ئۈزۈك مەرسىيە
ئوكتاۋىيۇ پاز
شۇ دەم ئۆيۈمدە ئۆلگۈچىلەرنى ئەسلەپ قالدىم،
ئۇنتۇغىنىمىز يوق، ئارىمىزدىن بۇرۇن كەتكەنلەرنى،
ئۇلار ئۇرۇپ يىقىتىلغان بولسىمۇ، ئۆلۈمى نېمە دېگەن تېز
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ھېچقانداق تەييارلىق كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن، نە كارىۋات، نە مۇقەددەس مايمۇ تەخلەپ بولالمىغان.
مەن ھاسىنىڭ پەلەمپەي باسقۇچلىرىدا دىرىلداپ تىترەشلىرىنى ئاڭلىدىم،
ھاسىغا تاينىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتقان ۋۇجۇت، ئاھ ئۇرماقتا،
ئىشىك ئېچىڭلار، ئۆلگۈچى كىرىپ كېلىدۇ.
ئىشىك بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدا ھېچقانچە ئارىلىق يوق،
بەلكى سېنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرغىدەك ھېچقانچە ۋاقىتمۇ يوقتۇر،
باشنى كۆتىرىپ ئەمدىكى پەيتنى ئېنىق بايقىۋال
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇيۇپ قال: شۇ تاپ سائەت سەككىزدىن چارەك ئۆتتى.
ۋاقىتنى مەلۇم قىلىدىغان قوڭغۇراق ئۈنىنى ئىشىتتىم،
مەڭگۈ ۋاقىتنى كۆرسىتىشتىن قالمايدىغان جاھىل سائەت،
ئىتتىكمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، بىر خىل رېتىمدا ماڭماقتا.
شۇ تاپ ئۆيۈمدە ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدىم.
بۇ ئايال، كېچىدە قايتىلانغان كېچىلەردە ئۆلدى شۇ ئايال،
راستتىنلا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاشۇ ۋىدالىشىش،
مەڭگۈ ھەيدەپ بولغىلى بولمايدىغان پويىز، ئۇنىڭ ئازاۋى.
بىر تىنىق ئۈستىدە ئېسىلىپ قالغان
جاۋغايدىكى تويماسلىق،
يۇمۇلمىغان جۈپ كۆزلەر،
سىگنال چىقىرىدۇ ھەمدە
چىراقدان كۆزلىرىمنىڭ ئالدىغا يۆتكىلىدۇ،
باشقا بىر قېتىملىق نىگاھنىڭ ئۆلۈك تىكىلىشلىرىنى باغاشلاش
يىراق نىگاھلار، باغاشلاشلاردىن تۇنجۇقۇپ
ئاخىرىغىچە قاچىدۇ، ھەمدە ساھىل-قىرغاقلاردىن كۆزىتىدۇ
روھنىڭ قانداق چۆكۈشىنى، تەندىن ئايرىلىپ
ئەمما يەنە باشتىن-ئاخىر تاپالمايدۇ تۈرمە ئۆزىگە باغلايدىغان كۆزلەرنى:
بۇنداق تىكىلىپ قاراش مېنى ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ بارىدۇ؟
بەلكى بىراۋلار ھەمراھ بولسا ئۆلۈمگە، ئۇ ئۆلۈمگە ھېساب بولماس.
بەلكى بىزنىڭ ئۆلۈشىمىز شۇنىڭ ئۈچۈنكى
بىزنىڭ ئۆلۈمىمىزگە ھەمراھ بولىدىغان ھېچ كىشى يوق، يوقتۇر ھېچ كىشى
بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئۇدۇل قاراشنى ئىستەيدىغان.
شۇ پەيت ئۆيۈمدە ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدىم.
ئۇنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقلا مەسىلىسى.
ئۇنىڭ نەلەردە تېنەپ قالغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
قاي تەرىزدىكى جىمجىتلىققا كىرگەنچە.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ھەر كۈنى كېچە،
ناشۇدلۇققا① باشلايدىغان رەڭسىز توختاپ قېلىش
ياكى قىسىمەن سۈكۈت يورۇقىغا ئېسىلىپ قالغان ئۆمۈچۈك تورىدىكى چەكسىز سۆز-يېزىق
قايتىپ كەلگەن كىشى ئۈچۈن ئايۋاننى ئاچار:
ئۇنىڭ قەدەم تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇ پەلەمپەيدىن يامىشىپ چىقىدۇ، ئۇ توختاپ قالىدۇ...
ھەمدە ئارىمىزدىن بىرى قوپۇپ بېرىپ
ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ قويىدۇ.
بىراق ئۇ، ئىشىك سىرتىدىكى باشقا بىر ياقتا، كەتمەي تەرسالىق بىلەن جىم تۇرۇۋالىدۇ.
ئۇ توزاق قۇرىدۇ ھەر بىر تۆشۈك، ھەر بىر ئېرىقچىلارغا،
ئۇ يېرىق جاي بىلەن شەھەر ئەتراپى رايونى ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىدۇ.
ئۇ تولۇق قېتىپ ئۆلگەن ئەمەس، ئۇ ئېزىققان يولىدىن.
گەرچە بىز ئىشىك-دەرۋازىلىرىمىزنى تاقاپ قويساقمۇ، ئۇ كەتمەي تۇرۇۋالماقتا.
شۇ تۇرقى ئۆيۈمدە ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدىم.
بۈگۈن تالاي چىرايلار مېڭەمدە ئۆز تۈسىنى يوقاتتى، كۆزى يوق
چىراي، ياكى مودا كۆزلەر، ئىچى بوش، چىرايلاردىن،
ئېھتىمال ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ئۆز سىرلىرىمنى ئىزلەيدىغاندىمەن،
قانلىرىمنى ئۆركەشلىتىدىغان قان ئىلاھى،
مۇز ئىلاھى، مېنى پۈتۈن يۇتۇپ قوشىۋالىدىغان ئىلاھ؟
بىزنىڭ ئۈنسىزلىكىمىز ھاياتىمنىڭ ئەينىكى،
مېنىڭ ھاياتىمدا بىز ئۆزلۈكسىز ئۆلۈپ تۇرىمىز:
بىز ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار ئىچىدە، مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر خاتالىق.
شۇ تۇرقى ئۆيۈمدە ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدىم.
تەسەۋۋۇرنىڭ تۈلكىلىكى ئېرور ئايلانمىسى چەمبەرنىڭ
باشتىن ئاخىرغىچە دولقۇننىڭ تۈرتكۈسى بىلەن باشلىنىش نۇقتىسىغا سىلجىيدىغان،
قۇم-توپىدۇر شۆلگەيلەر، قۇم-توپا ھەمدە كۈللەر،
ئېغىزنىڭ كۆز بويامچىلىقى ھەمدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ئۆزى،
بەتتام دۇنيانىڭ تەمى، سوغ،
ئابستراكىتلىق ئەينىكىنىڭ تەگسىز ھاڭى، ماۋۇ ھېچكىم،
بارچە شەيئىي ئۆلۈم چېگرىسىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ،
ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بارچە−مەيلى ئۇ بۇرۇن نېمە بولسۇن
كەلگۈسىدە نېمە بولسۇن−قەلبىمگە ئۆرلەۋاتقان
ھەمدە ئىلتىجا قىلىۋاتقان تەنلەر، بولكا-نان يەڭلار، مېۋە-چىۋە يەڭلار،
شۇنداقلا ئىچىش رەت قىلىنغان سۇنى ئىچىڭلار.
شۇغىنىسى، شۇ تاپ سۇ يوق، ھەممە نەرسە تۈگەل قۇرۇپ كەتكەن،
بولكا-نانلار بەتتام، مېۋىلەر قىرتاق،
توسۇن سۆيگۈ كۆندۈرۈلگەن، ئويدۇرۇلغان،
يوشۇرۇن قەپەسلەرگە سولاپ قويۇلغان مەھكەم.
قولىدا لەززەتلىنىدىغان ئادەمسىمان مايمۇن، يېتىشتۈرۈلگەن ۋاپادار قانجۇق،
سېنىڭ يالماپ يۇتىۋەتكىنىڭ ئۆزۈڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس،
سېنىڭ زىيانكەشلىكىڭگە ئۇچرىغۇچى كاللاڭنى كېسەر جاللىتىڭ.
بىر دۆۋە ئۆلگەن كۈنلەر، پۇرلاشقان
گېزىتلار، قاسراق تاشلىغان كېچىلەر
ھەمدە تاڭ، بوغقۇچ لېنتا، چېپىۋاتقان بىر تۈگۈن:
«ئەي ئۆمۈچۈك، قۇياشنى قارشى ئال، نەپرەتلەنمە ئۇنىڭدىن...»
بۇ دۇنيا ئايلانما شەكىللىك قۇمدۇر ھامان،
جەننەت چىڭ يېپىلغان-يۇ، دوزاق ئادەمسىز قالغان.
------------------
ئىزاھات: ① ناشۇدلۇق، خەنزۇچە
空虚 بولۇپ، مەنىسىزلىك، پۈچەكلىك، قۇرۇق...دېگەندەك مەنالارنى بېرىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى پېشقەدەم تەرجىمانىمىز توختى باقى ئاكا لۇ شۇننىڭ «ياۋا گىياھ» ناملىق تەرجىمە نەسرلەر توپلىمىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن. (ت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-6 13:23