دۇنيا تارىخىدىكى تۈ*ركلەر
كارتىر ۋۇھىن فىندلىي
2005-يىل، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرستېتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان
بۇ ئەسەر ئامرىكىدىكى بىرقانچە نوقتىلىق ئۇنىۋىرستېت پرافىسۇرلىرىنىڭ «تۈ*رك تارىخى ۋە مەدەنىيتى» ھەققىدىكى لىكسىيەلىرى توپلىمى بولۇپ، ئەشۇ لىكسىيەنى ئاڭلىغۇچى بىر ماگىستر ئاسپىرانتنىڭ ئەسلىمىلىرى شەكلىدە يېزىپ چىقىلىپ، 2003-يىلى 10-ئايدا ۋاپات بولغان تۈ*ركۇلۇگىيە ساھاسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم ئاندىراس تىتزى نىڭ ۋاپاتىغا بىغىشلانغان ئەسەردۇر.ئەسەر ھازىرغىچە ئۈچ قىتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مەندىكىسى 2010-يىلى بېسلغان ئۈچىنچى نەشىرى.
ئەسەرنىڭ 1-بابتىن 3- باپقىچە بولغان مەزمۇن پىرافىسۇر لىئون پوللادا نىڭ 1999-يىلى ئامرىكا پىرىنسىتۇن ئۇنىۋىرستېتىدا سۆزلىگەن نوتۇغى، قالغان قىسىمى 1968-يىلى كىلود كەخىن ئىسىملىك پىراففىسۇرنىڭ نەشىر قىلغان «تۈ*رك تارىخى»ناملىق ئەسەر بىلەن، 1992-يىلى پىتر گولدىن دېگەن تەتقىقاتنىڭ نامىدا نەشىر قىلىنغان «تۈ*رك خەلىغى تارىخىغا كېرىش» ناملىق كىتاپدىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئاساسەن، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرىكلەرنىڭ دۇنيا تارىخىدا ئوينىغان دۇنياۋى رولى مولاھىزە قىلىنغان ئەسەردۇر.
بىرىنچى بابىدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈ*ركلەر ۋە تۈ*رك باشچىلىرى ھەققىدە توختالغان، ئىككىنچى بابىدا، تۈ*ركلەردە ئىسلامىزىم ۋە سالجۇق ئىمپىرىيىسىدىن موڭغۇل ئىمپىرىيىسىگە بولغان تارىخ ۋە مەدەنىيەت بايان قىلىنغان.ئۈچىنچى بابىدا، تېمۇر دەۋرىدىن كىينكى ئىسلام ئىمپىرىيەلىرىدىن مىلتىق دورىسى دەۋرىگىچە بولغان تۈ*رك مەدەنىيەت ھادىسىسى، تۆتىنچى بابىدا، زامانىۋى دۇنيادىكى تۈ*ركلەر ۋە كىڭەيمىچىلىك، بەشىنچى بابىدا بولسا، تۈ*ركلەر ۋە زامانىۋىيلىق، يەنى جۇمھۇرىيەت ۋە كومۇنىسىتلار ھەققىدە توختالغان. خۇلاسە قىسمىدا تۈ*رك كارۋانلىرى ۋە گىلەم مەدەنىيتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 22:11