يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 0

سىناق (فېليەتون) شولوخوف [سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىناق
(فېليەتون)
م.ئا.شولوخوف [سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى]
(دۋىنسكوي ئوبلاستىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە تۇرمۇشتا بولۇپ ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ئىش)
(Случай из жизни одного уезда в Двинской области)

توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى


-يولداش تيۇتىكوف(Тютиков)، ھېلىقىدەكلا ئېسىمدە، سىز ئىلگىرى پارتىيە ئەزاسى ئىدىڭىزغۇ دەيمەن؟-دېدى ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان كىشىگە. ئۇچىسىغا ئازادە، مودا پاسونىدىكى پەلتۇ كىيىۋالغان خام سېمىز بۇ ئادەمنىڭ قىسىق كۆزلىرىدىن كۆرەڭلىك چىقىپ تۇراتتى.
ئىشلىتىۋېرىپ بەكلا كونىراپ كەتكەن، سىرتى گۈللۈك رەخت بىلەن قاپلانغان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا قورۇنۇش ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ئولتۇرغان بۇ ئادەم دۇدۇقلىغان ھالدا مۇنداق دېدى:
-ھەئە... بىلىدىكەنسىز، مەن... مەن... هة، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، شۇڭا... مەن... قىسقىسى... دەيدىغىنىم بىر ئېغىزلا گەپ، مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن پارتىيىدىن چېكىندىم.
-سىز بىلەن مۇنداق بىر ئىش توغرىلىق سۆزلەشمەكچىدىم: يېزىلىق ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى پوكۇسايېف(Покусаев) سىز بىلەن بىر پەيتونغا ئولتۇرۇپ ئىستانسىغا بارىدۇ. ئۇ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىگە كاماندۇرۇپكىغا چىقماقچى. مەن ئۇنى ئانچە چۈشەنمەيمەن، سىز پارتىيىدە مەسئۇل ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇڭا ماڭا بىر ئىشنى قىلىشىپ بەرسىڭىز. ھەمسەپەر بولىدىغان پەقەت ئىككىڭلارلا، شۇڭا سىزنى «يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت» دەۋرىدىكى بىردىنلا بېيىغان بىرىنىڭ قىياپىتىدە (تەققى- تۇرقىڭىز شۇلارغا بەك ئوخشايدىكەن)، ئاقىل ۋە ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى، كوممۇنىزملىق ئېتىقادىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن. بارلىق چارە- تەدبىرلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىڭ، ئىستانسىغا بارغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يېزىپ ماڭا بېرىڭ.
-بۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى ئۆزگىچە كىچىك سىياسىي سىناق ئوخشىمامدۇ،-دېدى تيۇتىكوف (Тютиков) كۆرەڭلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە سېمىزلىكتىن تىقىلىپ كەتكەن كاللىسىنى گىلدىڭشىتىپ.
-مەنزىلگە تىنچ- ئامان يېتىپ بارغان- بارمىغانلىقىڭىزنى خەت ئارقىلىق ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ!-دەپ ۋارقىرىدى ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە تۇرۇپ تيۇتىكوفنى ئۇزۇتىۋاتقان سېكرېتار.
گۈگۈم ۋاقتى. يول پاتقاق ئىدى...
پوكۇسايېف(Покусаев) شادىپاچاقلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، پەيتوننىڭ رېتىملىك غىچىرلاشلىرى ئىچىدە مۈگىدەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ياڭاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققان، ھەممە يېرىنى سەپكۈن باسقان يۈزىدە، بىر خىل ئېسەنكىرەش ئالامەتلىرى ئەلەڭگىپ تۇراتتى.
تيۇتىكوف(Тютиков) ھەمراھىنى خېلى بىر كەمگىچە كۆزەتتى- دة، ئاندىن سومكىسىدىن بولكا، كولباسا، تەرخەمەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ، قاساپ- قاساپ يېيىشكە باشلىدى. پوكۇسايېف ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ئۇ يېنىچە ئولتۇرغان بولۇپ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك ئورۇق ئاتنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن ساغرىسىغا تىكىلىپ قالغانىدى، يولدا يەيدىغانغا ئازراق بىر نەرسە ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنى ئېسىگە كېلىپ ئەپسۇسلاندى.
-كۆرگەزمىگە بارىمىزمۇ ؟-دېدى تيۇتىكوف ئېغىزىدىكى نەرسىنى يۇتقاچ مۇجىمەللا قىلىپ.
-ھەئە.
-هم، نېمىدېگەن ئەخمىقانىلىك. كىشىلەر ھەتتا قورسىقىنىمۇ باقالمايۋاتسا، ئۇلار يەنە كۆرگەزمە ئېچىپ نېمىش قىلاتتى.
-كۆرگەزمىنىڭ دېھقانلارغا پايدىسى كۆپ.- دېدى پوكۇسايېف ناھايىتى خاپا بولغاندەك بىر قىياپەتتە.
-بىكار گەپ.
پوكۇسايېف بىردىنلا پۇتىنى سىلكىپ قويدى- دە، لام- جىم دېمىدى.
-ھەممىسى قىلچە پايدىسى يوق، ئارتۇقچە قۇرۇلۇشلارنى قىلىش بىلەنلا ئاۋارە. مانا مۇشۇ ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئېلىپ ئېيتايلى، بەئەينى بىر توپ لۈكچەكنىڭ ئۆزىلا، بۇ ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى بۇرۇنلا پۈتۈنلەي پېچەتلىۋېتىش كېرەك ئىدى!
-تولا جۆيلىمە. مۇشۇ گېپىڭ ئۈچۈن كاچىتىڭغا سالسىمۇ ھەق.
-قولۇمدا ھوقۇق يوق بوپ قالدى، بولمىسا ئۇلارنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى ئىتتىپاق ئەزاسى دەپ يۈرۈشكەن بۇ ئەبلەخلەرگە ئۆزۈمنى ئوبدان بىر تونۇتۇپ قويغان بولاتتىم! ھۇ مۇتتەھەملەر، تاپتىن چىققان يولسىز ئەبلەخلەر !
يىراقتا ئىستانسىنىڭ چىراقلىرى چاقناپ تۇراتتى. تيۇتىكوف بوغۇزىغا كولباسانى لىققىدە كەپلەشتۈرۈۋېلىپ، «تاپتىن چىققان» ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئېغىزى بېسىلماي جېنىنىڭ بارىچە تىللىغىلى تۇردى.
-يەنە تېخى ھاۋا ئارمىيىسى قۇرىمىز دەپ خام خىيال قىلىشىپتىمىش، راستىنلا تېرىسىنى تەتۈر سويىدىغان يەرگە يەتتى بۇ ھارامتاماقلارنىڭ!- تيۇتىكوف ۋارقىراپ سۆزلەۋاتقىنىدا ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ چىقتى، ئۇ كۆزلىرىنى قىيسىقلاشتۇرۇپ، بۇرنىنىڭ ئۈستىگىلا قوندۇرۇۋالغان كۆزەينىكى ئاستىدىن پوكۇسايېفقا ئوغرىلىقچە قاراپ قويدى.
-ئۇلارنىڭ بارلىق كاتىباشلىرىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇش كېرەك!
بىراق، ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتەلمىدى.
پوكۇسايېف ئورنىدىن تۇردى ۋە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن كېلەڭسىز بەدىنىنى ئالدىغا تاشلىدى- دة، لاپشىيىپ قالغان قورسىقى بىلەن يېنىدىكى كۆرەڭلەپ تېرىسىغا پاتمايۋاتقان ھەمراھىنىڭ كاللىسىدىن پۇرلاپلا بېسىۋالدى.
ئىككىيلەننىڭ بەدىنى خۇددى يادەك تولغىشىپ، ئېغىر جىسمى پاتقاقلىققا گۈپپىدە يىقىلدى، پەيتونمۇ بىردىنلا توختاپ قالدى. ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن تيۇتىكوف جېنىنىڭ بارىچە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىراق، غەزىپى تاشقان ياچېيكا سېكرېتارى ھۈرپەيگەن ھالدا شادىپاچاقلىرىنى كېرىپ تۇرۇپ، تيۇتىكوفنى ئوڭدىسىغا يىقىتتى.
نېمىدەپ ئاتاشقا تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان بۇ بىر نېمىلەرنىڭ پۇشۇلدىغان ۋە ئىڭراپ ۋايجانلىغان نالە- پەريادلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى.
-نا... نايكوم سېكرېتارى... مەن... ماڭا چاقچاق قىلىپ... -تيۇتىكوف بوغۇق ئاۋازدا شۇ گەپلەرنى ئارانلا دېيەلىگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغىنى خۇددى سۇلۇ قاچىلانغان خالتىنى ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋازدەك غەزەپلىك ۋارقىراش بولدى، خالاس...
«بۇ يىگىت شەكسىز ئىشەنچىلىككەن»، تيۇتىكوف ئىستانسىغا كېلىپ يازغان خېتىنى شۇنداق باشلىدى، «لېكىن...»
ئۇ ھەممە يېرى لايغا مىلەنگەن پەلتۇسىغا باشتىن- ئاياق بىر قارىۋېتىپ، يىقىلىپ يارىلانغان تىزىنى سىلىغىنىچە، ئىششىغان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ، «لېكىن... لېكىن...» دەپ بىر نېمىلەرنى شىۋىرلىغىلى تۇردى.
تيۇتىكوف بۇرنىنىڭ ئۈستىگىلا قوندۇرۇۋالغان كۆزەينىكىنىڭ چېقىلىپ كەتكەن ئەينىكىگە ھەسرەتلىك بىر قارىۋەتتى ۋە قولىدىكى قېرىنداش بىلەن ئىششىغان قاڭشىرىنى قاشلاپ قويۇپ، ئىلاجىسىزلىقتىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى- دة، يېزىۋاتقان خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «گەرچە مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇققان بولساممۇ، لېكىن، ھەرھالدا مەنزىلگە تىنچ- ئامان يېتىپ كەلدىم.»
(1923- يىل)



(خەنزۇچە «شولوخوف ئەسەرلىرى توپلىمى» نىڭ 8- تومىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 12:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش