يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئەركىن.نۇر

مېكسىكا ھازىرقى زامان شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-14 22:15:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يىراقلىقتىكى يېقىنلار

ئوكتاۋىيۇ پاز

تۈنۈگۈن ئاخشام بىر تۈپ سۇۋادان
سۆزلەشنى ئويلىغانىدى−
ئېغىز ئاچمىدى بىراق.
*          *          *
ياشلىق باھار
دولقۇنلىرى ئۆرلىگەن دەۋرەپ
بىر سائەت بىر سائەتتىن ئاق
بىر كۈن بىر كۈندىن يېشىل
تېخىمۇ ياشتۇر
ئۆلۈم
*          *          *
يۈرۈشلەر
ھاۋادىنمۇ بەك يەڭگىل
سۇدىنمۇ
لەۋدىنمۇ
يەڭگىلدۇر، يەڭگىل
سېنىڭ تېنىڭ سېنىڭ تېنىڭنىڭ ئاياغ ئىزىدۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 22:27  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-14 23:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئوكتاۋىيۇ پاز

يىللارنىڭ ئىشىكى ئوچۇق
تىلنىڭ ئىشىكى كەبى،
پارلاق بىلمەسلىككە قاراپ ئېچىلغان.
تۈنۈگۈن كېچە سەن ماڭا ئېيتقان:
ئەتە
بىزنىڭ نەپكە ئېرىشىشىمىزدىن بىشارەت،
مەنزىرە سىزىپ، پىلانلار تۈزىمىز
كۈنلەر ۋە قەغەزلەرنىڭ
ئىككى تەرەپلىمە بەتلىرىگە.
ئەتە، بىز قايتىدىن يارىتىمىز
بۇ دۇنيانىڭ
رېئالللىقى-چىنلىقىنى.

شۇنچە كېچىكىپ تېخى ئەمدىلا كۆزۈمنى ئاچماقتىمەن.
شۇ لەھزىدە
ئازىتىكلارنىڭ تۇيغۇسىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمەن،
تۇمشۇقلارنىڭ چوققىسىدا
ياتقىنىمچە كۈتۈپ
ۋاقىتنىڭ ئۇپۇق يېرىقلىرىدىن ئۆتۈپ
تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ھالدا قايتىشىنى.

بىراق ئۇنداق بولمىدى، قايتىپ كەلدى يىللار.
ئۇ پۈتكۈل ئۆيدىن تېشىپ كەتتى
بەلكى مېنىڭ كۆز نۇرۇمغىچە تاقاشقاندەك بولدى.
ۋاقىت، بىزدىن ئاغرىنمايدۇ،
كۈللى شەيئىيلەرنى قايتۇرماقچى بولىدۇ
تۈنۈگۈنكى تەرتىپكە:
قۇپقۇرۇق كوچىدىكى ئۆي،
ئۆي ئۈستىدىكى قار،
قار ئۈستىدىكى جىمجىتلىق.

سەن مېنىڭ يېنىمدا،
ئاۋالقىدەكلا تاتلىققىنە ئۇخلىماقتىسەن.
كۈنلەر سېنى ياراتتى
بىراق سەن تېخى قوبۇل قىلمىدىڭ
كۈنلەرنىڭ سەن ئۈچۈن يارىتىشىنى،
ياكى مېنىڭكىنى.
سەن تېخىچە باشقا بىر كۈندە.

سەن مېنىڭ يېنىمدا
مەن سېنى كۆرۈپ تۇرىمەن، خۇددى قاردەك،
تاتلىققىنە ئۇخلايسەن، بارچە جانلىقلارنىڭ نەزىرى ئارا.
ۋاقىت، بىزدىن رەنجىپ يۈرمەيدۇ،
ئۆي، كوچا، دەرەخ
ھەمدە تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان ئايالنى ئىختىرا قىلىدۇ.

