يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-26 00:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم يوللىغان يازمىلىرىمدا مەندىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلمايلا يوللىۋەتكەن يىتەرسىزلىكلەر بار ئېدى. بۇرادەرلەرنىڭ بۇ ھەقتە توختالغىنى ياخشى بوپتۇ.مېنىڭمۇ تەكلىۋىم شۇكى، يېزىپ تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىمىز بىر قۇر تەكشۈرىۋېتەيلى،ئۆزىمىزگە يارىغىنى ئەلبەتتە باشقىلارغىمۇ يارايدۇ.گۆش پۇشۇرۇش ئۈچۈن تەييار قىلغان قازانغا گۆش چۈشسۇن، ھەرگىزمۇ يىگىلى بولمايدىغان بەز چۈشۈپ قالمىسۇن.

باھا سۆز

يېتەرسىزلىكلەر،ئىدى، تەكلىپىم، پىشۇرۇش»لەرنى توغرىلاڭ.  ۋاقتى: 2015-11-12 06:51 PM
ۋاقتى: 2015-2-26 12:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئملا مەسىلسىگە دىققەت قىلالماسلىق  ئللىتى كۆپنچە ئادەملەردە بار، مەنمۇ شۇنداق دىققەت قىلىپ يازىمەن بولمىسا يەنىلا خاتالىق چىقىدىكەن

باھا سۆز

« ئىللىتى » دېگەن سۆزنى توغرا يېزىڭ.  ۋاقتى: 2015-11-12 06:51 PM
ۋاقتى: 2015-2-26 14:26:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقنى تاز دىسە كۈلگۈسى كىلەر،
تازنى تاز دىسە ئۆلگۈسى كىلەر .

باھا سۆز

« دېسە، كېلەر» دېگەن سۆزلەر توغرا يېزىلغانمۇ؟  ۋاقتى: 2015-11-12 06:52 PM
ۋاقتى: 2015-4-3 00:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى ئۇستازلارنىڭ تەلىم ۋە كۆرسەتمە بەرگىنىگە رەھمەت، ئىلگىرى يوللىغان يازمىلىرىمغا قاراپ باقسام مېنىڭمۇ ئىملادا كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بار ئىكەن،بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي...

باھا سۆز

« كېيىن » دېگەن سۆزنى تۈزىتىڭ.  ۋاقتى: 2015-11-12 06:53 PM
ۋاقتى: 2015-4-12 12:11:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى يېقىندا ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىنى ھەقسىز تارقاتتى،

تۇركان ئەپەندىم مەنمۇ خەت ئۇرۇشتا ئىملادا قىيىىنچىلققا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ بىرسى مۇشۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويغىلى بولارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-4-18 23:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان پىكىر بولۇۋاتسا ، قىسمەن تورداشلىرىمىزنىڭ تەتۈر ئېقىم ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ئۇيغۇر تىلى _ ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ، يېقىملىق بىر تىل . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇيغۇر تىلى _ « ئېغىز تىلى » ۋە « يېزىق تىلى » دەپ ئايرىلىدۇ . قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئېغىز تىلىمىز يەنە ھەر خىل شىۋىلەرگە ئايرىلىدۇ . ئوخشاش بىر سۆز ئوخشىمىغان رايوندا چوڭ بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىدا ئوخشىمىغان تەلەپپۇزدا ئىپادە قىلىدۇ . شۇڭا ئېغىز تىلىدىكى خاتالىقنى زىغىرلىغىلى بولمايدۇ . بىراق ، يېزىق تىلىمىز ھەرگىز ئۇنداق ئايرىلمايدۇ . دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ئوخشاش سۆز ئوخشاش ئىملا بىلەن يېزىلىدۇ ھەم مۇتلەق شۇنداق بولۇشى كېرەك .
تىل _ بىر مىللەتنىڭ كىملىكى . تىل - يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى _ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر . بىر مىللەتنى زاماندىن زامانغا ئۇلايدىغان شۇ كىملىكنىڭ نوپۇزى بىزگە كەلگەندە خۈنۈكلىشىپ كەتمىسۇن ! پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىنى بىراقلا تۈزەپ ساپلاشتۇرۇش قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ ، ئۆز ئىملايىمىزنى توغرىلاش ، راۋان ئىملايىمىز ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تۈرتكە بولۇش قولىمىزدىن كېلىدۇ . قېنى ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى !
( قېنى كىم مۇشۇ ئىنكاستىن ئەڭ كۆپ ئىملا خاتالىقىنى تېپىپ چىقالايدۇ ؟ ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-18 23:36  


باھا سۆز

« جۇغراپىيەلىك، زاماندىن-زامانغا، قىلىدۇ-قىلىنىدۇ...»لاردا ئىملا خاتالىقى...  ۋاقتى: 2015-11-12 07:00 PM
ۋاقتى: 2015-5-20 22:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھرىيارنىڭ ئىنكاسىنى ‹‹زىغىرلاپ››باقسام مۇنۇ ئىككى سۆزنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە باردەك قىلىدۇ . يەنى :شىۋىلەرگە ، خۈنۈكلىشىپ دېگەن سۆزلەر ،مېنىڭچە شېۋىلەرگە ،خۇنۈكلىشىپ دەپ يېزىلىدۇ .

ۋاقتى: 2015-5-20 23:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇنىڭ چاقىرىقى-دىلىمىزنىڭ چاقىرىقى بولۇپتۇ، دوستلار، بىرلىكتە ئىملايىمىزنىڭ تۈزەشنىڭ داغدام يولىنى ئېچىشقا ئاتلىنىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.

ۋاقتى: 2015-5-25 22:23:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ،ئىملا توغرىلاش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://www.alimahat.com

ۋاقتى: 2015-5-25 22:38:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      توردىن چۈشۈرگەنلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. «بولىدۇ» دېگەندىمۇ ۋاقىتلىق. ماۋۇ سېستېما بىلەن بىللە ماڭىدىغان بىر قۇرۇلما بار. ئۇ بۇرۇن «ئاپشاركا» دەپ ئاتالغان، ھازىر نېمە دېدى بىلمىدىم. شۇ سايمان بولمىسا ئشەنسىز. ئويللاپ باقايلى. ئالىم ئەھەد دۇكان، ئۈسكىنە ۋە نۇرغۇن ئادەم (پۇل ئالىدۇ) كۈچى سەرپ قىلىپ، نەچچە يىل سەرپ قىلىپ بىكارغا تارقىتامدۇ؟ شۇڭا سېتىۋىلىش كېرەك. مانا مەن 2000- يىللىرى 1800 يۈەنگە سېتىۋالغان، 3060مىڭدىن ئارتقراق سۆز كىرگۈزۈلگەن ۋە قايتا-قايتا تولۇقلىغان، ئىلمىلاشتۇرغان يېڭى نۇسخىسىنى بۇ يىل 3- ئايدا 500 نەچچە يۈەنگە سېتىۋالدىم. قاچان، قانداق ئىشلىتىمەن دېسەم شۇنداق ئىشلىتەلەيمەن. ھۇش-كاللىسى جايىدا ئادەم بولسا، بىرەر يىل ھەپىلەشكەندىن كېيىن تولۇق ئۆگىنىپ كېتىدۇ (مۇنتىزىم ئۆگەندە بىرەر ئاي كېتىدۇ).

ۋاقتى: 2015-5-26 11:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ناھايىتى توغرا !
ئىملا   كۆرنۈشتە   كىچىك ئىشتەك بىلىنگىنى بىلەن ، ئاخىردا يازغۇچى ئۈچۈن چوڭ بىر  پىشكەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماي  ۋاختىدا ئۆزلەشتۈرسىكەن دەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-26 11:52  


باھا سۆز

« كۆرۈنۈشتە، ئاخىرىدا، پىشكەللىكتىن...» دېگەن سۆزلەرنى توغرا يېزىڭ.  ۋاقتى: 2015-11-12 07:02 PM
ۋاقتى: 2015-9-14 19:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا دېمەك - بىر مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنىڭ جېنى. ئىملاغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىققا باراۋەر. قاچانغىچە ئىملاغا ئىسىلىۋېلىپ، ئىملا بىلەن زاغرا تىلنى ئايرىۋېتىش بىلەن ئاۋارە بولىمىز، دېگەنلەرمۇ يوق ئەمەسكەن، بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئىملا - ئىملا، ئاغزاكىي تىل ئۇ باشقا. شۇڭا ئىملاغا بولغان سەمىمىيلىك تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك!

ۋاقتى: 2015-9-14 23:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دۇنيادىكى 7000 دىن ئوشۇق مىللەتنىڭ 2000 دىن ئارتۇق يېزىقىنى تەرجمە قىلىشقا تامامەن قۇربى يېتىدىغان، بۈيۈك ئۇيغۇر تىلىمىىزدىكى  32 ھەرپ لەۋزىمىز ئارىسىدىكى 32 تال چىشىمىزغا ئوخشايدۇ.
ئەگەر، بىرەر تال چىشىمىز ئاغرىق تارتىپ قالسا، ئۇنىڭ دەردىگە نېمە يەتكۈلۈك؟!....

باھا سۆز

ئادمىن، ئەركزادقا تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2015-9-14 11:44 PM
ۋاقتى: 2015-9-14 23:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆزىنىڭ ئىملاسىدىكى خاتالىقنى قانداقتۇر بىر ئىشلارغا دۆڭگەپ قويغۇچىلارغا كۈلگۈم كېلىدۇ. مانا مەن ھاياتىمدا لۇغەت ۋە ئىملا تەكشۈرۈش دېتالى دېگەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ باققىنىم يوق، ئەمما ئىملايىمنى %99 توغرا دېيەلەيمەن!

باھا سۆز

ئوساغاققا ئارپا نېنى بانادۇر.  ۋاقتى: 2015-9-15 12:25 AM
ۋاقتى: 2015-10-9 15:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.دېمىسىمۇ ئانا تىل يېزىقىمىزنىڭ گۈزەللىكى ئالدى بىلەن موشۇ تور بېتىمىز ۋە تور بېتىمىزدىكى ھەر قايسى قولى گۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك  يازما لايىھىلىرى،ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ توغرا ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزگە ئىپادە قىلىنشى كېرەك.
    بۇنى ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش