ئەدىب نەسرۇللا ئابلەتنىڭ شۆھرىتى خەلقئاراغا يۈزلەندى
ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى، تونۇلغان ئەدىب نەسىرۇللا ئابلەتنىڭ باش سۈرىتى 2011-يىللىق جۇڭگو پوچتا ماركىسىغا بىسىلىپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تارقىتىلغاندىن باشقا، يىقىندا ئۇنىڭ يەنە دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن «نەسرۇللا ئابلەت ئەسەرلىرى» توپلىمى رەڭلىك نەشىر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كۆپ قىرلىق ئەدىبنىڭ شۆھرىتى خەلقئاراغا يۈزلەندى.
نەسرۇللا ئابلەت كىچىكىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھىرىسمەن ئىدى، ئۇ شۇ ھىرىسمەنلىكتە يىرىم ئەسىر زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، ئەدەبىيى ئىجادىيەت، ئوبزورچىلىق، ئەدەبىي تەرجىمە، تارىخ، مەدەنىيەت، مائارىپ تەتقىقاتى ۋە خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىنى قىزىش، رەتلەش، توپلاش بىلەن شۇغۇنلاندى. ئۇنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرى مول مىۋە بەردى، «يىشېل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈ شەجەرىسى»، «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»، «مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كىپىنەك چۈشى» قاتارلىق 18 پارچە شىئېر، ھىكايە-پوۋېست، ئەدەبىيات نەزەرىيسى، تەرجىمە، تارىخ، مەدەنىيەت، مائارىپ تەتقىقات توپلام-كىتابلىرى نەشىر قىلىندى؛ «ھايات ناخشىلىرى»، «باھار خىياللىرى»، «يامغۇر ناخشىسى»، «دادا» قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم شىئېر داستانلىرى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى، ئۇنىڭ باش سۈرىتى 2010-يىلى جۇڭگودىكى «مەشھۇر سەنئەتكارلار» قاتارىدا پوچتا ماكىسىغا بىسىلىپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تارقىتىلدى. ئۇنىڭ بۇ سەمەرىلىك مۇۋاپىقىيەتلىرى جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيتى، جۇڭگو پوچتا-تېلگېراف گوروھى شىركىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتىنى جەلپ قىلدى. خەلقئارادا تەسىرى بار ئۇ ئۈچ ئورۇن بىرلىشىپ بۇلتۇر تاللىغان جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان 100سەنئەتكار قاتارىدا نەسرۇللا ئابلەتكە «جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكار» دەپ نام بەردى ۋە نەسرۇللا ئابلەتنىڭ باش سۈرىتىنى 2011-يىللىق جۇڭگو پوچتا ماركىسىغا چىقىرىش، «نەسرۇللا ئابلەت ئەسەرلىرى» توپلىمىنى رەڭلىك نەشىر قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلدى.
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 2012-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبىلىك سانى ئابدۈشۈكۈر قاۋۇلنىڭ خەۋرىدىن ئىلىندى.
مەن بۇ تونۇشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم. شۇڭا مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن بۇ خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن بىللە بەھرىلىنىش ئىستىكىدە مۇنبەرگە يوللىدىم. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ شۆھرىتىنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يىتىشىگە ھەممەيلەن تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى.
دوستلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم: نەسرۇللا ئابلەتنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرلگەن شۇ پوچتا ماركىسى بىرەر دوستىمىزدا بوپ قالسا شۇنىڭ فوتو سۈرىتىنى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللاپ قويساڭلا تەڭ بەھرىلەنسەك، ئەگەر بولمىسا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرىتى بولسىمۇ بولىدۇ.
|