سەن كۆزلىرىڭنى ئاچقاندا
قايتىدىن سەپىرىمىزنى باشلايمىز
ۋاقىت ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىختىراسى ئارا.
بىز كۈللى مەۋجۇداتلارنىڭ نىگاھى ئاستىدا ماڭىمىز
ۋاقىت ھەمدە ئۇنىڭ زامان رايى ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھلىق بەرگىلى بارىمىز.
بىز ۋاقىتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،
كىرىپ كەلمەكچىمىز پارلاق بىلمەسلىك، نامەلۇملۇقلارغا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 23:45  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-15 00:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەلىل
ئوكتاۋىيۇ پاز

لەپ-لەپ ئۇچماقتا ماشىنا ئېقىمىدا بىر كېپىنەك،
مارى خىسسې① ئېيتتىكى: ئۇ چوقۇم جۇاڭزى،
نىيويوركقا كەلگەن ئوينىغىلى.
بىراق كېپىنەك
بىلمەس ئۆزىنىڭ جۇاڭزى
ياكى جۇاڭزىنىڭ
ئۆزى ئىكەنلىكىنى.
كېپىنەك قىلچە تېنىمەيتتى:
ئۇچاتتى ئۇ ئالغا قاراپ.
ــــــــــــــــــــــــ
   ئىزاھات: ①مارى خىسسې، شائىر پازنىڭ خوتۇنى. (ت)


ۋاقتى: 2013-9-15 18:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوكتاۋىيۇ پازنىڭ شېئىرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن ..شېئىر تىل تەسۋېرىدىكى رەڭدارلىق كېشىگە  ئاجايىپ زوق ئاتا قېلىدۇ..
ئەجرىڭىزگە رەخمەت!!!



ۋاقتى: 2013-9-16 16:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن.نۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 01:13
شائىرنىڭ قەبرە يازۇلىرى
ئوكتاۋىيۇ پاز ئۇ ناخشا ئېيتى ...


بىر ۋاقىتلاردا بۇ شېئىرنى مۇنداق تەرجىمە قىلغانتىم:




شائىرنىڭ قەبرە تەزكىرىسى


پاز

ئۇنتۇش ئۈچۈن
ھەقىقىي ھاياتنىڭ يالغانلىقىنى،
ئەسلەش ئۈچۈن
يالغان ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى،
كۈيلىمەككە ئۇرۇنغانتى ئۇ.


  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 16:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-17 00:06:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 16:19
بىر ۋاقىتلاردا بۇ شېئىرنى مۇنداق تەرجىمە قىلغانتىم:


     ئىنىمىز مەرداننىڭ بۇ يازمىلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت!
     مەن پاز شېئىرلىرىنىڭ ھەر خىل خەنزۇچە تەرجىمىلىرىنى كۆرگەن، شۇلار ئارىسىدا ماڭا بەكراق ئەرزىگىنى تەيۋەندە نەشر قىلىنغان نۇسخىسى بولغانىدى. گەرچە، مەن يوللاۋاتقان قولۇمدىكى مېكىسكا شېئىرلىرى ئارىسىدا پازنىڭ ئاز-تولا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، كۆپ ئەمەسكەن. شۇڭا مەن مۇشۇ تەيۋەن نۇسخىسىدىنمۇ كىرگۈزۈپ كۆپرەك يوللاشنى ھەمدە پاز شېئىرلىرىنىڭ باشقىچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەنمۇ ئوقۇرمەنلەرنى تەمىن ئېتىشنى ئويلاپ قوشۇپ يوللاۋاتقانىدىم.
     ئەمدى سىزنىڭ گېپىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ھەمدە تەرجىمىسىنى سىزنىڭ سېلىشتۇرۇپ بېقىشىڭىز ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.
     ئەسلى خەنزۇچە تەرجىمىسى مۇنداق:
  1. 他试着歌唱,歌唱
  2. 为了忘却
  3. 他那充满谎言的真实一生
  4. 为了记住
  5. 他那充满真理的撒谎人生。
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۇ ناخشا ئېيتىپ باقماقچى بولغان، ناخشا
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىدى

ئۇنىڭ يالغان سۆزلەرگە تولغان ئاشۇ ھەقىقىي ئۆمرىنى
ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئىدى
ئۇنىڭ ھەقىقەتكە تولغان ئاشۇ يالغان ھاياتىنى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 00:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-17 02:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامال، سۇ، تاش


Roger Caillois قا بېغىشلايمەن
ئوكتاۋىيۇ پاز

سۇ تاشنى تېشەر،
شامال سۇنى،
شامال توسار تاشنى.
شامال، سۇ، تاش.

شامال تاشنى ئويار،
تاش ئېرور سۇ جام،
سۇ شامالغا ئايلىنىشتىن قاچار.
شامال، سۇ، تاش.

شامال ئەگىم كۈيلەيدۇ،
سۇ ماڭىدۇ شىلدىر-شىلدىر،
ھەرىكەتسىز تاش سۈكۈتتە.
شامال، سۇ، تاش.

پەرقلىق ھەم پەرقسىز،
ئىچى كاۋاك ئىسىم ئارىسىدا
مېڭىش ياكى يوقۇلۇش،
شامال، سۇ، تاش.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 03:03  


ۋاقتى: 2013-9-17 21:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن.نۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-9-17 00:06
ئىنىمىز مەرداننىڭ بۇ يازمىلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە ر ...


بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ئىسپانچە تېكىستى مۇنداق:

Quiso cantar, cantar
para olvidar
su vida verdadera de mentiras
y recordar
su mentirosa vida de verdades



(تۈزلا تەرجىمە قىلساق مۇنداق بولىدۇ: ناخشا ئېيتتىڭ، ئېيتتىڭ\ ئۇنتۇشقا\ ئۇ ھەقىقىي ھاياتنىڭ يالغىنىنى\ ھەمدە ئەسلەشكە\ ئۇ يالغان ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى\ )




ئەركىنكا، ئەمدى سىزدىن سورايدىغىنىم :

سىزنىڭچە، شائىر  <<ئۇ ھەقىقىي تۇرمۇش\ ھايات>> ياكى << ئاشۇ ھەقىقىي ئۆمۈر>> دەپ نېمىگە ئېيتقان؟ <<يالغان ھايات>>  دەپچۇ؟





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 21:02  


ۋاقتى: 2014-6-1 07:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
他试着歌唱,歌唱
为了忘却
他那充满谎言的真实一生
为了记住
他那充满真理的撒谎人生。
Quiso cantar, cantar
para olvidar
su vida verdadera de mentiras
y recordar
su mentirosa vida de verdades
ئۇ ناخشا ئېيتماقچى، ناخشا ئېيتماقچى
ئۇنتۇش ئۈچۈن
يالغان گەپكە تولغان راست ئۆمرىنى
ئەسلەش ئۈچۈن
ھەقىقەتكە تولغان يالغان ئۆمرىنى


ۋاقتى: 2014-6-1 07:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
他试着歌唱,歌唱
为了忘却
他那充满谎言的真实一生
为了记住
他那充满真理的撒谎人生。
Quiso cantar, cantar
para olvidar
su vida verdadera de mentiras
y recordar
su mentirosa vida de verdades
ئۇ ناخشا ئېيتماقچى، ناخشا ئېيتماقچى
ئۇنتۇپ كەتسەم دەپ
يالغانغا توشقۇزغان رېئال ئۆمرىنى
ئەسلىۋالسام دەپ
ھەقىقەت توشقۇزغان يالغان ئۆمرىنى

ۋاقتى: 2015-8-22 22:48:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋىلىپ ئوقۇشقا تېگىشلىك ئېسىل شېئىرلار ئىكەن ، رەھمەت ئەركىن ئەپەندى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش