئىچىگە كىرىپتۇ ئۇلار بۇ يەردە سۇنىڭ موللىقىنى كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇ يەرگە كەپە ياساپ ئولتۇرغاچقا كەپە دېگەن سۆز تەدىرىجى ئۆزگىرىپ ھازىرقى كۈندە ‹‹ كەلپىن ›› دەپ ئاتلىدىغان بوپتۇ .
, \* u! U' B$ U$ m1 C) D5 b' V* P' N; Z! |0 }! @# c
2# |# |) t) ?+ V4 t' K; H
قەدىمكى زاماندا كەلپىننىڭ ھەممىلا يېرى قېلىن جاڭگاللىق ئىكەن . كەلپىن دەرياسى تولۇپ ئاقىدىكەن . يامغۇر يېغىپ ،كەلكۈن سۈيى كەلگەن چاغلاردا كەلپىن جاڭگاللىقىنىڭ ھەممىلا يېرىنى سۇ بېسىپ كىتىدىكەن . بۇ چاغدا كىشلەر ماكانلىشىپ قالغاندىن كىيىنمۇ يۇرتنى بىر قانچە قېتىم كەلكۈن بېسىپ كەتكەچكە ‹‹ كەلكۈن كىلىدىغان يۇرت ›› دېگەن مەننى بىلدۇردىغان ‹‹ كەلكۈن يۇرتى ›› دېگەن سۆز تەدىرىجى ئۆزگىرىپ ‹‹ كەلكۈن ›› گە ، كېيىنچە ھازىرقى ‹‹ كەلپىن ›› گە ئۆزگىرىپ قاپتۇ.
5 ?; u. d9 y8 `: ?5 R8 F+ I  y' ~ " u, s! z. w! L& J$ K
3
7 F! ]3 j$ n2 n/ {7 tبۇرۇنقى ئۇلۇغلار يۇرتنى ئارلاپ يۈرۈپ كەلپىنگە كىلىپ قاپتۇ. ئۇلار  كۆپىنچە تاغ بويلاپ ماڭغانلىق ئۈچۈن ‹‹ كوھلەب ›› (تاغ بويىدىكى يۇرت) دېگەن نامنى قويۇپتۇ .بۇ نام ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزگىرىپ ‹‹ كەلپىن ›› بولۇپ قاپتۇ .
: i# A" X# ]! F! ]5 D6 R# K! _, T/ C% f8 a! z/ V+ n
4
6 z* n9 X% P* _0 K
; l" c) F% F0 h  S2 j8 O( o5 Y1 Q3 Vدىننى مەزھەپلەر ئارا زىددىيەت كۈچەيگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خىل مەزھەپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىپ كەلپىنگە كىرىۋاپتۇ . شۇ مەزھەپنىڭ ئىسمى ‹‹ كەلپىن ‹كىلفىن › ›› بولغاچقا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ نام داۋاملىشىپ ‹‹ كەلپىن ›› دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
* D3 v0 P/ r1 L5 V( z5 M2 {! I& y( j5 y3 H
58 d& Z% b5 H7 l0 V3 V- [$ ?
ياۋچىلار 12 قەبىلە بولۇپ ، شۇلارنىڭ ئىچىدە كالىغا ئىتقاد قىلىدىغان بىر قەبىلە بارئىكەن . ئۇ قەبىلە غەرىبكە كۆچكەندە ۋە مۇشۇ يۇرتقا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن ‹‹ كالاپان ›› دەپ ئاتىلىپتۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا پان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ ، قىلغۇچى ، ئەتكۈچى ، دېگەن مەنىلەرنى بېرىدىكەن . شۇڭا ‹‹ كالاپان ›› دېگەن قەبىلىنىڭ نامى تەدىرىجى ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى كۈندە‹‹ كەلپىن ›› بولۇپ قاپتۇ .
- [( M& o! E9 o
1 n1 C0 y7 K5 X& R( @* L" ?' H6
2 ]* x5 J7 \1 W' Q/ a. u9 _8 S, F* H! o2 v
ئوغۇزخان مەزگىلىدە ئوغۇزخانغا قاراشلىق قەبىلە ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، ئۇ قەبىلە ھەمىشە ئوغۇزخاننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنمايدىكەن، خانغا ئولپان (باج، سېلىق)مۇ تاپشۇرمايدىكەن، داۋاملىق خاننىڭ پەرمانلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ، خان ئەمەلدارلىرى بىلەن قارشىلىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ئوغۇزخان پەرمانىغا بويسۇنمايدىغان، سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، چاتاقچى بۇ قەبىلىنى تاغبۇلاقلىرى يۇرتى ـــ كەلپىنگە سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ، گەمە كولاپ، كەپىلەرنى ياساپ، چېدىر تىكىپ ماكانلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرت ‹‹چاتاقچىلار يۇرتى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ‹‹كەلفنىت›› (ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلار) دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ، يۇرت نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.) H( q+ ?* g/ j8 v- t4 p
( p, a+ H" l: b* k" V
يۇقاردىكلەر : ‹‹ بۇلاق ›› ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى .
" b: C! ]. Z% n
, f) h4 w* S& M8 |$ P! W7
/ I* k0 I4 D# _. T6 l
" h( z% O' c/ w& Aئېزىتقۇ رىۋايىتى: مىلادىيەدىن ئىلگىرى 336 ~ 348 يىللاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى ھازىرقى ئاقچىنىڭ قۇلانسىرىق، سەپەرۋاي دېگەن جايلىرىغا چۈشكۈن قىپتۇ. قۇلانسىرىققا چۈشكۈن قىلغان ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۈت-قىمىز ئىچىپ، ئويناپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن قارىسا ئۈچ ئات يوق تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئاتلارنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزدەپ، ھېچ يەردىن تاپالماي ئاخىرى يەنە ئۆزلىرى چۈشكۈن بولغان يەرگە كېلىپ قارىسا، ئۈچ ئات شۇ پېتى تۇرغۇدەك. ئۇلار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ: ‹‹بۇ يەردە ئېزىتقۇ بار ئىكەن›› دېيىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خان بۇ يۇرتنى ‹‹ئېزىتقۇ يۇرتى›› دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يۇرت ‹‹ئېزىتقۇلار ماكانى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانمىش. ( |3 q+ ~; y5 g' B  r
88 \" z8 ^' O8 o

5 W) P/ [0 |4 g* `2 S- B    3. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرلەردە غەربكە كۆچكەن توخرىلار 12 قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ‹‹كالافان›› (كالىغا ئىتائەت قىلغۇچى) دېيىلىدىغان بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇڭا ‹‹كەلپىن›› ‹‹كالافان›› قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
# y$ w9 {, r% T% E! v, T- J9
3 F! @4 K/ T3 h3 H2 Z4 `
# O3 Y  I- I7 D8 R2 {! M   زامان ئەۋۋىلىدە ھازىرقى خوتەن ئېلىدە داۋاملىق بوران چىقىپ تۇرغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ماكانلىرى قۇم-بوران ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن. ئەنە شۇ خوتەندىكى بىر سەھرانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىككى ئائىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىرى بىر-بىرىگە ئاشىق ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بىرىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئوغلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇدا بىر نەچچە يىل چىققان بوران، قۇم بارخانلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەپتۇ. ئوغۇل بوراننىڭ توختاپ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچە- كۈندۈز يىغلاپتۇ، ئاھ ئۇرۇپتۇ. قىزمۇ نالە قىلىپ، كۈن، ئايلارنى، يىللارنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپتۇ، لېكىن بوران زادىلا توختىمىغاچقا، ئۇلار ئۇچرىشالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ سۇلىرى ئەلۋەك بىر يۇرتقا ئاشىقى بىلەن كېلىپتۇدەك، ئۇلار خۇشاللىقىدىن سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپتۇ، يۇيۇنۇپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك بوپتۇ-دە، چۆچۈپ ئويغانسا، ئۇ ئۆز ئاشىقى بىلەن بىللە ھېلىلا چۈشىدە كۆرگەن يەردە تۇرغۇدەك، ئاشىقىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، ئاشىقى چۈشىدە ئۇز يىگىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ نالە قىلىپ چۆچۈپ ئويغانسا، بۇ يەردە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ توشقانلاردەك سەكرىشىپتۇ، جەرەنلەردەك تاقلىشىپتۇ، ئوغلاق، قوزىلاردەك مەرىشىپتۇ، پۈتكۈل ھايۋانلار يىغىلىپ بۇ ئادەمزاتنىڭ ئۇزلۇقىغا مەستلىكى كېلىپتۇ، كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا ياردەملىشىپ، گەمە كولىشىپ بېرىپتۇ، پىللار خارتۇملىرى بىلەن يىراقتىن ياغاچ توشۇپ كەپە ياسىشىپ بېرىپتۇ. ئۇلار توي قىلىپ توققۇز ئوغۇللۇق بولۇپ، بالىلىرى دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا كەندىر تالاسىدىن رەخت توقۇش، يىپ ئىگىرىش، تېرىدىن كىيىم تىكىش، كىگىزچىلىك، پالاس توقۇش، موزدوزلۇق، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپتۇ. توققۇز بالا توققۇز خىل ھۈنەر ئۆگىنىپ جان ساقلاشقا باشلاپتۇ. بۇ يۇرت كېيىن بوستانلىققا ئايلىنىپتۇ. رىۋايەت قىلىنغان بۇ يۇرت ھازىرقى كەلپىن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىرمۇ كەلپىندە ھۈنەرۋەن كۆپ.( ?. F2 H: Q* R4 q

6 {) @6 ]; K( g( F# c* N- u& r- A; v10
% x7 [0 H' J# u3 I% r: Q6 D" [. W% {- A8 s' s7 e
كەلپىن قەدىمدە ئۇنسۇ بەگلىكىگە قاراشلىق ئىكەن. كېيىن قۇم بەگلىكى ئونسۇ بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندا كەلپىن قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە كەلپىننىڭ ھازىرقى قارا كۈتكە سۇ باشلاپ چىقىش ھاشىرى (مەجبۇرىيەت ئەمگىكى) قايغۇلۇق ھاشار بولغان ئىكەن. بۇ ھاشارغا ئەينى ۋاقتىدا، ئاقسۇنىڭ ئايكۆلدىن كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ شەھەر ھاشارنىڭ ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇزاق داۋام قىلىشى، يولنىڭ يىراقلىقى، نامىنىڭ يامانلىقى بىلەن داڭلىق ئىكەن. بۇ ھاشارغا كېلىپ تۇرىدىغان ئايكۆل قىز-يىگىتلىرى ھاشار قايغۇسىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن كەلپىندە تۇرۇپ قېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھاشار ‹‹قايغۇلۇق ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ‹‹قالغۇلۇق ھاشىرى››، ‹‹قاراپ كۈت ھاشىرى››، ‹‹قارا كۈت ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹قارا كۈن›› دېگەن بىر ئايماق شەكىللىنىپتۇ..
) u* I  L! H+ T7 d/ @9 K; s9 n
; T& G, ^4 C/ |5 y% e% y3 n11/ P1 ?9 ~7 C0 n, P8 R

" g, V- s  Y7 u كەلپىن قەدىمكى زامانلاردا جاڭگاللىق بولۇپ، ئۇ يەردە توغراق، يۇلغۇن، كۆرۈك (يۇلغۇن تىپىدىكى بىر خىل چاتقال)، سۆكسوك، تېرىلغا (شاۋى)، ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، ساقساق (بىر خىل چاتقال)، ياۋا كەندىرلەر قويۇق ئۆسكەن، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. بۇ جاڭگاللىقتا بىر ئوۋچى پەيدا بوپتۇ. ئۇ تېۋىلغىدىن ياسىۋالغان چومىقى بىلەن ھايۋان ئوۋلاشتا داڭق چىقارغان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيلىنىپتۇ، خوتۇنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. كۈنلەر ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، بالىلار چوڭ بوپتۇ. ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئېيتسا، قۇلاق سالماپتۇ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان، تەييار تاپ بولۇپ چوڭ بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ، جاڭگال-سايلاردا ئادەم بويى سۇلار ئېقىپتۇ. بالىلارنىڭ ئانىسى چوماقنى ئېلىپ، ئوۋغا چىقىپ كېتىپ كەلمەپتۇ. ئوغلى بىر دەرەخقە چىقىۋېلىپ، كەلكۈندىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. قورسىقى ئاچقان بالا ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن دەرەختىن چۈشۈپ، قىيان ئېقىتىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يەپتۇ، قورسىقى ئاغرىپ كېيىن يېيىشكە پېتىنالماي، ئادەمزات بار يەرنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن، بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ. بالا تاغقا چىقىپ، ئۆزى كەلگەن جاڭگال تەرەپكە قاراپ، ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىپ، يىغلاپ، زارلىنىپ، يېشى قۇرۇپ، كۆزى ئاغرىپ، كۆزى چىمىلدايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ بالىنىڭ كۆزى دەريا بولۇپ مازار ئېقىنىنى پەيدا قىلغانمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بالىنىڭ زارىغا چىدىمىغان پەرىشتىلەر بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ‹‹ئىسمىڭىز چىم-چىم ئوغۇل، يۇرتىڭىز كەپە بولسۇن، جىسمىڭىز مۇشۇ تاغدا تاشقا ئايلانسۇن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلمىغانلار سىزدىن ئىبرەت ئېلىپ كىچىكىدىن تارتىپ چىۋەر، چېچەن، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بولسۇن››، دەپ دۇئا قىپتۇ-دە، پەرىشتىلەر كۆزدىن غايىب بوپتۇ. بالىنىڭ جىسمى تاشقا ئايلىنىپ، تاغ ئۈستىدە ماكان تۇتۇپتۇ. چىم-چىم ئوغۇل ھېلىھەم ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنۈپ، ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلاپ تۇرارمىش.
, ]( u2 E5 o  o9 }+ O/ a5 a/ _, p, o  $ B& n. |) Y# j4 t+ I
1 ~" I# w- T2 P# `8 U5 t0 i
7-11 قىچە رىۋايەتلەر : ئېزىتقۇ رىۋايىتى: غەيرەت جاسارەتنىڭ ‹‹ كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر ›› دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى
: a( e: P. K6 l4 [. T2 y! [/ h# N; c) G6 J; [
) d2 p* J" n2 X8 ~+ I

/ h* ]- ?# {7 F+ I

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-14 13:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى بىر ئوقۇپ چىقىش لازىم ئىكەن....

ۋاقتى: 2013-9-14 16:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن توغرسىدىكى بۇرىۋايەتلەر بىز بۇلتۇر تىل تەكشۈرۈشكە چىقىپ توپلىغانلىرى بىلەن بىردەك ئىكەن. يەنە تېخى بىزلەر ئاڭلىمىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. تولىمۇ ياخشى  بوپتۇ

ۋاقتى: 2013-9-15 00:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-9-15 16:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلەر توختاپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2013-9-27 12:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلەر توختاپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2013-9-27 12:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىتقۇ رىۋايەتلىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر تېخمۇ چوڭقۇرلۇقىنى تاپقۇسى.

ۋاقتى: 2013-9-27 15:42:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت ئىنىم.

ۋاقتى: 2014-1-3 00:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ ئىزدىنىڭ

ۋاقتى: 2014-1-3 01:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن- خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىلىرگە قاراشلىق  قەدىمقى ئۇچنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئاھالىسى ئارغۇلاردىن .(كەلپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچ ۋە ئاتۇش دائىرسى قەدىمقى ئارغۇ تىپىدىكى خەلىقلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇن) .   ئۇچ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىرقانچە قېتىملىق مۇرەككەپ ئارىلىشىشنى باشتىن كەچۇرۇپ تىل جەھەتتە كۆپ ئۆزگەرگەن . تاشقى  تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىماسلىق سەۋەبلىك كەلپىن شىۋىسىدە ئارغۇ تىللىرىنىڭ ئالامەتلىرى ساقلىنىپ  تا بۇگۇنگىچە كەلگەن.  ‹دىۋان›دا‹‹ ئۇچلۇقلار ئارغۇلاردۇر...ئارغۇلارنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار..›دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۈگۈنكى ئۇچتۇرپاننىڭ قۇچى-قارباغ شىۋىسى بىلەن كەلپىن شىۋىسى كۆپ پەرقىلەنمەيدۇ.' s* }2 Y5 i1 U- e) [* ^" E
‹كەلپىن›ئىتمولوگىيىسىنى تەكشۇرۇشتە مۇشۇ ئارغۇ تىلى نوقتىسىنى چىقىش قىلىسا ياىشى نەتىجە چىقىشى مۇمكىن....
4 ?* @4 x% ]6 K+ L6 h( n7 Q   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 02:00  
, ~3 s  H  ^% m; _7 p/ L
0 n/ Q, J9 E) y

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش