كۆرۈش: 913|ئىنكاس: 6

‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تىكى ‹‹ قۇياش مەركەز تەلىماتى ››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تىكى ‹‹ قۇياش مەركەز تەلىماتى ››

ئىلھامجان ئەنۋەر

مەن ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تىكى ‹‹ قوياش مەركەز تەلىماتى ›› نى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن ، دۇنيادىكى ئاستىرونومىيە جەھەتتە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى خىل قاراش ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
قەدىمكى گېرىتسىيەلىك ئاستىرونوم ، جۇغراپىيە ئالىمى پېتولمىي ( مىلادىيە 90-168-يىللىرى ياشىغان) ئوتتۇرغا قويغان ‹‹ يەر مەركەز تەلىماتى ››.
يەنى ‹‹ يەر مەركەز  تەلىماتى ›› دا : ئاسمان ھەركەتلىنىدۇ ، يەرشارى تىنىچ ھەركەتسىز جىسىم . كائىناتنىڭ مەركىزى يەرشارى ، بارلىق ساييارىلەر يەرشارىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ دەپ قارالغان .
پېتولمىينىڭ بۇ قارشى تاكى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگۈچە پۈتۈن دۇنيا ئاستىرونومىيە ئالىملىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئاستىرونومىيلىك قاراش بولۇپ كەلگەن. 1513- يىلى پولشالىق ئاستىرونوم كوپېرنىك ( 1473-يىلدىن 1533-يىلغىچە ياشىغان ) 40 يېشىدا ‹‹ قوياش مەركەز ‹ تەلىماتى›› نى ئوتتۇرغا قويۇپ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ‹‹ يەر مەركەز  تەلىماتى ›› غا جەڭ ئېلان قىلدى. مۇشۇ سەۋەبلىك شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي روھانىي كۈچلەر كوپېرنىكنى دىنغا ئاسىيلىق قىلدى دېگەن بەتنام بىلەن 60 يېشىدا  ئوتتا كۆيدۈرۈپ  ئۆلتۈرۋەتتى. دەل ئۇ قازا قىلغان كۈنى گېرىتسىيەدىن ئۇنىڭ كىتابىنى نەشىر قىلغانلىق توغرىسىدا چاقىرىق كىلىدۇ ، ئەمما بۇ خەتنى ئالىم كۆرەلمەيدۇ. گەرچە ئالىم ئۆزىنىڭ قان تەرى سىڭدۈرۈپ يازغان كىتابىنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ ، دۇنيادا يېڭى بىر قاراش ‹‹ قوياش مەركەز تەلىماتى ››  ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي نۇقتىنەزىرى بىلەن ‹‹ يەر مەركەز تەلىماتى ›› نىڭ ئورننى ئالدى .
بىز دەۋەتقان ‹‹ قوياش مەركەز تەلىماتى ›› : يەرشارى ھەركەتتىكى جىسىم ، قۇياش بولسا پۈتۈن كائىناتنىڭ مەركىزى ، يەرشارى پەقەت قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ئادەتتىكى سەييارە ، كائىناتتىكى بارلىق سەييارىلەر قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ ، دېگەن قاراش ئىلمىي نۇقتىنەزەر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان .
ياۋروپا 16-17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ‹‹ مەدەنىيەت – سەنئەت جەھەتتە قايتا گۈللىنىش ›› باھارىنى كۈتىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا جەمئىيتىدە تەبئىي ۋە ئىجدىمائىي پەنلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ، ئاستورونومىيە جەھەتتىكى بۇ بايقاش پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئاستىرونومىيە ئالىملىرى ھەم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىتراپ قىلشىغا ئېرىشتى.
ياۋروپا ئۆزىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىش تارىخىنى باشتىن كەچۇرۋاتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنى شىنجاڭدا تۈرلۈك مەزھەپ توقۇنۇشى ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ، ئىچكى نىزا ، تەپىرقىچلىق ، قالاقلىق ، مەدەنىيەت جەھەتتە خارابلىشىش باسقۇچىدا ئېغىر تىنىۋاتاتتى ، دۇنيادا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنيەت مىراسلىرىنى ياراتقان ، مەدەنىيەتلىك بىر ئەلنىڭ تارىم قوينىدا قانلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ، جاھالەت تۇمانلىرى ئاستىدا تىپىرلاۋاتاتتى .
ئەمما ھېچكىممۇ قەدىمكى مەدەنيەتلىك ، ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىدە  دۇنياغا مەدەنيەت نۇرلىرىنى تاراتقان قاراخانىيلار زامانىسدا ياشغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پولشالىق ئالىم كوپېرنىكتىن 500 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تە بۇ قاراشنى ئاللىقاچان ئوتتۇرغا قويۇپ بولغانلىقنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيىتتى .
ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسرىدە ، بۇ تەلىماتنى شېئىرى تىل بىلەن ئوتتۇرغا قويغان .

يەنى ئالىم كىتاۋنىڭ 67- بىتىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىيتلەرنى يېزىپ  قالدۇرغان  :
129    كىشىگە يورۇقلۇق بىرۇر بەزىسى ،
يول يۈتسە كۆرسىتۇر يەنە قانچىسى.

130 بەزىسى ئېگىزدە ، بەزىسى تۆۋەندە ،
غۇۋادۇر بەزىسى ، بەزىسى روشەن.

131 بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر تۇرۇر،
ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرجتا قالۇر.

132 ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي ،
قالۇر بۇرجىدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.

133 ئۈچىنجى كۆرۈرۈر غەزەپتە يۈرۈر ،
قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.

134 تۆتىنىجى قۇياشتۇر يۇرۇتار جاھان ،
يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.

135 ،بەشىنجى سەۋىتتۇر ، سۆيۈملۈك ئۆزى ،
ئۇ باقسا كۆرۇرسەن خۇشاللىق يۈزى .

136  ئۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇ كېلەر ،
ئۇ كىمگە يولۇقسا تىلەككە يىتۇر.

137 بۇلاردىن تۆۋەنرەك يالچىق تۇرار ،
قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بولۇر .

يۇقارقى بېيىتلاردا يەتتە يۇلتۇز ( سەييارە ، پىلانىت ) يەنى تەرتىپ بويىچە : ساتۇرىن ، يۇپېتىر مارىس ، قۇياش ، ۋېنىرا ، مېركورىي ، ئاي بولغان بولىدۇ. ئاپتور ئۇلارنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئورنى ، يۇلتۇزلارنىڭ ( سەييارىلەرنىڭ ) بىر – بىرىدىن يىراق- يېقىنلىقى ، ھەربىر بۇرىجتىكى ۋاقتى ھەم ھالىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن . بۇ ئاستىرونومىيە جەھەتتىكى چوڭ بىر بايقاش بولۇپ ،بۇ بېيىتتىكى بۇرىجلارنىڭ ھەققىي ئورننى بېكىتىش ئۈچۈن ، قەدىمكى ئاستىرونومىيلىك ھېسابلاش بىلەن ھازىرقى زامان ئاستىرونومىيلىك ھىسابلاش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلاش چىقىشقا توغرا كىلىدۇ ، بۇ ئەلۋەتتە كەڭ جۇغراپىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاچلىرىمىزنىڭ تېخمۇ بىر بالداق ئىزدىنىشىگە توغرا كىلىدۇ.
ئاپتور ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا بىرىلگەن بىيتىدە يەتتە سەييارىنى يۇقىرى تۆۋەنلىك ئورنى بىلەن بەرگەن يەنى قۇياشتىن باشقا ئالتە سەييارە ( يۇلتۇز ) قۇياشنى مەركەز قىلغان ئاساستا تىزىلغان .بۇنىڭدىن بىز ئالىمىمىز ، مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنى ئۇلۇغ ئاستىرونومىيە ئالىم دىيەلەيمىز .
بۇ كۆز قاراش گەرچە قاراخانىيلار دەۋرىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ ، بۇنداق كۆزقاراش ، نۇقتىنەزەرنىڭ بارلىققا كىلشىگە ئۇزۇن بىر مەزگىل كىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قاراشنى قاراخانىيلار دەۋرىدە ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. بۇ نۇقتىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ ، ئەلۋەتتە.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-14 16:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەتقىقات بەك يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ. چوقۇم ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2013-9-14 20:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-7-6 00:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dihanla916 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-14 16:38
بۇ تەتقىقات بەك يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ. چوقۇم ئەتراپلىق تە ...







2. قۇتادغۇبىلىك»تىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىغا بىر نەزەر



ناھايىتى ئېنىقكى، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئالەم ۋە تەبىئەت تەلىماتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بويان توپلىغان تەبىئىي پەن بىلىم جۇغلانمىلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنىڭ تىپىكلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىدۇر. ئۇ 10-، 11- ئەسىر ئۇيغۇر ئاسترونومىيە تەلىماتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق جەمىئىيىتىدىلا مەۋجۇت بولغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىم، ئاتەشپەرەسلىك ۋە تۇتىم ئېتىقادلىرىغىچە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، پالچىلىق، تىبابەت ۋە ئېغىىز ئەدەبىياتلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ سىستېمىلاشقان، نەزەرىيە-تەلىمات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن يۈكسەك پەللىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى زامان ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلەنگەن «ئاي تەڭرى»،«كۆك تەڭرى» ①ئوبرازلىرىدىن؛ ئاي ۋە قۇياش رىۋايىتىدىكى ② ئاي ۋە قۇياش ئوبرازلىرىدىن؛ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدە پەيدا بولغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرى-جۈملىدىن قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، ئوت، سۇ، يەرنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرىدىن؛ يىراق قەدىمكى زامانلاردا تازا گۈللەنگەن-تامامەن ئالەم ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى سىموۋۇللۇق رول ئېلىپ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان پىر ئۇسۇلى ۋە پىرخونلۇقنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت ③ ئىكەنلىكىدىن؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ھېلىمۇ سۇ، ئوت، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنى كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ ئاساسىي قىلىپ راۋاجىلىنۋاتقانلىقىدىن ھەمدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلىرىگە ئالدىن بىشارەت بېرىدىغان پالچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدىن بۇ نوقتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان «يىپەك يولى» نىڭ تۆرتكىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا، ئىدىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرگەن تۈرلۈك دىنى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن بىللە، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت دەپ قارالغان مىسىر، بابىلۇن، ھىندىستان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىمۇ ئۇيغۇلارنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ بارغان ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى، ئەلبەتتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ «ئاسمان يۇمۇلاق، يەر ياپىلاق»، «يەر چاسا شەكىللىك» دېگەن ئالەم قارىشى ۋە «بەش تادۇ» (ئوت، سۇ، مېتال، ياغاچ، تۇپراق) تەلىماتىمۇ بار ئىدى. جى شيەنلىن ئەپەندى ئېيتقاندەك «خەن-جىن سۇلالىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن خېلى ئىلگىرىكى مەزگىللەردىن باشلاپلا ھىندىستاننىڭ ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرى جۇڭگوغا كىرىشكە باشلىغان، بۇددا دىنى بىلەن بىللە ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىقمۇ زور تۈركۈمدە كىرگەن، ئاستىرونومىيىنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا ھىندىستان» ④ بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بۇددا دىنىمۇ، ئاسترونۇمىيە ھەم كالىندارچىلىقمۇ دەل ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان شىنجاڭ رايونىدىن كىرگەن. ھىندىستاندىن كىرگەنلىرىمۇ ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ۋە شاللىشىدىن ئۆتۈپ، كىتابلارمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن.
بىز يەنە بەزى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىنمۇ ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا، دەپنە-مۇراسىم ئىشلىرىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
1. لوپنۇر رايونىدىكى مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغان بەزى قەبرە ۋە قەبرە گۇرۇپپىلىرىنىڭ سىرتقى شەكلى ياغاچ قوزۇقلار بىلەن نۇر چېچىۋاتقان قۇياش شەكلىدە ياسالغان.
2. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى3-ئەسىرلەرگىچە بولغان دەۋرگە مەنسۈپ دەپ قارالغان نىيا خارابىسىدىن تېپىلغان بىر ساپال كومزەكنىڭ قورساق قىسمىغا يەتتە يۇلتۇز (ئۈكە يۇلتۇزى) نىڭ








جايلىشىشى سىخىمىسى جىجىپ چىقىرىلغان.
3. بۇنىڭدىن 5-6 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مىس قوراللار دەۋرىگە مەنسۈپ بولغان گۇما سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرىدە بەش قىرلىق يۇلتۇزنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ تۇرغان ئادەم ئوبرازى چىكىلگەن.
4. 1904-1905- يىللىرى لىكوك تۇرپان ئەتىراپىدىكى بىر خارابىدىن تېپىۋالغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاب پارچىسىدا، 28 مۇنازىلنىڭ جايلىشىش ئورنى، ئاينىڭ پۈتۈن ۋە يېرىم تۇتۇلۇش ھادىسىسى شەرھىلەنگەن ۋە يۇلتۇزلار خەرىتىسى سىزىلغان.
5. بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۈپ خوتەن ناھىيە ئىمام مۇسا كازىم قەبرىستانلىقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىنغان كۆپلىگەن جەسەتلىرى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ تاۋۇتلىرىنىڭ تۆت تەرىپىگە قىزىل قۇچقاچ، ئەجدىھا، تاشپاقا، يولۋاستىن ئىبارەت تۆت مۇقەددەس ھايۋاننىڭ رەڭلىك سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ تۆت ھايۋان بۇددا دىنى ئەقىدىسىدىكى تۆت تەرەپكە ۋەكىللىك قىلغۇچى مۇئەككەللەر بولۇپ، قىزىل قۇچقاچ جەنۇب تەرەپنى، ئەجدىھا شەرق تەرەپنى، تاشپاقا شىمال تەرەپنى، يولۋاس غەرب تەرەپنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە ئۇلار ھاۋا، ئوت، سۇ، تۇپراققىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۇر تاۋۇتتا يەنە ھەر خىل گۈل-نەقىشلەر ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق 12 بۇرج، 24 ۋاقىت، 4 پەسىل، 28 مۇنازىل، 8 تەرەپ قاتارلىق ئاسترونومىيىلىك سانلارمۇ ئىپادىلەنگەن.





(ئىمام مۇسا كازىم قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان رەڭلىك تاۋۇت)
يۇقىرىقى مىساللار يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى، باشقا مىللەت ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكىچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەرگە خاس بولغان ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئەبۇ نەسىر فارابى، ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت تەلىماتلىرىغا كەڭرى زېمىن ھازىرلىدى.
قاراخانىلار سۇلالىسى-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن يېڭى بىر تارىخى دەۋرىنى باشلىدى. بۇ دەۋردە ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەر ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىلمى كامالىتى بىلەن ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئارستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئەبۇ ناسىر فارابىدەك ئۇلۇغ، مۇتەپەككۇر ئالىملارنى مەيدانغا كەلتۈردى. فارابى يۇناننىڭ مەشۇر پەيلاسوپلىرى ئارستوتىل، پىلاتون، سوقرات، ئەپرىدون، بوقرات قاتالىقلارنىڭ تەبىئەت پەلىسەپەدىكى تەلىماتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەنقىدى يۇسۇندا قوبۇل قىلىش، تۈزىتىش ئارقىلىق پەلەكىيات ئىلمى نەزەرىيىسىدە يېڭى تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «گېئومېتىرىيە ۋە ئارسترونومىيە»، «ئالەم بوشلىقى توغرىسىدا»، «ئۇپۇق، ئوربىتا ۋە ئالەمنىڭ مىقدارى»، «يۇقىرى ئالەم تەسىرلىرى توغرىسىدا»، «ئاسترونومىيە قانۇنلىرى توغرىسىدا»، «چۈش توغرىسىدا»، «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى»، «ئاسمان ۋە ھاۋانىڭ رەڭلىكى توغرىسىدا»⑤ قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يۇنان پەيلاسوپلىرىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلدى ۋە ئالەمنىڭ تۈزۈلىشىنى ھاۋا، ئوت، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت تادۇ ئاساسىدا شەرھىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا فارابىنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسترونومىيە ۋە تىبابەتكە دائىر نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۆت تادۇ تەلىماتىنى تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بۆلەكلىرىگىچە تەدبىقلاپ، تۆت تادۇنىڭ تەبىئەتتىكى تۆت پەسىل، ئىنسان ئورگانىزىمىدىكى تۆت خىلىت، تۆت مىزاج، ئادەم ئۆمرىنىڭ تۆت پەسلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى؛ ئىنساننىڭ روھى ھالىتى، كۆرگەن چۈشلىرى، ساغلاملىق ۋە پاتالوگىيىلىك ھالەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئىسپاتلاپ شەرھىلىدى.
11-ئەسىرگە كەلگەندە، قاراخانىلار دۆلەت ئاساسىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۆزلۈكسىز راۋاجىلىنىشى نەتىجىسىدە، ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىدىكى «ساچىيە مەدرىسى»،«ساقىيە مەدرىسى»،«خانلىق مەدرىس» تەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە رەسەتخانىلار بىنا قىلىنىپ، ھەقىقى دۇنيانىڭ مىقدار مۇناسىۋەتلىرى ھەم ئالەم سىرلىرىنى ئۆگەتكۈچى پەلسەپە (تەبىئەت ۋە روھىيەت پەلسەپىسى)، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيەگە ئوخشاش پەنلەر بويىچە مۇتائىلە-مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ھەم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، كالىندار تۈزۈش؛ قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئاسمان سىفېرىسىدىكى ۋەزىيىتىنى ئېنىقلاش قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ-شۇ زاماننىڭ يىتۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى ھەم قاراخانىلار ھاكىمىيىتىدە يۇقىرى ئابرويلۇق باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىقى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىپادىلەنگەن ئالەم ۋە تەبىئەت كۆز قاراشلىرىدىن بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ھەم ئاسترونوم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. يىغىنچاقلىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە روشەن ئىپادىلەنگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭ ئاۋۋال باشقا كىلاسسىكلارغا ئوخشاشلا ئالەمنىڭ ماددىلىقىنى ئىتراپ قىلىپ، ئۇنى ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت 4 تادۇدىن تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ، ئۇ ئاي ۋە پەسىللەرنى تەشكىل قىلغۇچى 12 بۇرجنى تۆت تادۇغا تەقسىملەپ مۇنداق يازىدۇ.
143        üqi ot üqi suv üqi boldi yal,
          üqi boldi tuprak azun boldi al
(ئۇلارنىڭ ئۈچى ئوت، ئۈچى سۇ، ئۈچى شامال، ئۈچى تۇپراق بولۇپ، دۇنيا ۋۇجۇتقا كەلگەن).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كۆپ جايلىرىدا 4 تادۇ ھەققىدە توختىلىپ «تۆت تادۇ ئالەم، تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي ئامىل، تۆت تادۇ تەبىئەتنىڭ ئاساسىي، تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاساسىي، تەبىئەتتىكى زىددىيەت ۋە بىردەكلىكنىڭ ئاساسىي، تەڭرىنىڭ تەبىئەتنى تۈزۈشنىڭ ئاساسىي؛ ئىنساننىڭ تۈزۈلىشى، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئاساسىي» دەپ قارايدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىبابەتكە دائىر باپلىرىدا تۆت تادۇنى ئىنسان ئورگانىزىمىدىكى تۆت خىلىت، تۆت مىزاج ھالەتلىرى بىلەن باغلاپ شەرھىلىسە، 3725-بېيىتىدە، تۆت تادۇنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك مىقدارىغا ئاساسەن-«يەر ئەڭ ئاستىدا، ئۇنىڭ ئۈستىدە سۇ، ھاۋا ۋە ئوت ئەڭ يۇقىرىسىدا» دېگەن ماددا تۈزۈلمىسى، ئالەم تەرتىپى قارىشىنى بايان قىلغان ۋە تۆت تادۇنىڭ قارىمۇ-قارشىلىق ھەم بىرلىك ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ماددىي ئالەمنىڭ تەرتىپىنى تۆۋەندىكى سىخىما ئارقىلىق چۈشىنىش مۇمكىن:











ناھايىتى ئېنىقكى، يۇقىرىقى ئالەم تەرتىپى قانۇنى قىسمەن نوقتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى زامان ئالەم تەلىماتىدىكى «يەر شارىنىڭ تۆتدەن ئۈچ قىسمى سۇ بىلەن قورشالغان. يەر شارىنى بىر قەۋەت كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى (ئاتمۇسفىرا قەۋىتى) ئوراپ تۇرىدۇ؛ يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق چىقارغۇچى سەييارىلەر ئېگىز بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىدۇ...» دېگەن قارىشى بىلەن تامامەن ئوخشاش.
ئىككىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە پتولېمېينىڭ «يەر كائىناتنىڭ مەركىزىي... ھەممە ئاسمان جىسىملىرى يەرنىڭ ئەتىراپىدا دائىرە بويلاپ ئايلىنىدۇ» دېگەن تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، 833-،834 بېيتلاردىكى «كۈننىڭ بۇرجى تۇرغۇن بولىدۇ.....بۇ بۇرج تەۋرەنمەيدۇ» دېگەن بايانلىرىدىن؛ ھەم 137-بېيىتتىكى «بۇلارنىڭ ئەڭ تۈۋىنىدە يالچىق (ئاي) ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇ قۇياشقا ئۇدۇل باققاندا تولۇن ھالەتكە كىرىدۇ» دېگەن بايانلىرىدىن قۇياشنىڭ يەر ۋە ئاينى ئايلانماي، بەلكى يەر ۋە ئاينىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىدەك، شۇنىڭدىن يەردە 4 پەسىل، كېچە-كۈندۈز ۋە ئاي تولۇن ھەم غەيرى تولۇن ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدەك «قۇياش مەركەز» ئىدىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ساتورىن، يوپتېر، مارىس، قۇياش، ۋېنىرا، مىركورى ۋە ئاينىڭ كائىناتتىكى مۇئەللەق ئورنىنى كۆرسەتكەندە، يەر شارىنى كۆزىتىش نوقتىسى قىلغان ھالدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى يىراقتىن يېقىنغا تىزىپ، قۇياشنى دەل ئوتتۇرىغا كەلتۈرگەن. بۇ خىل تەرتىپ بويىچە تىزىش-ھەرگىزمۇ تاسادىپى ئەھۋال ئەمەس، يۈسۈپ خاس ھاجىپ 126-بېيىتىدە:
       ياراتتى پەلەك كۆر، دائىم ئايلىنۇر،
       ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چۆرگىلۇر.
دېيىش ئارقىلىق، پۈتكۈل كائىناتتىكى ياغدۇلۇق ۋە ياغدۇسىز جىسىملار-يەنى يۇلتۇزلار، كومېتلار، مېتىئورىدلار، سەييارە ۋە باشقىلارنىڭ مەلۇم بىر مەركەزنى ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېسسىي تونۇپ يەتكەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ساتورىننى ئەڭ ئۈستى (ياكى ئەڭ سىرتقى) قاتلامغا؛ يوپتېر، مارىس، ۋېنىرا، مېركورىلارنى ئۇنىڭدىن تۆۋەنكى قاتلاملارغا تىزىشنى-مەلۇم نوقتىدىن كوپىرنىك 15-ئەسىردە ئوتتۇرىغا قويغان «يەر شارىمۇ، باشقا سەييارىلەرمۇ مەركەزداش چەمبىرەكلەردە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. مېركورى ئەڭ ئىچكى چەمبىرەكتە ئايلىنىدۇ. ساتورىن ئەڭ سىرتقى چەمبىرەكتە ئايلىنىدۇ؛ تۇرغۇن يۇلتۇزلار قۇياشتىن ناھايىتى يىراق ئاسمان بوشلۇقىدا تۇرىدۇ» ⑥ دېگەن قاراشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىي دېيىشكە بولىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇشۇرۇن ھالدا ئىپادىلەنگەن «قۇياش مەركەز» ئىدىيىسىنى «قۇتاغۇبىلىك» تە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە سېخىمىلاشتۇرساق مۇنداق بولىدۇ:










ئۈچىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆت تادۇدىن ھاسىل بولغان 12 بۇرج ۋە تۆت پەسىل، ئۇلارنىڭ تەرتىپى، مۇناسىۋىتى، تەبىئىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ: «بۇرج ئۆزگىرىشلىرىدىن پەسىللەر ھاسىل بولىدۇ، ئۆرلەش بىلەن چۈشۈش كېچە بىلەن كۈندۈز، تۇغۇلماقلىق بىلەن ئۆلمەكلىك، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ، نامراتلىق بىلەن باياشاتلىق بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى دائىملىق كۈرەش ئىچىدە ئۆزلۈكسىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ.















يۇقىرىدىكى چەمبىرەكتە ئىپادىلەنگەن تۆت تادۇ، 12 بۇرج، تۆت پەسىل، تۆت خىلىت، تۆت مىزاج، تۆت رەڭ ۋە تۆت تەرەپ قاتارلىقلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسەۋۇرىدىكى ھەقىقى ئالەمنىڭ تۈزۈلىشى بولۇپ، ئۇ، ئالەمدىن تەبىئەتكىچە، روھىيەتتىن ئىنسان ئورگانىزىمىغىچە بولغان بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، ئالەمنى بۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
تۆتىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە، قۇياش سېستىمىسىدىكى 7 سەييارىنى قەدىمكى ئۇيغۇرچە نامى بىلەن سەكەنتىر (ساتورىن)، ئۇڭاي (يوپتېر)، كۇرۇد (مارىس)، يەشىق (قۇياش)، سەۋىت (ۋېنىرا)، ئارزۇ (مېركورى)، يالچىق (ئاي) دەپ؛ 12 بۇرجنى قۇزا (ھەمەل)، ئۇي(سەۋىر)، ئەرەنتىر (جەۋزا)، قۇچىق (ئەسەد)، ئارسلان (سەراتان)، بۇغداي بېشى (سۇنبۇل)، ئەشى (قەۋس)، چايان (مىزان)، ياي (ئەقرەب)، ئوغلاق (جەدى)، كۆنەك (دەلۋە)، بېلىق (ھۇت)دەپ؛ تۆت پەسىلنى باھار، ياز، كۈز، قىش دەپ ئاتىغان. مانا بۇ- ئۇيغۇرلاردا ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ ئەينى دەۋردىلا ئەمەس، بەلكى خېلى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا ھەقىقى بىر ئىلىم سۈپىتىدە قېلىپلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يېغىنچاقلىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بويان توپلىغان ئالەم ۋە تەبىئەت قاراشلىرىغا ئادەتتىكى بىر مۇنەججىم سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ماھىيەتنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى ئالىم ۋە پەيلاسوپ سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى ئىلمىي قىممىتى بار ئۇيغۇر كىلاسسىك ئاسترونومىيىسىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى تۇنجى مۇقەددىمىسىگە ئايلاندۇرغان.
دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» تە بايان قىلىنغان ئالەم ۋە ئۇنىڭ تۈزىلىشى، ئالەمنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى دەۋر ھالقىغان ئىلمىي تەلىماتلار ھازىرقى زاماندىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئەكسىچە ئۇ، يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي كۆزىتىش-تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ھەقىقەتلىكى ئىسپاتلانغان ئالەم تەلىماتىدۇر.
ئەگەر 14-ئەسىردىكى ئۇلۇغبەگ ئاسترونومىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە 15- ئەسىردىكى كوپىرنىك «قۇياش مەركەز» ئالەم تەلىماتى دۇنيا ئاسترونومىيە تارىخىدىكى كەشپىيات خارەكتېرىلىك سەكرەش، ئۇلۇغ نامايەندە دېيىلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا، «قۇتادغۇبىلىك» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت كۆز قاراشلىرىنى ئەنە شۇ يېقىنقى زامان، ھازىرقى زامان ئاسترونومىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىلا ئەمەس، بەلكى مەنبە خارەكتېرىلىك مۇھىم ئاساسىي دەپ قاراش توغرىراقتۇر. شۇڭا، ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئالەم ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى تەتقىقاتىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنيا ئاسترونومىيە-ئاسترولوگىيە تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىگە سەل قاراشقا، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ.
                                 1998-يىلى 10-ئاي. قەشقەر
ــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
① «ئۇغۇزنامە» داستانى-«ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»-شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى 126-بەت.
② ئاي ۋە قۇياش ھەققىدىكى رىۋايەت-ئابدۇرېھىم ھېبىبۇللا-«ئۇيغۇر ئىتنوگراپىيىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1993-يىلى نەشرى 551-بەتكە قاراڭ.
③ پىرخونلۇق ۋە پىر ئۇسۇلى خوتەن رايونىنىڭ قاراقاش قاتارلىق ناھىيىلىرىدە ھېلىمۇ ساقلىنىپ قالغان.
④ جى شيەنلىن ئەپەندىنىڭ «جۇڭگو- ھىندىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى» ناملىق كىتابى، شىنخۇا نەشرىياتى1993-يىل نەشرى. (خەنزۇچە) 104-بەتكە قاراڭ.
⑤ ئابدۇللا تالىپ.«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى»
⑥ جوشۇنۋۇ. «ئاسمان جىسىملىرى» 147-بەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mrs تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 00:45  


ۋاقتى: 2014-7-6 00:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mrs يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 00:36
2. قۇتادغۇبىلىك»تىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت  ...

قىستۇرما رەسىملەر ۋە سىخىمىلارنى كىرگۈزەلمىدىم. كەچۈرەرسىلەر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 14:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت

ۋاقتى: 2016-4-5 18:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
رەھمەت!
يېڭى بىلىمكەن!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش